ئەدەبىيات ماڭا خۇشاللىق بېغىشلىدى

تەپەككۇر تامچىلىرى 2023-04-17 18:05 2,355 0

ئەدەبىيات ماڭا خۇشاللىق بېغىشلىدى

يېقىندا چايزار سالونىدا مويەن ئەپەندىمنىڭ ئەدەبىيات مېنى قورقۇنچاقتىن يۈرەكلىك قىلدى دېگەن يازمىسىنى ئوقۇۋېتىپ شۇندا بىر خىياللار كەچتى، ئەدەبىيات مويەن ئەپەندىمنى قورقماس باتۇر قىپتۇ، ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ شۇنچە يىل تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ نېمىگە ئېرىشكەندىمەن دېگەننى ئويلاپ قالدىم. ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلىسەم ئەدەبىيات ماڭا خۇشاللىق، بەخىت تۇيغۇسى بېغىشلاپتۇ. ھەر قېتىم بىر ئىشلارنى خىيال قىلىپ يازماقچى بولىمەندە يازمامدىكى دۇنيارىمغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىمەن ئارزۇلىرىم بويىچە ياشاپ، غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقىمەن بىردەم بولسىمۇ بۇ دۇنيانىڭ ناھەقچىلىكىرىدىن، مېھىرسىزلىكلەردىن، نەپسانىيەتچىلىكلەردىن يىراق بۇلۇش ئۈچۈن، نەقەدەر گۈزەل مىنۇتلاركى بىراۋنىڭ ھېس قىلالىشى ناتايىن…

بالىلىق دەۋرىم مويەن ئەپەندىمنىڭكىدەك تاغلىقلاردا، ئېدىرلىقلاردا ئۆتمىگەن بولسىمۇ ئېتىز بېشىدا، قىر بېشىدا ئۆتكەنىدى، قويلارنىڭ يۇمران ئوت-چۆپلەرنى يېيىشلىرىنى تاماشا قىلغاچ ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن ھۇزۇرلىناتتىم كەلگۈسى توغۇرلۇق شۇندا بىر ئارزۇلارنى قىلاتتىم بالىلارچە تەسەۋۋۇر بىلەن…

 كىچىك ۋاقىتلاردىكى كېچە ئاسمىنى شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدى، چاقناپ تۇرغان ھەر بىر يۇلتۇز ئىزگۈ سىرلارغا گۇۋاھچى، تولۇنئاي ساڭا قىيا بېقىپ ھاياتنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ھاياتنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن  يىراق ھالدا روھىيتىڭنى تىنىچلاندۇرۇپ سېنى ئەسلىڭگە قايتۇرىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى تۇنۇپ ئۆزۈڭ بىلەن سىرداش مۇڭداش بولالايسەن، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشالمىغان، ئۆزىنىڭ روھىيىتىنى قېزىپ چىقالمىغان ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتا ياشىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى نە؟!

 ئەدىبىياتقا بولغان ئىشتىياق مېنىڭ قازغۇچى قۇرالىمدۇر، ئۇ ئارقىلىق تەپەككۇرۇمنى قاناتلاندۇرۇپ، روھىيىتىمنى پاكىزلاپ، مەنىۋىيىتىمنى بېيىتىمەن ئېتىز بېشىدا، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى ئارىسىدا، تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىدا گاھىدا چۆكۈپ گاھىدا لەيلەپ ياشىماقتىمىز، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇنغان گۈزەل ئارزۇلىرىم ھېلىھەم تېپىچەكلەۋاتىدۇ بىر كۈنلەردە يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئەركىن دۇنيادا پەرۋاز قىلىش ئۈچۈن…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش