نىران خانىدانلىقى(7)

تارىخ سەپىرىدە 2011-09-10 08:17 1,222 0

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(7)

ھەر ئىككى قوشۇن بىر-بىرىنى يىراقتىن كۆرگىدەك يەردە بارگاھ تىكىپ ئورۇنلاشتى. ھۈسەيىن خان ئالدى بىلەن ئابدۇللا خانغا بۇ ئۇرۇشنى قىلماسلىقنى يەنى ھەممە ئىشنى چىرايلىقچە ھەل قىلىشنى ئېيتىپ مەكتۇب يوللاپ ئاندىن كېيىنكى ئىشلارغا قارار چىقىرىشنى ئويلىدى. ئەلچىلەر قارشى تەرەپكە كەتكىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقىتى يېقىنلاشقانسېرى ھۈسەيىن خان تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ چېدىرىدىن تاشقىرىغا چىقتى. ئەسكەرلەر ھەربىي مەشىق بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئەنە ئەلچىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. خان چېدىرغا قايتىپ كىرىپ تەخىتتە ئولتۇردى. ئەلچىلەر كىرىپ خانغا سالام بەردى خان ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن خان ئىشارەت قىلغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.
ــ ئابدۇللا خاننىڭ مەقسىتى زادى نېمە ئىكەن؟ــ سورىدى ھۈسەيىن خان.
ــ شاھىم، ئابدۇللا خاننىڭ ھوزۇرىغا كىرە-كىرمەيلا تاس قالدى بىزنىڭ كاللىمىزنى ئالغىلى ئەگەردە ئەلچىگە ئۆلۈم يوق دېگەن قائىدە بولمىغان بولسا بىزلەر ئاللىقاچان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن بولاتتۇق. ئۆزلىرىنىڭ مەكتۇبىنى ئابدۇللا خانغا سۇنۇۋېدۇق ئۇ مەكتۇبنى ئازراقلا كۆرۈپ يىرتىپ تاشلىدى. ھەمدە بۇ ئۇرۇشنى چوقۇم قىلىدىغانلىقىنى يەنە كېلىپ… ،ــ ئەلچى دۇدۇقلاپ قالدى.
ــ دۇدۇقلىماي سۆزۈڭنىڭ ئاخىرىنى ئېيىت!،ــ ھۈسەيىن خان ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
ــ نىران خانىدانلىقىنى مەغلۇب قىلىپ ئۆز قولىغا چۇقۇم ئالىدىغانلىقىنى بۇ سۆزنى ئۆزلىرىگە چوقۇم يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.
ــ بولدى قايتىپ ئارام ئالغىن!،ــ دېدى ھۈسەيىن خان.
ھۈسەيىن خاننىڭ بۇ ئۇرۇشنى قىلماي قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. پۈتۈن قوشۇننىڭ قوماندانلىرىنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ ئەتە ئەتىگەندە ھۇجۇمنى باشلاش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى. ھەممە بىر ئېغىزدىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بارگاھىغا قايتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دۇمباقلىرى چېلىنىشى بىلەن جەڭ باشلاندى. ئالدى بىلەن ئىككىلا قوشۇننىڭ ئوقياچىلىرى ئوق ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشتى. كەينىدىن ئاتلىق قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ گىرەلەشمە جەڭ باشلىنىپ كەتتى. ھۈسەيىن خان جەڭگە لايىق جابدۇنۇپ ئېتى ئۈستىدە جەڭنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ تۇراتتى. توغرۇل پۈتۈن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن قوشۇنىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا ئىدى. ئارسلانغا قاراشلىق قوشۇن خاننى قوغداۋاتاتتى. ئارسلان جەڭگە كىرەلمىگىنىگە ئىچى تىتىلداپ ئېتىنىڭ بېشنى ھەر يانغا بۇراپ جەڭنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتمەكتە ئىدى. توغرۇلنىڭ قوشۇنى دۈشمەن قوشۇنىنى بارغانسېرى كەينىگە چېكىندۈردى. تۇيۇقسىز دۈشمەن قوشۇنى ھەممە سەپلىرىنى كەينىگە قايتۇرۇپ چېكىندى. توغرۇل دۈشمەننى يېڭىلىپ قاچتى دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى.
جەڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان ھۈسەيىن خان ئارسلاننى شەرەتلىدى. ئارسلان دەرھاللا خاننىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى.
ــ ئارسلان دۈشمەننىڭ پىستىرمىسى باردەك قىلىدۇ، ئۇلار تۇيۇقسىزلا كەينىگە چېكىندى توغرۇل بۇنى سەزمەيلا دۈشمەننىىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەگەردە دۈشمەن توغرۇلنىڭ كەينىدىن ئەگىپ ئۆتۈپلا ھۇجۇم قىلىپ قالسا بىزنىڭ چوڭ قوشۇنىمىز زور تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا سەن ئەسكەرلىرىڭنى ئېلىپ توغرۇل دۈشمەننى قوغلاپ ماڭغان ئاۋۇ دۆڭلۈكنىڭ يان تەرىپىدىن دۈشمەنگە سەزدۈرمەيلا ئۆتۈپ ئورمانلىقتا دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكىن ئەگەردە دۈشمەن توغرۇلنىڭ كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ بىزنىڭ قوشۇننى مۇھاسىرىگە ئالغىدەك بولۇپ قالسا توغرۇلغا ياردەم بېرىپ دۈشمەننى چېكىندۈرۈڭلار!ــ دېدى ھۈسەيىن خان كۆزىنى جەڭ مەيدانىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ.
ــ بولىدۇ شاھ ئاتا، بۇيرۇقلىرىنى دەرھال ئورۇنلايمەن. يىگىتلەر مەن بىلەن مېڭىڭلار،ــ دېدى ئارسلان شەمشىرىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى بار…
جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش