تىمتاس كېچە

تەپەككۇر تامچىلىرى 2019-06-18 16:07 1,070 2

تىمتاس كېچە

kiche

ھەر بىر كېچىدە بىر خىل ھېكايە، بىر خىل ئازاپ، ئەتراپ شۇنچىلىك قاراڭغۇ دەرىزىنى ئاستا ئاچتىم، سىرىتتىن سوغۇق نەم ھاۋا دىمىقىمغا ئۇرۇلدى، يامغۇر تامچىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قوغلىشىپ چۈشمەكتە…
ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئاستا سىرتقا چىقتىم، يامغۇرنىڭ ئۈستۈمگە تامچىلاپ چۈشكىنىنى تاماشا قىلىۋاتىمەن، يامغۇرنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى يامغۇلار ئۈستۈمدىن ئېقىپ چۈشسە بارچە ئازاپلىرىمنى بىللە ئېقىتىپ كېتىدىغاندەكلا، ئەپسۇس، يامغۇر بىردەمدە توختاپ قالدى…
يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋا شۇنچىلىك ساپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋاتىمەن، ھېلىلا نەپىسىم توختاپ قالىدىغاندەك…
تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى سۇۋاقلىرى ئاجراپ كەتكەن ئەسكى تام يۇرۇپ كەتتى، كەينىمگە چۆچۈپ قارىدىم، سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق بىر قولىدا سەرەڭگە قېپى يەنە بىر قولىدا ھەممىسىگە ئوت يېقىلغان سەرەڭگىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىر قىزچاققا بىر تامدىكى مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان كۆرۈنۈشلەرگە قاراۋاتىمەن، ئەنە مەن ھەممىسىنىڭ جەم بولۇپ بەخىتكە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەر ھەممەيلەنىڭ چېھرىدە بەخىت كۈلكىسى، چەكسىز خۇشاللىقلارغا چۆمگەن شۇ مىنۇتلارغا قىيمىغان ھالدا ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا يېپىپ چىقىپ كەتتىم…
يۇرۇقلۇق شۇ ھامان غايىپ بولدى، ھەر تەرەپتىن قىزچاقنى ئىزدىدىم يوق، ئەنسىزلىك بىلەن تام تەرەپكە يۈگۈردۈم قاپقاراڭغۇ، نۇرلار ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى…
قىزچاقنىڭ سەرەڭگىنى يەنە بىردەم يۇرۇتۇپ بېرىشىنى شۇ خۇشال مىنۇتلارنىڭ ئاخىرىنى كۆرۈۋېلىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلساممۇ مۇمكىن بولمىدى، قىزچاق كەتتى، سەرەڭگىسىنى قۇچاقلىغان پېتى بەك يىراقلارغا كەتتى…
يامغۇر ياغقان كۈندىكى قۇياش باشقىچە نۇرلىنىپ پارلاق چىقىدۇ، ھايات ئۆز مەنزىلىدە داۋام قىلماقتا، مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان بەخىتمۇ ھامان پارلايدۇ…
يامغۇر تامچىلىرىنىڭ بۇلۇتلاردىن چۈشۈشىنى ھېچكىم توسۇۋالالمىغىنىدەك، يامغۇردىن كېيىنكى يېشىللىقلارنىڭ كۆكلىشىنىمۇ ھېچكىم توسۇۋالالمايدۇ، بۇلۇتلار كەبى ياش تۆكۈشۈم بەلكىم يېشىللىقلارنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈندۇر…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ۋىسال بىلوگى 2019-10-11 17:43

    سىزگە بۇ بىلوگ شۇنداقلا بىلوگ قۇرغىچسىغا شۇنداق بىر ھۆرمىتىم بار .جاپا چەكتىڭىز

    جۇلالىق

    مەۋھۇم دۇنيادىكى دوستلىرىمنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن، رەھمەت ئەزىزلەر!