خاتالىق ئەردىمۇ ياكى ئايالدا؟

تۇرمۇش كارتىنىلىرى 2011-10-01 09:28 1,213 3

خاتالىق ئەردىمۇ ياكى ئايالدا؟

ئاجرىشىش مەسلىسى بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئائىلىلەرگە ۋابادىن تېز تارقىلىۋاتىدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدا كىيىم-كېچەك مودا بولۇۋاتقاندەك ئاجرىشىشمۇ مودا بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن.
ئاتالمىش ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ئارىغا قىستۇرۇلىشىلىرى ۋە ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە سەۋرىچان بولالماسلىق، ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشىتەك بىر قاتار ئىشلار بىلەن ئۆز ئەتراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىز، دوستلىرىمىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىرى ۋەيران بولىۋاتىدۇ. قارا كۆز سەبىلەر يېتىملىك دەردىنى تارتىۋاتىدۇ.
يېقىندا بىر دوستۇم ئىككى بالىسى بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتتى. سەۋەبى ئېرى ئايالىدىن ھەقىقى مۇھەببەتنى ھېس قىلالماپتۇ. ئۇنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ ياشاپ باققۇسى بار ئىكەن. شۇنچە يىل ئۆي تۇتقان ئايالى ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەككىدەك مۇھەببەت بېرەلمەپتۇ. ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۆز خىيالىدىكىدەك تۇرمۇشنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىككى بالىسىنىڭ يېتىم بولۇشىغا قارىماي ئاجرىشىپتۇ.
مېنىڭچە بۇ بىچارە ئۆز ئايالىنىڭ چىن مۇھەببىتى ئىچىدە تۇرۇپ باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ قۇپقۇرۇپ قەلبىگە مۇھەببەت ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ نېمە دىگەن بىچارىلىك! ئۇ ئۆزىمۇ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ ھەم ئايالىغا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى تاكى مۇشۇ كەمگىچە بېغىشلىيالمىغان، ئۇنىڭدا ئايالىغا ئۆز مۇھەببىتىنى بېغىشلىىغىدەك پاك قەلب يوق. ئىككى بالىسىغا ئاتا بولۇشقىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدۇ. «ئاتا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇردۇر. ئۇنى «ئاتا» دېيىشكىمۇ ئادەمنىڭ تىلى بارمايدۇ. بالىلارغا ئاتا بولۇشقا مۇناسىپ ئادەم سەبىلەرنى يېتىم قىلمايدۇ. بالىلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇيدۇ. بالىلىرى ئۈچۈن ھەممە، ھەممىنى قىلالايدۇ.
ئەشۇ كىشىدىن سوراپ باققۇم بار. مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ بىر ئايالنىڭ ئېرىگە بېغىشلىغان مۇھەببىتى قانداق بولىدۇ سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟ سىز ئوماق ئىككى بالىڭىزنى يېتىم قىلىپ تۇرۇپ قايتا ئائىلە قۇرسىڭىز شۇ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قانچىلىك مەسئۇلىيەتچان بولالارسىز؟ سىز يېتىملىككە مەھكۇم قىلغان شۇ بالىلارغا باشقا بىرسى «ئاتا» بولسا قانداق ئەھۋاللار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ياق، سىز ئويلىمىدىڭىز، چۈنكى سىز ھازىر مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشايسىز. سىزگە مۇھەببەت بولسىلا بولدى. سىز باشقا بىر ئايالدىن ئېرىشمەكچى بولغان سىزنىڭ غايىۋى مۇھەببىتىڭىز سىزنىڭ يولىڭىزنى، كەلگۈسىڭىزنى خۇددى نۇرلۇق چىراقتەك يۇرۇتىدۇ دەپ ئويلايسىز. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس، سىزنىڭ بۇ شىرىن خىياللىرىڭىز سىزنىڭ قۇرۇق قەلبىڭىزگە قارشى تەرەپ ھېچقانداق مۇھەببەت ئاتا قىلالمىغاندا ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەشكىنىڭىزنى بەخىتلىك ئائىلىڭىزنى ۋەيران قىلغانلىقىڭىزنى شۇ چاغدا چۈشۈنۈپ يېتىسىز. مانا بۇ سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىز.
بەزىلەر تويدىن بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ ئاندىن توي قىلىدۇ، تويدىن كېيىن تويدىن بۇرۇنقى شۇ مۇھەببىتىنىڭ ئۇل ئاساسىدا ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ ئۆتىدۇ. يەنە بەزىلەر تويدىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشمەيدۇ چوڭلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توي قىلىدۇ. بۇنداق توي باشلىنىشىدا ئەر-ئايال ئىككىلىسىنىڭ بىر-بىرىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ،_دە. بۇلارنىڭ مۇھەببىتى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ بىر-بىرىگە ھاياتىنىمۇ تەقدىم قىلالىغىدەك دەرىجىدە چوڭقۇرلىشىدۇ.
كونىلار دەيدىكەن« بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بولىدۇ» دەپ سىز مەيلى ئەر بولۇڭ ياكى ئايال بولۇڭ قارشى تەرەپ بىلەن شۇنچە يىلنى بىللە ئۆتكۈزدىڭىز كۆڭلىڭىزدە «ئاجرىشىش» دېگەن سۆزنى ئويلىغان ھامان يۈرىكىڭىزگە قولىڭىزنى قويۇپ بېقىڭ! شۇ ۋاقىتتا قانداق ھېسياتتا بولدىڭىز؟
سىز ئېرىڭىزنى ياكى ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرسىڭىز يۈرىكىڭىز شۇ سۆزنى ئويلىغاندا سەل ئاغرىغاندەك ھېس قىلسىڭىز سىز چوقۇم قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرىسىز، ئۇنىڭغا يەنىلا مېھرىڭىز بار. قارشى تەرەپنىڭ سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرىغا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بېقىڭ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈڭ. سىزنىڭ ئۇنى چىن دىلىڭىزدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ! سىز ئۈچۈن بۇ ئائىلىنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى قارشى تەرەپ چۈشۈنگەندە ھەممە ئوڭايلا ھەل بولىدۇ. بۇ ئائىلە سىزنىڭ شۇنچە يىللىق تىرىشچانلىقىڭىز ئاساسىدا قۇرۇلغان. مۇكەممەل بىر ئائىلىنىڭ ھۇلىنى ئاشۇ بىر ئېغىز«ئاجرىشىش» دېگەن سۆز بىلەنلا تەۋرىتىۋەتىسڭىز سىزنىڭ ھەممە يەردە ئېغىزلىرىڭىزدىن كۆپۈك چىقىرىپ مەسئۇلىيەتتىن سۆز ئاچقىنىڭىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟!
ئاخىردا مۇنداق بىر سۆزنى قىستۇرۇپ ئۆتەي.
گۇناھنىڭ كۆپرەكىنى ئەرلەرگە قويۇۋالغانلىق ئەمەس. ھازىر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدىغانلارنىڭ كۆپىچنىسى ئەرلەر ئىكەن.
ئاياللار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئوڭايلىقچە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئائىلگە قان-تەرى سىڭگەن كۆز ئالدىدىكى ئوماقلىرىنى مۇشۇ ئۆيدە تۇغقان. بۇ ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىدىن بالىلىرىنىڭ ئۇنى «ئانا»دەپ چاقىرغان ساداسى كېلىدۇ. بۇ ئائىلە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى. ئانا بالا ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا رازى. ئەر ئۇنىڭغا قانچىلىك ئېغىرچىلىقلارنى سالسۇن، ئۇرۇپ تىللىسۇن، ئاجرىشىمەن دەپ قىستىسۇن ئانا بالا ئۈچۈن ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. بالىنىڭ يېتىم بولماسلىقى ئۈچۈن بالىلىرىنىڭ باشقىلار ئالدىدا خار بولماسىلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيدۇ. مانا بۇ «ئانا».
بەلكىم كۆز قاراشلىرىم بىر تەرەپلىمە بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنى كۆزىتىشتىن چىقارغان يەكۈن.

