ھەر ئىنسان بەخىتلىك بولسىكەن…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2023-04-17 17:57 381 0

ھەر ئىنسان بەخىتلىك بولسىكەن…

كۈنلەر بىر ئىزىدا، ھايات ئۆز رېتىمىدا داۋاملاشماقتا، مەن خىيال پەرەسمۇ خىيال دۇنيارىمدا سەيلە قىلىۋاتىمەن، ھېچقاچان رېئال تۇرمۇشۇم بىلەن خىيالىي دۇنيارىمنى ئارلاشتۇرۇۋەتمەيمەن، قەدەملىرىمنى مەن ئەمەس خىيال تىزگىنىم باشقۇرۇۋاتىدۇ، مېڭىۋاتىمەن، ئۇچۇۋاتىمەن بەزىدە بوۋاقلاردەك ئۆمىلەپمۇ قالىمەن، رېئال تۇرمۇشتا ياشىيالمىغان ھاياتنى گۈزەللىكلەرگە تولغان خىيالىي دۇنيارىمدا ياشايمەن، ئۇ مەن ئۈچۈن شۇنداق بىر دۇنياكى ئۆزۈم ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان بەخىتلەرگە ئېرىشىمەن ئەتراپىمدىكى مەن ئۇچراتقان ھەر بىر ئىنساننى خىيالەن خۇشاللىقلارغا ئېرىشتۈرىمەن مەيلى شۇ كىشى تۇنۇش بولسۇن بولمىسۇن ھەر ئىنسانغا ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك بەخىت نېسىپ بولسىكەن دەيمەن شۇلارنىڭ بەخىتلىك قىسقىغىنە مىنۇتلىرىدىن ئۆزۈمچە مەمنۇنلۇق بىلەن ھۇزۇرلىنىمەن لېكىن ئۇ ۋاقىت شۇنچىلىك قىسقا لاپلا قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ قايتىلانمايدۇ. تۇرۇپلا شۇنداق غايىۋى ئارزۇلارنى قىپ كېتىمەن تەڭداشسىز كۈچلۈك ئىنسان بولسام ئىدىم ھەر ئىنسان ئۈچۈن ئۈمۈد قىلغان بەختىنى، خۇشاللىقلارنى بېرەلىسەم…

ئەنە كىچىك بىر بالىنى ئانىسى دۈشكەلەپ تىللاۋاتىدۇ نېمىلەرنىدۇ دەپ ئەيىپلەۋاتىدۇ بەلكىم خاتالىق بالىدىدۇر ئانىسىنى جىلە قىلغان بولسا كېرەك، يەنىلا بالىغا ئىچ ئاغرىتىۋاتىمەن ئۇنىڭ تاراملاپ ئاققان ياشلىرىغا ئانىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۈمچەيگەن ھالىتىگە ئېچىنىۋاتىمەن، مەيلى سەۋەپ نېمە بولسۇن ھازىرنىڭ ئۆزىدە شۇ بالىنى قاقاقلاپ كۈلدۈرگۈم ئاز ۋاقىت بۇرۇنقى خۇشال ھالىتىگە ئەكەپ قويغۇم بار. بالىلارنى بىغۇبار، سەبىي دېگەن ناملار بىلەن نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان تەرىپلەپ كەلدۇق ھەم تەرىپلەۋاتىمىز، پاك قەلب، ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ بالىلىققا خاس بولسا كېرەك ئىنسان قاچانىكى بالىلىقىنى ياشاپ بولدىمۇ قەلبىدىكى بىغۇبارلىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدىكەن. ياشاش ئۈچۈن رەھىمسىزلىكنى، ئۆزىمىزگە تەۋە بولمىغان مۇھەببەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەلۋىلىكنى ئۈگۈنىدىكەنمىز ھاياتتىكى ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ۋىجدانىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىكەنمىز. مەن ھۆرمەتلەيدىغان بىر كىشى شۇنداق دېگەنىدى: ئىنساننىڭ قەلبىدە ۋىجداندىن ئىبارەت ھۆكۈمران يوقالغان كۈنى ئۇنىڭدىن ئۈتەر ۋەھشىي مەخلۇق بولمايدۇ قولىدىن ھەر يامانلىق كېلىدۇ ئۇنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ ئاخىرىدا ئۆزىنى-ئۆزى ھالاك قىلىدۇ دەيتتى. دېگەنلىرى بەكلا توغرا ئىكەن ئىنسان ۋىجدانىنى يوقاتقان شۇ كۈندىن باشلاپ كۆزىنى غەپلەت پەردىسى ياپىدىكەن نە ھەقىقەتنى، نە ياخشىلىقنى، نە ئادالەتنى كۆرمەيدىكەن. ھاياتىنى شۇنچىلىك قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كېتىدىكەنكى قۇياش بېشىغا يېقىن كەلسىمۇ قەلبىنى يۇرۇتالمايدىكەن…

خىياللىرىم ئۆز مەيلىچە قاياقلارغىدۇر ئۇچۇۋاتىدۇ يىراقلارغا پەرۋاز قىلىۋاتىدۇ، مەيلى ئۇچۇپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگىچە كەتسۇن ھامان قايتىدىغان مەنزىلى بار…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش