چوڭىمۇ ھاياتلىق، كىچىكىمۇ ھاياتلىق ئىدىغۇ؟!

تەپەككۇر تامچىلىرى 2018-11-02 04:17 1,205 2

چوڭىمۇ ھاياتلىق، كىچىكىمۇ ھاياتلىق ئىدىغۇ؟!

chumule

كۈز ئايلىرىمۇ چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، كۈزنىڭ سوغۇق شاماللىرى بىر خىل ئادەمنى قورۇيدۇ. ھويلىدىكى تال باراڭلىرىدىن سارغايغان يوپۇرماقلار ئاستا چۈشۈۋاتىدۇ. ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى نەچچە تۈپ قارا تېرەكنىڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئالدىراش بىر-بىرىنى قوغلاپ چۈشۈۋاتقان مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز گەجگەمنى بىر نەرسە قاتتىق چاقتى. قولۇمنى تېزلا ئاپىرىپ تۇتۇۋالدىم. ئەسلىدە كىچىككىنچە چۈمۈلە ئىكەن ئەمەسمۇ، ئۆزى شۇنچە كىچىك تۇرۇپ خېلى ئاغرىتقان بۇ جانىۋارنى ئاچچىقىمدا نەچچىنى ئۇۋىلىۋېتىپ تاشلىۋەتتىم. ئۇ شۇ پېتىلا جان ئۈزدى ھەقىچان. بۇ يىل نىم بولدىكىن بۇ ھاشارەتلەر بەكلا جىق، قاچان بىر ئۈزۈم يىگۈم كېلىپ بىر ساپاق ئۈزۈم ئۈزسەم، ئۈزۈملەر ئارىسىدىن نەچچىسى ئۆمىلىشىپ چىقىدۇ، بېسىملىق تۇرۇبا سۈيىدە ئۈزۈمنى بىرلا يۇيىمەندە ھەممىسى ئېقىپ غەرق بولىدۇ. يەردە ياتقان چۈمۈلىگە قايتىدىن بىر قارىدىم، ئازراق بولسىمۇ مىدىرلاپ قويمىدى، ئۆلۈپ كېتىپتۇ.

 تۇرۇپلا بىر خىل بولۇپ قالدىم. يەنە قالايمىقان ئاخىرى چىقماس خىياللار قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتىم. بۇ دۇنيادا ئەڭ ئەقىللىق، ئەزىز بولغان ئىنساندىن تارتىپ ئەڭ كىچىك چۈمۈلىگىچە نۇرغۇنلىغان ھەر خىل تۈردىكى ھاياتلىق بار. ئەلۋەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى بەك قەدىرلىك. ئىنسان بارچە ھاياتلىقتىن ئۆزگىچە ئالاھىدە بولغاچقا، ئۇنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەن قىممەتلىك. ئىنسانىيەت بەرپا بولغاندىن تارتىپ، ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىسا ئۇنىڭ سورىقى چوقۇم بولىدۇ. يا قانغا قان ئالىدۇ، ياكى بىر ئۆمۈر مەھبۇس بولۇپ ئۆتىدۇ. ئەمما بايا مەن بىرلا مىجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن چۈمۈلىدەك ھاياتلىقلارنىڭچۇ؟ چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ ياشقا كەلگىچە قانچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇم؟ بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى بۇنىڭ سورىقىنى قىلىدىغان ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئەقلى يوق. پەقەتلا شۇ بىر كىچىك جانلىقنىڭ ئۇلارنىڭ توپىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ھەر قېتىم شۇلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغىنىمدا مېنى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ھېس-تۇيغۇلار چىرمىۋالىدۇ. شۇ كىچىككىنە ھاياتلىققا ئىچ ئاغرىتىممۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزگىنىگە ئاچچىقىم كېلىپ ئۆلتۈرۋەتكىنىمدىن مەمنۇن بولدۇممۇ؟ بىلمەيمەن.

ئەسلى جۇغى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن ھەممىسىدە ھاياتلىق بار ئىدىغۇ؟! ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ قىممىتى بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ھاياتلىق مۇشۇنداق رەڭدارلىقى بىلەن داۋاملاشماقتا. نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ئەمەس. ھاياتلىقنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنىيىتى بار. قاچانىكى ھاياتلىق رېتىمىدىن چەتنەپ كېتىدىكەن پۈتكۈل ئالەم ۋەيران بولىدۇ…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ئالۋۇن 2018-11-17 06:15

    ھايات رەڭدارلىقى بىلەن گۈزەل ئىدى …
    ئەپسۇس بەزى ئىشلار بىزنىڭ رايىمىزغا باقمايدۇ بەزى ئىشلارنى قىلماسلىققا بىزنىڭ باھانىمىز يوق.

    جۇلالىق

    نۇرغۇن ئىشلارنى خاھىشىمىز بويىچە قىلغۇمىز بار، بىراق قۇربىمىز يەتمەيۋاتىدۇ. ئىنسان شۇنداق ئاجىزكەنمىز.