يۇلتۇزلار بىلەن مۇڭداشتىم…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2023-04-17 17:48 495 0

يۇلتۇزلار بىلەن مۇڭداشتىم…

جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،

كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە.

ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى،

بوۋىلارنىڭ سۆزىچە.

گەپ قىلساڭچۇ يۇلتۇزلار،

مەن دوسلۇققا يارامدىم.

ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا،

مېھمان بۇلۇپ بارامدىم.

ساناپ باقسام ئۇلارنىڭ،

 سانلىرىنىڭ چېكى يوق.

ئاداش بۇلاي دېسەم مەن،

كۆز قىسىدۇ گېپى يوق.

كېچە مەنزىرىسى بەكلا گۈزەل كېچىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن، كېچە شۇنچىلىك جىمجىتتۇركى يۈرىكىمنىڭ ئەڭ تۆۋەن رېتىمدا سوقۇشىنى، قەلبىمنىڭ پىچىرلاشلىرىنى كېچىدىلا تىڭشىيالايمەن. ئاسمان خۇددى قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەكلا قاراڭغۇ، ئەتراپىم تىمتاس شاۋقۇن سۈرەندىن خالىي، خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلىنىپ توختاۋسىز ئىلگىرلەۋاتقان مېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلمايدۇ، گۈزەل ئارزۇلىرىمنى قاناتلاندۇرۇپ نە نەلەرگە سەپەر قىلىمەن، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ چاقناپ مېنى يانلىرىغا توختىماي چاقىرماقتا، ئەنە بىر ئاقار يۇلتۇز غىل-پال قىپلا ئۇچۇپ كەتتى، قايسىدۇر بىرىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنىڭ ئۈمۈدى بولغان ئاقار يۇلتۇز تىلەكلەرنى بىرگە ئېلىپ پايانسىز ئاسماندا سەيلە قىلماقتا، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈكەر يۇلتۇزغا قاراپ مېڭىۋاتىمەن ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش ئۈچۈن يۈگرەۋاتىمەن، گەرچە مەنزىلىم بەك يىراق بولسىمۇ داۋانلارنىڭ ئويمان-چوڭقۇرلىرىغا قارىماي ئالغا سىلجىۋاتىمەن، ھېچكىم تىڭشىمىغان دەرتلىرىمنى ئېيتىش ئۈچۈن، قەلب سىرلىرىمنى تۆكۈش ئۈچۈن يۈگرەۋاتىمەن، ئۈكەر يۇلتۇز بارغانسېرى نۇرلانماقتا مېنى يېنىغا چاقىرماقتا، كەل، ئەي بىغۇبار گۈزەل غايىلەرگە تويۇنغان ئىنسان، مەن بىلەن سىرداشقىن، ھېچ بىر ئىنسانغا ئېيتمىغان سىرلىرىڭنى ماڭا ئېيت، سىرلىرىڭنى، ئەپسانىۋى خىياللىرىڭنى مەڭگۈلۈككە ساقلاپ بېرىمەن، چۆچەكلەر كەبى ئارزۇلىرىڭ مېنىڭ نۇرلىرىم ئارىسىدا مەڭگۈ چاقنايدۇ ئۆچۈپ قالمايدۇ، شۇ غايىۋى ئارزۇلار دائىم سېنى روھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ساڭا روھىي ۋە مەنىۋىي ئۇزۇق ئاتا قىلىدۇ دەپ توختىماستىن چاقىرماقتا…

 بارغانسېرى ھالسىزلىنىۋاتىمەن، پۇتلۇرۇمدا ماغدۇر قالمىدى ئۇلارنىڭ يېنىغا يۈگرەپ بارغۇم شۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ نۇر چاقنىتىپ كېچە مەنزىرىسىگە ھۆسۈن قوشقۇم بار ئىدى، ئاقار يۇلتۇز بوپ قايسىدۇ بىر ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا تىلىگەن تىلەكلىرىنى، قايسىدۇ بىر ئاجىزەنىڭ ئائىلىسىگە تىلىگەن بەخىتلىرىنى روياپقا چىقارغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس، مەنزىلىم بەكلا يىراقتا، مەن تىرىشىۋاتىمەن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن پۇتلىرىمنى يۆتكەۋاتىمەن، يۇلتۇزلار شۇنچىلىك نۇرلۇق ئازراقلا غەيرەت قىلسام قولۇم يېتىدىغاندەك، مەن سۆيگەن مېنى سۆيگەن كىشىلەرنىڭ ئەپسانىۋى خىياللىرىنى رىياللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن…

ئەي پايانسىز ئاسمان مېنى قوينۇڭغا ئال، سېنىڭ مەۋجۇداتلىرىڭ قاتارىغا قېتىۋەت، يۇلتۇزلاردەك چاقناپ كېچىسى قاراڭغۇلۇقتا تەمتىرەپ قالغانلارنىڭ يولىنى يۇرۇتۇپ بەرگۈم، ئاقار يۇلتۇز بوپ ھەر تىلەرمەننىڭ تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇم بار، مېنى ساناقسىز يۇلتۇزلارغا قوشىۋەتكىن…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش