نىران خانىدانلىقى(13)

تارىخ سەپىرىدە 2011-12-24 02:53 1,204 7

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(13)

ئايچىۋەر بۇ جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ قايتىپ ئوردىدىكىلەرنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. كۆپىنچە ۋەزىرلەر ئايچىۋەرنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىدىن نارازى ئىدى. ئۇلارنىڭ نارازىلىقى بۇ قېتىم خېلى پەسەيدى بىراق خەۋىپ يەنىلا بار. توغرۇلنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر يەنىلا كۆپ، ھۇشيار تۇرمىسا بۇلار ھەر ۋاقىت ئاسىيلىق قىلىپ توغرۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. مانا بۇ بىر قاتار ئىشلار ئايچىۋەرنى بەكلا ھاردۇرۇۋەتتى. ئايچىۋەر جەڭدىن قايىتىپ كېلىپ ئوردىدىكى كۆپىنچە ئىشلارنى ئابدۇراھمان بىلەن ئارسلانغا تاپشۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتاتتى.

 ئاتىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى بۇ قېتىمقى دەھشەتلىك جەڭ ئوردىدىكى قالايمىقانچىلىقلار ئايچىۋەرگە بېسىم بولۇپ ئۇنى بەكلا ھاردۇرۇۋەتتى. شۇڭا ئۇ سەل دەم ئېلىشنى ئويلاپ ئوردىدىكى ئىشلارنى ئابدۇراھمانغا تاپشۇرۇپ ئوردىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان كەڭرى ئورمانلىققا بىر ھەپتىلىك  ئوۋغا چىقتى. ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئايچىۋەرنىڭ ئوردىدا قېلىپ ئابدۇراھمانغا ياردەملىشىڭ دېگىنىگە ئۇنىماي بىللە چىقتى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ئايچىۋەرگە سۈيىقەست قىلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. توغرۇلنىڭ نام-مەنپەئەت ئالدىدا قان-قېرىنداش دېمەي رەھىمسىزلەرچە ئىش قىلىدىغانلىقى ئارسلانغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.

خان ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئايچىۋەر بۇنداق ئوۋلارغا تولا چىقاتتى. شۇ چاغلاردىمۇ ئۇنىڭغا ئارسلان ھەمراھ بولۇپ بىللە ئوۋ ئوۋلايتتى. ئورمانلىققا كىرگەندىن كېيىن ئايچىۋەرنىڭ كەيپىياتى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى. كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ ئوۋلايدىغان ئولجىلارنى ئىزدىمەكتە. ئالدى تەرەپتىكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن بىر كىيىكنىڭ قارىسى كۆرۈندى.

ــ بۇ كىيىكنى ئۆزۈم ئوۋلايمەن. ھېچقايسىڭلار قوغلىماڭلار ۋە ئوق ئاتماڭلار!ــ، دېگىنىچە ئايچىۋەر كىيىك تەرەپكە ئاستا ماڭدى. ئاتنىڭ تىۋىشىنى سېزىپ قالغان كىيىك دەرھال قاچتى. ئايچىۋەر ئېتىنى دىۋىتكىنىچە كىيىكنى قوغلاپ ماڭدى. ئايچىۋەر باياتىن بۇلارغا كىيىكنى ئۆزىدىن باشقىلار قوغلىماسلىق بۇيرۇقىنى بەرگەچكە ھەممىسى ئايچىۋەرنىڭ كىيىكنى ئېتىپ ئوۋلاپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.

كىيىك ئايچىۋەرنىڭ ئالدىدىن بىر كۆرۈنۈپ بىر كۆرۈنمەي قاچماقتا. ئايچىۋەر بار كۈچى بىلەن ئۇنى قوغلىماقتا ئىدى. ئايچىۋەر كىيىكنى قوغلاۋېرىپ ئورمانلىققا خېلى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى. ئورمانلىقتىكى بىر ساسلىققا كەلگەندە كىيىك ئايچىۋەرنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. ئايچىۋەرنىڭ ئېتىمۇ چېپىۋېرىپ ھېرىپ ئاستا مېڭىۋاتاتتى. ئايچىۋەر كىيىكنى ئوۋلاش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ئورمانلىققا خېلى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالغانىدى. قۇشلارنىڭ غەلىتە سايراشلىرى ئايچىۋەرنى سەل سۈر باسقۇزدى. ئۇ ئارسلان ۋە قوغدىغۇچىلاردىن ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەنىدى. شۇ ئەسنادا ئالدىدىكى دەرەخنىڭ كەينىدىن بىر قارا سايە غىل-پال قىلىپلا كۆرۈنگەندەك قىلدى ئايچىۋەر ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار بولسا كېرەك دەپ ئانچە ئېرەن قىلمىدى. تۇيۇقسىز ئېتىلغان بىر تال ئوق ئايچىۋەرنىڭ كۆكرىكىگە سانجىلدى. ئايچىۋەر ۋايجان دېگىنىچە كۆكرىكىنى تۇتتى ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى. ئالدى تەرەپتىكى دەرەخلەرنىڭ كەينىدىن تۆت-بەش ئادەمنىڭ شەمشەرلىرىنى يالىڭاچلىغان پېتى ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئاران پەرق ئېتەلىدى. ئۇ ئىشنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئاتقا قاتتىق قامچا ئۇردى. تاياقنىڭ زەربىدىن چۆچۈگەن ئات ناھايىتى تېز چېپىپ ئالدىدىكى بۇلار تەرەپكە تېزلا يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئادەملەر ئايچىۋەرنىڭ كەينىدىن شۇنچىلىك تېز قوغلىدىكى خۇددى يەل تاپان ئادەملەردەك يېتىشىۋالاي دەپ قالدى. ئوق تەگكەن يەردىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ئايچىۋەر ھالسىزلىنىپ ئاتنىڭ ئۈستىدە يېتىپ قالدى.

بۇلار ئايچىۋەرگە يېقىنلىشىشقا ئىككى مېتىرلا ئارىلىق قالغانىدى. ئالدى تەرەپتىكى قويۇق ئورمانلىق ئىچىدىن يىگىرمە بەش ياشلاردا بار بىر يىگىت پەيدا بولدى. ئۇ بىر نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغان بىر قىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېنىغا ئېسىلغان شەمشىرىنى سۇغارغان پېتى ئايچىۋەر تەرەپكە يۈگۈردى. ئات ئۈستىدىكى ئايچىۋەرگە شەمشەر ئۇرۇشقا تەمشەلگەن بىرسىنىڭ بىلىكىگە شەمشەر ئۇردى. ئۇ ئادەم بىلىكىنى تۇتقان پېتى يەردە يېتىپ قالدى. باشقىلىرىمۇ تەڭلا بۇ يىگىت تەرەپكە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. يىگىتنىڭ ماھارىتى خېلى ئۈستۈن ئىدى. ھەممىسىگە تەڭلا تاقابىل تۇرۇپ بىر قولىدا ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقىنىچە كەينىگە چېكىنمەكتە. قارىماققا ئۇلارنىڭ باشلىقىدەك كۆرۈنىدىغان بىرسى يىگىتنىڭ كەينىگە ئۆتۈپلا ئۇنىڭغا شەمشەر سالدى شەمشەر يىگىتنىڭ ئارقا مۆرىسىنى ئازراق كېسىۋەتتى. يىگىت بۇرۇلۇپلا ئۇنىڭ شەمشىرىنى توسۇۋالدى. ھېلىقى كىشى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.

ــ سەنمۇ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئادىمىكەنسەنغۇ؟ ئەركىن بۇ سەنمۇ؟ــ، ھېلىقى ئادەم شەمشىرىنى پەسكە چۈشۈردى. ئۇ بۇ يىگىتنىڭ ماھارىتىدىن ئۇنىڭ ھىلال ئاي مەزھىپىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغانىدى.

ــ ياق! مەن ھىلال ئاي مەزھىپىنىڭ ئادىمى ئەمەس. بۇنداق مەزھەپنى بىلمەيمەن. بۇ قىزنى نېمىشقا ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟

ــ بۇ بىزگە بېرىلگەن بۇيرۇق بىز سەۋەبىنى سورىمايمىز. پەقەتلا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز. بىز چوقۇم بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشىمىز لازىم. بۇ ئاتامان بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپە.

ھېلىقى ئادەم ئايچىۋەر تەرەپكە مېڭىشقا تەمشىلىۋېدى، يىگىت ئۇنىڭغا شەمشىرىنى تەڭلىدى. ھەمدە ئۇنداق قىلما! دېگەن مەنادا بېشى بىلەن ئىشارەت قىلدى.

ــ قايتىپ كېتىڭلار، ئۆز گۇناھىسىز كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈپ قويغۇم يوق ــ، يىگىت بۇلارغا تەھدىت ئارىلاش دېدى.

ــ بېرىپ ئاتامانىڭلارغا «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكى ئەركىن بۇ قىزنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۆلتۈرۈشكە يول قويمىدى دەڭلار. ئۇ ئۆزى چۈشۈنىۋالىدۇ. ــ يىگىت ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقىنىچە ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە ماڭدى. بۇ ئىككەيلەننىڭ كەينىدىن باشقىلىرى قوغلىماقچى بولۇۋېدى ھېلىقى باشلىقى ئۇلارنى توسۇپ قويدى. بۇ ئادەم يىگىتنى ئوبدان بىلىدىغاندەك قىلاتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2011-12-31 08:09

    تىنچلىقمۇ،
    سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    بولىدۇ داۋامىنى يوللىۋېتەي.
    بۇ ئەسەر نېمىشقا ئارامىڭىزنى بۇزدى؟

  •   #2  

    سالام 2011-12-31 09:17

    نىمىشقا ئارامىمنى بۇزاتتى؟
    ئەسەرنىڭ داۋامىنى كۆرەلمەي بولمامدۇ…

    ئەمدى قېزىقىپ كۆرىۋاتقاندا داۋامى بار دەپ تۆگەپ كېتىدۇ…

    خۇددى ئامرىكىنىڭ ‹‹ تۈرمىدىن قېچىش ›› فىلىمىدىكەدەك داۋامى قانداق بولار دەپ خىيالنى تولا قىلىدىغان بولۇپ قالدىم… شۇڭا ئارامىم بۇزۇلدى.

    جۇلالىق

    سىزنىڭ بۇ ئەسەرنى شۇنچىلىك زوقمەنلىك بىلەن ئوقۇغىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم. ئەمىسە داۋامى كەتتى.
    ئەمدى ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ يوللاپ تۇرىمەن.

  •   #3  

    سالام 2011-12-31 11:04

    داۋامىنى ئويلاپ بۇزۇلدى…

    جۇلالىق

    ھېلىتىن كۆڭۈل ئارامىڭىز بۇزۇلغىلى تۇرسا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاخىرى خېلى بار. تۈگەپ بولغىچە بۇزۇلىدىغان ئارامىڭىز قالمىسا نەدىن ئىزدەيسىز؟ ھاھاھا……

  •   #4  

    سالام 2012-01-14 05:27

    ئىشقىلىپ تېزرەك داۋاملىق يوللارسىز.

    بولمىسا شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان كەتكەن ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كەتسە ئىشىڭىز چاتاق… ھا ھا ھا

    جۇلالىق

    شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ ئەسىرىمنى زوقمەنلىك بىلەن ئوقۇغىنىڭىزدىن مەن بەكمۇ خۇشال. ۋاقتىڭىز ھەرگىز ئىسراپ بولۇپ كەتمەيدۇ.