نىران خانىدانلىقى(6)

تارىخ سەپىرىدە 2011-09-01 07:55 1,166 0

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(6)

ئۆزى قانداقتۇر خىياللارنى قىلىپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا ماڭدى. ئايچىۋەرنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ئۇ يوق ئىدى. ئۆيدىن يېنىپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىگە خىزمەتچى قىز كىردى.
ــ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ دەپ سورىدى ھۈسەيىن خان.
ــ مەلىكە ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈكتە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.،ــ دەپ جاۋاب بەردى خىزمەتچى قىز.
ھۈسەيىن خان ئارقا ھويلىغا كەلدى. ئايچىۋەر گۈللۈكتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ گۈللەرگە قاراپ خىيالغا كەتكەنىدى.
ــ نېمە خىياللارغا چۆكۈپ كەتتىڭ قىزىم؟،ــ پادىشاھنىڭ تۇيۇقسىز ئاۋازىدىن چۆچۈگەن ئايچىۋەر بۇرۇپ خانغا قارىدى.
ــ خىيال ئەمەس ئاتا، دەرس تۈگىگەندىن كېيىن سەل ھېرىپ قاپتىمەن شۇڭا بىردەم ئارام ئالاي دەپ،ــ دېدى ئايچىۋەر خانغا ئەركىلىگەندەك.
ــ سېنى مۇھىم بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەنىدىم، دۈشمەننىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىڭ بولغاي؟،ــ دېدى خان ئايچىۋەرنى نېمە دەيدۇ دېگەن قىياپەتتە ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ــ ئاڭلىدىم، قوشۇنغا ئۆزىڭىز باش بولۇپ چىقماقچى بولۇپسىز بۇ راستمۇ؟ سىزمۇ ياشىنىپ قالدىڭىز بۇ يېشىڭىزدا يەنە جەڭ قىلىپ يۈرمەي قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى توغرۇل ئاكامغا ياكى ئارسلان ئاكامغا تاپشۇرسىڭىزمۇ بولاتتى؟، ــ دېدى ئايچىۋەر ئاتىسىدىن سەل خاپا بولغاندەك. چۈنكى خان ھېلىمۇ چارچىدى يەنە جەڭ قىلىمەن دەپ يۈرسە ئايچىۋەر بىردىنبىر يۆلەنچۈكى بولغان ئاتىسىدىن ئەنسىرىمەي قالامدۇ؟
ــ مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن سېنى ئىزدەپ كەلدىم. قوشۇنغا ئارسلاننى قوماندان قىلىپ ئەۋەتسەم مەن ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولىمەن. ئارسلان شىجائەتلىك ۋاپادار يىگىت ئۇنىڭ جەڭدە ئۇتۇق قازىنىشىدا شەك يوق. بىراق مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇنچە چوڭ قوشۇنغا ئارسلاننى قوماندان قىلىپ ئەۋەتسەم ئاكاڭ توغرۇلنىڭ بۇنىڭغا نارازى بولىدىغانلىقى ئېنىق توغرۇل ئارسلان بىلەن چىقىشالمايدۇ بۇنى سەنمۇ بىلىسەن؟
ئايچىۋەر بىلىمەن دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇردى.
ــ توغرۇلنى قوماندان قىلىپ ئەۋەتەي دېسەم يېقىندىن بېرى ئۇنىڭدىن سەل خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن. ئۇ ئوردىدىكى بەزى ۋەزىرلەرنى ئۆز ئەتراپىغا ھەدەپ تارتىۋېتىپتۇ. مەن ياشىنىپ قالدىم شاھلىق تەختىنى ھامان سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىمەن توغرۇل بۇنچە ئالدىراپ كەتمىسىمۇ شاھلىق ھامان ئۇنىڭ ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قارا نىيەتلىكى مېنى ئەنسىرىتىپ قويدى. شاھلىق تەختىگە ۋارىسنى قايتىدىن ئويلاشمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قولىدا گۈللىنىپ كەلگەن نىران خانىدانلىقى مېنىڭ قولۇمدىن توغرۇلغا ئۆتۈپ ۋەيران بولسا بولمايدۇ. ئەلگە قارا نىيەت ئادەم باش بولىدىكەن بۇنداق شاھلىق ھامان ھالاك بولىدۇ.،ــ ھۈسەيىن خان چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويدى.
