نىران خانىدانلىقى(10)

تارىخ سەپىرىدە 2011-11-03 04:57 1,231 1

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(10)

ــ خىزمەتكار قىزدىن سورىسام سىزنى مۇشۇ يەردە دېدى، رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا كىرىۋەردىم،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

ــ كېرەك يوق، بىز ئاكا-سىڭىل تۇرساق رۇخسەت سوراپ كىرىش كېتەمدىكەن؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزلىرىگە يىغا ئولاشتى.

ــ كەيپىياتىڭىز قانداقراق؟ ئىنسان ئاجىز كېلىدىكەنمىز تەقدىرىمىزگە يېزىلغاننى كۆرمەي ئامال يوقكەن،ــ دېدى ئارسلان ئاسمانغا كۆزىنى تىكىپ.

ــ بۈگۈن خېلى ياخشى تۇرىمەن، مەن سىزنى ئىزدەي دەپ تۇرغانىدىم. كۆڭلىڭىز تۇيغاندەك ئۆزىڭىز كەپسىز،ــ دېدى ئايچىۋەر ئۆزىدىكى پەرىشانلىقنى يۇشۇرۇپ خۇشال كەيپىياتتا.

ــ بىرەر مۇھىم ئىش بارمىدى؟ پەرىشانلىقىڭىزنى باشقىلاردىن يۇشۇرسىڭىزمۇ مەندىن يۇشۇرۇپ قالالمايسىز، سىزنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئەمما يەنىلا غەيرەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى پۈتكۈل ئەل سىزگە موھتاج. خەلق سىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئوردا خېلىلا قالايمىقان خان ئاتامنىڭ ۋاپاتىغا ھەممەيلەن ئازابلاندۇق. ئەمدى سىز زىممىڭىزدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. بولمىسا خەلققە يۈز كېلەلمەيسىز،ــ ئارسلاننىڭ يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى دېگۈسى بار ئىدى. يەنىلا توختاپ قالدى.

ــ مەنمۇ سىزنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ئىزدىمەكچىدىم. مەرھۇم خان ئاتام بۇ جەڭگە چىقىشتىن بۇرۇنلا مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن. خان ئاتام توغرۇل ئاكامنى تەخىت ۋارىسى بولۇشقا لايىق ئەمەس دەپ قارايدۇ. توغرۇل ئاكامنىڭ ئىشلىرىنى دېمىسەممۇ سىز بىلىسىز. مەن دېگەن قىز بالا شۇڭا خان ئاتام مېنى تەخىت ۋارىسى قىلاي دېسە مېنىڭ ئاجىز كېلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىدى. ھەم مەنمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن. خان ئاتام تەخىتكە ۋارىس بولۇشقا سىزنىلا لايىق دېگەنىدى. پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھمان تاغام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قويدۇم، ئەتە سىزنى تەخىت ۋارىسى دەپ پۈتكۈل ئوردا ئەھلى ئالدىدا جاكارلىماقچى نىران خانىدانلىقىنىڭ پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىدىغان قائىدىسى بويىچە نىران خانىدانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى خانلىق شەمشىرىنى سىزگە تاپشۇرىمەن. بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقالمايدۇ،ــ ئايچىۋەر ئارسلاننى نېمە دەيدىكىن دەپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.

ــ بولمايدۇ، قەتئىي بولمايدۇ. مەن قانداقمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن. يەنە كېلىپ مەن خان ئەۋلادى ئەمەس، خەلق مېنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. مەن بۇنداق بولۇشىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان. مەن مېنىڭ كەلگۈسۈمنى مۇشۇنداق پارلاق قىلغان خان ئاتامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشنى ئويلايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىياللارنى ھەرگىز ئويلاپ باقمىدىم. نامرات بىر كەپە ئۆيدە تۇرىدىغان بىر دېھقان بالىسى بۈگۈنكىدەك شان-شۆھرەتكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ھەممىسى مەرھۇم خان ئاتامنىڭ ماڭا قىلغان زور شاپائىتى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە خان ئاتامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. بىراق، مەن بۇ تەكلىپمنى قۇبۇل قىلالمايمەن.ــ، ئارسلان قەتئىيلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.

ــ ئارسلان ئاكا، بۇ خان ئاتامنىڭ ئارزۇسى، ئۇ سىزگە ئىشىنىدۇ سىزنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىڭىزغا كۆزى يەتكەچكە شۇڭا بۇ ۋەزىپىنى سىزگە تاپشۇرغان.بۇ ۋەزىپىنى چوقۇم ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك.ھەمدە ماڭا ياردەم قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز تەخىتكە چىققاندىن كېيىن مەنمۇ سىزگە ياردەملىشىمەن.ــ، ئايچىۋەر ئارسلاننىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرۈپ يېلىنغان قىياپەتتە بۇ گەپلەرنى دېدى.

ــ ياق! ئايچىۋەر، مەن بۇ ۋەزىپىنى قۇبۇل قىلالمايمەن،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يەنە سۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمەي كېتىپ قالدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا بىر پارچە ئىنكاس بار ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2011-11-18 05:26

    تىنچلىقمۇ، نىران ئوغلى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
    ئەسەرنىڭ داۋامى يوللاندى.
    بۇ ئەسىرىمنى ھەر ۋاقىت ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇغىنىڭىزدىن كۆپ خۇرسەنمەن. بلوگىمغا كىرىپ تۇرۇڭ، سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.