مېھىرلىك كۆڭۈللەر

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2013-10-31 04:39 1,393 14

مېھىرلىك كۆڭۈللەر

بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشىم بولغاچ، ئاستا-ئاستا پېتىۋاتقان قۇياشقا قارىماي ئالدىراشلا ماڭدىم. كەچ كىرىپ قالغاچقا دوستۇمنىڭ ئۆيىدىمۇ ئۇزاق ئولتۇرمىدىم. سىرتقا چىقسام كۈن پېتىشقا ئون مىنۇتتەك ۋاقىت قاپتۇ. ئالدىراپلا كوچىنىڭ ئېغىزىغا چىقىشىمغىلا ئاپتۇبۇس بېكەتتە توختىدى. مەن ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن يولنى كېسىپ ئۆتۈپ بولغىچە، ئاپتۇبۇس قوزغىلىپ كېتىپ قالدى. ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن تېز بىر نەچچە قەدەم ئېلىپ توختاپلا قالدىم. بىر ئاپتۇبۇسقا، بىر ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇققا قاراۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئالدىمغا «خان تاجى» ماركىلىق قارا پىكاپتىن بىرسى توختىدى، ئەيىنىكىنى چۈشۈرۈپلا 50 ياشلاردا بار بىر ئايال :

ــ چىقىڭە، بىز ئالغاچ كېتەيلى، ھەقىچان كۈن پاتاي دەپ قالدى دەپ ئالدىراپ ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن يۈگۈردىڭىز،ــ دېدى.

مەن ئايالغا مەنىلىك بېشىمنى لىڭشىتىپ، ئىككىلەنمەيلا پىكاپقا چىقتىم. ئايال ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئىدى. كەينىدە مەن دېمەتلىك چىرايلىق، ئېسىل كىيىنگەن بىر قىز ئولتۇراتتى. قىزغا سالام قىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ماشىىنىنى 30 ياشلاردا بار بىر يىگىت ھەيدىگەن. ئاۋۇ ياشقا چوڭ ئايالنىڭ ئوغلى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. پىكاپنىڭ قويغۇچىدىن مۇڭلۇق ناخشا چىقىپ تۇراتتى.

ماشىنىنى ھەيدەۋاتقان يىگىت سورىدى:

ــ قەيەرگە باراتتىڭىز؟

ــ چوڭ بازارنىڭ يېنىدىلا چۈشۈۋالسام بولاتتى.

ــ ئۇنداقتا سىزنى ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن ئالدىمىزدىكى بېكەتكىچە يەتكۈزۈپ قويايمىكىن، سىز بارىدىغان يەرگە ئاپىرىپ قوياي دېسەم، چوڭ بازار تەرەپتە ماشىنا بەكلا جىق.

ــ ماقۇل، سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم.

يىگىت بىلەن ياشقا چوڭ ئايال تەڭلا ياقەي ئۇنداق بولمايدۇ دېدى.

يىگىت ئالدىمىزدىكى ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىلا ماشىنىنى ھەيدەۋاتاتتى.

مەن بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرغان قىز:

ــ ئاكا، ماشىنىنى سەل تېزرەك ھەيدىگىن، بولمىسا ئاپتۇبۇسنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيمىز.

يىگىت ماشىنىنى تېزلىتىپ ئاپتۇبۇسنىڭ ئالدىدا بېكەتكە كېلىپ توختىدى.

مەن ئالدىراپلا ئۇلارغا رەھمەت دەپ خوشلىشىپ چۈشۈپ قالدىم. شۇ ئىشلار بولۇپ-ئۆتكەن ئارلىق بەش مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ، ئۆيگە كېلىپ بىر ئۇھ دېدىم دە، بايا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار خىيال ئېكرانىمدا قايتىلىنىشقا باشلىدى. ۋاقىت شۇنچىلىك قىسقا ئىدى. لېكىن، شۇنچە نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتكەندەك، نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلۇنۇپ قالدىم. بىز خېلى زامانلاردىن بۇيان، ئارىمىزدا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، قىيىنچىلىقتا قالغاندا باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان مېھىرلىك كۆڭۈللەرنىڭ ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە باشقىلارغا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل خىسلەتنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق قىزغىن مۇنازىرە قىلىپ ياشاۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ماڭا ئۇچرىغان بۇ مېھىرلىك قەلىبلەر، مەندە، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن قايتىدىن بىر نەزەر سېلىپ قاراشتەك بىر ھالەتنى شەكىللەندۈردى. ئەتراپىمدا يەنىلا قەلبلىرى پاكىزە، ئېسل كىشلەرنىڭ بارلىقىدن ئىبارەت بۇ يىراقتىكى خىرە نۇر، ماڭا بۈگۈنكى شەخسىيەتچىلىككە تولغان رەزىل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەسلىنى تېپىپ، قەلبلىرىنىڭ قايتىدىن مېھىرلەرگە تولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. ھېلىقى نامسىز، مېھىرلىك قەلىبلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمنى ئېيتتىم. گەرچە ئۇلار بۇ رەھمىتىمنى ئاڭلىيالمىسىمۇ، يەنىلا «رەھمەت» دەپ ئاستا پىچىرلىدىم.

توغرا، بىز دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا ياشاۋاتىمىز، نېمىشقا ئۆزىمىز ئويلىنىپ باقمايمىز؟ مەن باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قولۇمنى سۇنسام، يەنە بىرسىمۇ شۇنداق قىلسا، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرسى… مانا مۇشۇنداق مېھىرلىك قەلىبلەر كۆپەيسە «تامچە-تامچە، كۆل بولۇر» دەپ شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئىنسانلار ئارىسى مېھىر-مۇھەببەتلەرگە تولۇپ، ھەممە جايدا مېھرى-شەپقەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىللىقلىق قاپلىسا، نېمە دېگەن ياخشى ھە!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 14 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2013-11-06 03:56

    ئۆتكەن يىل ئىلگىرى قار ياغقان بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاغرىپ قالغان جىيەنىمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن يولدا ساق بىر سائەت تۇرۇپ كەتكەنىدۇق، تاكسىلار قۇرۇق ئەمەس، توختىمىدى. ئەمما شەخسى ماشىنىلار قۇپقۇرۇق ھالدا نەچچىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، شۇ چاغدا كاللامدىن نۇرغۇن خىياللار كەچكەن، خەپ دەپ قالغانىدىم.
    شۇ ۋاقىتتا ئىچكىردىكى بىر خەنزۇ ئېسىمگە كەپ قالغان، ماشىنا توسالماي،چامىدانلىرىمىزنى سۆرەپ پويىز ئىستانسىغا قاراپ يۈگىرەۋاتاتتۇق، بىر خوندا ماركىلىق ماشىنا يېنىمىزدا توختاپ، جىددىيلەشمەڭلار مەن ئاپىرىپ قوياي دەپ ئاپىرىپ قويۇپ پۇلمۇ ئالماي كېتىپ قالغان ئىدى.
    شۇ ۋاقىتتا خەنزۇ بىلەن ئۆز مىللەتداشلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ كەتكەن ئىدىم، مەن ئۆزۈم تۇرىۋاتقان بۇ شەھەردە سىز ئۇچرىغاندەك ئىشقا ئۇچراپ باقمىدىم، ئەكسىنچە ئىجتىمائى ھاۋاسىنى بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك، چۈشەنمەسلىك قاپلاپ كەتكەن بۇ شەھەردە بىراۋلارغا ياخشى كۆڭلۈم بىلەن ياردەم قولۇمنى سۇنغىنىمدا چۈشنىكسىز سوغۇق نەزەرلەردە ئالىيىش ياكى غودۇراشلارغا ئېرىشتىم.
    بىر قېتىم، بىر ئايال ئىككى قولىدا ياغلىققا چىگىكلىك دوستىخان بىلەن ئاران ئاران كېتىۋىتىپتىكەن، كەينىدىن كېلىپ كۆتۈرشۈپ بېرەي دېسەم، خاتا تونۇپ قاللىمۇ يا، دەپ ئالىيىپ قويدى.
    كەچ بولاي دېگەن ۋاقىت بىر قىز ئاپتوبۇس بېكىتىدە تىت تىت بوپ ئۇ ياق بۇياققا قاراپ تۇرۇپتىكەن، ئاپتوبۇس بەك تەستە كېلىدۇ ياكى كەلمەي قويىدۇ، مېنىڭمۇ شۇنداق ۋاقىتلىرىم بولغان دەپ ئويلاپ توكسىكىلىت بىلەن ئالدىغا كېلىپ بەك ساقلاپ كېتىسىز ئاپتوبۇسنى، ئۇدۇل ماڭسىڭىز ئالغاچ كېتەي دېسەم، بېشىمدىن ئايىغىمغا قاراپ قويۇپ :« رەھمەت ، كىراچىغا ئىھتىياجىم يوق » دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويدى.
    دېمەك…..؟!؟! ئاخىرىنى ئويلاشقا پتىنالمىدىم.
    توغرا، ئەدەبىياتىمىزدا ناچار خاھىش ناچار ئىشلارلا سۆكۈلىۋاتىدۇ، سۆكۈلىۋاتىدۇ، ھەممەيلەنگە تونۇش بوپ كەتكەن ئىشلار پوپايكىنىڭ يىپىدەك بىر بىرلەپ سۇغۇرلۇپ تاشلىنىۋاتىدۇ، ئەمما شۇ ناچار ئىللەتلەر ئارىسىدا يىگانە ھالدا پىلدىرلاۋاتقان «مىھىر-مۇھەببەت، گۈزەللىك» شامى كىشلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقمايۋاتىدۇ.
    شەھرى خوتەننى ياخشى كۆرىمەن، بىرخىل ئىللىقلىق پۇراپ تۇرىدۇ….

    جۇلالىق

    سىز دېگەندەك، ماشىنىلار شۇنچە بىكار مېڭىۋاتسىمۇ بىرەر ئادەم، ماۋۇلار ماشىنا ساقلاپ تۇرۇپتۇ سېلىۋالاي دېمەيدىكەن.
    بەزىدە ئۆز مىللىتىمىزدىكىلەردىن ئاشۇنداق رەنجىپمۇ قالىمىز، ئۆز قېرىنداشلىرىمىز تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ياردەم قىلمىغاندىكىن ئاغرىنغۇمىز كېلىدىكەن. لېكىن يەنىلا ئۈمىد باركەن.
    سىزمۇزە، شۇ چاغدا مەن لېي فىڭدىن ئۈگۈنۈپ سىزگە ياردەم قىلاي دېگەنىدىم دېگەن بولسىڭىز، باشقىلار ياردىمىڭىزنى تېزلا خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلغان بولاتتى. ھاھاھا……. چاخچاق ھە!

    ھەممىمىز باشقىلاردىن ئىللىقلىق تەلەپ قىلىۋاتىمىز، ئەكسىچە بىز قارشى تەرەپتىن تەلەپ قىلغان شۇ ئىللىقلىق ئۆزىمىزدە يوقاپ كەتكەن، ئۆزىمىزدە يوقنى باشقىلاردىن تەلەپ قىلىش ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ!
    كونىلاردا ‹‹پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا باشقىلارغا›› دەيدىغان تەمسىل بەك جايىدا ئېيتىلىپتىكەن.

    دېگىنىڭىزدەك، خوتەننىڭ كىشىلىرى مېھرىبان، ئىللىق چىراي كېلىدۇ، ئۆز يۇرتۇمنى ماختىغىنىم ئەمەس، خوتەننىڭ كىشىلىرىنى باشقا يەردىكىلەردىن خۇشچىرايمىكىن دەيمەن.

  •   #2  

    قاسىمجان 2013-11-06 20:20

    بۇ راست بولغان ئىشما ؟سىزگە قاراپلا نا ئالدىرىغانلىقىڭىزنى بىلىپ توختىغان بولسا سىزنىڭ كىيىنىشىڭىز چىرايلىق ئوخشايدۇ، كاتتا ئەجىرلەرنى بەرسۇن سىزگە !

    رىشتە

    دەرھەقىقەت، ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىز يەنىلا كۆپ. بىرلا يىرى، تور دۇنياسىدا ئېقىپ يۈرگەن بەزى ئەخلەت ئۇچۇرلار كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنى يىمىرىپ تاشلاشقا ئورىنىۋاتىدۇ.

    تور يۈزىدە، گىزىت-ژورنال يۈزىدىمۇ مۇشۇنداق يەڭگىل، ئادەمگە ئىشەنچ، مىھىرنى قايتا ئەسكە سالىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر كۆپەيسە بولاتتى.
    —————————–
    خوتەندىكى كىشىلەرنى 3 خىلغا بۆلشكە بولىدۇ دېگىنىڭىزنى كۆرۈپ، مۇشۇ يازلىق تەتىلدە دوستۇمغا كىيىم ئېلىشىپ بەرگەن بىر كۈن قايتىدىن ئېسىمگە كەلدى. شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا تويۇغۇغا كەلگەن ئىدىم. كىچىكىنە بىر شەھەر ئىچىدىمۇ بۇ 3 تۈردىكى كىشىلەرنىڭ بىر خىل قۇتۇپلىشىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالغان ئىدىم.

    ئىگىمىز كىشىلىرىمىزدىن ئىھسان-ئىنايەتلىرىنى ئايىمىسۇن!

    جۇلالىق

    دېگنىڭىز ئورۇنلۇق، ئەتراپىمىزدىكى ناچار ئىللەتلىك كىشىلەرنى سۆكۈۋاتقىلى شۇنچە يىللار بوپتۇ، مەتبۇئاتلاردا بۇنداق كىشىلەرنى سۆكۈپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتتۇق، نەگىلا قارايلى، ئاغرىنىش، ئۇھسىنىشلارنى كۆرىمىز،
    لېكىن، ئەتراپىمىزدى ئاندا-ساندا چاقناپ تۇرىدىغان مېھىر يۇلتۇزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپلا كەتتۇق، ئۇلارنى كۆرسەكمۇ ناچار ئىللەتلەرتنى كۆرۈۋېرىپ قاشىرىپ قالغان ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا تەسىر قىلىپمۇ قويماي كارىمىز يوق كېتىۋەردۇق. باشقىلارغا ياخشىلىق قولىنى سۇناي دەپ ئويلىغان كىشىلىرىمىزمۇ، بىر خىل خۇدۇكسىرەش ئىچىدە قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلماي، پەرۋاسىز ئۆتۈپ كېتىشكە كۆنۈپ كەتتى.
    بىز يەنە كىمدىن ئاغرىنىمىز؟ قاچانغىچە جەمئىيەتتىن، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن ئاغرىنىپ ياشايمىز؟
    ئەمدى بولسىمۇ ئۇيغۇمىزنى ئاچمىساق، بۇ شېرىن ئۇيقۇ بىزنى مەڭگۈلۈك ئويغانماس ئۇيقۇغا غەرىق قىلىۋېتىدۇ. ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.

  •   #3  

    تەشنايى 2013-11-19 06:46

    كىشىلىرىدە ئۆز – ئارا قىلچىلىك مىھىر – مۇھەببەت بولمىغان بىر جەمئىيەتتە ياشاشتىن يىم ساقلىسۇن. يات شەھەرلەردە ئوقۇش ھەلەكچىلىكدە تەمتىلەپ يۈرۈپ، بەك كۆپ ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. بەزى جىددىي ئەھۋالدا بەش موچەن پارچە پۇلنىڭ ئىھتىياجى بىلەن تەلمۈرمىگەن ناتونۇش كۆزلەر قالمىدى، ئەمما ھەممىسىدە بىر خىل سوغۇق نەزەر…
    ئىشقىلىپ ھەرقىتىم تەتىلدە خوتەنگە قايىتسام بىرخىل ئىللىق ھېس قىلىمەن. ئانا يۇرتۇم بولغاچىقىلا ئەمەس، كىشىلىرىدىكى ئىنساپ دىيانەت، ئادىمىيلىك باشقا ھەرقانداق جايدىن ئۈستۈندەك ھېس قىلىمەن. رامازان ئايلىرىدا ھەقسىز تاماق تارتىۋاتقان ئاشخانىلار، ناماز ۋاقتىدا جامە ئالدىغا يۈگىرەۋاتقان كىشىلەر، ئىللىق مۇئامىلە…
    ئەلۋەتتە كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ، ئەمما ئومۇمىيەت نوقتىسىدىن كىشىلەردىكى مىھرى – مۇھەببەتكە قايىل بولىمەن.

    جۇلالىق

    تەشنايى بىلەن بىر يۇرتلۇقكەنمىزدە، دېگىنىڭىزدەك خوتەنلىكلەرنى باشقا يۇرتتىكىلەرگە قارىغان ئىللىق چىراي ھېس قىلىمەن، مەنغۇ سىرىتقى شەھەرلەرگە بىر قېتىملا چىقتىم، شۇ بىر قېتىملىق سەپەردە شۇنداق ھېس قىلدىم.
    كىشىلەرنى تېخىمۇ ئىللىق، مېھرىبان بولۇپ كەتسىكەن دەپ بەكلا ئارزۇ قىلىمەن.

  •   #4  

    سالىھ بىگ 2013-12-27 03:08

    چىن كۆڭلىدىن بىر ئىشنى قىلىشنى پۇككەندە شۇنداق ئىسىل ئادەملەرنى ئۇچراتقۇزىدۇ . بەلكىم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ ياخشىلىقىدىن شۇنداق ئىسىل ئادەملەرگە ئۇچراتقان بولىشى مۇمكىن . بىر نەچچە كىشىگە قاراپ بىر مىللەتكە بىر قەۋىمگە باھا بىرىش مىنىڭچە تازا ئورۇنلۇق ئەمەس .

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىنى بىلىپ تۇرغۇچى بۈيۈك زاتتۇر.

  •   #5  

    نازۇك 2013-12-31 00:50

    سىز دېگەندەك، ئەتراپىمزدا مېھېرلىك قەلبلەر يەنىلا كوپ، سىزدىن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئالنى سوراي،بۇ مۇزىكىنى بەكلا ياقتۇردۇم، قايسى مۇزىكا ئىكەنلىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.

    جۇلالىق

    قايسى مۇزىكىنى دەيسىزكىن؟ بلوگ ئېچىلىشى بىلەنلا چىقىدىغان مۇزىكىنى دېمەكچىمۇ يا؟
    شۇنى ئېنىق ئېيتىڭ، مەن ئىسمىنى قالدۇرۇپ قوياي.
    بولمىسا كومپيۇتېرىڭىزغا شۈنلىي قاچىلانغان بولسىلا بلوگدىكى ھەممە مۇزىكىلارنى چۈشۈرۈۋالالايسىز، شۈنلىينى قوزغۇتۇپ بلوگنىڭ مۇزىكا قويغۇچىغا ئەكەلسىڭىز چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

  •   #6  

    نازۇك 2014-01-04 09:07

    شۇنداق، بىلوگىڭىز ئېچىلىشى بىلەنلا چىقىدىغان مۇزىكا، بەك يېقىملىق ئىكەن، مۇشۇنى چۈشۈرۋالاي دېگەن، لېكىن بىلەلمىدىم.

    جۇلالىق

    بۇ شۇ مۇزىكىنىڭ ئىسمى، بەيدۇدىن ئىزدەپ بېقىڭ.
    涛声海鸥声

    يەنە بۇ مۇزىكىنى بلوگىمدىنمۇ چۈشۈرۈۋالالايسىز، شۈنلىي قاچىلانغان بولسا، شۈنلىينى قوزغۇتۇپ قويۇپ، بلوگنىڭ مۇزىكغا قويغۇچىغا مائۇسنى ئەكەلىسڭىز چۈشۈرۈش ئادرېسى چىقىدۇ.

  •   #7  

    جۇلالىق 2015-02-27 10:06

    تىنچلىقمۇ، بلوگىمنى بىلىدىكەنسىز، ئانچە-مۇنچە كىرىپ ئاياق ئىزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتمەپسىز.
    كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى بلوگىمغا يوللاپ بولسام بىر خىللا يەڭگىللەپ قالغاندەك بولىمەن. بىر چاغ بىرسى بلوگنى يېڭىدا ئاچقان ۋاقتىمدا، بۇ بلوگ سىزنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىڭىز بوپتۇ. نېمىنى ئويلىسىڭىز يازىدىغان دېگەنىدى. ئەمدى ئويلىسام شۇ گەپ توغرا ئىكەن.
    ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا بەرداشلىق بېرەلمىگىلى تاسلا قالىمەن، يەنىلا ئۆزۆزۈمگە دەيمەن. بۇنداق ئېغىر كۈنلەر سېنىڭلا بېشىڭغا كەلمىدى، ساڭا ئوخشاش نۇرغۇن تەقدىرداشلىرىڭنىڭ بېشىدا بار كۈندۇر. شۇنداق چاغلاردا كەينىمگە قايرىلىپ قارىسام ئەللىك-ئاتمىش ياشقا كىرگەن كىشىلەر ئۇچرىغان قىسمەتلەرگە ئۇچرىغاندەك ھالسىرايمەن، لېكىن يەنىلا ھاياتقا كۈلۈپ باقماي بولمايدۇ.
    مۇنبىرىنى مەنمۇ سېغىنىمەن، ئىللىق بىر ماكان ئىدى. بىردىن مەھەللە قۇرۇۋالغانىدۇق. بىر-بىرىمىزنى يوقلىشىپ شۇنچە خۇشال ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزگەن، مۇنبەر بىر كۈندىلا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ ھەممە غايىپ بولغانىدى. گۈلىستانغا كۆپ كىرىپ كەتمەيىتتىم، چۈنكى ئۇ يەردەبىلىملىك كىشىلەر كۆپ ئىدى، كىرىپ گەپ قىلىشتىن قورقاتتىم. ئىزدىنىشنى خېلى چۆرگىلەپ قوياتتىم، شۇ چاغدىكى ئىزدىنىش ئوبدانلا قىزىپ قوياتتى. ھەممە مۇنبەرلەر بارغانسېرى سوۋۇپ قالدىمۇ ياكى مېنىڭ مۇنبەر قىزغىنلىقىم قالمىدىمۇ ئەيتاۋۇر مۇنبەرگە كىرىش خوش ياقماس بولۇپ قالدى.
    تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر ئوبدان ھال-مۇڭ بولغىدەك گەپلەركەن. مەنمۇ سىزدەك بىر سىرداش بىلەن تونۇشقىنىمدىن خۇرسەنمەن. كېلىپ تۇرۇڭ. قارشى ئالىمەن. سىزمۇ ئامان بولۇڭ