نىران خانىدانلىقى(8)

تارىخ سەپىرىدە 2011-09-20 08:36 1,157 0

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(8)

ھۈسەيىن خاننىڭ يېنىدا ئازغىنە ئەسكەرلەر قالغانىدى.ھۈسەيىن خان ئويلىغاندەك دۈشمەن قوشۇنى بىردەم كەينىگە چېكىنگەندىن كېيىن كەينىگە يېنىپلا توغرۇلنىڭ قوشۇنىغا قايتۇرما زەربە بەرگىلى تۇردى. توغرۇل دۈشمەننى مەغلۇپ بولۇپ قاچتى دەپ ئويلاپ قوغلارۋەرگەچكە ئۆزىنىڭ دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالغانىدى. ھەمدە يەر شارائىتىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز يەرگە كېلىپ قالدى. دۈشمەننىڭ كەينىگە يېنىپلا بۇلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن توغرۇلنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن دۈشمەننىڭ ياردەمچى قوشۇنى پەيدا بولدى توغرۇلنى پۈتۈنلەي قورشىۋالدى. توغرۇل پۈتۈنلەي قاپسىلىپ قالدى خېلى تىركىشىپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى.توغرۇل كەينىگە چېكىنشىكە باشلىدى. ئارسلان ھۈسەيىن خان كۆرسەتكەن ئورمانلىققا يېتىپ كېلىپ بولغىچە توغرۇلنىڭ قورشاۋدا قالغانلىقىنى كۆردى. دەرھال توغرۇلغا ياردەم بېرىپ جەڭگە كىرىپ كەتتى.
ئارسلاننىڭ قول ئاستىدىكى يىگىتلەر ئارسلاننىڭ تەربىيىلىشى بىلەن جاسارەتلىك ئەزىمەتلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى. ئارسلاننىڭ ياردەمگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن توغرۇل قوشۇنىنى سەل رەتكە سېلىپ جەڭ قىلىشقا باشلىدى. بىراق، ھۈسەيىن خاننىڭ قوشۇنىنىڭ سېپى ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى. ئارسلان بىلەن توغرۇلنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئەسكەرلەر سەپلەرنى خېلى تۈزەپ تىركەشكەن بولسىمۇ يەنىلا كەينىگە چېكىنمەكتىن باشقا ئامال قالمىدى. توغرۇل بىلەن ئارسلان جەڭ قىلغاچ قوشۇننى كەينىگە چېكىندۈرۈپ ئامال بار ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
بۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ھۈسەيىن خان ئېتىنى دېۋىتكىنىچە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى. خاننىڭ كەينىدىن خاس قورۇقچىلارمۇ بىللە ماڭدى. ھۈسەيىن خان شەمشىرىنى سۇغارغىنىچە جەڭگە ئېتىلدى. دۈشمەن سېپىگە كىرىپلا ئەسكەرلىدىن نەچچىنىڭ بېشىنى كېسىپ سەپلەرنى يېرىپ ئالغا سىلجىدى. ھۈسەيىن خاننىڭ جەڭگە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئارسلان خاننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ خان تەرەپكە ماڭدى. خاننىڭ يېنىغا كېلىشكە ئۈچ-تۆت مېتىر ئارىلىق قالغانىدى ھۈسەيىن خاننىڭ سول كۆكرىكىگە ئوقيادىن بىرسى تەگدى. ئارسلان بۇرۇلۇپلا ئوقيا ئاتقۇچىغا قارىۋېدى ئوقيانى ئابدۇللا خاننىڭ ئوغلى ۋەلى ئاتقانىدى. ھۈسەيىن خان كۆكرىكىنى تۇتۇپلا ئاتتىن يىقىلدى. ئارسلان ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ خاننى يۆلىدى.
ــ توغرۇل. خان ئاتام يارىلاندى، دەرھال چېكىنەيلى،ــ دەپ توۋلىدى ئارسلان.
توغرۇل قوشۇنغا چېكىنىش بۇيرۇقىنى بەردى. ھۈسەيىن خاننىڭ قوشۇنى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاچ كەينىگە چېكىندى. ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنى بۇلارنى قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. ھۈسەيىن خاننىڭ قوشۇنى بارگاھلىرىغا يېقىنلىشىشقا ئاز قالغاندا ئابدۇللا خاننىڭ بارگاھى تەرەپتىنمۇ قوشۇنىغا چېكىنىش بۇيرۇقى بېرىش دۇمبىقى چېلىندى. چۈنكى ئۇلار ھۈسەيىن خانغا ئوقنى تەگكۈزۈپ مەقسىتىگە يەتكەنىدى. پادىشاھ يارىلانسا قالغان ئىشلار بۇلارغا ئاسانغا چۈشەتتى.
ھۈسەيىن خاننى چېدىرىغا ئەكىرىپ ياتقۇزىدى. ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن قان بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى. تىۋىپلار ئوقيانى تارتىۋېتىش ئۈچۈن دورىلارنى تەييارلاپ تەييارلىق قىلدى. تىۋىپ ئوقيانى تارتىشقا تەمشىلىپ بولۇپ توختاپ قالدى. ھۈسەيىن خاندىن قاننىڭ بەك كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرەپ بىئارام بولىۋاتقان ئارسلان تىۋىپنىڭ ئوقيانى دەرھال تارتماي توختاپ قالغانلىقىغا ئاچچىقى كەلدى.
ــ نېمىگە توختاپ قالىسەن، خان ئاتامدىن ئوقيانى دەرھال تارتىۋەت!ــ ئارسلان شەمشىرىنى تىۋىپنىڭ گېلىغا تەڭلىدى.
ــ ئارسلان ئۆزۈڭنى بېسىۋال!،ــ دېدى توغرۇل ئارسلاننىڭ قولىدىكى شەمشەرنى تارتىۋالدى.
ــ خانغا تەگكەن ئوقيا زەھەرگە چىلانغان ئوقياكەن، ئەگەردە ئۇنى ھازىرلار تارتىۋەتسەم زەھەر پۈتۈن بەدەنگە تاراپ خاننىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ، ئوقيانى ھازىرچە تارتىۋەتمەي تۇرساق ئالىيلىرى يەنە نەچچە سائەت ياشىيالىشى مۇمكىن،ــ دېدى تىۋىپ تىزلانغىنىچە.
چېدىردىكى ھەممەيلەن جىمىپ كېتىشتى. ھەممەيلەن خاننىڭ كارۋىتى يېنىدا تىزلاندى. تىۋىپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ياتقان خان كۆزىنى ئاستا ئېچىپ بۇرۇلۇپ ئارسلانغا قارىدى.
ــ ئارسلان، سەن بېرىپ ئايچىۋەرنى چاقىرىپ كەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈۋالاي ،ــ دېدى ھۈسەيىن خان ناھايىتى زەئىپ ئاۋازدا.
ــ ماقۇل، خان ئاتا مەن ھازىرلا چاقىرىپ كېلەي ،ــ ئارسلان ئالدىراپلا چىقىپ كەتتى.
ئارسلان يارىدارلارنى داۋالايدىغان چېدىرلارغا كەلدى. ئايچىۋەر جەڭدە يارىلانغان ئەسكەرلەرگە دورا سۈركەپ يارىلىرىنى تېڭىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئارسلاننىڭ كەلگەنلىكىنىمۇ تۇيمىدى.
ــ ئايچىۋەر، خان ئاتام سىزنى چېدىرىغا كەلسۇن دەيدۇ،ــ دېدى ئارسلان كۆز ياشلىرىنى ئايچىۋەردىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.
ئايچىۋەر بۇرۇلۇپ ئارسلانغا قارىدى.
ــ نېمە ئىش بار ئىكەن؟ جەڭدە يارىلانغان ئەسكەرلەر بەك كۆپ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ بولۇپ ئاندىن باراي. خان ئاتامنىڭ جەڭدىن يېنىپ كېلىپلا مېنى كۆرگۈسى كېلىپ قاپتۇما؟ بارمايمەن بۇ يەردىكى ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئاندىن بارىمەن،ــ دېدى ئايچىۋەر ئارسلانغا چاخچاق ئارىلاش.
ــ ئايچىۋەر خان ئاتام سىزنى دەرھال كەلسۇن دەيدۇ، تېز بولۇڭ!،ــ دېدى ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپلا ماڭدى.
ئارسلاننىڭ ھەركەتلىرىدىن بىر خىل ئەنسىزلىكنى سەزگەن ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ قولىدىن قولىنى تارتىۋالدى.
ــ ماڭا راست گەپ قىلىڭ! خان ئاتامغا نېمە ئىش بولدى؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
ــ ھېچ ئىش يوق، خان ئاتامنىڭ سىزنى كۆرگىسى كېلىپ قاپتۇ. بىز باشقا گەپنى قويۇپ تېزراق ماڭايلى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ئالدىرىتىپ چېدىر تەرەپكە ماڭدى.

داۋامى بار…
جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش