شىياڭگاڭ ۋە ھىندىستان فىلىملىرى سېلىشتۇرمىلىرىدىن…

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2014-04-30 07:00 1,388 18

شىياڭگاڭ ۋە ھىندىستان فىلىملىرى سېلىشتۇرمىلىرىدىن…

1996-يىلى رەڭسىز تېلېۋىزورلاردا كىنو كۆرىدىغان ۋاقىتلار ئىدى، بىر كۈنى شىياڭگاڭ كۆپ قىسىملىق فىلىمى «يەڭگەن بەگ بولۇر، يېڭىلگەن خار» دېگەن فىلىمنى قويدى. بۇ فىلىمگە باشتا ئانچە قىزىقمىغان بولساممۇ، ئاخىرقى قىسىملىرىغا كەلگەندە خېلىلا قىزىقىپ قالدىم. بىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى بۇ يۇرتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بۇ فىلىمدىكى تەرەققىياتلار ئادەمنىڭ چۈشىدەكلا بىلىنەتتى. گەرچە كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ قىمارنى بەكلا يامان كۆرسەممۇ، لېكىن فىلىمدىكى قىمارۋازلارنىڭ قىمار تاختىسىدىكى ئۇستا ماھارەتلىرى، رول ئېلىشتىكى قابىلىيىتى مېنى قىزىقتۇراتتى. شۇنداق قىزىقىشلار بىلەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ تۈگەتتىم.

بۇ فىلىمنى مۇشۇ بىر بۆلۈم ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. ئىككى ئۈچ-ئايدىن كېيىن، نەۋرە ئاكام شەھەرنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئىككىنچى بۆلۈمىنى بەرگەنلىكىنى دەپ بەردى. بۇ فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە ئۇنچە بەك قىزىقمىغان بولساممۇ، ئىككىنچى بۆلۈمىنى شۇنچىلىك كۆرگۈم كەلدى، ئەپسۇس، بىزنىڭ بۇ يېزىدا سىملىق تېلېۋىزىيە بولمىغاچ كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى-ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكلىرىمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتىكەن. 1999-يىلى بۇ فىلىمنىڭ «تەڭداشسىز قىمارۋاز» دېگەن نامدا چىقىرىلغان تېلېۋىزىيەدە بەرگەن ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ پىلاستىنكىسىنى ئۈچرىتىپ قالدىم. دەرھال كۆرۈشكە باشلىدىم. كۆردۈميۇ بۇ فىلىم مېنى ئۆزىگە بەكلا قىزىقتۇرۇۋالدى. بۇ فىلىم ئەمەس، مۇشۇ فىلىمدىكى جاڭ شىرۇنىڭ ياراتقان ئوبرازى مېنى بۇ فىلىمغا ئالاھىدە ئامراق قىلىۋەتتى.

شۇنداق بىر ئادىتىم بار، بىرەر فىلىم كۆرسەم شۇ فىلىمدىكى مەلۇم بىر باش رولچىنىڭ ئوبرازى مېنى قىزىقتۇرالمىسا، بۇ فىلىمنى باشقىلار ماختاپ ئۇچۇرۋەتسىمۇ ئەسلا كۆرگۈم كەلمەيدۇ. مېنى قانچە قىزىقتۇرغان بىلەن بىكار. بىرەر باش رولچىنىڭ خاراكتىرى، شۇ فىلىمدە ياراتقان ئوبرازى مېنى قايىل قىلىپ، مەلۇم تەرەپلىرىگە قىزىقىپ قالدىممۇ، فىلىمنى قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈمەن. بۇ فىلىمنىمۇ نەچچە قېتىم كۆردۈم.

شۇ مەزگىللەر ھىندىستان فىلىملىرى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن مەزگىل بولۇپ، ھىندىستان فىلىملىرى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىپ، شارۇلخان شىنجاڭ قىزلىرىنىڭ چوقۇنىدىغان مەبۇدەسىگە ئايلانغانىدى. شارۇلخاننىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن جېنىنى بېرىشكە تەييار قىزلاردىنمۇ نەچچە ئونى بار ئىدى.

ھەر قېتىم ھىندىستان فىلىملىرىدىكى، ياخشى كۆرگەن يىگىتىنى دەپ، ئۆزىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ كۆز گۆھىرىدەك ئاسراپ، بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسىدىن بىردەمدە ۋاز كەچكەن، دادىسى قىزنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ياخشى كۆرگەن يىگىتى بىلەن ئارلىشىشىنى ياقتۇرماي، شۇ يىگىتكە بەزىبىر زىيانكەشلىكلەرنى قىلغانلىق سەۋەبىدىن، قىز بىردەمدە دادىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاتا-بالىلىقتىن كېچىپ، يىگىتىنىڭ يېنىغا كېتىۋاتقانلىقى، ھەمدە دادىسى يىگىتگە ناھەقچىلىك قىلىپ سالغان بولسا، يىگىت قىزنىڭ كۆز ئالدىدىلا دادىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇپ يەنە شۇ يىگىتنى ئەتىۋارلاپ كەينىدىن بەخىتلىك ياشايمەن دەپ، كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزۇپ قويماي كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەم، ئارۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۈچۈن بارچە نەرسىسىنى بېغىشلىغان ئوبرازى دەرھال كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.

بۇ فىلىم يەنىلا بىرىنچى بۆلۈمنىڭ داۋامى بولغان ۋەقەلەر بىلەن باشلىناتتى. جاڭ شىرۇنىڭ دادىسى جاڭ تىيەندىڭ قىمار ساھەسىنى كونتىرول قىلىۋاتقان كاتتىۋاشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، قىمار ساھەسىدە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن شىجىكاڭدىن پايدىلىنىۋاتقاندا، شىجىكاڭنىڭ ئايالى ئاخۇي بۇنى سېزىپ قالسا، جاڭ تىيەندىڭ ئاخۇينى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. جاڭ تىيەندىڭ بىلەن شىجىكاڭنىڭ زىددىيىتى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىناتتى.

ئارۇ دادىسىنىڭ قارا جەمئىيەتتىكى بىر كاتتىۋاش ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، دادىسىنى ئۇنداق ۋەھشىي، زوراۋان ئويلىمىغاچ، دادىسىنىڭ شىجىكاڭدىن پايدىلىنىپ بولۇپلا ئاخۇينى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى قۇبۇل قىلالماي، ئاخۇينى قۇتقۇزۇشقا تىرىشسىمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. شىجىكاڭنى بىر ئاماللارنى قىلىپ دادىسىنىڭ زىياكەشلىك قىلىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ. ئارۇ كىچىكىدىن ئۇستا قىمارۋاز دادىسىدىن قىمار ئويناشنى ئۆگۈنۈپ، قىمار ساھەسىدىكى ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئانچە-مۇنچە بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان پاك قەلبى، ناھەقچىلىكلەرگە چىدىمايدىغان قەيسەر، باتۇر قىز قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققانىدى.

ئۇ دەسلىۋىدە شىجىكاڭنى دادىسىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، كېيىن شىجىكاڭنى بارا-بارا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، شىجىكاڭمۇ بۇ جاسارەتلىك قەيسەر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئارۇ دادىسىنىڭ شىجىكاڭنىڭ رەقىبى بولالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەم شىجىكاڭنىڭ ئاخۇينىڭ قىساسىنى ئېلىپ جاڭ تىيەندىڭنى ئۆلتۈرمىگىچە بولدى قىلمايدىغانلىقىن بىلىپ، بىر تەرەپتىن شىجىكاڭنىڭ قىمار ساھەسىدە قايتىدىن باش كۆتۈرىشىگە ياردەم قىلىپ، دادىسى بىلەن شىجىكاڭنىڭ بۇ ئاداۋىتىنىڭ جېدەل-ماجراسىز تۈگىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن شىجىكاڭنى ئاستىرىتتىن ئادىمىگەرچىلىككە قەرىز قىلىپ، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى شىجىكاڭ جاڭ تىيەندىڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا، ئۇنىڭ شىجىكاڭغا قىلغان ياردىمىنىڭ يۈزىسىدىن دادىسىنى كەچۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن، نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ.

ھىندىستان فىلىملىرىدىكى بىزنىڭ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئۇقۇم بويىچە، ئارۇ بەكلا ئەخمەق، ئۇنىڭ دادىسى رەھىمسىز بىر زوراۋان بولغاندىكىن، ئارۇ شىجىكاڭنى ياخشى كۆرگەندىكىن، دادىسى بىلەن ئاتا-بالىلىقتىن تېنىپ يۈز ئۆرۈپلا شىجىكاڭ تەرەپكە ئۆتۈپ، ئاخىرىدا دادىسىنى بۇ دۇنيادىن يوقىتىپ، شىجىكاڭ بىلەن بەخىتلىك بىللە تۇرمۇش كەچۈرىشى كېرەك ئىدى.

ئەپسۇس، ئارۇ ئۇنداق قىلمىدى، ئۇ دادىسىنىڭ شىجىكاڭنىڭ ئالدىدىكى قەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى، چوڭ بولۇپ شۇ ياشقا كەلگىچە دادىسىدىن بىر كاچات يەپ باقمىغان قىز، دادىسىدىن تۇنجى قېتىم تاياق يېدى. بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ دادىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلىكىنى جاڭ تىيەندىڭ ئەسلا بىلمەيىتتى.

ھەتتا جاڭ تىيەندىڭ بىلەن شىجىكاڭ ھايات-ماماتلىق قىمار ئويناپ، شىجىكاڭ جاڭ تىيەندىڭنى يېڭىۋالغان شۇ ھالقىلىق پەيىتتىمۇ، ئارۇ شىجىكاڭدىن ئۇنىڭ شىجىكاڭغا قىلغان ياردىمىنىڭ يۈزىسىدىن دادىسىنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋېلىشىنى، بىزنىڭ بۇ رېئاللىقتىن چەتنەپ، خىيالىي دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ئىدىيەلىرىمىز ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ. بىزچە بولسا، جاڭ تىيەندىڭ ئوچۇق-ئاشكارا شىجىكاڭغا يېڭىلىپ قالغاندىكىن، ئارۇ شىجىكاڭنى دادىسىنى ئۆلتۈرگىلى قويسا بولاتتى، دادىسى ئارۇدىن ھەرگىز ئاغرىنمايىتتى. چۈنكى ئارۇ ئاللىبۇرۇن شىجىكاڭغا ياردەم بېرىشنى توختاتقانىدى. جاڭ تىيەندىڭ ئارۇ شىجىكاڭدىن دادىسىنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنگەن شۇ پەيىتتە جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان قىزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەت شۇنچىلىك چوڭقۇر رىشتە بىلەن باغلانغان، بۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان رىشتىنىڭ ئۇنداق ئاددىي ئىشلارغا ئۈزۈلۈپ كېتىشى بۇ ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەنلىك، ئەخمىقانىلەرچە ئىش، خىيالپەرەسلىككە بەكلا بېرىلىپ كەتكەنلىك.

شىجىكاڭ جاڭ تىيەندىڭنى ئۆلتۈرمىگەندىكىن كېيىن، جاڭ تىيەندىڭ 30 يىل بۇرۇنقى دۈشمىنى تۇتىيەنلوڭ تەرىپىدىن خارلىنىۋېرىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، ئارۇ تۇتىيەنلوڭدىن دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىجىكاڭدىن پايدىلىنىدۇ. ئارۇ يەنە بىر قېتىملىق ئەخمەقلىق قىلدى، ئۇنىڭ بۇ ئەخمەقلىقى ئۇنى شىجىكاڭدىن مەھرۇم قىلىپ قويدى. مانا بۇ يەنىلا بىزنىڭ رېئاللىقتىن چەتنىگەن خىياللىرىمىزدىكى ئوي-پىكىرلەر.

