ھاياتىم بەئەينى بىر مۇز پارچىسى…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2023-04-17 17:42 385 0

ھاياتىم بەئەينى بىر مۇز پارچىسى…

ئەينى ۋاقىتلاردىكى مەن شۇنچىلىك شوخ، قەيسەر، جەسۇر ئىدىم قانچە دەرت-ئەلەملەرگە ئۇچراپ كېتەي قەددىم پۈكۈلۈپ قالمايىتتى، گۈل مەلىكە كەبى ئېغىزىمنى ئاچساملا كۈلكىلەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ئەتراپىمدىكىلەرگە خۇش ھىدىمنى چېچىپ تۇراتتىم، مەيلى قەيەرگە بارماي شۇ يەر مەن كەپسىزنىڭ قالايمىقان بىلجىرلاشلىرى بىلەن خۇشاللىققا چۆمەتتى، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چارچىدىم دۇنيا، رەھىمسىزلىكىڭدىن، قىسمەتلىرىڭدىن…

 يېڭى يىلنىڭ كېلىشىنى شۇنچىلىك زارىقىپ كۈتتۈم، يېڭى يىلدا يېڭىچە ئۆزگىرىشلەر بولۇشىنى ھاياتىمدىكى ئازاپلىرىمنىڭ ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىشىنى ئارزۇ قىلدىم، ئەپسۇس، دۇنيا رەھىمسىز، ئۇ سېنىڭ گۈزەل ئارمانلىرىڭغا باقمايدۇ ئۆز يولىدا كېتىۋېرىدۇ، سېنىڭ كېچىلەپ يىغلىغان يىغىلىرىڭغا ئېرىپ كەتمەيدۇ، ھاياتىم بەئەينى ئېرىمەس بىر مۇز پارچىسىدۇر، يۈرىكىمدىكى پىلىلداپ ئۆچەي دەپ قالغان كىچىككىنە چوغنى يالقۇنجىتماق بولدۇم، ھالسىرىغان مەن بارچە كۈچۈمنى يىغىپ شۇ مۇز پارچىسىنى قولۇمغا ئالدىمدە مۇز پارچىسىنىڭ يۈزىدىكى غۇۋا سىمايىمغا قارىماقتىمەن، كۆزلىرىدە نە كۈلكە، نە خۇشاللىق يوق سۇلغۇن چىراي بىر قىز تۇراتتى، قوللۇرۇم سوغۇقتىن كۆكۈرۈشكە باشلىدى قولۇمدا نېمە بارلىقىنى ھېس قىلالمىغىدەك دەرىجىدە توڭلىدىكى مۇز پارچىسىنى تېخىمۇ چىڭ سىقىمدىماقتىمەن…

نەچچە تامچە ئېرىپ يەرگە چۈشتى، چۈشتىيۇ بىردەمدە قىروۋغا ئايلىنىپ مۇزلاپ كەتتى. ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈد يۈرىكىمدىكى كىچىككىنە چوغ ئىدى، ئۇنى يۈرىكىمگە مەھكەم باستىم پۈتۈن بەدىنىم ئاستا-ئاستا توڭلاۋاتاتتى ھالسىزلىنىپ بايا ئېرىگەن تامچىلارنىڭ ئۈستىگىلا يىقىلدىم، قوللۇرۇمدا چىڭ تۇتۇۋالغان مۇز پارچىسى، كۆزلىرىم كۆپكۆك ئاسمانغا تىكىلگەنىدى…

ئەنە، مۇز پارچىسىغا قۇشلارنىڭكىدەك ئاپئاق ئىككى قانات چىقپتۇ مېنى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ كۆك ئاسمانغا ئۆرلىمەكتە، مېنى توڭلىتىۋەتمەكچى بولغان، ئارزۇلىرىمنى كۆپۈككە ئايلاندۇرماقچى بولغان مۇز پارچىسى مېنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتمەكچى، بەكمۇ يىراققا غەم-ئەندىشىمۇ يوق، ئازاپمۇ يوق يىراقلارغا بىرلىكتە ئۇچماقتىمىز، مەنزىلىمىز بەكلا يىراقتا…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش