ئەبجەش خىياللار…

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2013-11-30 05:25 1,410 29

ئەبجەش خىياللار…

ئادەم بەك كۆپ سورۇنلارغا بېرىشنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن، مۇشۇ مىجەزىم سەۋەبلىك، كۆڭلۈمدە ئۇنداق ئويلىمىساممۇ باشقىلارغا ئارلىشىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىمەن. مەن بىلەن دوست بولۇشنى ئويلاپ، ئارلىشىپ باققانلار مىجەزىمنىڭ ئۇنچىۋالا غەلىتە ئەمەسلىكىنى، خېلى چىقىشقاق ئىكەنلىكىمنى تېزلا بىلىۋالالايدۇ. لېكىن سەل ئىچ مىجەز، باشقىلارغا ئاسان سىر بەرمەيدىغان بۇ مىجەزىم مېنى شۇنداق كۆرسىتىپ قويىدىكەن.

بۈگۈنمۇ ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان ئەشۇ سورۇنغا يەنە ماڭدىم. باردىميۇ، سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن سەل بىئاراملىق ھېس قىلدىم، نېمە ئامال؟! مەن ئەڭ يېقىن بىلىدىغان، سىرداش دوستۇم دېسەممۇ بولىدىغان سىڭلىمنىڭ تويى بولغاچ كەچ كىرگىچە ئولتۇرماي بولمايىتتى. تويغا كېلىپ كېتىدىغانلار بەكلا كۆپ ئىدى.

مېنى بىرسى بۇ سورۇنغا كۆزەتچىلىككە قويۇپ قويغاندەك، كېلىپ-كېتىۋاتقانلارغا دىققەت قىلىپلا ئولتۇردۇم. بۇ سورۇندا مەندەك خىيالپەرەستىن يەنە بىرسى يوق ئوخشايدۇ، ھەممە ئۆز خۇشاللىقى بىلەن، يەپ-ئىچىش، ئويناش بىلەن ئاۋارە ئىدى. بىر مەنلا كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلماقتىمەن، تويى بولۇۋاتقان سىڭلىم بولسا جىددىيلەشكىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا ئولتۇراتتى. بەلكىم، ئۇنىڭغا بۈگۈن راست ئەمەستەك، چۈشتەكلا بىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ ھاياتىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچىدۇ، يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويىدۇ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ئۆزگىرەپ، ئۆزى ئويلاپ باقمىغان قىسمەتلەر ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. تويى بولۇۋاتقان قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى بۇ جىددىيلىكىنى ھېس قىلىدىغانغا ھېچكىمنىڭ ۋاختى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىزنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە، كىىيىملىرىگە دىققەت قىلىپ شۇنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەن چەكلىنەتتى.

مەندەك ھەممىگە دىققەت قىلىپ، ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلىشىدىغا چېپىلغاقتىن بۇ سورۇندا يەنە بىرسى يوق ئىدى. ئەتراپىمدىكىلەرگە خېلى تەلمۈرۈپ قاراپ باقتىم، خىياللار قاينىمىدا مەن بىلەن ھەمشېرىك بولۇپ بىللە سەيلە قىلىدىغانلاردىن بىرەرنى ئۇچرىتارمەنمىكىن دەپ، پارقىراپ تۇرغان ئەشۇ جۈپ كۆزلەرگە تەپسىلىي قارىدىم، يەنىلا يوق. ئۈمۈدسىزلەندىمدە، لاسسىدە بولۇپ قالدىم. ئەجىبا مەندەك خىيالپەرەس، ئارتۇق ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇپىرىتىپ كېتىدىغان، باشقىلارنىڭ ئىىچكى دۇنياسىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئارتۇقچە زېھنىنى سەرىپ ئېتىدىدىغان ئىنساندىن يەنە بىرسى بارمىدۇ؟

بەلكىم يوق ئوخشايدۇ، شۇ سورۇندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدىن تاپالمىغىنىمغا قاراپ، شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم. مەن بەكلا ئەخمەقمۇ يا؟! نېمىشقا مەنمۇ باشقىلاردەك يەيدىغىنىمنى يەپ، ھېچ ئىش بىلەن كارىم يوق يۈرۈۋەرسەم بولماسمۇ؟ بەزىدە بۇ چېپىلغاق، ھەممە ئىشلارغا ئارتۇقچە ئارلىشىدىغان بۇ مىجەزىمدىن بىزار بولۇپمۇ قالىمەن، بۇ مىجەزىمنى ئۆزگەرتىپ باقايمۇ يا؟ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن، بىراق، بۇ مىجەزىمنى ئۆزگەرتىۋەتسەم (ئۆزگەرتىشقۇ مۇمكىن ئەمەس، قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ) ئەتراپىمدىكى بەخىرامان ياشايدىغان كىشىلەردىن نېمە پەرقىم قالىدۇ؟ مەن مۇشۇ ئۆزگىچىلىكىم بىلەنلا ئۆزۈمگە ئوخشايمەن.

قايسى كۈنى بىرەيلەن بەكلا ئەھمىيەتلىك بىر ھېكايەت سۆزلەپ بەردى. تۇرۇپلا شۇ ھېكايەت ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

بۇرۇنقى زاماندا پادىشاھنىڭ بىر ۋەزىرى بار ئىكەن. بۇ ۋەزىر ئەتراپتىكى ھەممە ئىشلارغا ئارلىشىۋالىدىكەن، ئوردىدىكى ۋەزىر-ئەمەلدار، پۇخرالارنىڭ ئىشلىرىدىن تارتىپ ھەممىسىگە چېپىلىدىكەن. يامان ئىشلارنى كۆرسە شۇ يەردە ئەيىبلەيدىكەن. ۋەزىرنىڭ بۇ مىجەزىدىن زېرىككەن باشقا ئەمەلدارلار بىر كۈنى پادىشاھقا ئەرىز قىلىپ بېرىپتۇ. بۇ ۋەزىر ھەتتا پادىشاھنىڭ توغرا قىلمىغان ئىشلىرىنىمۇ تەنقىت قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ گەپ پادىشاھقىمۇ ياغدەك يېقىپ، ۋەزىرنى چاقىرىپ، بۇندىن كېيىن ئەمەلدارلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارتۇقچە ئارلىشىۋالماسلىق توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىپتۇ. ۋەزىر لام-جىم دېمەي چىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ۋەزىر ئەللىك-ئاتمىش قوينى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ھەر بىر دوقمۇشىغا بىردىن تەتۈرىسىگە ئېسىپ قويۇپتۇ. ئۆگۈنىسى باشقا ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ پادىشاھقا ھېلىقى ۋەزىرنىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ئەرىز قىلىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرنى چاقىرتىپ، نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغانىكەن، ۋەزىر، باشقا ۋەزىرلەرنىڭ ئىشىغا مەن ئارلاشمىغاندىكىن ئۇلارمۇ مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشمىسۇن دەپ جفۋاپ بېرىپتۇ. پادىشاھمۇ غىڭ قىلالماپتۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن ھېلىقى قوينىڭ گۆشلىرى سېسىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا ۋەزىرلەر يەنە پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ دەرت تۆكۈپتۇ ۋە ۋەزىرنى ھېلىقى گۆشلەرنى ئېلىۋېتىشكە كۆندۈرۈشنى تەلەپ قىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرنى چاقىرتىپ گۆشلەرنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇپتۇ، ھەمدە بۇ ئىشنى نېمە سەۋەبتىن قىلغانلىقىنى سوراپتىكەن. ۋەزىر دەپتۇ. بىز ئىنسانلاردىن ئىبارەت بىر توپ ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن بولسا، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىسە، يامانلىقلارنى توسمىسا، بۇ توپ ئاستا-ئاستا ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. ئىچىمىزدىكى يامانلىقلارنى توسىمىساق، بۇ يامانلىق باشتا زىيان يەتكۈزمىگەندەك قىلغان بىلەن كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ ھەممە يەرنى سېستىدۇ. مېنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشىمدىكى سەۋەب شۇ. مەن بىر ئۆزۈم ئۈچۈنلا ياشىغان بولسام باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارتۇقچە ئارلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ نېمە قىلىمەن؟ مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا ياشىمايمەن، بىز بۇ بىر توپتىكى كىشىلەر بىر-بىرىمىزگە مەسئۇلدۇرمىز. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز دەپتۇ. پادىشاھ، ۋەزىرلەر ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ. ھەممىسى ھېلىقى ۋەزىرگە قايتىدىن رەھمەتلەر ئېيتىشىپ كېتىپتۇ.

