سۈكۈت ئىچىدىكى خىياللار

تەپەككۇر تامچىلىرى 2013-08-26 05:09 1,447 15

سۈكۈت ئىچىدىكى خىياللار

قەدەملىرىمنى بەكلا تەستە يۆتكىمەكتىمەن، پۇتۇمغا خۇددى بىرسى تاش ئېسىپ قويغاندەك بەكلا ئېغىر ئىدى. بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ دائىملىق جىمجىتگاھىم كۆل بويىدىكى ئورۇندۇققا كەلدىم. تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىدىن ھالسىرىغان بەدىنىمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئارانلا تاشلىۋالدىم. ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئىدىم. ھاياتنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرىدىن ھېرىپ-چارچىغاندا، نېرۋىلىرىمنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىردىنبىر جىمجىت يەر مۇشۇ كۆل بويى ئىدى. بۇ يەرگە ئۇنچە ئادەم كېلىپ قالمايىتتى. ھەر ۋاقىت كۆڭلۈم بىئارام بولسا مۇشۇ يەرگە كېلىپ، تىنىچ كۆلگە بىرەر سائەت قاراپ ئولتۇرسام، غەم-قايغۇلار ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەپ، روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. كۆل سۈيى شۇنچىلىك تىپتىنىچ، مەيىن شاماللار كۆل سۈيىنى دولقۇنلىتىپ ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىر خىل كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى.

مۇشۇ كۈنلەردە خىيال سۈرۈشكە بەكلا ئامراق بولۇپ قالدىم. ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىياللارنى تولا قىلىۋېرىپ، خىيالپەرەس بولۇپ قالامدىمەنكىن دەپ ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپمۇ قالىمەن. لېكىن، يەنىلا جىىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال دۇنياسىدا بىردەم بولسىمۇ ياشاش، مەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى.

بەزىدە ئۆزۈمنىڭ بۇنداق خىيالپەرەسلىكىدىن بىزار بولۇپمۇ قالىمەن. بىرەر كىنو كۆرۈشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. قايسى كۈنى «نارنىيا رىۋايىتى» فىلىمىنى كۆردۈم. ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىگەن فىلىم ئىكەن. قىزلارنى قەيسەر، باتۇر باش رولچى قىلىپ ئىشلىگەن كىنولارغا شۇنداق ئامراقمەن. بۇنداق كىنولارنى بىر قېتىم كۆرۈپ بولدى قىلمايمەن. ئارقا-ئارقىدىن نەچچە رەت كۆرىمەن دە، كىنونىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىمەن. «نارنىيا رىۋايىتى»نىمۇ يەتتە-سەككىز قېتىم قايتىلاپ كۆردۈم، قايتا كۆرگەنسېرى ئۆزۈمنى، ئەشۇ باتۇر ئاكا-سىڭىللار ئارىسىدا باردەكلا ھېس قىلىمەن. ئۇلار بىلەن نارنىيانىڭ گۈزەل تاغ-ئورمانلىرىدا بىللە جەڭ قىلىپ، نەچچە كۈن بولسىمۇ باتۇرلارچە، مەردانە ياشىغۇم، كۈنلەرنىڭ بېرىدە ماڭىمۇ تۇيۇقسىز شۇنداق بىر پۇرسەتلەر كېلىپ قالسا، نارنىيادەك سىرلىق بىر ماكانغا بېرىپ، سۇسان، لوسسىلاردەك قەيسەرلەرچە جەڭ قىلىپ، تۈرلۈك خەتەرلەرنى يېڭىپ غەلبە قازانغۇم بار. تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ كىنونىڭ ئىچىگە بەكلا كىرىپ كېتىپ، رېئاللىقنى ئۇنتۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ، كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولىدۇ. بۇنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش بەكلا تەس ئىدى.

رېئال تۇرمۇش مېنى بەكلا چارچىتىپ قويدىمۇ قانداق، يەلكەمنى ئېغىر بىر نەرسە بېسىپ تۇرغاندەكلا، شۇ ئېغىر يۈكنى تاشلىۋەتكۇم بار، لېكىن قانداق تاشلىۋېتىشنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قېلىۋاتىمەن…

قەلبىمدە بىر خىل سىقىلىش، قەلب سىرلىرىمنى بىرسىگە ئېيتىپ بېرىپ ئازراقلا يېنىكلىۋالسام دەيمەن. بىراق، مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق…

ھېچكىم كۆرمەيدىغان ئېگىز يەرلەرگە چىقىپ، بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ توۋلىغۇم بار. لېكىن، گېلىمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك ئاۋازىم چىقمايۋاتاتتى. قانداقتۇر ئەتراپىمدىكىلەردىن قورۇنغاندەك، ھېلىلا بىرسى كېلىپ، نېمە بۇ يەردە ساراڭدەك ۋارقىراپ يۈرۈيسەن دەپ مېنى ئەيىپلەيدىغاندەك، توۋلاشتىنمۇ قورقاتتىم…

يەنە خىيالغا چۆكۈپ كېتىپ، كەچ كىرگىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. ئەتراپنى گىرىمسەن قاراڭغۇلۇق قاپلاپتۇ. بۇ جىمجىت ماكاندىن ئايرىلغۇم كەلمەي ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭدىم. كەينىمگە قايرىلدىم، كۆل سۈيى يەنىلا جىمجىت، مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك تۇيۇقسىز دولقۇنلاپ كەتتى.خەير، جىمجىت مۇڭداشگاھىم، بىز يەنە كۆرۈشىمىز…

رېئال دۇنيادا سېنى سېغىنغىچە مېنى ساقلاپ تۇرغىن، بىز پات ئارىدا كۆرۈشۈپ قالىمىز. چۈنكى مەن، ھايات قايناملىرىدا قايناش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن…

بۇ يازمىدا جەمئىي 15 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2013-08-30 11:16

    تىنچلىقمۇ، مەن ياخشى قا شۈكرى، ئۆزىڭىزچۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
    مۇشۇ كۈنلەردە نېمىگە شۇنچە ئالدىراش ئىكەنلىكىمىزنى بىلەلمەيلا ئالدىراشقۇ بىز، مەندەك بىر دوستىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماي يوقلاپ كەلگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.
    سىز تەرەپكىمۇ ئۆتمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ، ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم ئۆتىمەن.
    يېڭى يازمامغا داخىل بوپسىزيۇ، بىرەر سوۋغا قويماي چىقىپ كېتىپسىز.

    ھىكمەت

    سوۋغىنى شۇ ئىنكاسنى يازغان ئىسىمغا باغلاپ قويىۋېدىم، قارىغاندا بايقىمىغان ئوخشايسىز – ھە؟!

    جۇلالىق

    ئەمدى كۆردۈم. كۆپ رەھمەت.
    لېكىن ئۇلىنىش بېتىڭىزنىڭ نامىدىن قۇسۇر تاپتىم. ئۆلچەمسىز ئىسىم قويۇۋاپسىز، شۇڭا ئىسىمنى قايتىدىن ئويلۇشۇپ بېقىڭ.
    ئەسلى توغىرىسى: http://www.ulining.com بولۇشى كېرەك ئىدى. بىر تال n چۈشۈپ قاپتۇ.

  •   #2  

    مەلەك 2013-08-31 21:06

    ئىنسان ئارزۇ ئارمان ۋە خىياللار بىلەن ياشىسا كېرەك، بەزىدە ھىچقانداق خىيالى يوق پەقەت رىئاللىققا بويسۇنۇپلا ياشايدىغان كىشىلەرنى بەك بىچارىدەك ھېس قىلىپ قالىمەن.
    خىيالمۇ ئىنساننىڭ تەپەككۇرىنى ئاچسا كېرەك، بۇ خىياللار قىلسا قىلسا بىر بىرىگە ئۇلىنىپ چىقىۋىرىدىكەن ، شۇ خىياللارغا ياندىشىپ شۇ خىيالنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىيەت پەيدا بولىدىكەن.
    مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە ئارام خىيال سۈرۈشكىمۇ پېتىنالمايمەن، پاشا غىڭشىسىمۇ، كىشىلەر ئۆزىگە ئۆزىگە نەپەس ئالسىمۇ دىققىتىم چېچىلىغۇدەك بولىدۇ دە، خىيال كەپتەرلىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇ پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىدۇ.
    شۇنداق بىر يەر بولسا ئىزىش ئېزىلىش، مەسخىرە قىلىش، يۇقىرى -تۆۋەنلىك، باي نامراتلىق بولمىسا، مەنزىرىسى بەكمۇ گۈزەل بولسا شەھەردىكى قىقاس-چۈرەنلەردىن ئۇزاقلىشىپ، تەبىئەتكە، زىمىنغا يېقىنلاپ بىر ھوزۇرلىنىۋالساق ھە.! بۇنداق ئويلايدىغان ئادەم بەك كۆپمىكى دەيمەن.
    ھازىر قارىسام جەمىئيەتنىڭ ئومۇمى ھاۋاسىنى چۈشكۈنلۈك قاپلاپ كەتكەندەك تۇرىدۇ، قانداقمۇ قىلارمىز؟!

    نەچچە ۋاقىتتىن بۇرۇن تورغا چىقسام ، ئېسىمگە كەلگەن تور بەت بلوگلارغا كىرىپ باقتىميۇ، يەنە بىرسى كەم قالغاندەك،ئۆۈم ياقتۇرىدىغان بىكەتتىن بىرنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ھېس قىلغانىدىم،بۈگۈن دەل «جۇلالىق»نى يوقلاشنى ئۇنۇتقىنىمنى بىلدىم.

    جۇلالىق

    سەن ياشاۋاتقان شۇ جەمئىيەت تىنىچ بولمىسا ساڭا ھېچقاچان ئارام ياشاش پۇرسىتى بولمايدىكەن.
    نەگىلا قارىماي ناھەقچىلىك، قولىدا ئازراق پۇلى بارلار نامراتلارنى ئېزىۋاتقان، ئادەم بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىۋەرسىمۇ تەسىر قىلماس بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ بەزىدە شۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپ قالسام بىردەم ئازاپلىنىپ بۇ ئىشلار ئېسىمدىن تېزلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. لېكىن، تەنھا خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولغىنىمدا كۆرگەن ھەر بىر ئىشلىرىم كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلايدۇدە، مېنى ئازاپلاشقا باشلايدۇ.
    بۇنداق چاغلاردىكى خىياللىرىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىنغا توختايدۇ. نەقەدەر ئازاپلىق خىياللار…
    بلوگىمنى يوقلاشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.

  •   #3  

    مەلەك 2013-09-03 09:44

    ماۋۇ ئىنكاس ئايرىم تېما بولسا بوپتىكەن، بۇ ھېلىقى تايلانتنىڭمۇ، سىنگاپورنىڭمۇ ئىشقىلىپ بىر يەرنىڭ ،بىر قىزۋالا ئاشپەزلىك قىلىدىغان كىنو ئەمەسمۇ، مەن ئىزچىل شۇمىكى دەپ دىققەت قىلمىغانكەنمەن، ئۇنىڭدا فانتازىيە ياكى كاتون چىقمايدۇ ئادەم چىقاتتى.

    جۇلالىق

    ماقۇل مەن ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قوياي.
    بۇ كىنو ئامېرىكىنىڭ، سىز دېگەن كىنو ئۇ ئەمەس.

  •   #4  

    جۇلالىق 2014-04-08 07:33

    تىنچلىقمۇ، سىزدەك بىر ئوقۇرمىنىم بولغىنىدىن مەنمۇ بەك خۇشال.
    ئېغىر تۇرمۇش بېسىمىدىن چارچىغان نېرۋىلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئارام ئالدۇرۇپ تۇرمىساق، ھامان بىر كۈنى روھىي بېسىمىمىز ئارتىپ كېتىپ، بىنورماللىق كېلىپ چىققىدەك.

  •   #5  

    ئابدۇجىلىل 2014-05-05 08:53

    داۋالغۇش ئچىدىكى خىياللار

    ئنسان دىگەن دۇنياغا قۇرۇق قوللا كىلەركەن،
    ۋاقتى كەلسە يەنىلا قۇرۇق قوللا كىتەركەن،
    ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ ھەممىمىزگە يىتەركەن،
    ھەر كۈنىگە ئۈچ ۋاقىت ئۈچ پارچە نان يىتەركەن.
    مەيلى گاداي مەيلى شاھ كىلىپ يەنە كىتەركەن،
    گاھى يىغلاپ گاھ كۈلۈپ بىرلا خىلدا ئۆتەركەن،
    نەشتىرى بار ھەرىمۇ شۈنچە ئىناق ئۆتەركەن،
    پەقەت ئىنسان ھەر ۋاقىت دۈشمەنلىشىپ ئۆتەركەن،
    بۇنداق يۈرۈپ ئىنسانغا نىمە قىسمەت يىتەركەن؟

    ئادەتتە دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆزۈم يالغۇز مەنزىرلىك جايدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشكە ئاداتلىنىپ قالغانمەن.ھەر قىتىم خىيال سۈرۋاتقاندا سرتقى مۇھىتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىپ كىتەتتىم ،خۇددى بۇ دۇنيادا ئۆزۈم يالغۇز تۇرۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولاتتى،لىكىن بۈگۈن نىمىشقىكىن ئۆزۈمدە بۇ خىل تۇيغۇنى تاپلمايۋاتىمەن،ھە دىسىلا ئەتراپىمدا يۈز بىرۋاتقان ئىشلار خىيالىمدىن نىرى كەتمەيۋاتىدۇ،ئالداش-ئالدىنىش،ئۇرۇش-سوقىشىش،ھەر خىل ئاخپارات ۋاستىلىرىدىمۇ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى توقىنىشلار،بۇ ئىشلار خىيالىمدىن كەچسە خۇددى ئۆزەمنى ياۋايى ھايۋانلار ئورمالىقىدا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلۋاتىمەن،ھايۋانلار ئىسىمگە كىلىپ ئىلگىرى بىر كىتابتا ئوقۇغان بىر ھىكايە خىيالىمدىن ئۆتتى،ئۇ مۇنداق بىر ھىكايە:
    – بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا،زەرەپشاننىڭ ئۇ يىقىدا،تەكلىماكاننىڭ بۇ يىقىدا نورغۇنلىغان توقايلىقلار بار ئىكەن،توقالىقلارنىڭ ئەتراپى قىلىن جاڭگاللىقلار يەنى توغراق،جىگدە،يۇلغۇن،سۆكسۆكلەر بىلەن ئورالغان ئىكەن،توقايلىقلاردا قۇمۇش،يىكەن،ئاق تىكەن،يانتاق،بىسىلغاق قاتارلىق ئۆسۈملىكلەر ئۆسىدىكەن،بۇ توقايلىقلاردا ھەر خىل ئەتىۋارلىق سۇ قۇشلىرىدىن غاز-ئۆردەك،قاقىر،تۇرنا،ئاق قۇ قاتارلىقلار،لاچىن،قارچىغا،قۇرغۇي قاتارلىق يىرتقۇچ قۇشلارمۇ بار ئىكەن، شۇ توقايلىقلارنىڭ ئىچىدىن بىرىدە ئارپا،بۇغداي،تىرقلا ئۆسىدىغان بولۇپ،بۇنىڭدا پەقەت كەپتەرلا ياشايدىكەن،بۇ توقاينىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي گىرەلىشىپ كەتكەن جىگدە،توغراق ئورمانلىقى ئىكەن،شۇنداق بولغاچقا باشقا قۇشلار بۇ يەرنى بىلمەيدىكەن.كەپتەرلەر يىل بويى شۇ يەردە تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدىكەن.كۆنلەر،ئايلار،يىللار ئۆتۈپتۇ،كەپتەرلەرنىڭ سانى شۇنداق كۆپىيىپتۇكى ئۇچسا كۈن تۇتۇلغاندەك بولىدىكەن.بۇ كەپتەرلەر ئۇزاق زامانغىچە شۇنداق ئىناق،ئەركىن ياشۋىرىپتۇ،ھىچ نەرسە ئۇلارغا دەخلى قىلماپتۇ،ئۇلار ناھايتى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان كۈنلەردە ئوۋچى لاچىن پەيدا بوپتۇ.كەپتەرلەرنى دوست بولۇشقا كۆندۈرىپتۇ، ئەمەلىيەتتە لاچىن كەپتەرلەرنىڭ دۈشمىنى ئىكەن،ئۇ دائىم كەپتەرلەرنى ئوۋلاپ كەپتەرلەرنى زار- زار يىغلىتىپتۇ،ئۇلارمۇ ھەم غەزەپلىنىپتۇ.
