تەشۋىقات جېڭى ۋە ئەجىر ئىسراپچىلىقى

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2013-09-27 06:11 1,280 17

تەشۋىقات جېڭى ۋە ئەجىر ئىسراپچىلىقى

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە، كىچىككىنە بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرى بەكلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەن، ئادەملەر ئىتتىرىشىپ دېگىدەك، ھەممىسى ئالدىراش بازار ئايلانماقتا.

بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كېلىشىمگە 22 ياشلاردا بار بىر قىزچاق قولۇمغا مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ تەشۋىقات دەپتىرى ھەم كارتىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. يولۇمنى داۋاملاشتۇرغاچ بىر كۆزۈم مېڭىۋاتقان يولۇمدا (باشقىلارغا ئۇرۇلۇپ كەتمەي دەپ) بىر كۆزۈم قولۇمدىكى دەپتەردە ئىدى. دەپتەر يەنىلا بىزگە تۇنۇشلۇق بولۇپ كەتكەن، ئېغىر كېسەللەرنى نەچچە كۈندىلا ساقايتىپ، يۈگۈرگىدەك قىلىۋېتىمىز دەيدىغان (نامى ئۇلۇق، سۇپرىسى قۇرۇق) دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن تولغان. بىرەرسى قولۇمغا مۇشۇنداق تەشۋىقات خاراكتىرلىك نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇپ قويسا، شۇ ۋاراقچىنى تارقىتىۋاتقان كىشىنىڭ جاپاسى ئۈچۈن بولسىمۇ ۋاراقچىنى تەپسىلىي ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىمەن. بۈگۈن يەكشەنبە ئادەم كۆپ بولغاچ، تەشۋىقات دەپتەرلىرىمۇ خېلى كۆپ ئادەملەرگە تارقىتىلغان، كېتىۋېتىپ يەردە چېچىلىپ ياتقان، ئالدىراش ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىپ كەتكەن تەشۋىقات دەپتەرلىرىگە قارىدىم. بۇ تەشۋىقات دەپتىرى، رەڭسىز ئاددىي تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىغا ئوخشىمايىتتى. ھەر بىر بېتىدە كېسەللەرگە پايدا قىلىدىغان دورىلارنىڭ رەسىملىرى، چۈشۈندۈرۈشلىرى بار ئىدى، رەڭلىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىغا مەبلەغ ھەم ئەجىرمۇ خېلى كېتىدۇ.

يەردىكى شۇ دەپتەرلەرگە قاراپ، شۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىت، زېھىننىڭ بىھۇدە ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ بولۇپ كەتكىنىگە ئېچىندىم. شۇ تەشۋىقاتنىڭ رولى قانچىلىك بولغاندۇ؟ شۇنچىلىك مەبلەغ ھەم ۋاقىتنى سەرىپ قىلغانغا چۇشلۇق ئەشۇ دوختۇرخانا پايدىسىنى كۆرگەنمىدۇ؟ ياكى بۈگۈنكى كۈنلەردە ھەممە يەرنى تەشۋىقات جېڭى قاپلىغاچ، جەمئىيەتنىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ قىلىپ باققانمىدۇ؟

بۇ سوئاللارغا شۇ دوختۇرخانا ئېنىق جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن،

ھەر كۈنى بۇنداق ۋاراقچىلارنى تارقىتىۋاتقانلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىمەن، شۇ ۋاراقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەردە چەيلىنىپ ياتىدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ قەغەزنىڭ قەدرىنى قىلىپ ئەتىۋارلاپ كەلگەن مىللەت ئىدۇق، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، زاماننىڭ رەپتارىغا بېقىپ، قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىمۇ قەدىرلەشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 17 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    مەلەك 2013-10-01 09:35

    تەشۋىقات قەغىزىنىڭ رولىنى تامامەن يوقاتقانلىقىغا مانا مەن ھەقىقىي چىن پۈتتۈم.
    كۇرۇسنى يېڭى ئاچقان بولغاچ، كۈندە دېگۈدەك ھەرخىل ھەرياڭزا ھېلى رەڭلىك ھېلى رەڭسىز، ھېلى بىر تامغا لىق كەلگۈدەك، ھېلىقى ئىسىم كارتىسىدەك كىچىك شەكىللەردىكى ئىلانلارنى باستۇرۇپ كېلىشتى، ئادەتتە ئىلان تارقىتىشقا مېنى ئېلىپ چىقمايتى، ئەمما 2 كۈن بۇرۇن ئادەم يوق، ئامالسىز مېنىڭ قولۇمغىمۇ 400 تال ئىسىم كارتىسىدەك ئىلاننى تۇتقۇزۇشتى، بېشىم قاتتى ، كىمگە ،نەدىن باشلاپ، نېمە دەپ تارقىتىشنى بىلمەيتىم، خىجىل بولاتتىم، مەكتەپنىڭ ئالدىدا بالىلىرىنى ساقلاپ تۇرغان ئاتا ئانىلارنىڭ قولىغا ھەدە بالىلار كۇرسىنىڭ ئىلانى كۆرۈپ باقسىڭىز، ئاكا ماۋۇنى كۆرۈپ باقسىڭىز دەپ مىڭتەستە ئېغىز ئېچىپ تارقاتسام، مەن بىرەر قەدەم ئالا ئالماي، ئالدىمغا كارتىلار ئۇچۇپمۇ كەپ بولدى، غا شۈكرى ھېلىمۇ يوغان تەشۋىقات ۋارىقى ئەمەسكەن، يانچۇققا سەپقويغىدەك ئالقاندەك قەغەزمۇ خەققە ئېغىر كېلىدىغان زامان بوپ كېتىپتۇ.
    بىر كۈنى 3000 تال ئىلان تارقاتتۇق، ئەمما ئەتىسى 3مۇ ئادەم كەپ قويمىدى، ساختا ئىلانلار، ئادەم ئالدايدىغان تەشۋىقاتلار كىشىلەرنى ئەنە شۇنداق ھەرقانداق تەشۋىق قەغىزى، ئىلان كارتىلىرىغا .ىشەنمەس قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك…
    ئەجىر مىھنەت بىلەن لاھىيەلىنىدىغان چىرايلىق ئىلانلار، مىڭجاپادا ياسالغان قەغەزلەر ئەنە شۇنداق كوچىلاردا چېچىلىپ ياتىدىغان بولدى…
    ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، ئىلان تەشۋىقاتقا كەتكەن چىقىمغا لايىق كىرىم كىرسىكەن كاشكى

    جۇلالىق

    ئۆز ئالدىمغا كۇرۇس ئېچىۋالدىم دەڭ، ياخشى بوپتۇغۇ. شۇنداق قىلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېتىدىغان بوپسىزدە. يېڭى باسقان قەدىمىڭىزنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىن تىلەيمەن!
    سىز تارقاتقان شۇ كارتىنىڭ خەتلىرىنى تەپسىلىي بىر ئوقۇۋېتىپ تاشلىۋەتسىمۇ مەيلىتى، ئەپسۇس كارتىغا شۇنداقلا قاراپ قويۇپ تاشلىۋېتىدۇ.
    ھەممە يەرنى قۇرۇق شۇئارلار قاپلاپ كەتكەچتكىمۇ. سىلەردەك ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن ئىش قىلىمىز دەپ جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭمۇ ئەجرى يەردە قېلىۋاتىدۇ.
    بۇلغىنىپ كەتكەن بۇ ئىدىيەلىرىمىزنى قاچانمۇ پاكىزلاپ بولارمىز؟ مۇشۇنداق ئىشلارنى ئويلىساملا ئىچىم بەكلا ئېچىشىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنىڭ نەقەدەر سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئۇھسىنىمەن.

  •   #2  

    ئىزتىل 2013-10-04 02:19

    بىر قىسىم تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنىڭ ئاخىرسىغا « ئېلانغا ئىشەنمەڭ ، ئەمەلىيەتكە ئىشنىڭ » دەپ يېزىپ قۇيۇشلىرىچۇ تېخى ؟ ! ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۈنىمى يوقلا بىر ئىش .

    جۇلالىق

    ئەمەلىيەتچانلىقنى تەكىتلىگەن ئەشۇ كىشىلىرىمىز، ئاللىبۇرۇنلا ئەمەلىيەتچانلىقىنى يوقىتىپ بولغان بىچارىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايدۇ ھەقىچان.

    مەلەك

    بىز ئىلاننىڭ ئاستىغا، قەغەزنى ئىسراپ قىلماڭ، ئىلاننىڭ ئارقا يۈزىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ دەپ يېزىپ قويغان…

    ياق ھەدە ئۆز ئالدىمغا كۇرس ئاچقۇدەك مادار نەدە، بىر يېڭى ئېچىلغان تىل تەربىيلەش مەركىزىگە ياردەملەشكەچ، تۈ تىلى ئۆتۈپ بەرمەكچى ئىدىم، بىر ئاي ئۆتتى ھېچكىم تىزىملاتمىدى، ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن قايتىپ چىقتىم ئۇ يەردىن…

    جۇلالىق

    ئېلاندىكى بۇنداق ئەسكەرتىشلەرگە كىم پىسەنت قىلىدۇ دەيسىز سىڭلىم،
    ئۆز ئالدىڭىزغا كۇرۇس ئاچىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار. بولسا تۈرك تىلىدا خوتەندىلا كۇرۇس ئاچسىڭىز بىرىنچى بولۇپ سىزدە ئۆزۈم ئوقۇيتتۇم.

  •   #3  

    kaliptax 2013-10-25 12:06

    ۋايۋۇي مەن ئۈرۈمچىگە بارغاندىغۇ قەدەمدە بىر باركەنتۇق دۆڭ كۆۋرۇكمۇ چوڭ بازامۇ شۇ بىر يەدە بىزنىۇ بۇ يەردە بولسا ئاساسلىقى ھېلىقى ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ بىر دەپتىرى ارقىتىدۇ تېخى ئارىسىدا pvc , vip كارتىلارمۇ باركەن بىراق ئەتىسى بولسا كۇچۇدا تازلىقچىلار نىمشى قىلىۋاتقان شۇ نەرسىلەرنى كۆيدۈرۋاتقان ھەي… ئويلاپ قالىمەن شۇ vpi pc كارتىلارغا زور مەبلەغ كىتىدۇ پايدىىسى بولامدۇغاندۇ شۇلارنىڭ ….

    جۇلالىق

    بىزدە دەل مۇشۇ تەرىپىگە دىققەت قىلىش بەكلا كەمچىل، ئېلانغا شۇنچە كۈچەپ پۇل بۇزىمىزيۇ ئەمەلىيەتكە پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىشىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىدۇ.

  •   #4  

    مېھمان 2013-10-29 21:51

    ئايال كىشىلەردىن بىلوگ ئاچقانلاردىن سىزلا ئوخشايسىز قارىغاندا………
    ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتېسى ئابدۇقىيۇم ئاكىنىڭ ئۆزنىڭ مەھسۇلاتى «سۈۋەرەكخور» نىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىدە مۇنداق بىر كوبلىت شېئىر بار.
    ئەسلى ئۆتەر مال ئىدى،
    ساتار ئىدۇق ماختىماي.
    ئېلانچىلىق دەۋرى بۇ،
    تۇرالمىدۇق ۋاقىرماي.
    مانا بۇ شېئىر سىزنىڭ يۇقۇردىكى يازمىڭىزغا ئېنىق جاۋاپ بېرەلەيدۇ.
    ئۈنىمى بولمىسا بىكاردىن پۇلنى كوچىغا سېلىپ بېرىدىغانغا شىركەت ئاچقانلارنىڭ كاللىسى ئىشىپ قالمىغاندۇ؟

    جۇلالىق

    ئاياللاردىن بلوگ ئاچقانلار خېلى كۆپ سىز كۆرمىگەن ئوخشايسىز. تور بەتنى بەكرەك ئاختۇرۇپ بېقىڭ.
    مېنىڭ تېمامدىن شىركەت ئاچقانلارنىڭ بېشى ئىششىپ قېلىپ شۇڭا تەشۋىقاتقا كۈچەيدۇ دەيدىغان مەنا چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. سىز بۇنى قەيەردىن چۈشەنگەنسىز ئەمدى.
    ھەر ئىنساننىڭ ئۆز ئالدىغا ئوي-پىكرى بولىدۇ. چوقۇم مېنىڭكىنى قۇۋۋەتلەيسەن دەپ مەجبۇرلاش يوق.

  •   #5  

    سالىھ بىگ 2013-12-27 03:11

    دىسەم يىرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دىگەن ئىسىمگىلا كەلدىغۇ .

    جۇلالىق

    بۇ يېرىم چېلەكلەر قاچان شالاقلاشتىن توختار؟ دەپ بەكلا ئىچىم سىيرىلىدۇ. بىزلەر قاچانمۇ ئەتراپىزدىكى ئەشۇ تەشۋىقاتلارغا ئىشەنىچ بىلەن قارايدىغان بولارمىز؟ بەلكىم، بۇ شېرىن ئارزۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    سالىھ بىگ

    لىكىن شۇ يىرىم چىلەكلەر بولمىسا بىز يىرىم چىلەك سۇنىڭ شالداقشىيدىغىنىنى بىر ئۆمۈر بىلمەي ياشىشىمىز مۇمكىن . بۇ دۇنيانىڭ مۇكەممەل ئەمەس ئۆتكۈنچى سىناق دۇنيالىقى مۇشۇنداق ئىشلادا چىقىپ تۇرىدۇ .

    جۇلالىق

    بىراق، يېرىم چىلەكلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، پۈتۈن چىلەكلەر يوقاپ كەتكەندەك ئادەمنى ئۈمۈدسىزلىك قاپلىۋالىدىكەن.

    سالىھ بىگ

    مانا مۇشۇنداق يىرىم چىلەكلەر بىلەن ياشاپ پۇتۇن چىلەكتىن ئۈمىدىنى ئۆزمىگەندە پۇتۇن چىلەكلەر بىلەنمۇ ئۇچراشتۇرا .

  •   #6  

    رىۋايەت 2014-05-10 00:08

    روھىيەت تۈگۈشۈپ كەتتكەن قۇرۇق جىسىمدا نىمە بولماقچىدى …،بىزلەردە ھەر شەيئىگە ئىشەنچ قالمىغاندەك ھەر قانداق نەرسىدىن گۇمانلىنىپلا ئۈتىدىكەنمىز .
    شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئۇچۇرلاردىنمۇ قۇرۇق قالىز.
    بىزلەردە قوللاش – قوغداش ئىڭىنىڭ تۈۋەنلىكىدىن ھەممە ئىشتىن قوغلاندى بۇلۇپ كىتىۋاتىمىز .

    جۇلالىق

    ھەممە يەرنى ساختىلىق قاپلاپ كەتكەچكە، ئادەم پايدىلىق نەرسىلەردىنمۇ شۈبھىلىنىپ قالىدىكەن.