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2011-10-04 04:47

    روھچىن، سىزنىڭچە بۇنى ئەر-ئايالغا ئارتىپ تەھلىل قىلمىساق جەمئىيەتكە ئارتىپ تەھلىل قىلامدۇق؟
    جەمئىيەتنى ئىدارە قىلغۇچىلار مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئەر-ئايالدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇبتىكى ئادەملەر. جەمئىيەتتىكى بۇ ئومۇميۈزلۈك ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارمۇ مۇشۇ ئەر-ئاياللاردۇر. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ساپ-پاكىزە جەمىئىيەتنى ئۆزىدە بار ئەخلەتلەرگە كۆمۈۋەتكەن مۇشۇ كىشىلەر ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
    مەن تېمىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئاياللارمۇ سەبرى قىلىدىغان ئىشلارغا سەبرى قىلىشنى ئۆگەنسە، ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالىسا ئاجرىشىش نىسبىتى چوقۇم تۆۋەنلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان بەخىتلىك ئائىلىلەر ۋەيران بولمايدۇ.
    مەن نۇرغۇنلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىدىم. ئېرى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىيالايدىغان شۇ ئايالىدىن ئاجراشقان ئەر ھامان پۇشايمان قىلىدىكەن. ئىلگىرىكى تۇرمۇشىنى ھەر قانچە بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ ئەسلىگە ئەكىلىۋالغۇسى كېلىدىكەن. بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان.ئاياللارمۇ ھەم شۇنداق، ئازراقلا خاتالىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلالماي ئۆزىگە كۆيىنىدىغان ئەردىن ئاجراشقاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرغان تۇرمۇشى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ.

  •   #2  

    روھچىن 2011-10-04 11:46

    قارىغاندا مەقسىدىمنى چۈشەندۈرەلمىگەن ئوخشايمەن.
    مەسئۇلىيەتنى بىرلا تەرەپتىن كۆرۈشكە بولمايدۇ دىمەكچى ئىدىم. بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپتە باردىمەكچى ئىدىم.

  •   #3  

    ئىزتىل 2011-10-08 01:24

    مېنىڭچە مەسلىلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراش ، ئاقىلانىلىق ئەمەس ، مەن روھچىن ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن ، گەرچە تۇرمۇشلۇق بولمىغان بولساممۇ لېكىن ، ھازىر تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن ، شۇنداق بولغان ئىكەن جەمئىيەتتە يۈ بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارغا دېققەت ئېتىبارىمنى قارىتىشىم شەرت دەپ قارايمەن .