    بۇ كەپتەرلەر بۇ ئىشلاردىن غەزەپلىنىپ،
    تەقدىر بەرگەن بۇ قىسمەتتىن ئەجەبلىنىپ.
    ھەممە بىردەك يىغىلىپتۇ چوڭ توقايغا،
    ئەل بويچە ئىچىلغان بۇ قۇرۇلتايغا.
    -قارشى چىقىش كىرەكمۇ يا شۈكۈر دەمدۇق؟
    قانداق قىلىش كىرەك دوسلار جىم ياتامدۇق؟
    كەلگەن چاغدا لاچىن ئۆزى خۇشىۇي ئىدى،
    ئەمدى قوپۇپ بىزلەرنى ھەم ئايماي يىدى،
    «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇپ بولماس»دەپتۇ بىرى.
    جان ساقلىغان باتۇر، دەپتۇ يەنە بىرى.
    لاچىن تۇرماق سانى يىڭىش بەسى مۈشكۈل،
    يىڭىلسەڭلار پۇت – قوللارغا سالار ئىشكىەل.
    پو ئاتقۇچە سىڭگەن ناننى يىمەيلىمۇ!؟
    پەشۋالىسا بەگ- غوجامكەن دىمەيلىمۇ!؟
    شۇنداق قىلىپ بۇ كەپتەرلەر بۇقىلدىشىپ،
    بىر- بىرىگە يول قويماپتۇ چوقۇلىشىپ.
    ئىتتىپاقلىق،ئىناقلىقنى ساقلىماپتۇ،
    پىتنە- پاسات،جىدەل- ماجرا ئەۋج ئاپتۇ.
    «كۈرەش»دىگەن كەپتەرلەرنى «ساراڭ»دەپتۇ،
    بۇقۇلدىشىپ بىر- بىرىنى ئەيىپلەپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ پىتشماپتۇ بۇ كەپتەرلەر،
    ئۆز توپىدىن ئايرىلىپتۇ ئەقىلسىزلەر.
    باشقا جايدىن ماكان ئىزدەپ مىڭىشىپتۇ،
    ئانا ماكان يۇرتلىرىنى تەرك ئىيتىپتۇ.
    -ئارىدىن خىلى يىللار ئۆتۈپ كىتىپتۇ،بىر كۈنلەردە ئۆز توپىدىن ئايرىلغان كەپتەرلەر قايتىپ كەپتۇ،لىكىن ئۇلارنىڭ سانى بەك ئاز،ھالى خاراب.ئۇلار يىغلىشىپ،تىتىرشىپ تۇرارمىش.ئۇلارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن قىرىنداشلىرىنىڭ ئۇلارغا بەك ئىچى ئاغرىپتۇ.
    نىمە ئىش بولدى؟ دەپ سوراپتۇ قىرىنداشلىرى،
    ئۇلارنىڭ ھالىنى كۆرگەن ۋەتەنداشلىرى.
    -كەچۈرۈڭلار!-دەپتۇ يىغلىشىپ كەلگەن كەپتەرلەر،
    (يۈرىكى لەختە قان بولغان بۇ دەردمەنلەر)،
    ئايرىلىپ كىتىپ يامان ئىش قىپتۇق،
    نۇرغۇن ئەۋلادنىڭ بىشىغا چىقتۇق.
    تىنچ قويمىدى قۇرغۇي بىلەن سار،
    ياقا يۇرتتا بولدۇق خارۇ زار.
    بالىلىرىمىزنى قۇرغۇي يەپ كەتتى،
    تۇخۇملىرىمىزنى قۇزغۇن ئەپ كەتتى.
    ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ،قالدۇق ئازغىنە،
    رەھىم قىلمىدى پەرۋاردىگارا.
    ئانا ۋەتەننى سىغىنىپ كەلدۇق،
    ھەر- بىرىڭلارنى سىغىنىپ كەلدۇق.

    -شۇنداق دەپ كەلگەن كەپتەرلەر باشلىرىنى ئىگىپ تۇرىشىپتۇ.كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار ئىرىق بولۇپ ئىقىپتۇ،بۇلارغا قاراپ تاغلار تىتىرەپ يەرلەر لەرزىگە كەپتۇ.
    شۇ كۈنىلا پۈتۈن كەپتەر ئىلىگە خەۋەر تارقىتىلپتۇ، كەپتەر ئىلىدە چوڭ بىر بايرام ئۆتكۈزىلىپ ھەممەيلەن ئۇسۇل ئويناپ،ناخشا ئىيتىپ راسا خۇشال بولۇپتۇ،بىر- بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ،ئۇقۇشماسلىقلار بولسا كەچۈرۈم قىلىنىپتۇ.شۇ خۇشاللىقتىن كىيىن بۇ ئەلدە چوڭ كۆلەملىك يىغىن ئىچىلىپتۇ،ھەمدە پۈتۈن ئەلنى باشقۇرىدىغان دۆلەت باشلىقىنى سايلاپ چىقىپتۇ. چوڭ ئەركەك كەپتەر باشلىق بوپتۇ،ئۇ ناھايتى باتۇر ھەم ئەقىللىق ئىكەن ،شۇڭا ئۇ « رەئىس كۆك كەپتەر »دەپ ئاتىلىپتۇ،ھەممەيلەن ئۇنىڭغا بوي سۇنىدىغان بولۇپ قەسەم قىلىشىپتۇ.كۆك كەپتەر ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئەتىسىلا بىرىنچى بۇيرىقىنى جاكارلاپتۇ:
    بىرىنچى بۇيرۇق،دەپتۇن كۆك كەپتەر،
    ھىچقانداق پۇقرا ھەرگىز ئۇچمىسۇن.
    پىيادە يۈرۈپدانلاپ،سۇ ئىچسۇن،
    بىزنىڭ دۈشمەنلەر يەم تاپالمىسۇن.
    -رەئسنىڭ بۇ بۇيرىقى دەرھال ئىجرا بولۇپتۇ،پۈتۈن كەپتەرلەر ھاۋادا پەرۋاز قىلماستىن،مىڭىپ يۈرۈپ دان تىپىپ يەپتۇ ۋە دەريادىن سۇ ئىچىپتۇ،شۇڭا ئوۋچى لاچىن كەپتەرنى سوقالمىغاچقا ئاچارچىلىقتا قاپتۇ.ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىنچى بۇيرۇق چۈشۈپتۇ:
    ئككىنچى بۇيرۇق،چۈشۈپتۇ ئاخىر،
    ھەممە پۇقرالار ئاتلانسۇن ھازىر.
    دۈشمەنلەر ھازىر ھالىدىن كەتتى،
    قورساق ئاچلىقتا چىكىگە يەتتى.
    پالۋان جەڭگاھتا ئۆلۈشكە رازى،
    ئۆلمەي قالغانلار بىتامام غازى.
    « ۇ ئەكبەر»دەپ ھەممە ئۇچۇپتۇ،
    كۆكتە- سامادا پەرۋاز قىلىپتۇ،
    ئاچ قالغان لاچىن ھۇجۇم باشلاپتۇ،
    بىرلا پەشۋادا بىر كەپتەر ئاپتۇ،
    تۇتقان كەپتەرنى ئەمدى يەي دىسە،
    بارلىق كەپتەرلەر باستۇرۇپ كەپتۇ.
    قانداق دىگەن ئىش ؟قانداق مالامەت؟
    بۈگۈن كەپقالدى ماڭا قىيامەت …
    ئەلمىساقتىن ھىچ كۆرۈلمىگەن ئىش،
    لاچىنغا كەپتەر ھۇجۇم قىلغان ئىش…
    يىرتقۇچ لاچىن قورقۇپ كىتىپتۇ،
    چىشلىرىنىمۇ غۇچۇرلىتىپتۇ.
    لىكىن،كەپتەرلەر ھۇجۇمغا ئۆتۈپ،
    ۋەھشىي لاچىننى يۇڭداپ تاشلاپتۇ.
    -بۇ قىشنىڭ راسا قاپاق ياردى ۋەقتى ئىكەن،تۈكىدىن ئايرىلغان لاچىن كىچىسى توڭلاپ ئۆلۈپتۇ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قۇرغۇي بىلەن سار دەرھال تىكىۋىتىپتۇ.بىرلىككە كەلگەن ۋە ئىتتىپالاشقان كەپتەر ئىلى غەلبە ۋە شادلىققاچۆمۈپتۇ.ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئتتىپاق ئۆتكەچ بۇ ئەل ئۇزاققا قالماي روناق تىپىپ گۈللىنىپتۇ.
    كۈنلەر، ئايلار،يىللار ئۆتۈپتۇ.كەپتەر ئىلىدە تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ.كەپتەرلەر خۇشاللىقتىن قانات قېقىپ، موللاق ئېتىپ كۆكتە راسا پەرۋاز قىلىپتۇ.كەپتەرلەر ساياھەت قىلىپ چۆرگىلەپ يۈرۈپ قارىسا بىر دۆڭ ئۈستىدە بىر دانە تور يېيىقلىق تۇرارمىش، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر جۈپ كەپتەر باغلاپ قويۇلغانمىش.بۇنى كۆرگەن كەپتەرلەر ئۆز ئارا خەۋەر قىلىشىپتۇ:
    ۋۇق-ۋۇق كۆردىڭلىمۇ ئاۋۇ زىنداننى؟
    قاماقتا ياتقان دوست-يارەنلەرنى.
    قۇتقۇزايلى!ئۇلارنى دەرھال،
    مۈشكۈل بولسىمۇ قىلىپ ھەر ئامال.
    -راستىنلا قارىسا ھەممە كەپتەرلەرگە ھىلىقى تور زىندان بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ.ھەممەيلەن قىرىنداشلىرىنىڭ ھالىغا بەك ئىچىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز باشلىقىنىڭ بۇيرىقى بىلەن پۈتۈن كەپتەرلەر تور ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئۇنى قىيىپ پارە-پارە قىلىۋېتىپتۇ.ئۇلار شۇنداق قىلىپ زىنداندا ياتقان ئىككى قېرىندىشىنى قۇتقۇزۋاپتۇ.بۇ ئشلاردا كەپتەرلەر« سەن،مەن » دىمەستىن باتۇرلۇق بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە،ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلغاچقا غەلبە شۇلارغا مەنسۇپ بوپتۇ.
    خىيالىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چىدىمىدىم،بىز ئىنسانلار ئۆزىمىزنى شۇنداق ئەقىللىق چاغلايمىز-يۇ،ئۆزىمىز مەززە قىلىپ يەيدىغان جانۋارغا يىتەلمەيمىز.ھەي…

    جۇلالىق

    بەكلا ئەھمىيەتلىك ھېكايەت ئىكەن.
    بىرلىك، ئۆملۈك بولمىغان يەردە، ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

  •   #6  

    ئابدۇجىلىل 2014-05-05 09:11

    ئادەتتە كۆپ كومپىيۇتېر بىلەن مەشغۇلات قىلمىغاچقا بۇ يازمامنى قانداق ئەۋەتىشنى ئۇقمىدىم،شۇڭا ئىنكاس قاتارىدا يىزىپ ئەۋەتتىم،قىرېنداشلىرىمنىڭ چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بىقىشىڭلارنى سورايمەن

    جۇلالىق

    ئەۋەتكەن شۇ ئەھمىيەتلىك ئىنكاسىڭىزغا، كۆپلەپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!

    ئابدۇجىلىل

    بۇ ھىكايە پەقەت ئۆملۈك، بىرلىكنىلا مەقسەت قىلغان ئەمەس.قىرېنداشلىرىمنىڭ تىخىمۇ چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن!

    جۇلالىق

    ھېكايىدە نمېە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى مېنىڭچە تورداشلار چۈشۈنۈپ بولدىغۇ دەيمەن.
    بۇ ھېكايە توغرۇلۇق بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇنازىرىنى تور مۇھىتى كۆتۈرەلمەيدۇ.

  •   #7  

    جۇلالىق 2014-05-07 10:24

    تىنچلىقمۇ،
    بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن. داۋاملىق كېلىپ يوقلاپ تۇرۇڭ. پىكىرلىشىپ تۇرىمىز.
    بۇ تېمىدا كىنو ۋە ياكى فانتازىيە فىلىملەرگە باھا بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈش مەخسەت ئەمەس، بەلكى، ئەشۇ شىرىن ئەسلىمىلەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىملەردىن ئۆزىمىزگە ئانچە-مۇنچە خىيالىي دۇنيا ھاسىل قىلىپ، بىردەم بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىنى يېنىكلەتمەكچى.
    سىز بۇ تېمىنىڭ چىن ماھىيىتىدىن چۈشۈنەلىسىڭىز مېنىڭ نېمىنى مەخسەت قىلغانلىقىمنى تېزلا بايقىۋالالايسىز.
    بۇ تېمىدا نېمە ئەكىس ئېتىدۇ؟ بۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۇرىغا قالدۇردۇم.