جاڭ تىيەندىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك جاجىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئارۇ شىجىكاڭ بىلەن يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپ ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشى كېرەكتى، قىساس ئالىمەن دەپ مۇشۇ يولدا مېڭىشى ئادەمنىڭ كاللىسىدىن زادى ئۆتمەيىتتى.

لېكىن، ئارۇنىڭ دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن جاپالارنى چېكىپ ئاخىرىدا دادىسىنىڭ قىساسىنى ئالغانلىقى مېنىڭ كاللامدىن ئۆتىدۇ. ئارۇنىڭ شۇ قەيسەرلىكىگە، دادىسىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىگە قول قويىمەن، ئۇنىڭغا بەكلا قايىل بولىمەن.

شۇنداق قىلىپ، ئارۇ شىجىكاڭدىن پايدىلانغانلىق ھەم نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەر ئىككەيلەن ئۆز يولىغا ماڭدى. شىجىكاڭ ئارۇنىڭ ساپ مۇھەببىتىگە بىر ئۆمۈر قەرىزدار.

يېقىندا مەن ئامراق بۇ نادىر فىلىم سۈزۈكىگە قايتا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، فىلىمنى ھېرىسمەنلىك بىلەن قايتىدىن نەچچە قېتىم كۆردۈم.

شۇنچە يىللاردىن بېرى نۇرغۇن كىنولارنى كۆردۈم. ھەر خىل ئوبرازلارنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە قايىل بولدۇم، لېكىن ھېچقانداق بىر ئوبراز، ئارۇنىڭ ئوبرازىدەك مېنى قايىل قىلالمىدى، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قايىل قىلالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئارۇنىڭ ئوبرازى دادىسى ئۈچۈن بارچە نەرسىسىنى قۇربان قىلالىغان، ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ قورقمىغان، ئۆزىنىڭ بارلىغىنى بېغىشلىيالىغان ئوبراز ئىدى.

گەرچە بۇ توقۇلما ۋەقەلىك بولسىمۇ، ئەشۇنداق توقۇلما ۋەقەلىكلەردىكى مەلۇم شەخىسلەرنىڭ ئوبرازى سېنىڭ ھاياتىڭغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ، بەلكىم شۇ فىلىملەرنىڭ ۋەقەلىكلىرى توقۇلما بولسىمۇ، شۇ فىلىمدىكى قەيسەرلىك بىلەن رول ئالغان ئادەمنىڭ ئەمەلىي ھاياتتا رېئال ئادەم بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ھەم بىر ئادەمنىڭ بىر فىلىمدىن ئالغان تەسىراتى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر فىلىمنى كۆڭۈل خوشى ئورنىدا كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر شۇ فىلىمدىن ئۆزىگە مەلۇم دەرىجىدە روھىي ئۇزۇقلارنى ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە، شۇ فىلىملەردىن ئۆچمەس ئىزنالار قالىدۇ.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 18 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2014-05-07 10:36

    تىنچلىقمۇ، ئىنىم، مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن قا شۈكرى، ئۆزىڭىزچۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
    ئەسەرلىرىمنى شۇنچە ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كەلگىنىڭىزدىن بەكلا خۇشال بولدۇم، ھەر نېمە بولسا سىزدەك قىزغىن ئوقۇرمىنىم باركەن.
    بۇرۇندىن رېئالللىقتىكى ئىشلارنى يېزىشىنى ياقتۇرىمەن، ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى، ئەمەلىي ھاياتقا يېقىن بولغاچقىمۇ ئوقۇرمەنلىرىمگىمۇ ياقىدىكەن. سىزلەر ئەسەرلەرنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇپ، ئازراق ئۇزۇق ئالالىساڭلار ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولماس.
    مەن گېپىنى قىلغان شىياڭگاڭنىڭ بۇ فىلىمىنى 85-يىلدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغانلار تېخى ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچ، كۆرۈش پۇرسىتى بولمايدۇ ھەقىچان.
    ئېسىل، نادىر فىلىم بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ، كۆرۈپ قويۇڭ.
    سىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، مەنمۇ ئەينى يىللىرى رەڭسىز تېلېۋىزورلارنىڭ ئالدىدا ئاكا-ھەدىلىرىم بىلەن شۇ كىنولارنى بېرىلىپ كۆرۈپ كېتەتتۇق. كىنونىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى بولسا، بىر-برىمىزنى ئىتتىرىشىپ دېگەندەك 14 دىيوملۇق تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ كېتەتتۇق، بەكلا گۈزەل ئەسلىمىلەر…
    خالىسا، تېنىچ-ئامانلىق بولسىلا يېزىقچىلىقنى توختاتمايمەن.
    كاتتا يازغۇچى بولۇشتىن ھەرگىز تامايىم يوق، سىلەردەك سۆھبەتداشلىرىم بولسىلا بولدى.
    سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن!

  •   #2  

    جۇلالىق 2014-05-08 03:26

    تىنچلىقمۇ،
    كۆرگۈچىلىكى بار ئېسىل فىلىم، بەلكىم ماڭا شۇنداق ئېسىل بىلىنگەن بولۇشى مۇمكىن، ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ؟!

  •   #3  

    قاسىمجان 2014-07-14 05:38

    ئاساسىي جەھەتتىن كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆز قارشى سىز بىلەن ئوخشاش، خۇددى سۇمۇكۇڭنى ھەر كۆرسە كۆرگىسى كەلگەندەك بۇ قىماۋازلارنىمۇ كۆرگىسى كېلىدۇ، كونا تەرجىمە فىلىملەر ھەقىقەتەن كۆرگىچىلىكى بار، ھازىرقى فىلىملەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇممۇ كەلمەيدۇ.

    جۇلالىق

    نېمىشقىدۇر كونا فىلىملەردە بىر خىل سېھرىي كۈچ باردەكلا، ئادەمنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ. يا زامان تەرەققىي قىلغانسېرى بىزلەر كونىلىققا ئامراق بولۇپ قالدۇقمۇ تاڭ!

  •   #4  

    نىلائاي 2014-07-18 09:55

    يازما يوقمۇ ياكى تۇرالغۇغا كىرمەيۋاتامسىز، بەك تاشلىنىپ قاپتۇيا بۇ يەر…
    يوقۇلۇپ كېتىپ ۋەھشى ئەسەردىن بىرنى يوللىماقچىمۇ يا ھې ھې ھې چاخچاق جۇمۇ

    جۇلالىق

    ئىككى ئايدىن بېرى سالامەتلىكىم ياخشى بولماي، يازما يېزىشقا رايىم يوق، بلوگ تاشلىنىپ قالدى. ئەمدى خالىسا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

  •   #5  

    نەفىسە 2014-07-18 15:40

    ياخشىمۇ سىز .ئۇزاق بولدى يېڭى يازمىلىرىڭىزنى كۇرەلمىدىم .سالامەت بولسىڭىز چ چ دا پاراڭلاشساق بوپتىكەن .

    جۇلالىق

    ياخشى سىڭلىم، قا شۈكرى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
    ئىككى ئايدىن بېرى سالامەتلىكىم ياخشى بولماي، يازما يېزىشقا رايىم يوق، بلوگ تاشلىنىپ قالدى. شۇڭا يېڭى يازما يوللىمىدىم. ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم. مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە يېڭى يازما يوللايمەن.
    مەندىن ئەنسىرىگەن سىزدەك يېقىن دوستلىرىمغا كۆپلەپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!
    ئۇزاق زامان بوپتۇ مۇشۇ چ چ نى ئىشلەتمىگىلى، خالىسىڭىز ئېلخەت ئادرېسىمغا خەت قالدۇرۇڭ. ھازىرغۇ ئېلخەت بىزنىڭ ما تەرەپلەردە ئېچىلمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئېلخەت ئېچىلغاندا پاراڭلىشىپ تۇرىمىز.
    julaliq@163.com

  •   #6  

    ھايات 2014-07-20 22:55

    يىڭى مەزمۇنلىرىڭىزنى ھەقىقەتەن سىغىندۇق…

    جۇلالىق

    ئەمدى يېڭى-يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ تۇرىسىز، رەھمەت.

  •   #7  

    مەمەتجان 2014-09-13 21:26

    سىز ماختىغان شىجىكاڭنىڭ كىنوسىنى مانمۇ بىر كۈرەي دىگەن لىكىن توردىن ئزلىسەم تۇلۇق يوقكەن 1.بۈلۈم 10 قىسىم يوق 2.بۈلۈم23 كىچە با ئاخىرى يوقكەن ماڭا يوللاپ بىرەمسىز مەنمۇ كۈرەي دىگەن

    جۇلالىق

    مەن بۇ فىلىمنى تەرجىمە فىلىم تورىدىن ھەقلىق سېتىۋالغان ئىدىم. باشقىلارنىڭ ھەقلىق تېمىسىنى سىزگە يوللاپ بەرسەم ياخشى بولماس، تەرجىمە فىلىم تورىغا ئەزا بولۇپ شۇ يەردىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  •   #8  

    دون_ئەپەندى 2014-09-18 23:40

    بلوگىڭىزنى بۇرۇن يۈتتۈرۈپ قويۇپتىكەنمە،
    ئەمدى چۆنتىكىمگە ئوبدانراق سېلىۋالاي.
    يەنە چۈشۈپ قالسا تاپالماي قالماي

    جۇلالىق

    بلوگىمنى تاپماق ئۇنچىمۇ تەس ئەمەس ئىدى، نېمە بوپ يۈتتۈرۈپ قويغان بولغىيدىڭىز؟ ئەمدى ياخشىراق ساقلاپ قويۇڭ.. پات-پات كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

    دون_ئەپەندى

    ئانچە ئۇزۇن بولمىدىغۇ دەيمەن،
    بۇرۇن كىرىپ ئىنكاس يازمىساممۇ مۇزىكىللىرىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى،
    كېيىن ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن،ئىزدەپ تاپالمىغانتىم
    بۈگۈن قۇتيارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ لوگو چىكىپ ئۇچراپ قالدى.

    قويغۇچتىكى مۇزىكىلارنى قەيەردىن تاپىدىغانسىز ھە ؟
    بەكلا مۇڭلۇق ئىكەن….
    قارىسام ئەدەبىياتقا پىششىق ئىكەنسىز ،
    يازمىللىرىڭىزدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ…….
    ھارمىغايسىز………..

    جۇلالىق

    بۇندىن كېيىن دائىم كىرىپ تۇرۇڭ، پىكىرلىشىپ تۇرىمىز.
    ئوڭ-تەتۇر توۋلاپ ئېيتقان ناخشىلاردىن بەكرەك مۇزىكىنى ياقتۇرىمەن، ئادەمگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلىتىدۇ، پىكىرلىرىڭنى بىر يەرگە يىغىشىڭغا ياردىمى بولىدۇ.
    ئەدەبىياتقا ئۇنچە پىششىقمۇ ئەمەس، پەقەتلا بىر ھەۋەسكار خالاس.

  •   #9  

    دون_ئەپەندى 2014-09-19 09:52

    قۇتيار ئاق بۈركۈتلەردە تولىراق ئۇچرىتىپ قويىمەن سىزنى
    كونا فىلىم مەستانىسى ئىكەنسىز،
    جۇمۇ

    جۇلالىق

    مەن تەرجىمە فىلىم ۋە سۈزۈك فىلىم بەتلىرىدە ئاساسلىقى بار. نېمىشقىدۇر كونا فىلىملەر ئادەمگە باشقىچە بىلىم بېرىدۇ، ئالاھىدە بىر تۇيغۇ بار، بۇنداق تۇيغۇنى يېڭى چىققان فىلىملەردىن قاچە ئىزدىسەممۇ تاپالمايدىكەنمەن.