نىران خانىدانلىقى(11)

تارىخ سەپىرىدە 2011-11-18 05:23 1,177 3

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(11)

ئەتىسى خان ئوردىسى جىددىي تۈسكە كىردى. تۈنۈگۈن ئايچىۋەر ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىرلەرگە ئەتە مۇھىم ئىش بارلىقىنى بىرەرسى باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ كەلمىسە ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەنىدى. ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدى. ئايچىۋەر شاھلىق تەختىنىڭ يېنىدا قولىدا خانلىق شەمشەرنى تۇتقان پېتى تۇراتتى. تەخىتنىڭ سول تەرىپىدە پىشقەدەم ۋەزىر ئابدۇراھمان بار ئىدى.

تۆۋەندە بولسا ۋەزىرلەر ئىككى يانغا بۆلۈنۈپ ئايچىۋەرنى قاچان گەپ قىلىدىكىن دەپ تۇرۇشماقتا. بۈگۈن توغرۇلنىڭ كەيپىياتى باشقىچىلا توغرۇلنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر ئۇنىڭ كەينى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ  بىر-بىرى بىلەن پىچىرلىشىۋاتاتتى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ئۇدۇلىدا ۋەزىرلەرنى كۈزەتكەچ ئايچىۋەرنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.

ــ پۈتكۈل ئوردا ئەھلى، خان ئاتام ۋاپات بولغىلى خېلى كۈنلەر بولدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم مەرھۇم خان ئاتام ھايات ۋاقتىدا بىرەرسىنى تەخىت ۋارىسى قىلىپ بېكىتمىگەن. شۇڭا ئەل-ۋەتەن باشپاناھسىز قالسا بولمايدۇ. چوقۇم بىرسى خانىدانلىقنى باشقۇرۇپ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك. خان ئاتام بۇ جەڭگە چىقىشتىن بۇرۇن مەن بىلەن مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق پاراڭلاشقان ھەمدە نىران خانىدانلىقىنىڭ خانلىق شەمشىرى كىمگە تاپشۇرۇلسا شۇ ئادەم شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلسۇن دېگەنىدى. شۇڭا مەن بۇ شەمشەرنى… ئايچىۋەر گېپىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغىچە ئارسلان ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى.

ــ مەرھۇم خان ئاتام تەخىت ۋارىسىنى بەكلا توغرا تاللىغان، مانا خانلىق شەمشەرمۇ مەلىكە ئايچىۋەرنىڭ قولىدا تۇرۇپتۇ. مەلىكە خان ئاتامنىڭ يالغۇز قىزى شاھلىق تەختىگە ئايچىۋەر ۋارىسلىق قىلسا ھەممە خۇشال بولىدۇ. مەلىكىنىڭ نىران خانىدانلىقىنىڭ باشپاناھى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئايچىۋەر شاھ مەلىكەم ياشىسۇن! ئۇنىڭىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ــ، ئارسلان شۇنداق دېگىنىچە تىزلىنىپ شاھلارغا بېرىدىغان سالامنى بەجا كەلتۈردى.

ئوردا ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. ئارسلاننىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيرانلا قالغان ئايچىۋەر بىر نەرسە دېمەكچى بولغانىدى. ئارسلان جىم تۇرۇڭ، گەپ قىلماڭ! دېگەن مەنادا ئىشارەت قىلىپ قويدى ۋە توغرۇلنى بېشى بىلەن ئىما قىلىپ قويدى. ئايچىۋەرمۇ جىمىپ قالدى.

يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ھاڭۋېقىپ قالغان ئابدۇراھمانمۇ ئېسىنى يىغىپ ئارسلاننىڭ يېنىغا كەلدى. ئايچىۋەرنى مۇبارەكلەپ سالام بەردى. ھەممە ۋەزىرلەر تىزلىنىپ مەلىكىنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇنى مۇبارەكلدى. ئايچىۋەر بۇ تەخىتتە ئولتۇرمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ خانلىق شەمشەرنى تۇتقان پېتى مەرھۇم خاننىڭ ئورنىدا ئولتۇردى. ئايچىۋەرنى تەبرىكلىمىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا تىزلانمىغانلاردىن توغرۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەركەردىسى ئابباس قالدى. ھەممەيلەن بۇرۇلۇپ توغرۇلغا قارىغانىدى توغرۇل ئىشنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئاستا تىزلىنىپ ئايچىۋەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى.

شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇش مۇراسىمى جىمجىت ھېچقانداق خەۋىپسىز ئاخىرلاشتى. ئوردىدىن قايتقاندىن كېيىن ئايچىۋەر ئابدۇراھمان بىلەن ئارسلاننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۈچەيلەن ئەتىگەنكى ئىشلار توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلاۋاتاتتى.

ــ ئارسلان ئاكا، نېمىشقا مېنىڭ سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى دېگىلى قويمايسىز. بۇ تەخىتكە سىز ۋارىسلىق قىلىشىڭىز كېرەكتى. نېمىشقا مېنى تەخىتتە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلايسىز؟ــ، ئايچىۋەر ئارسلاندىن ئاغرىنغاندەك سورىدى.

ــ سىڭلىم كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن. ھەمدە مەرھۇم خان ئاتامنىڭ ماڭا شۇنچە ئىشەنگىنىگە مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرگىنىدىن چەكسىز خۇشال بولدۇم. بىراق، ئىش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. توغرۇل خان ئاتام ۋاپات بولغاندىن بۇيان ئوردا ئىچىدە يۇشۇرۇنچە خېلى ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ بولدى. پەقەتلا ئازغىنە ۋەزىرلەر سىزنى قوللايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ مۇشۇنداق جىددىي پەيىتتە مەن شاھلىق تەختىگە چىقسام مېنى كىم ئېتىراپ قىلىدۇ. بىز بۇنداق قىلساق شاھلىقنى توغرۇلغا قوش قوللاپ سۇنغان بولىمىز. توغرۇل مۇشۇنداق پەيىتنى كۈتۈپ يۈرۈيدۇ. ئوردا ئىچىدە ئازراقلا سۈركىلىش بولىدىكەن. ئۇ ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنى كۈشكۈرتۈپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپلا خانلىقنى قولىغا ئالىدۇ. شۇڭا سىڭلىم بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئوتتۇرىغا چىقسىڭىز ھېچكىم سىزگە قارشىلىق قىلالمايدۇ. چۈنكى سىز دېگەن ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى خان ئەۋلادى سىزگە قارشى تۇرۇشقا كىمنىڭ ھەددى؟ سىزنى شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ جاپا سالىدىغان بولدۇق. خەلقىمىز ئۈچۈن جاپا چېكىدىغان بولدىڭىز غەيرەت قىلىڭ. ئابدۇراھمان تاغام بىلەن مەن سىزنى ھەر ۋاقىت قوغدايمىز، ياردەمدە بولىمىز.ــ، ئارسلان سۆزىنى ئېيتىپ بولۇپ يېنىك بىر تىندى.

ــ ئارسلان توغرا دەيدۇ قىزىم، شاھلىققا سىز ۋارىسلىق قىلمىسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلالمايمىز. سىز پەقەتلا تەختتە ئولتۇرۇپ چوڭ ئىشلارنى باشقۇرۇپ بەرسىڭىز قالغان ئىشلارنى بىر قىلىمىز.ــ، بۈگۈنكى ئىشتىن بەكلا مەمنۇن بولغان ئابدۇراھماننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگەنىدى.

ــ سىلەر بۇنداق دەۋاتساڭلار مەن يەنە نېمە دېيەلەيمەن. مەن يەنىلا كىچىككەنمەن نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەر يىراقنى كۆرەلەيدىكەنسىلەر.ــ، ھۈسەيىن خان ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن بۇيان كۈلۈمسىرەپ باقمىغان ئايچىۋەر بۈگۈن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى. ئۈچەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    گۈلبەر 2011-11-19 04:04

    بۇ روماننى بەك ياقتۇردۇم.

    جۇلالىق

    ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.

  •   #2  

    سالام 2011-11-25 10:59

    بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنىڭ مۇنداق مۇرەككەپ جەريانى بارلىقىنى مەن خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم…

    ئەسىرىڭىزگە ھەقىقەتەن مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتىمەن…
    ئاخىرىنى تولۇق ئوقۇشقا قانچە ئىنتىزار بولغانسىرى شۇنچە ئاز يوللىنىۋاتىدۇ…..

    مۇنۇ دەستىڭىزنىڭ ئاخىرىنى قانغۇچە كۆرمىسەم كۆڭلۇم زادىلا ئارامىدا بولماي…ئاخىرىنى تېزرەك يوللاسىز.

    ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.