ھەر بىر كۆز بىر دۇنيا…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2017-09-05 10:02 1,880 8

ھەر بىر كۆز بىر دۇنيا…

koz

يېقىندىن بېرى كۆزۈم سەل تورلىشىدىغان بولۇۋېلىپ تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ دوختۇرخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرماقتىمەن. مۇتەخەسسىس ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا شۇ يەرنىڭ كۈزەتكۈچىسىدەك كىرگەن-چىققانلارنى بىر-بىرلەپ مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇردۇم. ئۆيدىن خېلى سەھەر چىقتىم دەپ ئويلىغانىدىم، يەنىلا كېچىكىپ قاپتىمەن.

ئادەم باشقا ۋاقىتلاردا بىرەر سائەتلەپ بىكار تۇرساڭمۇ ۋاقىت ئۇنچە ئۇزۇن بىلىنمەيدۇ. مۇشۇ بىرەر ئىشنى بېجىرگىلى ئىدارە-ئورگانلاردا نۆۋەت ساقلاش ئەڭ تەسكە توختايدۇ. شۇ يەردە نۆۋەت ساقلاپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قىيىنلىقى، ئەنە، مانا دەپ ساڭا نۆۋەت كېلىپ بولغىچە جىلە بولۇپ بىر بولىسىەن. بەلكىم ئىنساننىڭ تەبىئىتى شۇنداقمىكىن، بەزى ئىشلاردا سەبرى قىلىش قىيىنغا توختايدىكەن.

مەندىن بۇرۇن كەلگەن كېسەللەر كىرىپ-چىقىپ دېگەندەك ۋاقىتمۇ بىر يەرلەرگە بېرىپ قالدى. شۇ ئەسنادا 45 ياشلار ئەتراپىدا بىر ئايال 60 ياشلارغا كىرىپ قالغان بىرەيلەننى يېتىلىگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ كىشىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن، بىر قولىدىكى ھاسىسى بىلەن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى سىلاشتۇرغان ئايالنىڭ ياردىمىدە ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. مەن خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆزى كۆرمەيدىغان ئادەم كۆرۈپ باقمىغاندەك دىققەت بىلەن ئۇ ئادەمگە قاراۋاتىمەن. بۇ كىشى جىممىدە ئۇدۇلىغا قاراپلا ئولتۇراتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيدۇ، شۇنداقىتمۇ يەنىلا بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراۋاتقاندكلا ئولتۇراتتى. كۆزنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. ئەگەر كۆز كۆرمەس بولۇپ قالسا ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولىدۇ. بۇنداق قىيىنچىلىقتىكى ھاياتنى شۇ ئىنساننىڭ ئۆزى بىلمىسە باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلمىقى بەكلا قىيىن.

ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىردىم. بىر ئۈستەلگە ئورۇنلىشىپ تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم. ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدىن بىر ئەر-ئايال ئىككى بالىسىنى يېتىلەپ كىردى. ئەمەلىيەتتە بەك بولسا چوڭى 7 ياشلاردا كىچىكى 5 ياشلاردا بار ئىككى ئوغۇل ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئەكىرىۋاتاتتى. ئەر-ئايال ئىككىلىسىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن. ئىككى بالا بىكار ئۈستەل بارمىدۇ دەپ ئەتراپقا قاراۋاتتى، بۇ ئاشخانا دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدا بولغاچ ئادەم بەكلا كۆپ ھەم كەچلىك تاماق ۋاقتى ئۈستەللەر توشۇپ كەتكەن. بالىلار بوينىنى ھەر يان سوزۇپ قارايىتتى. ھېچ بىكار ئورۇن باردەك ئەمەس. باشخا خېرىدارلار كىرسە ئالدىغا يۈگرەپ كېلىپ ئۈستەللەرنى بىكارلاپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان مۇلازىملار ئۆز ئىشى بولۇۋاتتى. بۇ تۆتەيلەننىڭ كىيىملىرى سەل ۋەيرانە، يۈز-كۆزلىرى قاسماق ئىدى. شۇڭا مۇلازىملارغىمۇ بۇنداق خېرىدارلار خوش ياقمىدى بولغاي، بولسا تاماقخانىدىن تېزراق چىقىپ كەتسىكەن دېگەننى ئارزۇ قىلدى. مېنىڭ ئالدىمدىكى ئۈستەلدە بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوخشايدۇ تامىقىنىمۇ يەپ بولاي دەۋاتقان ئەر كىشى بالىلارنىڭ ئالدىغا باردى. بىز ئولتۇرغان ئۈستەلدە ئولتۇرۇڭلار، تاماقنى يەپ بولدۇق دېگىنىچە باشقىلارنى ئورنىدىن تۇرۇشقا شەرەتلەپ چاپىنىنى كىيىپ ئۆيىدىكىلەر بىلەن چىقىپ كەتتى. بۇلار ئالدىمدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، مەن خىياللار قاينىمىدا ئۆزۈمدىن سوراۋاتىمەن. بۇ ئاتا-ئانا ئىككى بالىنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلغاندۇ؟ سىنچىلاپ قارىسام ئەر-ئايال ئىككىلىسىنىڭ كۆزى بۇرۇندىن كۆرمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئانا بولغۇچى ئىككى بالىنى قورساق كۆتۈرۈپ مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلغىچە قانچىلىك جاپالارنى تارتقاندۇ؟ بىزدەك كۆزىمىز ئۇچۇقلار بىر بالىنى چوڭ قىلىپ بولغىچە مىڭنى ۋايساپ ھالىمىز قالمايدۇ. بىچارە ئانا نېمە كۈنلەرنى كۆرگەندۇ؟ بىر تۇرۇپ بۇلارنى كۆزىنى داۋالاتقىلى كەلدىمىكىن دەپمۇ ئويلۇدۇم، ھېلىقى ناتۇنۇش كىشىنىڭ بۇلارغا قىلغان غەمخورلىقىدىن بەكلا سۆيۈندۈم. گەرچە ئۇ كىشىنى تونۇمىساممۇ كۆڭلۈمدە رەھمەتلەر ئېيىتتىم. تامىقىمنى يەپ بولۇپ ئايالنىڭ قولىغا يۈز كوي تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. ئايال مېنى كۆرەلمەيدۇ، لېكىن ئىككى نارىسىدە ھەممىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ ئوماقلارنىڭ شۇ ھالەتلىرى خېلى بىر زامانلارغىچە خىيالىمدىن كەتمىدى. بالىلار تېزراق چوڭ بولۇپ شۇ ئاجىز ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسىكەن دەپلا شۇنى ئارزۇ قىلدىم.

ھەر بىر ئىنساندا بىردىن كۆز بار، مەيلى ئۇ كۆز كۆرسۇن ياكى كۆرمىسۇن بار. كۆزى كۆرىدىغان ھەر بىر كۆز بۇ دۇنيانى ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى بويىچە كۆرىدۇ. بەزىلەر كۆز ئالدىدا بارنىلا كۆرىدۇ، بەزىلەر دۇنيانى باشقا تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىپ، ھاياتنىڭ قىممىتى بىلەن كۆرىدۇ. بۇ دۇنيانى قەدىر-قىممىتى بىلەن كۆرەلىسەڭ، دۇنيا بەكلا گۈزەل. ھەر بىر تال گىياھ شۇنچىلىك قەدىرلىك…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    تىۋىش 2017-09-27 00:04

    تىنچلىقمۇ ھەدە! يازمىلىرىڭىزنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن ھە.