خۇلاسە كالام، بىزنىڭ ئەقلىمىز، تەپەككۇرىمىز بوغۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، باشقىلارغا دىققەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىدىغان تەپەككۇر قابىلىيىتىمىز يېتىلمەكتە يوق، كۈندىن-كۈنگە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ. ئىنسان تەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ قورالدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 29 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    سالىھ بىگ 2013-12-27 03:03

    سىلنىڭ بلوگنى ئۈچرىتىپ قالدىم جۇلالىق . ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەرلەر باركەن . ئىنسان پەقەت ئۆزىنى ۋە ئۆز ئىشىنى ئويلاپ ياشىسا ھايۋاندىنمۇ بەتتەر بوپ قالىدۇ . ھەممىگە دىققەت قىلىپ يەنى كۆزىدىن بىرسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلگەن كىشىگە ئاسان . لىكىن شۇنداق ئۆز ئىشىنى ئويلايدىغانلار ئۈچۈن ئادەم ئىچىگە كىرگىلى بولمايدىغان ئۆي ھىساپلىنىدۇ . تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن . سىڭلىڭىزنىڭ تويىنى مۇبارەكلەيمەن .
    بلوگىڭىزدىكى ئەسەرلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقاي قىنى .

    جۇلالىق

    ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇشال بولدۇم.
    بەك ئارتۇقچە ئويلىنىشمۇ ئادەمگە روھىي بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، بەزىدە شۇنچىلىك چارچاپ كېتىمەن. لېكىن يەنىلا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە شۇنچە خۇشالمەن. بەلكىم، باشقىلارغا ئەمەلىيىتىمدە ياردەم قىلالمىساممۇ، ئۇلار توغرۇلۇق ئويلانغانلىقىمدىن خۇشال بولىدىغاندىمەن، بۇنىسى ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم.

    سالىھ بىگ

    ئەلۋەتتە . روھى بىسىم ئارتىپ كەتسە 4-دوختۇرخانىغا يۇگرەيدىغان گەپ . مانا مۇشۇ بىلوگىڭىز سىزنىڭ بىسىم يەڭگىللىتىدىغان يىرىڭىز بولالىشى مۇمكىن . ئادەمگە تەسىر قىلغان ياكى بىرەر ۋەقەلىك باشقا ئادەم بىشىغىمۇ كەممەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ . مۇشۇ بلوگىڭىز ئارقىلىق شۇنداق ئوخشاش ھىسياتتىكىلە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىر قەدەر ياخشى بولىشىڭىز مۇمكىن . ياردەم دىگەن بۇندىن ئارتۇق بولامدۇ . مىڭ بىرەر ئىشىنى قىلىپ بەرگەن بىلەن ئوخشاش قەلىبتىكىلەر ئۈچرىشىپ مۇشۇنداق ئالاقىمۇ روھقا بولغان ياردەم . . تىخىمۇ تىرىشىڭ . يىڭىلىق كۆرىلى جۇلالىق …

