مېنىڭ ئايالىم، مېنىڭ خوشنام

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2019-10-16 12:06 6,515 3

مېنىڭ ئايالىم، مېنىڭ خوشنام

yurek

مەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بىلەن توي قىلغانغا پۇشايمان قىلدىم
ئەسلى تويدىن بۇرۇنلا ئىككىمىزنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، بىراق مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈشنى خالايتتىم، مانا بۇنىڭ ئۆزىنى مۇھەببەت دەپ ئويلاپتىمەن. مۇھەببەتنىڭ تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى ئالدىدا ئاستا-ئاستا غايىپ بولدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمايتتىم. مانا ھازىر كۈندۈزى ئەر-خوتۇن كېچىسى خوشنا بولۇپ ياشاۋاتىمىز.
توي قىلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان دوستۇمنىڭ بۇ گەپلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ ئېرى بىلەن نەچچە يىل مۇھەببەتلەشكەن، ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرغىنىغا ئۇنىماي مىڭ بىر جاپادا توي قىلغانىدى. ئۇنىڭ بۇنچە تېز پۇشايمان قىلىشىنى ھېچقايسىمىز ئويلاپ باقمىغانىدۇق. دوستۇمنىڭ بۇ گېپى ماڭا تېخى يېقىندىلا كۆرگەن مۇنداق بىر سانلىق مەلۇماتنى ئەسلەتتى. يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «2017-يىللىق ئاجرىشىش ماجىراسى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئاجرىشىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن چىقىرىلغان خۇلاسە خۇددى دوستۇمنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققانىدى.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئاجرىشىشنى ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەر تەرەپ ئەمەس، ئايال تەرەپ ئىكەن. تەكشۈرگەن دېلولارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغىنى 73 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئېرى ئاجرىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ئۈچتىن بىر قىسىمغىمۇ يەتمەيدىكەن. يەنە كېلىپ، بۇرۇنقىدەك نەچچە يىل چىداش، ئامال بولمىغاندا ئاندىن ئاجرىشىش ئەمەس. تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئاجرىشىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قالغان. ئاجرىشىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئاشنا تۇتۇش، تالاغا قاراپ قېلىش ياكى ئائىلە زوراۋانلىقى بولماستىن، «ھېسياتتا كېلىشەلمەسلىك» سەۋەبىدىن ئاجرىشىش نىسبىتى 77 پىرسەنتكە يەتكەن. دېمەك، ئاجراشماقچى بولغان ھەر ئون جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە يەتتە جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ھېسسىياتىدىن چاتاق چىققان. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئايالنى ئايرىغان ھەقىقى سەۋەب كۆپ ھاللاردا سىرتتىكى ئېزىقتۇرۇش ئەمەس، رەھىمسىز رېئاللىقمۇ ئەمەس، بەلكى ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى ئىنچىكە نۇقتىلاردۇر.
ئەر-ئاياللار قانداقسىگە «خوشنا» بولۇپ قالدى؟
بەزىلەر توي قىلىشتىن بۇرۇن «مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن توي قىلسام بولارمۇ ياكى مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەنمۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى: گېپىڭىز بىر يەردىن چىقىدىغان، پاراڭلاشساڭلار گېپىڭىز تۈگىمەيدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىڭ!
تويدىن بۇرۇن بىر-بىرى ئۈچۈن ئۆلۈپ بەرگۈدەك بولۇپ توي قىلغان ئەر-ئاياللار تويدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتتا كېلىشەلمەي قالىدۇ؟ بەلكىم مۇھەببەتنىڭ لەززىتى بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەن بىزلەر ئوتۇن، گۈرۈچ، ياغ، تۇزلارنىڭ غېمىدە دەسلەپكى قىزغىنلىقىمىزنى ئاستا-ئاستا يوقاتقاندىمىز، بارا-بارا بىر-بىرىمىزگە دەيدىغان گېپىمىز قالمىغاندۇ. ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا «سىزنىڭ گېپىڭىزنى مېنىڭ ئاڭلىغۇم يوق، مېنىڭ گېپىمنى سىز چۈشەنمەيسىز» دەيدىغان روھىي ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. مانا بۇ تويدىن بۇرۇن ئوتتەك ھېسسىيات بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەن بىر جۈپلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا «ھېسسىياتتا كېلىشەلمىدۇق» دەپ ئاجرىشىش شوئارىنى توۋلىشىدىكى سەۋەب.
«شادلىققا مەدھىيە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ، چۈي شيۇشيۇ، جاۋ دوختۇر، ئەندى ۋە ۋېي ۋېي قاتارلىق تۆتەيلەن بىللە قارتا ئوينايدۇ. ئارلىقتا ئەندى ۋېي ۋېيگە چاخچاق قىلىپ: «سۆيۈملۈك مەكېبەي خانىم، سىزنىڭ ئىككى قولىڭىزمۇ بوش ئەمەس» دەيدۇ.
مەكېبەي خانىم شېكىسپىرنىڭ 4 چوڭ تراگېدىيە ئەسىرىنىڭ بىر «مەكېبەي» دىكى پېرسوناژ بولۇپ، زەھەرخەندىلىكى بىلەن داڭلىق ئىدى. ئەندى ئەسلى ۋېي ۋېينىڭ قارت ئويناشتا يامانلىقىنى مەكېبەيگە ئوخشاتقانىدى. پۈتۈن شىرەدە پەقەت چۈ شيۇشيۇلا بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇ ئەكسىچە ۋېي ۋېينى ئايال كىشىگە ئوخشاتتى دەپ ئويلاپ: «سىز ھەمجىنىس ئوخشىمامسىز؟ ئۇنتۇپ قالماڭ، سىز ۋېي خوجايىننىڭ خانىمى جۇمۇ» دېدى. ئۇ گەپنى دەپ بولۇشىغىلا پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ. چۈ شيۇشيۇنىڭ مۇھەببىتى جاۋ دوختۇر بولسا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالىدۇ. كېيىن چۈ شيۇشيۇدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئوخشاش بىر ھېسسىيات قاتلىمىدا ئەمەس ئىدى.
گېپىڭىزنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم بىلەن بىللە ئۆتۈش ناھايىتى جاپالىق بىر ئىش. سىلەر بىرلىكتە ساياھەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىڭلار: سىز خۇشال-خۇرام ھالدا ياۋرۇپاغا بارايلى، ۋىزا ئىلتىماس قىلىش بەك قولايلىق ئىكەن، بىز بىراقلا فىرانسىيەگە، گېرمانىيەگە، شېۋىتسارىيەگە بارالايمىز…..دەۋاتسىڭىز، ئۇ تۇيۇقسىزلا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش دېگەن قانداق ئىش دېسە، «زەھەرنى كۆرۈپ كېلەيلى، مەنىۋىي كىنولىرى بەك ياخشى دېسىڭىز، ئۇ «زەھەر» بىلەن مەنىۋىينىڭ نېمە مۇناسىۋېتى بار؟ دېسە… بۇ چاغدىكى تۇيغۇڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ!
ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىيات ۋە بىلىش قاتلىمى بىر سەۋىيەدە بولمىسا راستتىنلا بىللە ياشاپ بولغىلى بولمايدۇ. بىرنى چۈشەنمىسە سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئوننى، يىگىرمىنى، ئوتتۇزنى چۈشەنمىسە سىز ھەر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بولالامسىز؟ بۇنداق ھېسسىيات ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ توغرا-خاتا دەپ ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ. پەقەت سىلەرنىڭ بىلىش قاتلىمىڭلار بىر قاتلامدا ئەمەس. قىزىقىش پەرقىڭلار بەك چوڭ بولۇپ كەتسە خۇددى ئىككى پاراللېل سىزىققا ئوخشاش، قانچە تىرىشساڭلارمۇ بىر نۇقتىغا كېلەلمەيسىلەر. چۈنكى ئىككى پاراللېل سىزىق مەڭگۈ كېسىشمەيدۇ. «پاراڭلىشىش» دېگەن بۇ ئىشقا سەل قارىماڭ. ئەتراپىمىزدا قانچىلىغان ئەر-ئاياللار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىناق ئەر-خوتۇن، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە خوشنا بولۇپ ياشاۋاتىدۇ؟ قانچىلىغان ئەر-خوتۇنلار مانا مۇشۇنداق «پاراڭلىشالماسلىق» سەۋەبلىك ئەڭ ناتونۇش كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالدى؟ سىز ئۇنى 1000 يۈئەنلىك «تۇراندۇ» ئوپېراسى ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلسىڭىز، ئۇ توردا كۆرۈنمە چاستوتا كۆرسەكمۇ بولىدۇ، شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەشنىڭ نېمە ھاجىتى دەيدۇ. سىلەر بىللە تاغقا ياماشقىلى چىقىپ قايتقاندا، نېمىدېگەن گۈزەل دېسىڭىز، ئۇ «شۇنداق، سەھرا ئارامگاھىدىكى يېمەكلىك ھەقىقەتەن يېيىشلىككەن» دەيدۇ. بەزىدە سىز سۆزلەپ-سۆزلەپ ھېرىپ قالىسىز، ئاخىرى سۆزلىگۈڭىزمۇ كەلمەيدۇ. چۈنكى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ بولسىز-دە، سۆزلەش نىيىتىڭىزدىنمۇ ۋاز كېچىسىز.
ئائىلە تۇرمۇشىدا بىر مۇشۇنداق ھاياجانلىرىمىزنى ئورتاقلىشالايدىغان، ئىنتايىن ئەرزىمەس ئۇششاق ئىشلىرىمىزنىمۇ خۇددى جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقاندەك ھاياجان بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان ھەمراھقا موھتاج! بىللە كىنو كۆرگىلى، بىرلىكتە ساماۋەر شورپىسى يېگىلى، بىرلىكتە ساياھەتكە چىققىلى ھەمراھ بولسا ھەقىقەتەن ياخشى. بىراق چۈشەنمىگەن، خۇشاللىق، قايغۇغا ئورتاقلىشالمايدىغان ئادەم بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىشلارنى قىلغاندىن، ئۆزى يالغۇز قىلسىمۇ ھوزۇر تاپقىلى بولىدىغۇ!
بىللە بولغاندا خۇشال بولۇش-ياخشى كۆرۈش، ئۇزاققىچە زېرىكمەسلىك مۇھەببەتتۇر.
پويىزدا كېتىۋېتىپ بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەننىڭ تۇرمۇشىغا تولىمۇ ھەۋىسىم كەلگەنىدى: بالا خۇشال ھالدا ئويناۋاتاتتى، ئەر-خوتۇن ئىككىسى پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ-تېنەپ يېگەن چۈشلۈك تامىقى، ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر، قايسى ئاشخانىدىن كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچكەنلىكى دېگەندەك ئىشلار ئۈستىدە ناھايىتى قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنىدى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گېپىگە شۇنچە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ھەرگىزمۇ بۇنداق ئۇششاق ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم ئويلىمايتتى. شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنچىلىك ئەركىن، بۇنداق تۇرمۇشتا يەنە ھېرىپ-چارچاش بولامدۇ؟ ئىلگىرى مۇھەببەتنى ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ بېرىش، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلغۇسى كېلىش دەپ ئويلايتتىم. بىراق ھازىر مۇھەببەتنىڭ ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇسى كېلىش، دېگۈسى كەلگەن گەپلەرنى ھېچبىر ئويلانمايلا ئېغىزىدىن چىقىرالاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان روھىي ھەمراھ ئىزدەيدۇ. ئەمما روھىي ھەمراھنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە روھىي ھەمراھ دېگەنلىك ــ بىرى-بىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ قانداق ماسلاشقانلىقىنى سەزمىگەندەك تەبىئىي ھالەتتە پاراڭلىشالايدىغان ئادەمدۇر.
ئۆمرىڭىزنى چوقۇم پاراڭلىشالايدىغان ئادەم بىلەن ئۆتكۈزۈڭ!
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىندى، ئاپتورىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمىگەن بولغاچقا شۇ ھالەتتە يوللاندى توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2019-10-16 12:50

    بۇ يازمىنى ئۈندىداردا ئۇچرىتىپ ئوقۇغان ۋاقتىمدا شۇنچىلىك قايىل قىلدى. تۇرمۇش رېتىمى بەكلا تېز ھەر خىل بېسىملار تۈپەيلى بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ بولالماي ئاجرىشىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئەر-ئاياللار قايتا-قايتا ئوقۇپ ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەزمۇن ئىكەن، گەرچە ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتى بولمىسىمۇ ھەرقايسىڭىزلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.

  •   #2  

    تىۋىش 2019-10-16 20:59

    ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر تىما ئىكەن. يازمىدا دىيىلگىنىدەك، مەنمۇ قوشنا بوپ قالغان ئەر-ئاياللاردىن بەزىلىرىنى بىلىمەن. ئۇلار بىلەن ئايرىم پاراڭلاشقاندا دەيدىغىنى دەل بىرگە بىرەر ئىش قىلغاندا ياكى ساياھەتلە، كىنوغا دىگەندەك يەرلەرگە بارغاندا خۇشال بولۇش تۈگۈل، ئىچى سىقىلىپ قالدىغانلىقىنى، پىكىرلىرىنىڭ بىر يەردىن چىقمايدىغانلىقىنى ۋە ئايرىم قالغاندا دىيىشكىدەك گەپلىرى يوقلىقىنى دىيىشىدۇ. بەزىلىرى مەجبۇرىي ياشاۋاتىدۇ؛ بەزىلەر بولسا ئوماق پەرزەنتلىرى ئۈچۈن چىداپ كىلىۋاتىدۇ.
    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشلاپلا ئارلىشىپ، ياخشى كۆرۈشۈپ، ئاخىردا توي قىلالىغانلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كەتمىگەنلىرنىڭ نىسپىتىگە بەك دىققەت قىلاتتىم. ئارلىشىپ، ياخشى كۆردۈم دەپ يۈرۈپ ئاخىردا توي قىلالىغانلارنىڭ نىسپىتى بىرەسمىي شەكىلدە 5% گە بارمايدىكەن دەپ ئويلايتىم ۋە نېمىشقا بۇنداق بولىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم.
    توي قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئازراق بىلگەندەك بولدۇم.
    بۇ يازمىنى ئوقۇپ تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
    توي قىلىپ بولغان ۋە توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان، شۇنداقلا مۇھاببەت دەپ يۈرىۋاتقانلار بىر ئوقۇپ، ئويلىنىپ باقسا بولىدىغان تىما ئىكەن.
    دائىما ئامان بولۇڭ، ھەدە.

  •   #3  

    ئالۋۇن 2019-12-16 23:14

    ھەر بىر ياش بىرقىتىم ئۇقۇپ چىقىشقا تىگىشلىك تىمىكەن …