سىنبا، موگىلى، تارزان …

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2014-03-29 23:53 1,487 9

سىنبا، موگىلى، تارزان…

كىچىكلىكىمدىن تارتىپ كارتون كۆرۈشكە بەكلا ئامراقمەن، ئەينى يىللىرى رەڭسىز تېلېۋىزورلارنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ cctv-1 قانىلىدا بېرىدىغان سائەت 3.25 ئۆتكەندە ۋە 4.5 مىنۇت ئۆتكەندە باشلايدىغان كارتونلىرىنى ۋاقتى سائىتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي كۆرەتتىم.

1996-يىللىرى قانچىنچى ئاي ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. ئىتالىيە كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «شىر پادىشاھ»نى قويدى. ئۇ ۋاقىتلاردا قولۇمدا سانلىق 5-6 كوي ئالىدىغان بىر سائىتىم بار ئىدى. سائىتىمنىڭ ۋاقتىنى تېلېۋىزورنىڭ ۋاقتىغا توغرىلىۋالغانىدىم، كارتوننىڭ بىرەر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويماي كۆرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتىم. كارتوننىڭ تىلى گەرچە خەنچە بولسىمۇ، سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ۋەقەلىكلىرىنى چۈشۈنەتتىم. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ 52 قىسىملىق كارتوننىڭ بىرەر قىسمىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي كۆرۈپ تۈگەتتىم. مۇشۇ كارتوننى باشلايدىغان ۋاقىتتا ئۆيدىكىلەر ئىشقا بۇيرۇسا ئاللىقانداق باھانىلەرنى كۆرسۈتۈپ، دەرھال تېلېۋىزور ئالدىغا بېرىۋالاتتىم، ئانامدىن نەچچە قېتىم تىلمۇ ئاڭلىغانىدىم. كارتونمۇ تۈگىدى، لېكىن كۆڭلۈمدە بىر ئارزۇ قېلىپ قالدى. يەنى بۇ كارتوننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسا، گەپ-سۆزلىرىنى چۈشۈنۈپ ئولتۇرۇپ بىر ھوزۇرىنى سۈرۈۋالسام دەپ بەكلا ئارزۇ قىلدىم، بۇ ئارزۇيۇممۇ ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كارتوننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدى. يەنە كارتوننىڭ بىر قىسمىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي كۆرۈپ تۈگەتتىم. كارتوننى كۆرۈپ بولغاندىكى ھېسياتىم بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايىتتى. بۇرۇن گېپىنى چۈشەنمەي كۆرگەندىم، ھازىر بولسا ۋەقەلىكلىرىنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە تەپسىلىي چۈشۈنۈپ كۆردۈم.

مېنىڭ تەبىئىتىمدە بۇ قىزىقىش ئەزەلدىن بار ئوخشايدۇ، يېشىلىققا بەكلا ئامراق ئىدىم، بولۇپمۇ ياپ-يېشىل ئورمانلىقلاردا سەكرەپ-تاقلاپ ئويناشنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، تولىمۇ ئەپسۇس، بىزنىڭ تەكلىماكان باغرىنىڭ چېتىدىكى بۇ يۇرتتا ئۇنداق بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. يېشىللىقلارغا بولغان قىزىقىشىمنى «شىر پادىشاھ» تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرۋەتتى، بەزىدە ئولتۇرۇپلا شۇنداق خىياللارغا چۆكۈپ كېتەتتىم. مەن ئافرىقىدىكى سىنبانىڭ كەڭرى كەتكەن ئورمانلىقىدا، سىنبا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن دەرەختىن-دەرەخكە سەكرەپ يۈرۈپ ئوينىماقتا ئىدىم. بۆرە ئانا بولسا، بىزنىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ بىرەر يېرىمىز زەخمىلىنىشتىن ئەنسىرەپ بىزنى قوغداپلا يۈرەتتى. خىياللار ئىلكىدىن چۈچۈپ ئويغانغىنىمدا بۇنىڭ ئەمەلىيەت ئەمەسلىكىنى بىلىپ، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولاتتى. بەكلا تاتلىق، شېرىن ئەسلىمىلەر…

1998-يىلى، يەنە شۇ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ cctv-1 قانىلىدا بىر كۈنى ياپونىيە كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «ئورمان ئوغلى موگىلى» دېگەن كارتوننى باشلىدى. بۇ كارتوننى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدىم، بۇ كارتوندىكى موگىلىنىڭ بۆرە ئانىسى، بۆرىلەر ئاتامانى، باگىرا، بارۇ، كارىل، يەنە سېپى ئۆزىدىن ئەسكى ئەبلەخ سىركون، سىتلان، مايمۇن قاتارلىق شەخىسلەر سىنبادىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىككىسى بىر كارتونمىكىن دەي دېسەم بۇ ئىككى كارتوننى ئىشلىگەن دۆلەتمۇ ئوخشىمايىتتى، لېكىن بەزىبىر ۋەقەلىكلەر، جەريانلار بەكلا ئوخشىشىپ كېتەتتى. سىنبانىڭ ئاتىسى سىركون تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سىنبا بۆرە ئانىنىڭ پەرۋىش قىلىشى ئاستىدا چوڭ بولاتتى. موگىلىمۇ ئاتا-ئانىسى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن بۆرە ئانىنىڭ پەرۋىش قىلىشى بىلەن ساغلام چوڭ بولغانىدى. نېمە دېگەن ئوخشاش ۋەقەلىكلەر؟

تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئىككى كارتوننى يازغۇچى سىنارىست بىرمىدۇ يا؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.

1999-يىلى كۈز مەزگىلى، يەنە شۇ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ cctv-1 قانىلىدا ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «ئورمان پادىشاھى تارزان» دېگەن كارتوننى قويدى، ئالدىنقى ئىككى كارتونغا ھەيران بولۇپ، كاللام گىچماچ سوئاللارغا تولۇپ تۇرغان بۇ كۈنلەردە، تارزاننىڭ كارتونىنى كۆرۈپ، كاللام تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. تارزاننىڭ بىرىنچى قىسمى قانداق باشلىنىدۇ؟ تارزان قانداق بولۇپ ئورمانلىققا كېلىپ قالىدۇ؟ بۇنىسى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ.

ھازىرقى بىر قىسىملىق تارزاننىڭ كارتونىنى ئۇ چاغلاردا تېخى ئىشلىمىگەنمۇ ۋە ياكى ئىشلىسىمۇ تېلېۋىزورلاردا بەرمىدىمۇ، بەرسىمۇ مەن كۆرمەي قالدىممۇ بىلمىدىم، بۇ بىر قىسىملىق كارتوننى ئوننەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا كۆرۈپتىمەن.

لېكىن تارزاننىڭ كۆپ قىسىملىق كارتونىنى خېلى يىللار ئىلگىرى كۆرگەنىدىم. بۇ كارتوندىمۇ تارزان يېقىن دوستى پىل ۋە ئورانگۇتانلار بىلەن كەڭرى ئورمانلىقتا نۇرغۇن خېيىم-خەتەرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ياشايدۇ، ھەمدە دوستلىرىنى نۇرغۇن مۈشكۈلچىلىكلەردىن قۇتقۇزۇپ ھەقىقى ئورمان پادىشاھلىق قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ ئورمانلىقتا تارزاننىڭ رەقىبى بارمۇ يوق بۇمۇ ئېسىمدە قالماپتۇ. مۇشۇ كارتوننى كېيىن توردىن خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ ھېچقانداق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدىم.

سىنبانىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغىنىنى دەيچىلەر سېتىپتىكەن، خۇشاللىقىمدا سېتىۋېلىپ قويۇپ باقسام 22 قىسىم كەم چىقىپ قالدى.شۇنداقتىمۇ بار قىسىملىرىنى پات-پات كۆرۈپ قويىمەن.بۇ كارتونغا ئامراقلىقىمدىن خەنزۇچە ئاۋازلىقىنىڭ ئانچە سۈزۈك ئەمەسنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويدۇم.

ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا موگىلىنىڭ كارتونىنى بىرتور بەتتىن ئەرەپچە ئاۋاز بەرگىنىنى چۈشۈرۈۋالدىمدە، قايىتىدىن بىر كۆرۈپ چىقتىم، غەمسىز بالىلىقمنىمۇ قايتىدىن ئەسلىدىم.

تارزاننىڭ كارتونىنى شۇ بىر كۆرگەنچە پەقەتلا كۆرۈش نېسىپ بولمىدى.

بۇ كارتونلارنىڭ بىرىنى ئىتالىيە، يەنە بىرىنى ياپونىيە، يەنە بىرسىنى ئامېرىكا ئىشلەپتىكەن. مۇشۇ ئۈچ كارتوننىڭ زادى باغلىنىشلىقى بارمۇ؟ ئۈچىلى پىرسوناژ ئورمانلىقنىڭ ئەركىن ياشايدىغان سەركىلىرىدىن، ئورمانلىقتا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ھەر بىرى مەقسەت-نىشانىغا يېتىپ، ئۆز مەنزىلگاھىدا ياشايدۇ.

تارىختا راستىنلا مۇشۇنداق بىر ۋەقەلىكلەر ئۆتكەنمۇ؟ يەنى ئىگە-چاقىسىز قالغان بىر بالىنى بۆرە ئانا بىلەن ئورانگۇتانلار بېقىپ چوڭ قىلغانمۇ؟ بۇ سوئاللىرىمغا ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىللە جاۋاپ تاپسام دەيمەن.

موگىلى ئەرەبچە ئاۋازلىقى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى:

http://www.cartoonarabi.com/category.php?cat=mawkli

موگىلى خەنزۇچە ئاۋازلىقى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى:

http://www.youku.com/playlist_show/id_3597604.html

موگىلى كىنو نۇسخىسى 1-قىسىم:

http://www.terjimefilim.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8102&highlight=%D8%A6%D9%88%D8%B1%D9%85%D8%A7%D9%86

موگىلى كىنو نۇسخىسى 2-قىسم:

http://www.momody.com/play/118731.html?vod-play-id-118731-sid-0-pid-0.html

تارزان ئىككى خىلدىكى تېلېۋىزىيە نۇسخىسى:

http://so.letv.com/s?wd=%E6%B3%B0%E5%B1%B1&from=pc&ref=click

تارزان كىنو نۇسخىسى:

http://v.baidu.com/v?ct=301989888&rn=20&pn=0&db=0&s=25&word=%E6%B3%B0%E5%B1%B1&ie=utf-8

سىنبا تېلېۋىزىيە نۇسخىسى:

http://v.baidu.com/comic/4801.htm?video_uri=comic.basic.001146.1378975506.0

سىنبا كونا تېلېۋىزىيە نۇسخىسى:

http://www.yunfan.com/show/ct/5594230356369753428.html?source=fengxing

سىنبا كىنو نۇسخىسى:

http://v.baidu.com/v?ct=301989888&rn=20&pn=0&db=0&s=25&word=%E7%8B%AE%E5%AD%90%E7%8E%8B&ie=utf-8

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 9 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    بەھرام 2014-04-03 06:15

    مەن تۇرانىمدىكى bahram،
    مىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قېتىۋېلىڭە ھەدە…
    http://bahram.cn

    جۇلالىق

    تونۇدۇم ئىنىم، سىزنى قوشۇۋالدىم.
    بلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭ، سىزنىڭ مەھەللىگىمۇ ئۆتىمەن.

  •   #2  

    بەھرام 2014-04-03 06:20

    bandariنىڭ مۇزىكىلىرىنى ياقتۇرىدىكەنسىز ھە….

    جۇلالىق

    ياقتۇرىمەنلا ئەمەس، بەكلا ئامراق دەڭە.

  •   #3  

    نەفىسە 2014-04-08 16:35

    مەنمۇ كارتون كۇرۇشكە ئامراق .ئورمان پادىشاھى دىگەن كارتوننمۇ كۇرگەن مىنىڭچە سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇچ كارتون فىلىمدىكى ۋەقەلىكنىڭ ئۇخشاپ قېلىشىدىكى سەۋەپ مىنىڭچە ئۇلارنىڭ يازغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ،گۇزەللىك، مۇھىت كۆز قارشى قاتارلىقلارغا بولغان تەلىپىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن بولغانمىكىن دەيمەن .بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم .بۇ بەلكىم تارىختا يۇز بەرگەن ياكى پەقەتلا بولمىغان يازغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدۇر .بىراق تور خەۋەرلىرىدە پات-پات ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ چۇڭقۇر مۇھاببىتى تەسۋىرلەنگەن خەۋەرلەرنى ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز .بىراق راسىت -يالغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ.ئىشقىلىپ مەنمۇ بەزىدە ئويلاپ قالىمەن .ھايۋانلارمۇ سۆزلىيەلىگەن بولسا بۇ دۇنيا ھازىرقىغا ئوخشاش بولارمۇ ؟…

    جۇلالىق

    ئورمان پادىشاھىنىڭ مەن كۆرگىنىنى شۇنچە ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىدىم.
    بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ھايۋانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا سۆزلىشىدىغان تىلى بارمىدۇ؟
    ھايۋانلار بىلەن بەكراق يېقىن ئۆتكەندە، ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنگەندەك ھېسياتقا كېلىپ قالىدىكەنسەن. يېقىندا مۇشۇ توغرىسىدا بىر يازمىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

  •   #4  

    جۇلالىق 2014-04-16 07:04

    تىنچلىقمۇ،
    كۆرۈپ قويۇڭ، ئېسىل كارتونلار.
    سىزنىڭ مەھەللىگىمۇ چوقۇم ئۆتىمەن.

  •   #5  

    رىۋايەت 2014-05-14 06:04

    مەنمۇ شۇنداق قىززىقىمەن بۇلۇپمۇ ، خاسپى ، تېۋىيگۇ …
    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بەك تەس تاپتىم تاشقى پىلانتتىن…

    جۇلالىق

    كارتوننى تاشقى پىلانىتتىن تېپىپ كەلمىگەنسىز؟