نىران خانىدانلىقى(12)

تارىخ سەپىرىدە 2011-11-30 06:33 1,175 4

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(12)

ئايچىۋەر ئوردىدىكى ئىشلارنى بەك بىلىپ كەتمىسمۇ ۋەزىرلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بويىچە ھەر ھالدا ياخشى قىلىۋاتاتتى. ئايچىۋەر سەل بىكار بولۇپ قالسىلا ئارسلان ئۇنى ھەربىي مەشىقلەرنى قىلدۇراتتى. ئارسلان بىر ئەلگە پادىشاھ بولغان ئادەم ھەممە جەھەتتىن يېتىشمىسە بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا ئايچىۋەرنى مەشىق قىلدۇرۇشتا بەكلا قاتتىق قول ئىدى. ئايچىۋەر ھېرىپ قالدىم دېگەنگىمۇ ئۇنىماي قىيىن مەشىقلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلايتتى. توغرۇلمۇ خېلى تىنچىپ قالغاندەك ھېچقانداق سادا يوق ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئىدى. ئابدۇللا خاننىڭ نىران خانلىقىغا كۆزىنى تىكىپ خىرىس قىلىپ ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلىدىغاندەك تۇرۇشى ئايچىۋەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزدى. ئايچىۋەر ۋەزىرلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. جەڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرگەن بىر ئاي ئارلىقىدا ئارسلانمۇ ئايچىۋەرنى ياراملىق بىر چەۋەنداز قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. گەرچە ئايچىۋەر جەڭ ماھارىتىدە ئارسلان بىلەن توغرۇلغا تەڭ كېلەلمىسىمۇ يىتىشىپ قالغانىدى.ئۇزاق ئۆتمەي تەييارلىقلارمۇ پۈتۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ يولغا چىقتى.

ئايچىۋەر ئوردىنى باشقۇرۇشقا ئابدۇراھماننى قالدۇرۇپ توغرۇل، ئارسلاننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ جەڭگە ئاتلاندى. ئايچىۋەر كىچىكىدىن جەڭ قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئۆگەنگەنىدى. شۇڭا بۇ قېتىم چوڭ قوشۇنغا ئارسلاننى قوماندان قىلدى. ئۇ ئالدىنقى قېتىمقى مەغلۇبىيەتنى توغرۇلنىڭ قوماندانلىقنى ياخشى قىلمىغانلىقى ۋە جەڭ ماھارىتىگە پىششىق بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىغاچقا ئارسلاننى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى.

ئىككى تەرەپ جەڭنى توختاتقاندىن بۇيان ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنىمۇ ئەسكەرلىرىنى تولۇقلاپ تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىۋالدى. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم پۇختا تەييارلىقلار بىلەن كەلگەنىدى.

ھەر ئىككى قوشۇن بىر-بىرىنىڭ بارگاھىنى كۆرگىدەك يەردە ئورۇنلاشتى. ئارسلان جەڭ قىلىش ئۇسۇلىنى بىر قاتار تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئەتە ئەتىگەن جەڭنى رەسمىي باشلاش توغرۇلۇق ئايچىۋەردىن ئىجازەت سورىدى. ئايچىۋەر ماقۇللۇق بېرىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن چېدىرىغا كىرىپ كەتتى.

ئۈستىگە جەڭ كىيىمى كىيىپ تولۇق قۇراللانغان ئايچىۋەر سەپنىڭ ئالدىدا دۈشمەن سېپىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئارسلان جەڭگە ئاتلىنىش بۇيرۇقىنى بەردى. توغرۇلنىڭ قوشۇنى دۈشمەننىڭ سول تەرىپىدىن ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. جەڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئارسلان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى سېزىپ جەڭگە ئاتلاندى. ئىككىلا تەرەپ دەھشەتلىك جەڭگە كىرىپ كەتتى. ئۆلگەنلەر سان-ساناقسىز ئۆلۈكلەر تاغلاردەك دۆۋىلىشپ كەتكەن. ئابدۇللا خاننىڭ قوشۇنى بەرداشلىق بېرەلمەي كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى. دۈشمەن قوشۇنىنىڭ مەغلۇب بولاي دېگەنلىكىنى كۆرگەن ئايچىۋەر ئېتىنى دېۋىتىپلا دۈشمەن سېپىگە ئېتىلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن قوغدىغۇچىلارمۇ ئەگەشتى. ئايچىۋەر دۈشمەن قوشۇنى سېپىدىن ئابدۇللا خاننىڭ ئوغلى ۋەلىنى ئىزدەيتتى. ۋەلى ئەتراپىدا قالغان نەچچە ئون ئادەملىرى بىلەن قاپسىلىپ قالغانىدى. ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ ئورمانلىق تەرەپكە قاراپ قاچتى.

 ئايچىۋەر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئايچىۋەرنىڭ ۋەلىنى قوغلاپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئورمانلىق ئىچىگە ئېتىنى چاپتۇردى. ئايچىۋەر ۋەلىنى قوغلاپ يېتىشىۋېلىشقا ئۈچ-تۆت مېتىر قېلىۋېدى ۋەلى ئېتىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا ئايچىۋەرگە ئوق ئۈزدى. ئايچىۋەر چاققانلىق بىلەن ئوقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قولىدىكى نەيزە بىلەن ۋەلىنى ئۇرۇپ ئاتتىن يىقىتىۋەتتى. ۋەلى ئاتتىن دومىلىغىنىچە بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە يىقىلدى. ئايچىۋەر ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپلا شەمشىرىنى ۋەلىنىڭ گېلىغا تەڭلىدى. ئۇنىڭغىچە ئايچىۋەرنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئارسلانمۇ يېتىپ كېلىپ ئايچىۋەرنى قانداق قىلاركىن دەپ قاراپ تۇردى. ئايچىۋەرنىڭ شەمشەر تۇتقان قولى تىترەيتتى.

ــ سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋەتسەەم دەيمەن. خان ئاتامنى ئۆلتۈرگەن جازايىڭ ئۈچۈن سېنى پارچە-پارچە قىلىپ ئىتلارغا تاشلاپ بەرسەممۇ ئەرزىيدۇ. بىراق، مەن سېنى خان ئاتام ئۈچۈن ئۆلتۈرسەم سېنىڭ ئوغلۇڭ مېنى سەن ئۈچۈن ئۆلتۈرسە بۇ قىرغىنچىلىق قاچان تۈگەيدۇ؟ بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇرۇش-جىدەل قىلماي چىرايلىقچە ئۆتسەك ھەممىمىز ئۆز مەملىكىتىمىزنى گۈللەندۈرسەك بولمامدۇ؟ بولدى كەتكىن! سېنى ئۆلتۈرۈشكە ھەرگىز قولۇم بارمايدۇ. چۈنكى سەن قىلغان رەھىمسىزلىكنى مەن قىلالمايمەن.،ــ ئايچىۋەر يىغلامسىرىغان پېتى شەمشىرىنى پەسكە چۈشۈرۈپ دەرەخكە يۆلىنىپ قالدى.

ۋەلى ئۆزىنى ھايات قويغانغا خۇشال بولۇپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا توغرۇل ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ۋەلىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن توغرۇلنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.

ــ بۇ ئىپلاس خان ئاتامنى ئۆلتۈرگەن تۇرسا ئۇنى مۇشۇنداقلا قويۇۋېتەمدۇق؟ــ، توغرۇل ئايچىۋەرگە نەپرەت كۆزى بىلەن تىكىلدى.

ــ بولدى ئۇ كەتسۇن مەن بۇ جەڭنى قىرغىنچىلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايمەن. ھەر ئىككى تەرەپ ئىناق ئۆتسەك دەيمەن بۇ مېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم ــ، ئايچىۋەر شەمشىرىنى سۇغۇرۇپ ۋەلى تەرەپكە ماڭغان توغرۇلنى قولى بىلەن شەرەتلەپ توختىتىپ قويدى. بۇ جەڭ نىران خانىدانلىقىنىڭ نۇسرەت قازىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئايچىۋەرنىڭ ئوغلى ۋەلىنى كەڭ قورساقلىق قىلىپ قويۇۋەتكەنلىكىدىن تەسىرلەنگەن ئابدۇللا خان ئايچىۋەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلماي تىنىچ-خاتىرجەم ئۆتۈش توغرىسىدا سۈلھى تۈزۈپ قايتىپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ئوغلانلار قۇربان بولغان بۇ دەھشەتلىك جەڭ ئاخىرلاشتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 4 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    تەشنايى 2012-06-18 08:28

    بىر ئولتۇرۇشۇمدا ئوقۇپ مۇشۇيەرگە كەلدىم. تەسىرات ئۆزگىچە:رىئال تۇرمۇشتىكى پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر تارىخى بايان ئىلمىنىتلىرى بىلەن ئاجايىپ نەپىس بىرىكتۈرۈلگەن. ئايچىۋەر، ئارىسلان ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشى تولىمۇ جانلىق. بىر قارىساڭ خۇددى كۆز ئالدىڭدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردەك، يەنە بىر قارىساڭ راسلا بىر تارىختەك… داۋامىنى يەنە ئوقۇپ چىقىرىپ ئوقۇپ تۈگىتىمەن، قالدى تەسىراتلارنى شۇ چاغدا يازاي!
    قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن. سىزگە مۇۋەپپىقىيەتلەر يار بولسۇن!

    جۇلالىق

    ماڭا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا ماڭا مەدەت بەردىڭىز، رەھمەت.

  •   #2  

    تەشنايى 2012-06-18 08:32

    «تۇرمۇش، ۋاقىت چىقىرىپ» ئىملا خاتالىقىمنى ئەپۇ قىلغايسىز، بولسا تەھرىرلەپ قويارسىز، رەھمەت!

    جۇلالىق

    تەھرىرلەپ تۈزۈتۈپ قويدۇم.