مېنىڭ ئايالىم، مېنىڭ خوشنام

مېنىڭ ئايالىم، مېنىڭ خوشنام مەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بىلەن توي قىلغانغا پۇشايمان قىلدىم ئەسلى تويدىن بۇرۇنلا ئىككىمىزنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، بىراق مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈشنى خالايتتىم، مانا بۇنىڭ ئۆزىنى مۇھەببەت دەپ ئويلاپتىمەن. مۇھەببەتنىڭ تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى ئالدىدا ئاستا-ئاستا غايىپ بولدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمايتتىم. مانا ھازىر كۈندۈزى ئەر-خوتۇن كېچىسى خوشنا بولۇپ ياشاۋاتىمىز. […]

ئەڭ قىيىن كۈنلەردە

ئەڭ قىيىن كۈنلەردە ھاياتنىڭ تاغ-داۋانلىرىدا ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلەپ مېڭىۋاتاتتىم، بىر كۈنى تۇيۇقسىز چوڭقۇر بىر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىمكى، نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن تەييارلىقىم بار ئىدى. چۈنكى، ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى سېنى ھەر ۋاقىت ھەيران قالدۇرۇپ قويىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقىسى شۇنچىلىك دەھشەتلىك ئىدىكى، شۇنچە يېشىمغىچە بۇنداق ئېغىر قىسمەتكە دۇچ كېلىپ باقمىغانىدىم. چۈشكەن يېرىمدىن […]

يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ

يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ دېگەن سۆزىنى ھەقىقەتەن ھېس قىلىۋاتىمەن. بەزىدە تۇرۇپلا يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىيدۇ، يۈرىكىمنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باققۇم كېلىدۇ، ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇراتتىم، بۈگۈن ھاۋا سوغۇق بولغاچ ھېچ ئىش قىلىش خوش ياقمايۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى، ئىشىكنى ئېچىۋېدىم، ئەللىك ياشلاردا بار بىر ئەر كىشى ئېغىزىنى ئۆمەللەيدۇيۇ گەپ چىقمايدۇ، چىراي-تۇرقىدىن، […]

بالىلىقتىكى ھېيىت خۇشاللىقلىرىم

بالىلىقتىكى ھېيىت خۇشاللىقلىرىم ھېيىت ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى ۋاقىتلار بولسىمۇ، لېكىن شۇ ھېيىتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بالىلاردىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ھېسسىياتلار خىيالىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى. بالىلىق دەۋرىمدىكى ھېيىت كېلىش ئالدىدىكى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز خۇشاللىقلارنى خىيال قىلىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەممە نەرسە ئەتىۋار بولۇپ، پۇلنىڭمۇ، كىيىم-كېچەكنىڭمۇ قىممىتى بار ئىدى. ھازىرقى بالىلارغا تەييارلاپ بەرگەندەك، باشتىن-ئاياغ بىر پۈتۈن كىيىم ئەپ بېرىدىغان ئىشلار نەدە، ئايىغىمىز كونىراپ […]

ھايات ۋە ساغلاملىق

ھايات ۋە ساغلاملىق ھايات ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل سوۋغىدۇر. بۇ گۈزەل سوۋغىنىڭ يارقىن نامايەندىسىنىڭ ئىنساننىڭ ساغلاملىقى ئىكەنلىكىنى بۇرۇن ھېس قىلىپ باقمىغاندەكلا، مۇشۇ ئىككى ئايدىن بېرى، سالامەتلىكىم بەكلا ناچار بولۇپ، كۈنلەپ كۆرپىدىن قوپماي ياتقاندا ئاندىن ھېس قىلدىم. خۇددى مەن مۇشۇ ياشقا كەلگىچە پەقەتلا ئاغرىپ قالمىغاندەك، بۇ قېتىمقى كېسەل مېنىڭ جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. […]

ئەبجەش خىياللار…

ئەبجەش خىياللار… ئادەم بەك كۆپ سورۇنلارغا بېرىشنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن، مۇشۇ مىجەزىم سەۋەبلىك، كۆڭلۈمدە ئۇنداق ئويلىمىساممۇ باشقىلارغا ئارلىشىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىمەن. مەن بىلەن دوست بولۇشنى ئويلاپ، ئارلىشىپ باققانلار مىجەزىمنىڭ ئۇنچىۋالا غەلىتە ئەمەسلىكىنى، خېلى چىقىشقاق ئىكەنلىكىمنى تېزلا بىلىۋالالايدۇ. لېكىن سەل ئىچ مىجەز، باشقىلارغا ئاسان سىر بەرمەيدىغان بۇ مىجەزىم مېنى شۇنداق كۆرسىتىپ قويىدىكەن. بۈگۈنمۇ ئۆزۈم […]

مېھىرلىك كۆڭۈللەر

مېھىرلىك كۆڭۈللەر بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشىم بولغاچ، ئاستا-ئاستا پېتىۋاتقان قۇياشقا قارىماي ئالدىراشلا ماڭدىم. كەچ كىرىپ قالغاچقا دوستۇمنىڭ ئۆيىدىمۇ ئۇزاق ئولتۇرمىدىم. سىرتقا چىقسام كۈن پېتىشقا ئون مىنۇتتەك ۋاقىت قاپتۇ. ئالدىراپلا كوچىنىڭ ئېغىزىغا چىقىشىمغىلا ئاپتۇبۇس بېكەتتە توختىدى. مەن ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن يولنى كېسىپ ئۆتۈپ بولغىچە، ئاپتۇبۇس قوزغىلىپ كېتىپ قالدى. ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن تېز بىر نەچچە […]

جەمئىي بەت:  1 2 3 4 كېيىنكى بەت