ــ مەن ئاخىرى مۇنداق قارارغا كەلدىم، ناۋادا ماڭا بۇ ئۇرۇشتا بىرەر قازا يېتىپ قالسا ياكى تۇيۇقسىز كېسەل تىگىپ يېتىپ قالسام شاھلىق تەختىگە ئارسلان ۋارىسلىق قىلسۇن. نىران خانىدانلىقىنىڭ پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بويىچە شاھلىق شەمشەر كىمگە بېرىلسە شۇ خان بولىدۇ. شۇڭا قىزىم سەن ۋاقتى كەلگەندە شاھلىق شەمشەرىنى ئارسلانغا تاپشۇرغىن. ئارسلان خان ئەۋلادىدىن ئەمەس ئۇنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا ھەممىسىنىڭ قارشىلىق قىلىدىغانلىقى ئېنىق شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئوتتۇرىغا چىقىپ شاھلىق شەمشىرىنى ئارسلانغا تاپشۇرساڭ بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ساڭا ھەمدەمدە بولۇشقا پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھماننىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئۇنىڭغىمۇ ھەممە سۆزلەرنى دەپ جىكىلەپ قويدۇم. ئۇ ساڭا ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىدۇ.ــ ھۈسەيىن خان ئايچىۋەرگە سوئال مەنىسىدە قاراپ تۇراتتى.
ــ بەكلا توغرا قارار چىقىرىپسىز شاھ ئاتا، خانىدانلىقنى ئارسلان ئاكامغا تاپشۇرسىڭىز ئۇ ياخشى باشقۇرىدۇ. ھەم ئۇنىڭدا شۇنداق ئىقتىدار بار.،ــ ئايچىۋەر ئاتىسىنىڭ سۆزىدىن مەمنۇن بولغاندەك قىياپەتتە كۈلۈمسىرىدى.
ــ لېكىن شاھ ئاتا ۋاقتى كەلگەندە مەن ئوتتۇرىغا چىقساممۇ توغرۇل ئاكامنىڭ قايىل بولۇشى ناتايىن؟،ــ ئايچىۋەر ھۈسەيىن خانغا سوئال نەزىرىدە قارىدى.
ــ خانىدانلىقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر ئىش قىلغاندا كەسكىن جۈرئەتلىك بولۇش كېرەك قىزىم ،ــ ھۈسەيىن خان ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە تىكىلدى. خاننىڭ كۆزى ئايچىۋەرگە ھەممىنى ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى.
ئايچىۋەر ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى.
قوشۇن جەڭگە ئاتلانغىلى خېلى كۈنلەر بولدى. ئابدۇللاخان بېسىۋالغان شەھەرگە يېقىنلىشاي دەپ قالغانىدى. قوشۇندا ھۈسەيىن خان بىلەن توغرۇل، ئارسلان، ئايچىۋەرلەرمۇ بىللە چىققانىدى. ئوردىنى ۋەزىر ئابدۇرەھمان باشقۇرۇپ قالدى. چوڭ قوشۇنغا ھۈسەيىن خان ئۆزى قوماندان بولۇپ توغرۇلنى ياردەمچى قوماندانلىققا ئارسلاننى شاھنى قوغدايدىغان ياردەمچى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. ئايچىۋەر يارىدارلارنى داۋالايدىغانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇۋالغانىدى. ھۈسەيىن خان ئايچىۋەرنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى خالىسىمۇ مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۇنىڭ يارىدارلارنى داۋالايدىغانلار سېپىدە تۇرۇشىغا ماقۇل بولدى. نېمىشقىدۇر ھۈسەيىن خان بىر خىل بىئارام ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بىر خىل شۇملۇقنى سەزگەندەكلا ئايچىۋەرنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىدا بولۇشىنى خالايتتى.

داۋامى بار…
جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش