نىران خانىدانلىقى(6)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (6) ئۆزى قانداقتۇر خىياللارنى قىلىپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا ماڭدى. ئايچىۋەرنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ئۇ يوق ئىدى. ئۆيدىن يېنىپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىگە خىزمەتچى قىز كىردى. ــ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ دەپ سورىدى ھۈسەيىن خان. ــ مەلىكە ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈكتە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.،ــ دەپ جاۋاب بەردى خىزمەتچى قىز. ھۈسەيىن خان ئارقا ھويلىغا كەلدى. ئايچىۋەر گۈللۈكتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گۈللەرگە […]

دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟!

دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟! (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر كىچىك دۇكاندا تۆمۈرچىلىك قىلاتتى،بۇ ھۈنەر ئۇنىڭغا ئاتىسىدىن مىراس قالغان. قادىر بۇ ھۈنىرى بىلەن ئاساسلىقى دېھقانلار ئىشلىتىدىغان […]

نىران خانىدانلىقى(5)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (5) ئارسلان بۇ تاشنى ھەر ۋاقىت يېنىدىن ئايرىماي يۈردى. ئۇ بۇ تاشنى بارلىق بىساتىغا تەڭ قىلمايتتى. ئارسلان ئوردىغا كېتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن مومىسى قازا قىلىپ كەتتى. ئارسلان ھېچقانداق قېرىنداشلىرى يوق يالغۇز قالدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئارسلان يىگىرمە تۆت ياشقا ئايچىۋەر يىگىرمە ياشقا كىردى. ھەر ئىككىلىسى سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن كىچىك بالىلاردىن قۇرامىغا […]

نىران خانىدانلىقى(4)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (4) ئارسلان ئايچىۋەر بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلان ئاكا دەپ ئۇنى بىردەممۇ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ھەر ۋاقىت قوغدايتتى. توغرۇل بولسا ئارسلانغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بوپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلانغا شۇنچە قىلغانسىرى ئۇنىڭ ئارسلانغا بولغان ئۆچمەنلىكى شۇنچىلىك كۈچىيەتتى. بۈگۈن توغرۇلنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ماختانچاقىلىق كېسىلى يەنە تۇتتى. دەرس ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشتا ئەتراپىغا تۆت-بەش […]

نىران خانىدانلىقى(3)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (3) موماي داستىخاننى سېلىپ نانلارنى ئەكىلىپ تۇرۇشىغا سىرىتتىن پادىشاھنىڭ ئەتراپتىن كەنىت ئىزدەپ كەتكەن ئەسكەرلىرى يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلەن بۇ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىمۇ كەلگەنىدى. خاننى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھۈسەيىن خان ئورنىدىن تۇردى مومايغا رەھمەت ئېيىتقاچ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. لېكىن ئىشىك تۈۋىگە بېرىپلا تۇرۇپ قالدى. بۇرۇلۇپ ئارسلانغا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن […]

نىران خانىدانلىقى(2)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (2) ھۈسەيىن خان ئۆينىڭ ئىچىگە ئالدى بىلەن كىردى. ئۇ ئۆيلەرگە سەپ-سېلىپ قارىدى. بار-يوقى ئىككى ئېغىز ئۆي ئىكەن. ئىچكىرىسىدىكى ئۆي نەرسە-كېرەكلەرنى قويىدىغان ھەم تاماق ئېتىدىغان ئۆي بولۇپ تاشقىرىدىكى ئۆيدە كونىلىقىدىن ئاجىز پۇتلىرى ئۆزىنى ئاران كۆتۈرۈپ تۇرغان كىچىك پاكار بىر ئۈستەل قويۇلغانىدى، ئۈستەلنىڭ يېنىدا چىراقنىڭ غۇۋا يۇرۇقىدا ئون بىر-ئون ئىككى ياشلاردا بار بىر […]

نىران خانىدانلىقى(1)

نىران خانىدانلىقى (تارىخى ھېكايە) (1) قەدىمي شەھەر نىراندا شۇنداق بىر پادىشاھلىق ئۆتكەنىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ شەھەرلىرى ئاجايىپ ئاۋاتلاشقان، ئادەملىرى بىلىملىك، جاسارەتتە شىرمەت ئەزىمەتلەر ئىكەن. پادىشاھنىڭ ھەربىي قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر بەكلا جاسارەتلىك بولغاچقا بۇ مەملىكەتكە ئاسانلىقچە دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كېلەلمەيدىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ پادىشاھى ھۈسەيىن خان ئەللىك ياشلاردىن ئاشقان ئادەم بولۇپ ئايالى خېلى يىللار ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەن. ھۈسەيىن خاننىڭ […]