جۇلالىق بىلوگى يېڭى «چاپان» كىيدى

تارىخ سەپىرىدە 2019-04-14 21:54 1,914 8

جۇلالىق بىلوگى يېڭى «چاپان» كىيدى

Blog

سالام ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىم، بىلوگداشلىرىم…
جۇلالىق بىلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىككى خىل ئۇسلۇب ئىشلىتىپتىمەن، بىرسى بىلوگنى دەسلىۋىدە قۇرغاندا ئىشلەتكەن يېشىل بىر خىل ئۇسلۇب ئىدى. ھازىرقى ئۇسلۇبقا ئانچە ئوخشىمايدۇ، كېيىن ھەقسىز ئۇسلۇب بەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ يۈرۈپ مۇشۇ ئۇسلۇب ئۇچراپ قالدى، تەييار ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلدۇرۇپلا بىلوگقا بىر كەيگۈزۈپ قويغانچە نەچچە يىل ئىشلىتىپتىمەن. تور دۇنياسىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرى بارغانسېرى ئىلغارلاشتى، بىلوگىمدىمۇ پات-پات يېڭىلىقلارغا ماسلىشالماي مەسىلىلەر كۆرۈلگىلى تۇردى، بەزى يەرلەرنى تەڭشەپ دېگەندەك نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدۈم. بۇ ئۇسلۇبنى بەكلا ياقتۇرىمەن. ئارلىقتا بىلوگگېر ئۇستازلار تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقاتقان ئۇسلۇبلارمۇ پەيدا بولدى، مېنىڭ يەنىلا مۇشۇ ئۇسلۇبتىن ۋاز كەچكۈم كەلمىدى، ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم، بىلوگنى داۋاملىق ئاچىمەن دەيدىكەنمەن ئۆلچەملىك بىر ئۇسلۇبنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلدىم.
بىلوگنىڭ تۇنجى قەدەملىك تېخنىكىلىق ئىشلىرىدىن تارتىپ ھەممىسىنى «يۇلتۇز سوفت» شىركىتىنىڭ پىروگراممىرلىرى قىلىپ كېلىۋاتقان، بوشلۇق، ئىسىم ھەممىسىنى شۇلاردىن ئېلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭى ئۇسلۇبنىمۇ شۇ جاپاكەش پىروگراممىرلار نۆلدىن باشلاپ يېزىپ پۈتتۈرۈپ چىقتى. تېخنىك خادىملار تەكلىپمۇ بەردى، كونا ئۇسلۇبنى ئازراق ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېڭىدىن بىر ئۇسلۇب يېزىپ چىقسا بەك چىرايلىق چىقىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى. بىراق مەن جاھىل بۇ ئۇسلۇبنى قەۋەتلا ياخشى كۆرگەچكە ئەسلى ئۇسلۇبنى تولۇق ساقلاپ قالغان ئاساستا يېزىپ چىقىش پىكرىنى بەردىم. تېخنىكلارمۇ مەن جاھىلغا ئامال قىلالمىدى. شۇنداق قىلىپ كۆز ئالدىڭلاردىكى مۇشۇ ئۇسلۇب مۇكەممەل پۈتۈپ چىقىپ بىلوگقا ئورۇنلاشتى. بەلكىم بەزى ئوقۇرمەنلەر بۇرۇنقى ئۇسلۇبتىن پەرقى يوقكەنغۇ دېيىشىمۇ مۇمكىن، راستىنلا كۆپ پەرق يوق، ئەسلى ئۇسلۇب مۇكەممەللىشىپ كۆركەملەشتۈرۈلدى خالاس.
ئۇشبۇ يازمامدا «يۇلتۇز سوفت»تىكى بارلىق تېخنىك خادىملارغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن، جاپا چەكتىڭلار، مەندەك جېدىلى تولا بىرسىنىڭ كوتۇلداشلىرىدىن زېرىكمەي مۇكەممەل بىر ئۇسلۇب تەييارلاپ بەرگەنلىكىڭلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    تىۋىش 2019-04-20 21:26

    مارەك بولسۇن! بۇ ئۇسلۇب تېخىمۇ يېقىشلىق بوپتۇ. ئىلگىرىكىنىڭ خەتلىرى بىر ئاز كىچىك ئىدى. ئۇسلۇب يېڭىلانمىسىدا خەتلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق سەمىرىپتۇ.

    مەزمۇنلارنىڭمۇ تېخىمۇ «سەمىرىپ» «مەزىلىك» بولىشىغا تىلەكداشمەن.

    جۇلالىق

    ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭى ئۇسلۇب يېزىپ چىقىلدى، تېتىملىق يازمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن. تەبرىكلىرىڭىزگە رەھمەت.

  •   #2  

    Qushchi 2019-04-22 01:58

    ئومۇمىي جەھەتتىن ئوخشاش بوپتۇ ، خەت نۇسخىسى بۇرۇنقىسىدىن ئوچۇق ھەم چوڭكەن ، ئەگەر قوبۇل كۆرسىڭىز بىر يېرىنىڭ بۇرۇنقىسى چىرايلىقكەن، سول ئۈستىدىكى ئاپتاپپەرەس، كونا نۇسخىدىكى سۈرەت گۈزەل كۆرۈندى.

    جۇلالىق

    سىز تەكلىپ بەرگەن يەردىكى رەسىم راستىنلا چىرايلىق ئىكەن، يېڭى ئۇسلۇبقا ماۋۇ رەسىممۇ ماس كېلىپ قاپتۇ.

  •   #3  

    ئالۋۇن 2019-05-11 18:59

    مۇبارەك بولسۇن ئۇسلۇب ھەقىقەتەن مۇكەممەل بوپتۇ، ئەمدى يىقىشلىق تىمىللىرىڭىز بىلەن بلوگنى بىيتىلى …
    ساناقلىقلا قالدۇق سىز بولسىڭىزمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ مىڭىڭ …

    جۇلالىق

    كۆپ رەھمەت، يېڭى يازمىلارنى دائىم يوللاپ تۇرىمەن.
    پىلىلداپ ئۆچەي دەپ قالغان بىلوگچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدى بوپ دائىم تىرىشماقتىمەن، ھامان بىر كۈنى پارلايمىز.

  •   #4  

    روھچىن 2019-06-09 19:24

    بلوگىمنى سېغىنىۋاتىمەن… سەككىز يىل يېزىپ كىلىۋاتقان بلوگ … يوقلىغىم بىرىنچى بۇلۇپ بلوگىمغا چېنىپتۇ… مۇبارەك بولسۇن

    جۇلالىق

    بىلوگىڭىزدا ئېسىل مەزمۇنلار بار ئىدى، مەنمۇ پات-پات يوقلاپ تۇراتتىم، قايتىدىن ئېچىشىڭىزنى بەكلا ئۈمۈد قىلىمەن.
    ئۆزىڭىز تېچ-ئامان تۇرۇپسىز شۇنىڭ ئۆزى بىر غەلبە، قالغان ئىشلارنى ھەل قىلىۋالغىلى بولىدۇ.