قىزىل دېڭىز

تەپەككۇر تامچىلىرى 2011-12-31 07:43 1,256 7

قىزىل دېڭىز

سەھەر مەزگىلى، ئۆيىمىز ئالدىدىكى كوچىغا چىقتىم. مەھەللىمىز دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا ئىدى. تولا چىقىپ چۈشكەنلىكتىن كۆپىنچە يەرلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى ئاجراپ كەتكەن پەشتاقتا ئولتۇردۇم. قۇياش ئەمدىلا قىزىرىۋاتقان ۋاقىت قۇياش ئۆزىنىڭ شەپەق نۇرىنى ئەتراپقا چاچماقتا. قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن بەك كۆڭۈللۈك ئىدى. قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە. خۇددى دېڭىز سۈيى ئارىسىدىن چىقىۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. يېرىمى چىقىپ بولغان قۇياش دېڭىز سۈيىدىكى يېرىم ئەكسى بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈنلەي چىقىپ بولغاندەك باشقىچىلا چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
ئەتىگەنكى قۇياشنىڭ شەپەق نۇرىدا دېڭىز سۈيى قىپقىزىل رەڭگە ئۆزگەردى، دېڭىز سۈيى ھەر بىر دولقۇنلىسا ئوت يالقۇنلىرى دېڭىز سۈيى ئۈستىدە يامراۋاتقاندەك ئاجايىپ چىرايلىق بىر كۆرۈنۈش ھاسىل بولماقتا …
پاھ، نېمە دېگەن چىرايلىق مەنزىرە ھە!
يېڭى بىر كۈن تاڭ ئاتتى، يېڭىچە بىر ھايات باشلاندى.
يېڭى كۈننى بەزىلەر بەخىت-خۇشاللىق ئىچىدە قارشى ئالسا، يەنە بەزىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئىچىدە يېڭى قۇياشنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى. ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مۇساپىسىدىكى يېڭى بىر شەجەرىسىنى يېزىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلماقتا…
كۈز پەسلىنىڭ سوغۇق شامىلىدىن توڭلاپ دۈگدىيىپ كەتكەن بولساممۇ ئەتىگەنلىك گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنىلا پەرۋايىمغا ئالماي ئولتۇرماقتىمەن…
 كۈز ئايلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تاقىر باش ئادەملەرنىڭ بېشىغا ئوخشاپ قالغان دەرەخ شېخىدا بىر قاغا يېقىمسىز توۋلىماقتا ئىدى…
بورۇندىن كونىلاردا«قاغا توۋلىسا شۇملۇقنى تىلەيدۇ» دەيدىغان ماقال بار ئىدى. ئەتىگەندە شۇملۇق تىلىگەنمىدۇ ياكى ياخشىلىق؟
مەيلى نېمىلا تىلىگەن بولسۇن ئۇنىڭ توۋلىشى ئەمەلىيەتتىن ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيتتى. ھەر بىر ئىنسان ئۆز تەقدىرىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي نە چارە!؟

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    سالام 2011-12-31 09:26

    بۇ يېڭى يىلغا يوللانغان تىلەكمۇ قانداق؟

    بۇ لىرىكا ئاجايىپ مۇڭلۇق چىقىپتۇ…

    بۇ لىرىكىڭىز 5 يىل ئاۋالقى كۈز كۈنلىرىمنى ئىسىمگە سېلىپ قويدى… ئۇ تولىمۇ خۇشال كۈنلىرىم ئىدى.

    جۇلالىق

    ھەئە، بۇ يېڭى يىللىق لىرىكا ۋە تىلەكلىرىم.
    يېڭى يىلنى گۈزەل لىرىكىلار بىلەن باشلاي دەيمەنغۇ.

  •   #2  

    سالام 2011-12-31 09:26

    رەخمەت سىزگە!!

  •   #3  

    نۇرقۇت 2011-12-31 14:38

    قەدەم يەتتى، ھەدە. ئوبدان تۇرىۋاتقانسىز؟

    جۇلالىق

    ئىنىمنىڭ قەدەملىرىگە مەرھابا!
    قارشى ئالىمەن.
    مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. ئۆزىڭىزچۇ ئىنىم؟ قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇقمۇ؟

  •   #4  

    مەلەك 2013-08-22 07:07

    توساتتىن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئاسمانغا قاراپ باقمىغىنىمنى ، قىسقىسى زاغرا ناندەك قىزغيچ قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىنى ، كۆز قىسقان يۇلتۇزلارنى، ياكى بىردە كىچىكلەپ بىردە تولۇپ ئۆزى بىلەن ئۆزى سىردىشىۋاتقان ئاينى تاماشا قىلىپ باقمىغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
    ئاخىرقى قېتىم قاچان ئاسمانغا قارىغان بولغىيتىم؟!بلوگقا تولا كىرىپ پاشنام چۈشۈپ قالاي دېدى، ھەدە ئويلىرىڭىزنى تۆكۈپ تۇرۇڭ ، ئوقۇپ تۇراي…

    جۇلالىق

    كۆپكۆك ئاسمانغا، سارغۇچ قۇياشقا، يۇرۇق ئايغا، نۇر چېچىپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراشقا بەكلا ئامراقمەن. بەزىدە كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالسا ئاسمانغا قاراپ بىرەر يېرىمدەم ئولتۇرۇۋالسام ھەممە ئازاپلارنى ئۇنۇتقاندەك بولۇپ يېنىكلەپ قالىمەن. بەزىدە شۇنداق بىر خىياللار كېلىدۇكى، قانىتىم بولسا ئىدى، بۇلۇتلارنى پەرۋاز قىلىپ كەڭ كەتكەن ئاسماننى ساياھەت قىلسام دەيمەن. بۇنداق خىياللار بەكلا تاتلىق بولىدىكەن. بەزىدە ئۆزۈمنى خۇددى كىچىك بالىدەكلا خىياللارنى قىلىدىغاندەك ئويلاپ قالىمەن. بەلكىم بۇ رېئال دۇنيادىن بەكمۇ يىراقلارغا كەتكۈم باردۇر.
    سىڭلىمنىڭ بلوگىمنى يوقلاپ تۇرغىنىغا رەھمەت. مۇشۇ كۈنلەردە ئوقۇش بېسىمى ماڭا بىردەم ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. يېرىم سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ بىلوگقا يازما يېزىشقىمۇ ۋاقتىم يېتىشمەي يۈرۈيمەن. بىر كىتاپنىڭ تەرجىمىسىگە تۇتۇش قىلغانىدۇق، شۇ ئىش سەل قول تۇتۇۋاتىدۇ. خالىسا مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە خىيال پەرەس ھەدىڭىزنىڭ يازمىسىدىن بىرنى ئوقۇيسىز، ئىشتەي ساقلاپ تۇرۇڭ. ھاھاھا….