نارنىيا رىۋايىتى ھەققىدە قانچىلىك بىلىسىز؟

تەسىرات ئۈنچىلىرى 2013-09-08 00:42 1,315 10

نارنىيا رىۋايىتى ھەققىدە قانچىلىك بىلىسىز؟

تىنچلىقمۇ قېرىنداشلار!
فانتازىيەنى ياقتۇرمايدىغان دوسلار بەك ئازغۇ دەيمەن .
بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشۇپ كۆرىشىگە ئېرىشكەن «نارنىيا رىۋايىتى»فىلىمى توغرىسىدا توختىلىمىز.قىسقىسىنى ئېيىتقاندا مەن «نارنىيا» يۈرۈشلۈك رىۋايەتلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ كۆرگەچكىمىكىن، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ئىزدەپ تېپىپ كۆرەتتىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىكىم توغرىسىدا ھەمبەھىرلەنمەكچىمەن.
1.كىتاپ ھەققىدە

«نارنىيە رىۋايىتى» يەنى [The Chronicles of Narnia] ناملىق بۇ بالىلار فانتازىيەسىنى ئەنگىلىيەلىك داڭلىق بالىلار چۆچىكى يازغۇچىسى Clive·Staples·Lewis كىلايۋ.سىتەپلىس.لېۋىس ، (يەنى قىسقارتىلىپ ،C.S.Lewis  دىيىلىدۇ)1950-يىلى يېزىشقا باشلاپ، 1956-يىلى تاماملىغان.


بۇ كىتاپ جەمئىي 7 قىسىم بولۇپ ، ياۋرو-ئامرىكا دۇنياسىنىڭ تىپىك رىۋايەتلىك ئەسەرلىرىدىن بىرى .كىتاپلار رەت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىدەك ، «شىر پادىشاھ، ئايال پېرىخۇن ۋە سىرلىك كىيىم ئىشكاپى»،«كاسىپىن شاھزادىسى» ،«دولقۇن يارار سۈبھى ناملىق كېمە»،«كۈمۈش ئورۇندۇق»،«ئوغۇل بالا بىلەن سۆزلىيەلەيدىغان ئات»، «سېھرىگەرنىڭ جىيەنى» ،«ئاخىرقى جەڭ» قاتارلىقلاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ، فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەنلىرى بولسا«شىر پادىشاھ، ئايال پېرىخۇن ۋە سىرلىك كىيىم ئىشكاپى»، «كاسىپىن شاھزادىسى» ،«دولقۇن يارار سۈبھى ناملىق كېمە»قاتارلىق 3 قىسىم بولدى .ئەمدى نۆۋەتتە«كۈمۈش ئورۇندۇق»ئىشلەنمەكچى.
ئەمدى قىسقىچە قىلىپ فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن3 بۆلۈمىنى كۆرۈپ باقايلى .

1.شىر پادىشاھ، ئايال پېرىخۇن ۋە سىرلىك كىيىم ئىشكاپى [The Lion, the Witch and the Wardrobe]

پاۋىنىس ئائىلىسىنىڭ 4 قېرىندىشى ، پېتىر، سۇسان، ئېدۋارىد،يەنە لۇسى  قاتارلىقلار  بىر پىروفېىسسورنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇۋاتقاندا ، قەدىمي بىر كىيىم ئىشكابىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەدەم ئېلىپلا ، رىۋايەتلەرگە تولغان «نارنىيا» دۆلىتىگە كېلىپ قالىدۇ. بۇ جايدا  قوي ئادەم، ئات ئادەم ، يەنە نۇرغۇن چوڭ-كىچىك غەلىتە مەخلۇقلار ياشايدىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا ئوخشاشلا گەپ قىلالايدىغان ۋە تەپەككۇر قىلالايدىغان مەخلۇقاتلار ئىدى. بۇ «سىرلىق دۇنيا» نىڭ پادىشاھى بولسا ، كىتاپنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق رولچىلىرىدىن بىرى بولغان شىر پادىشاھ «ئارسلان»  بولۇپ ، ئۇ قىسقىغىنا ۋاقىت نارنىيادىن ئايرىلغان مۇشۇ پەيىتتە ، نارنىيا دۆلىتىنى بىر ياۋۇز زۇلمەتلىك قارا كۈچنىڭ سىموۋىلى بولغان «ئايال پېرىخۇن» ئىگەللىۋالغان بولۇپ ، دۆلەتنىڭ گۈزەللىكى  ۋە خوشال-خورام ئىناقلىقى يوقالغان ، خارابىلەشكەن ئىدى.  دەل مۇشۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان بۇ 4 قېرىنداش  قاتقۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، نارنىيالىقلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ ، شىر پادىشاھ «ئارسلان» نىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇ ياۋۇز «ئايال پېرىخۇن» نى يېڭىدۇ، نارنىيا خەلىقى  خوشاللىقىدىن پېتىر بىلەن سۇساننى  ئەر ۋە ئايال پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەيدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوشال-خورام تۇرمۇشقا قايتىپ ،ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن سىرىتقا چىقىدۇ ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار يەنە شۇ «سىرلىق ئىشكاپ» ئارقىلىق رىئالىي دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ .

كاسىپىن شاھزادىسى [Prince Caspian]

ھېكايە ھېلىقى 4 قېرىنداش رىئال دۇنياغا قايتىپ 1 يىلدىن كېيىنكى ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. ئۇلار مەكتەپتىن قايتىش يولىدا مېترو ساقلاۋېتىپ يەنە شۇ سىرلىق كۈچنىڭ تەسىرىدە ئۆزلىرىگە تونۇش بولغان «نارنىيا»دۆلىتىگە قايتىدۇ. لېكىن رىئالىي دۇنيادا 1 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، بىراق نارنىيا دا ئاللىبۇرۇن 1300 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ بولغان ئىدى. شۇ جەرياندا نارنىيا پادىشاھىنىڭ ئىنىسى مىروزمور پادىشاھلىق تەختىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدۇ ، ھەممە يەردە قىيىنچىلىق ۋە زوراۋانلىق ئەۋج ئېلىپ ، نارنىيا دۆلىتىدىكى بارلىق سۆزلىيەلەيدىغان مەخلۇقاتلار يوشۇرنىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇلارغا چىدىمىغان كاسىپىن شاھزادە ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ نارنىيانىبۇرۇنقىدەك ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقچى بولىدۇ . بۇ بۆلۈمدە ئاساسلىق 4 قېرىنداش يەنە نارنىيالىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ، خايىن پادىشاھنى بويسۇندۇرۇپ ، نارنىيا بۇرۇنقىدەك گۈللەنگەن ھالەتكە قايتىدۇ. 4 قېرىنداشمۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولۇپ ئۆز دۇنياسىغا قايتىپ كېلىدۇ.

3.دولقۇن يارار سۈبھى ناملىق كېمە [The Voyage of the Dawn Treader]

يازلىق تەتىل كېلىپ . ئېدىۋارىد بىلەن لۇسى  تاغىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ،ئۆيدە  تاغىسىنىڭ بالىسى يۇستاس ئۇلارغا توختىماي ئاۋارچىلىق تېپىپ بېرىدۇ، ھەمدە «نارنىيا»دىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قەتئىي ئىشەنمەي ، ئاكىسى بىلەن ئاچىسىنى ئېلىشىپ قالغانلار دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. شۇ كۈنى ئېدۋارىد بىلەن لۇسى تامغا ئېسىقلىق سۈرەتكە قاراپ نارنىيا توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. يۇستاس بۇنىڭغا چىدىماي تامدىكى سۈرەتنى ئېلىپ چېقىۋەتمەكچى بولغاندا ، سۈرەتتىكى كېمە دولقۇن يېرىپ ئۈزۈپ ، ئۆي ئىچى سۇ بىلەن توشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نارنىياغا يەنە قايتىدۇ.   ئۇلار كاسىپىن شاھزادىسىنى ئۇچرىتىدۇ. ئۇلارنى يەنە   نارنىيانى يۇتىۋالماقچى بولغان زۇلمەتلىك قارا كۈچ «قارغىش» كۈتۈپ تۇرغان بولۇپ ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار بىلەن مىڭ بىر جاپادا ئۇلار   ياۋۇز كۈچ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ، خەلىقنى  زۇلمەتلىك قارا تۇمان ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، يۇستاس ئۆزى ئىشەنمىگەن بۇ سىرلىق دۇنياغا  كېلىپ ، كۆرۈپ باقمىغان ئىشلارغا يولۇقىدۇ، ئۆزى بولسا ئوت پۈركۈيدىغان ئەجدىھاغا ئايلىنىپ ، ياۋۇز مەخلۇقنى ئۆلتۈرۈشتە كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ.  شۇنداق قىلىپ ئۇلار ۋەزىپىنى تاماملايدۇ.  ئاسىلان ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دۇنياسىغا يولغا سېلىپ قويىدۇ.

فىلىمگە بولغان كۆز قارىشىم:

مەزكۇر فىلىمنى پەقەت ۋەقەلىكىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈپ ، ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ-غارايىباتلاردىن ھوزۇرلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكىلا بولىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى كىتاپ يازغۇچىسى لېۋىس ئەينى دەۋىرنىڭ داڭلىق بالىلار چۆچەكلىرى يازغۇچىسى بولۇپلا قالماي ، بەلكى داڭلىق خىرىستىيان مۇرتى .
ئۇ ئوكىسفورىد ئۇنۋېرىستىتىدا يەنە بىر داڭلىق بالىلار فانتازىيەسى «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ يازغۇچىسى تولكىن [John Ronald Reuel Tolkien] بىلەن ساۋاقداش ئوقۇغان بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپ يازغان بالىلار چۆچىكىنى «ھۆكۈمران ئۈزۈك» تىن ماتىريال ئېلىپ تۇرۇپ تەييارلىغان. فىلىمنىڭ ئاساسلىق ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغىنى ياۋۇز كۈچلەرنىڭ ھامىنى ھەققانىيەتنى يوقلىغۇچىلار تەرىپىدىن يوقىلىدىغانلىقىدەك ئىدىيە بولسىمۇ ، بىراق فىلىمدە ئاز بولمىغان سىموۋۇللۇق ئوبرازلار بار. يەنى ئەڭ مۇھىمى ، زوراۋانلارنى يوقاتقۇچىلارنى توغرا يولغا باشلايدىغان ھەم يول كۆرسىتىدىغان ئارسلان بولسا ئىيسا پەيغەمبەرگە سىموۋىل قىلىنغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىشى ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشى قاتارلىقلار تىپىپ خىرىستىيانىزىمچىلارنىڭ ئارزۇسىدىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا «نارنىيا رىۋايىتى» بىلەن «ھۆكۈمران ئۈزۈك» ئىككىسى غەرىپ بالىلار يېزىقچىلىق مەدىنىيىتىدە تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە رىۋايەتلەردۇر.

بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ، كېيىنكى ساندا داۋامى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ!

4.«كۈمۈش ئورۇندۇق»
5.«سېھرىگەرنىڭ جىيەنى»
6.«ئوغۇل بالا بىلەن سۆزلىيەلەيدىغان ئات»
7.«ئاخىرقى جەڭ»

كېلىش مەنبەسى: ئاق بۈركۈت تورىدىن ئەلبارىس يازمىسى.

بۇ يازمىدا جەمئىي 10 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2013-11-15 04:30

    تىنچلىقمۇ، بلوگىمدىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن،
    مېنىڭ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يازما يېزىشىممۇ، يازمىلرىمدىن باشقىلار ئازراق بولسىمۇ روھىي ئۇزۇق ئالسا دېگەننى مەقسەت قىلىپ يازىمەن.
    يازمىلىرىمنى ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن رۇخسەت قىلىمەن، يازمىنىڭ ئاپتورى، كېلىش مەنبەسىنى يەنى بلوگىمنىڭ نامىنى قوشۇپ ئېلان قىلسىڭىزكەن.
    ئىش بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ، مەن تېزلا جاۋاب يازىمەن.

  •   #2  

    سالىھ بىگ 2013-12-27 03:14

    مەنمۇ بۇ فىلىمنىڭ ھەممىنى تولۇق كۆرۈپتىمەن . ئاجايىپ غارايىپ دەپ تەرىپلىسەك بولىدۇ . ئۈزۈك شاھى دىگەن كىنو مەخلۇق بەتبەشىرە دىسەك توغرا بولغۇدەك . يەنى مۇشۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى بىشىغا ياغلىقنى ئوراپ تىگىگە تار ئىشتان كىيىۋالغان قىزلارنى كۆرسەم مۇشۇ كىنودىكى ئاستى ھايۋان ئۇستى ئادەم مەخلۇقلار كىلىدۇ . لىكىن كىنودىكى ئۇلارنىڭ ئىچكى ھىسياتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئوخشىماسمىكى دەيمەن .

    جۇلالىق

    نېمىشقىدۇر مۇشۇ كىنونى كۆرسەملا ئۆزۈمنى شۇلارنىڭ ئارىسىدا باردەكلا ھېس قىلىمەن، بەزىدە ئۆزۈمنى سەگىتىپ تۇرمىسام، كىنو ئاياغلاشسىمۇ مەن يەنىلا كىنونىڭ ئىچىدە كېزىپ يۈرۈيمەن.
    مېنىڭچە كىنودىكى ئاستى ھايۋان ئۈستى ئادەم شۇلارنىڭ ئىچكى ھېسياتى بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئەشۇ كىشىلىرىمىزدىن ساپ دەپ ئويلايمەن. ئۇلار ئۆز قىممىتىنى قوغداپ، مەغرۇر ياشىيالايدۇ.

    جۇلالىق

    بەلكىم، ئىنساننىڭ تەبىئىتى شۇ ئوخشايدۇ، ئەتراپىڭدا مەرت ئادەملەر ئاز قالغانسېرى، مەردانىلىق، بارتۇلۇق تەسۋىرلەنگەن كىنولارغا بەكرەك ئامراق كېلىدىكەنسەن.
    بۇ كىنو 3 بۆلۈم ئىشلىنىپ بولغان، 4-بۆلۈمىنى تېخى ئىشلەپ بولالماپتۇ.

  •   #3  

    نەفىسە 2014-02-24 22:28

    مەنمۇ نارنىيا رىۋايىتى دىگەن بۇ كىنونى بەك ياقتۇرىمەن .بۇ قىلىمنى فانتازىيلىك كىنولارنىڭ ئىچىدىكى نادىر قىلىم دىيىشكە بولىدۇ .مەن بۇ بىلوگىڭىزنى ھەم لىرىك مۇزىكىلىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم سىز بىلەن دوست بۇلۇشنى خالايمەن .

    جۇلالىق

    بلوگىمنى ياقتۇرغىنىڭزىدىن خۇشال بولدۇم، دوست بولساق ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەنمۇ دوست بولۇشنى خالايمەن.

  •   #4  

    نەفىسە 2014-02-26 03:16

    .بىلوگىڭىزدىكى ھەممە مەزمۇننى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم .ئىككىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرى ئوخشاپ قالدىكەن .شۇڭا سىز بىلەن دوسىت بولغۇم كەلگەن ئىدى .سىزنى يەنە بىر ئاۋارە قىلاي مىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرۇمنى ئىنكاستىن ئۇچۇرۋەتكەن بولسىڭىز …سىزنى ئاۋارە قىلدىم .چ چ نۇمۇرىڭىزنى تىلىغۇنۇمغا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن .تىلفۇنۇمغا بەك جىق تىلىفۇن كىلىپ ئاۋارە بۇلۇپ كەتتىم

    جۇلالىق

    تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئىنكاستىن ئۆچۈرۋەتتىم. ئۆز-ئارا كۆز قارىشى ئوخشىشىدىغان دوستلارنى تاپماق ئاسان ئەمەس.
    مەن خېلى بولغان چ چ ئىشلەتمىگىلى، خالىسىڭىز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالايلى. ئېلخەت ئادرېسىمنى قالدۇراي، خەت قالدۇرۇڭ، شۇنىڭدا پاراڭلىشايلى.
    julaliq@163.com مۇشۇ خەت ساندۇققا خەت يازسىڭىز بولىدۇ.

  •   #5  

    رىۋايەت 2014-02-26 21:00

    مەن بۇ كىنۇنى ياقتۇرىمەنلا ئەمەس بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن .بىراق دائىم كۇرۇش پۇرسىتى بولمايدۇ. ھازىر كىتابىنى تاپقىلى بولامدۇ ؟ئۇيغۇرچىمىدۇ ؟مىنىڭ سەۋىيەم چەكلىك باشقا تىلدىكىسى بولسا ئۇقۇيالمايمەن ياردەم قىلسىڭىز ……..

    جۇلالىق

    مەن كىتابىنى ئوقۇپ باقمىغان، ھازىر تاپماق تەسمىكىن.