نىران خانىدانلىقى(9)

تارىخ سەپىرىدە 2011-10-18 01:01 1,152 2

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(9)

ئايچىۋەر چېدىرغا كىردى. ھەممەيلەن كارىۋاتتا ياتقان ھۈسەيىن خاننى ئورىۋالغانىدى. ئايچىۋەرنى كۆرۈپ ھەممىسى نېرى كەتتى. ئايچىۋەر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ خاننىڭ يېنىغا كەلدى. كارىۋاتنىڭ يېنىدىلا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشەتتى.

ــ خان ئاتا، مەن كەلدىم،ــ دېدى ئايچىۋەر يىغا ئارىلاش.

ھۈسەيىن خان كۆزىنى تەستە ئاچتى. زەھەر ئۇنىڭ بەدىنىگە بارغانسېرى تاراپ ھەركەتلىرىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.

ــ ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار! مەن بىردەم ئايچىۋەر بىلەن يالغۇز قالاي،ــ دەپ بۇيرۇق قىلدى.

چېدىردىكى ھەممەيلەن چىقىپ كەتتى، توغرۇل چىقىپ كەتكۈسى يوق بىر نەرسىلەرنى دېگۈسى بار چىقىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ خاننىڭ بۈگۈننى ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. خاننىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ھەممە ۋەزىرلەر، سەركەردىلەر ئالدىدا توغرۇلنى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىغۇسى بار ئىدى.

ھۈسەيىن خان بىردەم كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ياتتى. ئايچىۋەر ئاتىسىنىڭ پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرۈتكەچ ئاتىسىغا تاشلاندى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار توختىمايتتى ھەم ئېغىزىمۇ گەپكە كەلمەيتتى. ھەممە دەرتلىرىنى كۆز يېشى ئېيتىپ بەرمەكتە ئىدى.

ھۈسەيىن خان قولىنى ئاستا مىدىرلىتىپ ئايچىۋەرنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىدى.

ــ بالام، سۆزۈمگە قۇلاق سال! ۋاقتىمنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى تۇيۇپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا سۆزۈمنى ئېيتىۋالاي.

ئايچىۋەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاتسىنىڭ يېنىدا كارىۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇردى.

ــ ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى، سۆز قىلىشىم قىيىنلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنچە يىل پادىشاھ بولۇپ كەلدىم. ئەلنى ئادىللىق بىلەن باشقۇردۇم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۈشمەن بىزنىڭ زىمىنىمىزغا كۆز تىكىۋاتىدۇ. ئۇلار زىمىنىمىزنى ئىگەللەپ خەلقنى ۋەيران قىلماقچى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويماڭلار. نىران خانىدانلىقى شۇنچە يىللاردىن بېرى گۈللىنىپ كېلىپ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولسا مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خاتىرجەم ياتالمايمەن. قىزىم، ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ۋەزىپە، ئەل-ۋەتەننى مەڭگۈ قوغدىغىن! بۇ ئاتاڭنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدى. يەنە مەن ساڭا جەڭگە مېڭىشتىن بۇرۇن دېگەندەك مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن شاھلىق تەختىگە ئارسلان ۋارسلىق قىلسۇن. سەن ھەر ۋاقىت ئارسلانغا ياردەمدە بولغىن! سەن نىران خانىدانلىقىنىڭ بىردىنبىر مەلىكىسى، ئارسلانغا سەنلا ياردەم قىلالايسەن. ئىككىڭلار بىرلىكتە خانلىقنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرڭلار. بۇ مېنىڭ سىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم ھەمدە سىلەرنىڭ چوقۇم شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. مەن ھازىرلا ئارسلاننى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلاي دېسەم ۋەزىرلەرنىڭ باھانە سەۋەبلىرى بەكلا كۆپ، مەن كۆپ قېتىم ئويلىنىپ بۇ ئىشلارنى مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭلارنى لايىق تاپتىم.،ــ ھۈسەيىن خاننىڭ گەپ قىلمىقى تەسلىشىپ كەتتى.

ئايچىۋەر ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى.

ــ ئايچىۋەر قارا قىزىم، ئاناڭ ئاپئاق كىيىم بىلەن ئاسماندا ئۇچۇۋاتىدۇ، ئۇ مېنى يېنىغا چاقىرىۋاتىدۇ، مېنى بىللە سەپەر قىلىشقا… ھۈسەيىن خاننىڭ ئاسمانغا سوزغان قولى ئاستا چۈشۈپ كەتتى.

ئايچىۋەر بار ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلىدى. مەلىكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان سىرىتتىكىلەر ئالدىراپ كىردى. ھۈسەيىن خان جان ئۈزگەنىدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ جەڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ھۈسەيىن خاننى ئوردىغا ئەكىلىپ دەپنە قىلىپ بولغىلىمۇ ئىككى كۈن بولدى. ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنىنى كۆزۈتىۋاتقان ئايغاقچىلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئابدۇللا خاننىڭ ھۈسەيىن خاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئازراق ئىنساپى تۇتتىمۇ باشقا شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلماي بارگاھىدا جىممىدە تۇرۇېتىپتۇ.

دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلمىغانلىق خەۋرىنى ئاڭلاپ ئايچىۋەر سەل يېنىكلەپ قالدى. ئۇ بۈگۈنمۇ بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە گۈللۈكتە ئارام ئېلىۋاتاتتى.

ئايىغى چىقماس خىياللار ئۇنى چىرمىۋالغانىدى. ئايچىۋەر تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىش ئارسلاننى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇش بۇ ئۇنىڭ بېشىنى خېلىلا قاتۇرىدىغان مەسىلە ئىدى. توغرۇل ھۈسەيىن خان ۋاپات بولغىنىغا ئىككى كۈن بولغاچقا ھازىرچە باشقا ئىپادە بىلدۈرمەي جىم يۈرۈۋاتىدۇ. يەنە نەچچە كۈن ئۆتسە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلايدۇ. ئايچىۋەر ئارسلاننى مۇۋاپىق پەيتتە ھېچكىم بىرەر نەرسە دەپ قارشى چىقالمىغىدەك ئەتراپلىق پىلان بىلەن ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇشى كېرەك. بولمىسا ئاۋارىچىلىقلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇ خىياللار بىلەن بەنىت بولۇپ كەتكەن ئايچىۋەر يېنىغا ئارسلاننىڭ كەلگىنىنىمۇ تۇيماي قالدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    سالام 2011-11-02 04:45

    بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامى ئادەمنى ئەجەپمۇ ئىنتىزار قىلدى…
    داۋامىنى يېزىۋاتامسىز ياكى تورغا يوللايدىغانغا ۋاقتىڭىز چىقمايۋاتامدۇ؟

    جۇلالىق

    بۇ ئەسەر يېزىلىپ بولغان بلوگقا بىر بۆلەكتىن يوللىنىۋاتىدۇ.
    بۈگۈن داۋامى يوللاندى.