ھايات ۋە ساغلاملىق

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2014-07-22 04:38 1,357 8

ھايات ۋە ساغلاملىق

hayat

ھايات ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل سوۋغىدۇر. بۇ گۈزەل سوۋغىنىڭ يارقىن نامايەندىسىنىڭ ئىنساننىڭ ساغلاملىقى ئىكەنلىكىنى بۇرۇن ھېس قىلىپ باقمىغاندەكلا، مۇشۇ ئىككى ئايدىن بېرى، سالامەتلىكىم بەكلا ناچار بولۇپ، كۈنلەپ كۆرپىدىن قوپماي ياتقاندا ئاندىن ھېس قىلدىم. خۇددى مەن مۇشۇ ياشقا كەلگىچە پەقەتلا ئاغرىپ قالمىغاندەك، بۇ قېتىمقى كېسەل مېنىڭ جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. كۆرپە ئۈستىدە يېتىۋېتىپ، يەنە ئايىغى چىقماس خىياللارغا غەرىق بولدۇم، قىلىدىغانغا ئىش بولمىغاندىكىن، ئىش بولسىمۇ بەرىبىر بۇ كېسەلمەن ھالىتىم بىلەن قىلالمايمەندە،

ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بەختى زادى نېمە؟ دېگەن تېما ئۈستىدە ئويلاندىم. مېنىڭ بۇرۇنقى كۆز قارىشىم بويىچە، ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بەختى، ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغان غايە-نىشانىڭغا يېتىپ، ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرالىسىاڭ، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بولمايدۇ دەيىتتىم. بىراق بۇ قارىشىمدىن ھازىر بىراقلا ۋاز كەچتىم.

ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بەختى نېمە؟ دەپ سورىسا، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن توي قىلىپ، بەخىتلىك بىر ئائىلىگە ئىگە بولۇپ تىنىچ ياشاش، دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ھەر قانداق بىر ئادەم مەندىن بۇ سوئالنى سورىسا، مەن، ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بەختى، شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ ساق-سالامەت بولۇشى دەپ جاۋاب بېرىمەن.

ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بەختى نېمە؟ دەپ سورالغان بۇ سوئالغا، جىق پۇل تېپىپ راھەت ياشاش دەپ جاۋاب بېرىدىغان نادان كىشىلەرمۇ بار ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك پۇل بولمىسا ھېچ ئىشنى قىلغىلى بولمايدىغان، پۇل قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ قالغان دەۋىردە، پۇلنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. لېكىن، مىليونلاپ پۇلۇڭ بولۇپ كەتسۇن، تېنىڭ  ساغلام بولماي، كۆڭلۈڭ خۇشال، روھىڭ كۆتۈرەڭگۈ بولمايدىكەن، ئالدىڭدىكى توننىلاپ بايلىقىڭ شۇ كېسەلمەن ھالىتىڭدىكى بىر مىنۇت ۋاقتىڭنى خۇشال قىلىشىڭغا يارىمايدۇ. شۇ ۋاقىتتا پۇلنىڭ نەقەدەر قىممەتسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.

ھايات ھەقىقەتەن گۈزەل بىر سوۋغا، بۇ سوۋغىنى ھەر بىر ئاچقىنىڭدا ئۇنىڭدىن رەڭگارەڭ سوۋغىلار چىقىدۇ. ساڭا بېرىلگەن بۇ سوۋغىلارنى قەيەرگە ئىشلىتىش. ئۇنىڭ قىممىتىدىن قانداق پايدىلىنىش، سوۋغىنى ئاچقۇچىنىڭ قولىدا.

ھاياتىمىزنى شۇنداق بىر داۋاملاشتۇرايلىكى، باسقان ھەر بىر قەدىمىمىز ئۈچۈن ئەتە پۇشايمان قىلمايدىغان، كەينىمىزگە ھەر بىر قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئېچىنىش، ھەسرەت بىلەن ئەمەس، مەمنۇنلۇق، ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغان بولايلى!

ئاخىرىدا، بلوگىمنى دائىم يوقلاپ تۇرۇپ، مېنى ئىزدىگەن، ئەسلەپ تۇرغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمەن! خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نەفىسە 2014-07-24 04:02

    سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىپ قولىڭىزغا قايتىدىن قەلەم ئالغىنىڭىزدىن سۇيۇندۇم .

    جۇلالىق

    شىپالىق بېرىپ ساقىيىپ قالدىم، رەھمەت.

  •   #2  

    نەفىسە 2014-07-24 04:09

    سالامەتلىك ئىسانغا بېرىلگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغا .بۇ سوۋغىنى ياخشى قەدىرلىگەنلىك جەمىئەتكە ،ئۆزىگە ئەڭ ياخشى جاۋاپ قايتۇرغانلىق بۇلۇپ ھىساپلىندۇ .
    مەن ئېلخەت ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەنمەن .شۇڭا ئىككىمىز پىكىرلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ئىكەنمىز .بەزىدە سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرسەم مىنىڭ كۆڭلۇمدىكىنى يىزىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن .كۆز قاراشلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوخشىشىپ قالىدۇ .

    جۇلالىق

    كۈنلەردىن بىر كۈنى مۇڭدىشىشقا چوقۇم پۇرسەت چىقىدۇ، ما بىزنىڭ تەرەپلەردە ئېلخەت ئېچىلغاندا، سىزگە ئېلخەت ئىشلىتىشنى ئۈگۈتۈپ قوياي، ئېلخەتمۇ چ چ دىن قولايلىق، ئۇ چاغدا دائىم مۇڭدىشىپ تۇرالايمىز.
    كۆز قارىشى ئوخشاش پىكىرداشنى تاپماق بەكلا تەس، سىزدەك بىر پىكىردىشىمنىڭ بولغىنىدىن بەكمۇ خۇرسەنمەن.

  •   #3  

    ھايات 2014-08-04 06:34

    سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگىندىن تۇلىمۇ خۇش بولدۇم .
    سىز دىگەندەك ئادەمنىڭ تەن ساقلىقى ھەقىقەتەن بەخىت ، مەنمۇ بۇ نوختىنى چۈشۈنۈپ يەتكىلى تىخى ئۇزۇن بولمىدى .

    بىزلەردە بىر ئىشقا سەل قارايدىغان ھالەت تۇغۇلما كىسەل ئوخشايدۇ . بىز بۇ كىسەلدىن ساقايمىغۇچە ئەڭ ئاددى كىسەللىرىمىزمۇ بىر كۈنى جىددى قۇتقۇزۇش كارۋىتىغا سۈرەپ چىقىدىكەن . بىز بۇ كىسەلگە جىددى تەبىر قوللانمىساق بولمايدىكەن .

    سالامەتلىك سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن !

    جۇلالىق

    سالامەتلىكىمگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    سىز دەپ ئۆتكەندەك، بىر ئىشلارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش بىزنىڭ خارەكتىرىمىزدە ئانچە يېتىلمىگەن بولسا كېرەك، ئاخىرى بېرىپ پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچىمۇ تاپالمايدىكەنمىز.
    سىزگىمۇ تىن سالامەتلىك تىلەيمەن!

  •   #4  

    نىلائاي 2014-08-14 01:29

    بەندە بېشىغا كەلگەن ھەر خىل قىسمەتلەردىن ساۋاق ئېلىپ پىشىپ يېتىلىدۇ، ئەلۋەتتە ساق–سالامەت ۋاقتىمىزدا بۇ تەننىڭمۇ بىزگە ئامانەتلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز، پەقەت مۇشۇنداق بىرەر ئاغرىق قوقاق سالغاندىلا مەنزىللەرگە ساغلام تەنسىز يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىمىز.
    كېسەل بىزنى تاپقاندا ئالدىمىزدىكى، كاللىمىزدىكى ھەممە نەرسە كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت ساقىيىپ قالسام ئەمدى ئۇنداق قىلىمەن، بۇنداق قىلمايمەن دەپ غايىۋانە ۋەدىلەر ئىچىدە ۋاقىت ئۆتكۈزىمىز، ئۆلۈم بىزگە يېقىنلاشقاندەك قىلغان–ئەتكەنلىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايمىز، خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن تۆۋبە قىلىمىز، قاچانلاردا كىملەرنىڭدۇ دىلىنى ئاغىرتىپ قويغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز، سىزنىڭ دىلىڭىزنى ئاغىرتقانلارنى كەچۈرۋېتىشكە تىرىشىسىز…..ئىشقىلىپ قېرىندىشىم بىر كېسەل بىزنىڭ نەچچە يىللىق ئۇيقىمىزنى ئېچىپ قويىدۇ.
    ئىنشا ساقىيىپ قاپسىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، يېقىنلىرىڭىز ئۈچۈن، ئائىلىدىكىرىڭىز ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىڭ…..ئۇلار سىزدىن يىراقلاپ كەتكەندە پۇشايمان قىلىپ قالماڭ!
    يېقىندا مىسىرانىم تورىنىڭ مەسئۇلى يوللىغان «بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ» نامىلىق سىن بىزگە بولۇپمۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى سىرداشلار ئۈچۈن كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك سىن ئىكەن.
    بېشىمىزنى كۆتۈرەيلى، ئەتتراپىمىزغا قارايلى!

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك، كېسەل بولغان ۋاقىتلاردا شۇنداق خىياللارنى قىلىدىكەنمىز. بىراق، شۇ ئېغىر كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن، ھېچ ئىش بولمىغاندەك پەرۋاسىز ياشايدىكەنمىز.
    بىزنى يەنىلا غەپلەت باسىدىكەن، كاللىمىزنى قاچان سىلكىۋېتىپ ئويغۇنالىشىمىز يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق ئىكەن.
    نىڭ شىپالىق بېرىشى بىلەن ساقىيىپ قالدىم، نىڭ بەرگەن بۇ نېئمىتىنى قەدىرلەيمەن.
    سىز تەۋسىيە قىلغان شۇ فىلىمنى چوقۇم كۆرىمەن.