    ھۇزۇر ئېلىپ ئوقۇدۇم بۇ يازمىڭىزنىمۇ. ھەم كاللامدىن نۇرغۇن ئويلار ئۆتتى. دېگىنىڭىزدەك ھەر بىر كۆز بىر دۇنيا ئىكەن. ھەر بىر كۆز ئالدىدىكى ھادىسىلەرنى ۋە شەيئىلەرنى ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن كۆزىتىدىكەن. بەزىلەر گۈزەل بىر دۇنيانى كۆرىدىكەن، بەزىلەر مۇدھىش بىر دۇنيانى كۆرىدىكەن. دۇنيانى مۇدھىش، قاراڭغۇلۇقتا كۆرىدىغان كىشىلەر، نە ئەپسۇسلاركى، بەلكى ئىسىمدىكى كۆز كۆرەلىسىمۇ بولسىمۇ، قەلبتىكى كۆزى كور بولسا كېرەك.

    شۇ بانادا سىزگە بىر كىنو تەۋسىيە قىلاي، بەلكىم سىز كۆرۈپ بولغان بولىشڭىزمۇ مۇمكىن، ئەمما ئىشلەپ چارچىغىنىڭىزدا، ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە، چارچىغان نىرىپلارنى ئارام ئالدۇرىشقا تازا ماس كېلىدىغان بىر كىنو .

    كىنونىڭ ئىسمى: ھېيدى 2015
    كىنو ھەققىدە ئۇچۇر: https://movie.douban.com/subject/25958717/
    بۇ ئادىستىن تۈركچە ئاۋازلىقنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن: https://www.hizliizlefilm.net/hizli-seyret-8636-heidi-full-hd-izle-720p.html

    جۇلالىق

    تىنچلىقمۇ، ئىنىم، تېچ-ئامان تۇرۇپسىزمۇ؟
    يېقىندىن بېرى تېما يېزىشقا تازا رايىم بارمايۋاتىدۇ، شۇڭا يېڭى تېمىلارنى كۆپ يوللىيالمىدىم.
    بىزگە مۆجىزىلەرچە بېرىلگەن بۇ كۆزدە ھەرخىل نەرسىلەرنى كۆرىدىكەنمىز. نۇرغۇنلىرىنى مۇنداقلا كۆرۈپ ئۆتكۈزۈۋېتىمىز. يەنە نۇرغۇن ئىشلار بىزنى چېكى يوق ئويلىنىشلارغا سالىدۇ.
    تەۋسىيە قىلغان كىنونى چوقۇم كۆرىمەن. كۆپ رەھمەت.

  •   #2  

    ئالۋۇن 2017-09-28 05:15

    سالامەت ، تىچلىق تۇرۇپسىز ، بىلوگ يىڭىلىنىپ تىمىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم ، ھەم كۈڭلۈم يىرىم بولدى ، سالامەتلىك خاتىرجەملىك – ياخشى كۈنلەرھەممىمىزگە يار بولسۇن .

    جۇلالىق

    ياخشى كېتىۋاتىمەن، شۈكرىلەر بولسۇن!
    ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
    بۇ يىل كىرىپ بلوگنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ۋاقتىم چىقماي دېگەندەك، يېڭى تېمىلارنى يازالماي قالدىم. ئەمدى يېزىپ تۇرىمەن. بولمىسا قەلىمىم دات بېسىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.
    تېچ-ئامانلىق ھەممىمىزگە نېسىپ بولغاي!

  •   #3  

    ئالۋۇن 2017-12-06 22:48

    مۇشۇ كۈنلەردە كۈندە نەچچەت رەت جۇلالىق دەپ باسقىنىم ھىلىمۇ ئىسىمدە ، بۇندىن كىيىن ئەمدى قەتئى بىسىپ يۈرمەيمەن …
    كۈلگەن چىراي…

    جۇلالىق

    بىلوگىمنى ئىزچىل زىيارەت قىلىۋاتقىنىڭىزدىن بەكلا خۇشال بولدۇم، سىزدەك ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىمنى دەپ بولسىمۇ بلوگچىلىقنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن.

  •   #4  

    Mr.President 2018-07-04 06:46

    سالامەتلىك بەك مۇھىمكەن، سىزگە ئۇ ھەركۈن يار بولسۇن

    جۇلالىق

    ھازىرچە سالامەتلىكىم خېلى يامان ئەمەس، ئىنىمنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىگە كۆپ رەھمەت.