شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن…

تەپەككۇر تامچىلىرى 2014-01-30 10:17 1,264 8

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئانام ئېتىزغا خالتىنى كۆتۈرۈپ ماڭسا، ئانامنىڭ كەينىدىن تەمتىلەپ بىللە ماڭغان…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، دادام ئېتىزدا بوغداي ئۈنچىلىرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈسە، قىر بېشىدا دادامنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا زوقلىنىپ ئولتۇرغان…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئانام پىژغىرىم ئىسسىقتا بېلىگە ياغلىقتىن بىرنى چىگىۋېلىپ پاختا تەرسە، كېۋەز شادىلىرىنىڭ ئارىسىدا قوللىرىمنى زىدە قىلىپ يۈرگەن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، دادام سەھەردە قوغۇنلۇققا پىشقان قوغۇنلارنى ئۈزۈشكە ماڭسا، كەينىدىن بىللە ئەگىشىپ بېرىپ، ساپسېرىق پىشقان سېرىق ئاقچىلارنى يېرىپ يەپ، قوغۇنلۇقنىڭ ئېرىقىدا دومىلىتىپ ئوينىغان…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، مەكتەپتە دوستلىرىم بىلەن جېدەللىشىپ قالسام، يېقىن دوستلىرىمنى ئۆز تەرىپىمگە تارتىپ، ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ سوقۇشۇپ يۈرگەن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، كەلگۈسۈم توغرۇلۇق نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلۈمگە پۈككەن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىشىنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتكەندىلا ئاخىرقى نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتىۋاتىدۇ، قەلبىمدە بىر خىل سىقىلىش، ئەتراپىمنى گىرىمسەن قاراڭغۇلۇقلار قاپلىغان، قۇلاقنى يارغىدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ، كىشىلەرنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىش تولىمۇ قىيىن…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتىۋاتىدۇ، كىچىك ۋاقتىمدا كۆڭلۈمگە پۈككەن غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ باقىمەنيۇ، ئالدىمغا قاراپ ئىلگىرلىگەنسېرى پۇتلىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنماي كەينىگە داجىۋاتقان…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتىۋاتىدۇ، ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى، نېمىنى نىشان قىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىمنى، ئاخىرقى مەنزىلىمنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئەگرى-بۈگرى يوللاردا قارغۇلارچە قالايمىقان دەسسەۋاتقان…

شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتىۋاتىدۇ، تۇيۇقسىز ئالدىمغا رىۋايەتلەردىكى خىزىر ئۇچراپ، قولۇمدىن تۇتۇپ يېتىلەپ، ماڭا توغرا نىشاننى كۆرسۈتۈپ بەرگەن، ئەنە شۇنداق قۇرۇق خىياللارنى تولا قىلىۋېرىپ، نېرۋىلىرىم چارچاپ ھالسىزلىنىپ كەتكەن…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ھايات 2014-01-31 06:43

    ھاياتنىڭ ھەر بىر لىرىكىللىرىنى ناھايتى ياخشى تەسۋىرلەپسىز .
    ھايات ئەنە شۇنداق داۋام قىلماقتا يەنە قانداق ئىشلارغا شاھىت بۇلىمىز …؟

    جۇلالىق

    ھاياتىمدا يېڭىلىقلار كۆپ، شۇڭا يېڭى يازمىلارغا پات-پات داخىل بولۇپ تۇرىسىز.

  •   #2  

    kaliptax 2014-02-01 09:47

    ياخشى تەسۋىرلەپسىز مەنمۇ ئويلاپ قالدىم بۇرۇن ئېتىزدا چامما تېرىپ ئوينايتىم ئەمدىلىكتە كىيىمنىڭ مەينەت بوپ كېتىشىدىن قورقۇپ كېۋەزلىككىمۇ كىرمەيمەن بۇرۇن ئۇچقۇچى بۇلۇشنى دوختۇر بۇلۇشنى ئارزۇ قىلتىم ئەمدىلىكتە بىر ئىنىستوتتىمۇ ئۇقۇغۇم كەممەيۋاتىدۇ

    جۇلالىق

    ھەقىقەتەن كىچىك ۋاقىتلاردا ئازۇرلار كۆپ بولىدىكەن. لېكىن بىزدە يەنىلا چوڭ بولغاندا شۇ ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان جاسارەت كەمدەك ھېس قىلىمەن.
    ھەم بۇنداق ئارزۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئەتراپىڭدىكى مۇھىت، شارائىتلارمۇ بەكلا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  •   #3  

    سالىھ بىگ 2014-02-04 07:38

    شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى : شۇنداق كۈنلىرىمىز كىلىدۇ ، ئەزگەنلەرنىڭ زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئەنتىنى ئالىدىغان بىر كۈن . شۇنداق يازساق ھەقىقەتەن شۇ 600 نەچچە بەتلىك جىقراق دەد ئەلەم چىققۇدەك . سەۋىر تاقەت ئاتا قىلسۇن….

    جۇلالىق

    دېگەنلىرىڭىز كەلگەي، بىزلەرگە ھەر ۋاقىت ياردەم بەرگۈسى.
    بىز ئەزەلدىن ئۈمۈدۋار مىللەت…

  •   #4  

    مەلەك 2014-02-04 00:48

    شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، جاڭگالدا قوي باققان، ئورمانلىقلاردىن ئوتۇن تەرگەن، چاتقاللىقلاردىن قۇرۇتۇلغان كالا تېزىكىنى ئېتەكلىرىمگە ھېيىقماستىن تەرگەن….
    شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ياماق چۈشكەن سومكامنى مايماق سيۇماق ئېسىپ مەكتەپكە يۈگۈرگەن…
    شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، ئاتالمىش ھىجران ئازابىدا پۇچۇلىنىپ، دەرتمەنلەردەك دەرس ۋاقتىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ كەتكەن، ئۈمىدىمنى يىتتۈرۈپ قويغان…
    شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، رەھمەتلىك دىيارىم مۇنبىرىدە كېچىنى تاڭغا ئۇلىغان…
    شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، جۇشقۇن، پائالىيەتچان، ئۈمىدۋار…
    شۇنداق بىر كۈنلىرىم ئۆتكەن، غايىلىرىم ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز تىرىشماقچى، كۈرەش قىلماقچى بولغان…
    شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمەن…كاللام قۇپقۇرۇق، ئۈمىدىم مېنى تاشلاپ كەتكەن، مەن ئۆزۈمنى دوست-يارەنلىرىمنى ئۇنتۇپ قالغان، كالا خامان دەسسىگەندەك ئۆزگەرمەس بىر لىنىيىدە ئۈن-تىۋىشسىز، غەۋغاسىز، قەدەم ئېلىش ئەمەس، نەپەس ئېلىشمۇ خوش ياقمىغان ھالدا كېتىۋاتىمەن….
    نېمە قىلىشىم كېرەك، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ھېچ بىلمىدىم.
    دۇنيادا مەنلا ئەڭ دەرتمەندەك، يارىماستەك…

    ھەدە، سىزنى سېغىندىم، پاراڭلىرىمىزنى سېغىندىم…

    ئىنشا ئىچىمدىكى بۇرۇقتۇمچىلىقنى تازىلايدىغانغا، مەن يەنە مەن بولىدىغانغا ئاز قالدى….

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىزدەك شۇنداق بىر كۈنلەردە ياشاۋاتىمىز، بىر سىزلا ئەمەس، سىز، مەندەك قەلىبداشلارنىڭ ئەتراپىمىزنى قاراڭقۇلۇقلار قاپلىۋالغان، لېكىن يەنىلا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قۇياشنىڭ ھامان پارلايدىغانلىقىغا زور ئىشەنىچلەرنى باغلىغان…
    خالىسا، شۇنداق بىر كۈنلىرىمىز كېلىدۇ، سىز بىلەن كېچىلەپ مۇڭدىشىدىغان، قەلىب سىرلىرىمىزنى پىچىرلىشىدىغان…
    مەنمۇ يېقىندىن بۇيان سىزنى بەكلا سېغىندىم، ئادەم مۇشۇنداق چاغدا سىردىشىنى بەكلا سېغىنىدىكەن.
    سىزگە ياردەم بەرگەي، مەلەك سىڭلىمنىڭ ھايات مۇساپىسىگە يېڭىدىن قەدەم قويغىنىنى كۆرىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم بار، چۈنكى بۇ سىز، ھامان ئۆزىڭىزنى تاپالايسىز. تىرىشىڭ سىڭلىم.