    جۇلالىق

    بلوگ مېنىڭ بىردىنبىر سىردىشىم، مۇڭدىشىم، ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىمنى تۆكىمەن ھەم سىردىشىمەن. قاچانىكى بىرەر ئىش تەسىر قىلسا شۇنى دەرھاللا بلوگىم بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىدۇ. بەزىدە بىلوگ خۇمارى بولۇپ قالدىممۇ مەن؟ دەپمۇ قالىمەن. ئويلاپ باقسام بلوگ خۇمارى بولماپتىمەن. بلوگ مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىم ئىكەن.
    ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرلىشاي دېگەندە، بلوگنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرماي توختىتىۋېتىشنى ئويلىغانىدىم، ھەم بىرەر ئايچە قانداق قىلاي دەپ مەسلىھەتمۇ قىلغان بولدۇم. لېكىن ئاخىرى ئېچىش قارارىغا كەلدىم. يېقىن سىردىشىمدىن ئايرىلىپ قالسام، بىر يېرىم كەم بولۇپ قالغاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن. ھەم بلوگ مېنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن چېنىقتۇرىدىكەن.
    يەنە كېلىپ بلوگىمدا سىلەردەك قەلبداش، پىكىرداش، ھەمسۆھبەت دوستلىرىم بار ئەمەسمۇ، سىلەر بىلەن مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنازىرىلىشىپ تۇرۇرۇشمۇ، ئىنساننىڭ روھىيىتىنى ھەر تەرەپتىن يېتىلدۈرىدۇ.
    سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ يازما يېزىشقا ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ. خالىسا پات ئارىدا يڭىلىق كۆرىسىز.

  •   #2  

    ھايات 2013-12-28 07:19

    ھايات ئىنسانغا پەقەت بىر قىتىملا كىلدۇ شۇ ھاياتتا مەنىلىك ياشاش كىرەك .
    بىلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى تۇلىمۇ ياقتۇردۇم.
    ھايات ……….

    جۇلالىق

    توغرا ئېيتىسىز، بۇ ھايات ئىنسانغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ، قايتا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مىنۇتىمىزنىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك.
    مەزمۇنلارنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

  •   #3  

    ھايات 2013-12-28 07:22

    خالىسىڭىز بىكىتىمىزنى ئولنىش قىلساق .

    http://www.pakzemin.com/logo.gif

    جۇلالىق

    ئەلۋەتتە خالايمەن، ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.

  •   #4  

    مېھمان 2014-01-02 11:25

    ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىشىغا باش قاتتۇرۇپ كەتسىڭىز چارچاپ كېتىسىز، بەزىدە ئارتۇقچە كۆڭۈل ئاغىرقىمۇ تېپىۋالىسىز، بۇلتۇر يازغان يازمىڭىزغا بۇ يىل جاۋاپ يېزىپ سەت بولدى

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك بەزىدە خېلىلا كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىمەن، لېكىن، يەنىلا قان بىلەن كىرگەن خۇينى ئۆزگەرتمەك تەسكەن.
    مەيلى بۇلتۇرقى يازما بولسۇن ۋە ياكى يېڭى يازما بولسۇن، تېمامنى ئوقۇپ ئىنكاس يازىدىغان ئوقۇرمەنلىرىم بولسىلا، مەن ھاردىم دېمەي تېما يازىمەن.

    مېھمان

    قان بىلەن كىرگەن خۇي دەپلا قاراپ تۇرماي شۇنداق كۆڭۈل ئاغىرقى تارتقان چاغلاردا شۇ تەرەپلەردىن ئۆزىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى شۇ سىزگە كۆڭۈل ئاغىرىقى ئەكەلگە بەزى مەسىلىلەر قارىشى تەرەپنىڭمۇ دىلىنى ئاغىرتىپ قويۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن، ياشلىقتا بۇ خىل مىجەز بىلىنمىگەن بىلەن چوڭ بولغانچە مېنىڭچە بىر چېپىلغاقتەك تەسىر بېرىپ قويامدۇ قانداق؟؟؟

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىز ئوۇنلۇق، لېكىن، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ بار مىجەزنى ئۆزگەرتىش ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدۇ.

  •   #5  

    بىلىكئال 2014-01-06 23:44

    راستىنلا مىنىڭ مىجەزىمگە چۇشىدىكەن سىزنىڭ مىجەزىڭىزمۇ مەنمۇ خەقلەر بىلەن بەك ئارلاشمايمەن. ئەمما خەقىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلشىنى ياخشى كۆرمەيمەن. قىسىقىسى بىلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى تۇلىمۇ ياقتۇردۇم.

    جۇلالىق

    باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىشتىن ساقلىسۇن، بۇ مەن ئەڭ ئۆچ ئىش.
    مەزمۇنلارنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

  •   #6  

    ھايات 2014-01-07 00:48

    مەنمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قۇياي نەچچە كۈن بولدى ئالدىراش …

  •   #7  

    ئۇيغۇرجان 2014-01-07 06:16

    بەك ياخشىكەن مەزمۇنلار بىلن بەت سېستىمسى مۇزىكا ماسلاشقان شۇنداق گۈزەل باغچىنى تېپۋالدىمغۇ مەن .

    جۇلالىق

    بلوگىمنى گۈزەل باغچا دەپ تەرىپلەپ مېنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتىڭىز، رەھمەت.

  •   #8  

    سۆيگىن 2014-01-26 23:59

    مۇشۇ 1-مۇزىكىنىڭ بېشى دائىم ماڭا «بوۋاي ۋە دېڭىز» دېگەن ئەسەرنى، ئۇنىڭ باش پېرسوناژى قېرى بېلىقچى سانتىياگونى ئەسلىتىدۇ.

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىز قايسى ئەسەر بولغىيدى؟ بۇ ئەسەرنى ئوقۇشقا قىزىقىۋاتىمەن.

    مەلەك

    بلوگنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ ئۆزى بىر دۇنيا ئۆزى بىر تۈگىمەس ھېكايە…
    تىڭشىغان ھەركىمنىڭ كاللىسىدا ھەرخىل خىيال،ھەرخىل كەچمىش ھەرخىل ئارزۇ…

    …..

    مەزكۇر مۇزىكا نامى:« ئوكيانغا يېزىلغان خەتلەر»

    ھەدە «بوۋاي ۋە دېڭىز» ھېمىڭۋاينىڭ مەشھۇر ئەسىرى،بەلكىم ئوقىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.

    جۇلالىق

    گەرچە ماڭا دېڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش پۇرستى بولمىغان بولسىمۇ، دائىم مۇشۇ مۇزىكىنى تىڭشىسام، ئۆزۈمنى دېڭىز بويىدا تۇرغاندەك ھېسلار قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىمەن. دېڭىز بويىدا جىمجىتقىنە دېڭىز سۈيىنىڭ شىددەت بىلەن دولقۇنلىغىنىغا قاراپ تۇرۇپ، بار ئاۋازىم بىلەن بىرلا توۋلاپ، ئىچىمدىكى بارلىق دەرت-ئەلەملەرنى چىقىرۋەتسەم دەيمەن. بەلكىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېڭىزنى كۆرۈش نېسىپ بولۇپمۇ قالار.
    بىلەمسىز سىڭلىم، نۇرغۇن ئادەم مۇشۇنداق دېڭىز بويلىرىدا، ئورمانلىق، يېشىللىق دالىلاردا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەملىرى بىلەن بىللە سەيلە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. مەن شۇنداق بىر خىياللارنى قىلىمەن، مۇشۇنداق گۈزەل يەرلەردە، ئەڭ يېقىن سىرداشلىرىم بىلەن بىللە سەيلە قىلىپ، قەلب سىرلىرىمىزنى تۆكۈشنى، مۇڭدىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
    بۇ مۇزىكىنىڭ ئىسمىدىنمۇ ئۆزگىچىلىكى چىقىپلا تۇرىدىكەن، مەن ئامراق مۇزىكىنىڭ ئىسمىنى بىلىۋالدىم، رەھمەت سىڭلىم.
    بەلكىم بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندۇرمەن، پەقەت ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئاۋۇ توردىشىمىز قالدۇرغان ئادرېستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي.

  •   #9  

    ھايات 2014-01-30 03:07

    ئەسەرلىرىڭىزنى تۇلىمۇ ياقتۇدۇم ،خالىسىڭىز سىزنى مۇنبىرىمگە تەكلىپ قىلىمەن . قەدەم تەشرىپ قىلسىڭىز ئۆزگىچە لىرىك ئەسەرلىرىڭىزدىن بىرلىكتە ھۇزۇر ئالساق ؟
    993834818 بۇ ۋات ۋات قۇشسىڭىز قالدى ەەپنى شۇنۇڭدا دىيىشسەك .

    مۇنبەر ئادرىسى :http://www.pakzemin.com/bbs/forum.php

    جۇلالىق

    ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇشال بولدۇم. رەھمەت.
    ھەم ئىززىتىمنى قىلىپ مۇنبىرىڭىزگە تەكلىپ قىلغىنىڭىزدىنمۇ خۇرسەنمەن. مۇشۇ مۇنبەر دېگەن سورۇنغا قەدەم باسمىغىلى بەك ئۇزۇن زامان بوپتۇ ھەم مۇنبەردىن كۆڭلۈم سوۋۇپلا قاپتۇ. يەنىلا مۇشۇ تىنىچ ماكانىمدا، ئۆز ئەركىمدە يۈرەي.

  •   #10  

    kaliptax 2014-02-01 09:53

    ئەسەرلىرىڭىزنى ياخشىكەن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىى يازغانلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ ماڭا باشقىچە تۇيغۇ بېرىدۇ ئەپسۇس بەزى ئۇزۇنلىرىنى ئۇقۇشقا ۋاقتىم يەتمەيۋاتىدۇ ھەي ……. ھەمىسى شۇ جان بېقىش ئۈچۈن ئارزۇلۇرۇم ئۈچۈن دە …..

    جۇلالىق

    ئەمەلىيەتچانلىقتىن چەتنىگەن ئەسەر، قانچىلىك كاتتا يېزىلغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئوقۇرمەنگە ھوزۇر بېغىشلىيالمايدۇ.

  •   #11  

    سۆيگىن 2014-02-03 01:40

    http://pan.baidu.com/s/1EKvyU
    يۇقارقى ئادىرېستا بار ئىكەن، كومپيۇتېردا ئوقۇشقۇمۇ، ياكى چۈشۈرۋېلىپ تېلېفونغا قاچىلاپ ئوقۇشقۇمۇ بولىدىكەن.
    ———–
    ئالدىنقى ئىنكاسىمغا جاۋاپ قايتۇرۇپ قالدۇراي دېسەم ئىنكاس ماڭمىدى، شۇڭا ئايرىم يېزىشىم.

    جۇلالىق

    چۈشۈرىۋالدىم، كۆپ رەھمەت.

  •   #12  

    تەشنايى 2014-03-15 01:42

    ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبى گويا ئۆزگىچە بىر دۇنيا. گەرچە بىر ئوغۇل بالا بولساممۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىنتايىن خىيالچان بوپ كېتىمەن. راس گەپنى قىلسام ۋاراڭ – چۇرۇڭغا لىق تولغان مەنىسىز بىر دۇنيادىن ئىنتايىن مول بولغان قەلب دۇنياسىغا يۈزلىنىشنىڭ ئۆزى ھەممە ئادەم قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇنداق بىر قەلب كېرەك: يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىدەك غۇبارسىز، مۇقەددەس تاڭلاردا ياڭرىغان ئەزان ئاۋازىدەك سۈزۈك، پايانسىز ، پايانسىز…
    كۆڭلۈم يىرىم ۋاقىتلاردا ئۆزۈم ياللغۇز كوچا ئايلىنىشنى ياقتۇرىمەن، كوچا چىراغلىرى تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، كۆز ئالدىمدا ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە ئېقىۋاتقان بىر ھايات كارتىنىسىدىن ھوزۇرلىنىمەن. ھېچكىم بايقىيالمايدىغان ئىگىز بىر جايغا چىقىۋىلىپ باشقىلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۈزىتىشتىن، ھەرخىل پىسخىك ھالەتلىرىگە دىئاگىنۇز قويۇشتىن بىرخىل لەززەت ئالىمەن. ئويلاپ باقسام ئورتاقلىقىمىز خىلىلا كۆپ ئېكەن.
    قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!

    جۇلالىق

    بەزىدە كوچىدا مېڭىۋېتىپمۇ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىمەن، ئەشۇ ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھىي-كەيپىياتىغا، قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا دىققەت قىلغۇم كېلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشەنسەم دەيمەن.
    پىكىرداش دوستنى تاپماق بەكلا تەس، سىزدەك بىر پىكىرداش دوستۇمنىڭ، بلوگىمدا پىكىرلىرىمگە ھەمسۆھبەت بولغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.