نىران خانىدانلىقى(14)

تارىخ سەپىرىدە 2012-01-01 03:32 1,166 8

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(14)

ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى يېتىلەپ ماڭغاچ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، ھېلىقى ئادەملەرنىڭ قايتىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ يېنىك بىر تىندى. ئاتنى يېتىلەپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە ماڭدى. ئون مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن دەرەخكە باغلاپ قويغان ئۆزىنىڭ ئېتى يېنىغا كەلدى. ئاتقا ئىككى دانە خالتا ئارتىلدۇرۇلغان بولۇپ خالتىلاردا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر تۇراتتى. ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى توختىتىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئېتىنى يەشتى. ھەر ئىككى ئاتنى يېتىلەپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. يېرىم سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن قۇيۇق ئورمانلىق ئىچىدە بىر ياغاچ ئۆي كۆرۈندى. ئۆينى كۆرۈپ ئات كىشنەپ كەتتى.

ئەركىن ئۆزىنىڭ ئېتىنى ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى چۆپلۈككە قويۇۋەتتى. ئاتقا بۇ ماكان تۇنۇش شۇڭا يىراق كەتمەيتتى. ئايچىۋەرنىڭ ئېتىنى ئۆينىڭ يېنىدىكى دەرەخكە باغلىدى. ئايچىۋەرنى ئاتتىن ئاۋايلاپ چۈشۈرۈپ يۈدۈپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كارىۋاتتا ياتقۇزدى. ئايچىۋەر كۆزىنى ئاچماي ھۇشسىز ياتاتتى.

ئەركىن بىر داس سۇ ئەكىلىپ ئاۋال ئايچىۋەرنىڭ زەخمىلەنگەن يېرىدىكى قانلارنى لۆڭگە بىلەن سۈرتتى. ئوقنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن بىر قولىدا ئايچىۋەرنىڭ مۆرىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۈچەپ ئوقنى تارتتى. ئوق بىلەن قانلار چاچراپ چىقتى. ئايچىۋەر بىر ئىڭراپلا يەنە ھۇشىدىن كەتتى. ئۇ بىردەم قاننى توختاتقاندىن كېيىن بىر نەچچە خىل دورا ئۆسۈملۈكنى ئارلاشتۇرۇپ سوقۇپ يارا ئېغىزىغا چېپىپ لاتا بىلەن تېڭىپ قويدى. پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكىنىچە سىرتقا ماڭدى. ئاتنىڭ ئۈستىدىكى خالتىلارنى چۈشۈرۈپ ئامبار ئۆيگە ئەكىرىۋېتىپ چۆپلۈكلەر ئۈستىدە يانپاشلاپ ياتتى. بىردەمدىن كېيىن كۆزى ئۇيقىغا كەتتى.

ئايچىۋەر ئوۋغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن توغرۇلنىڭ مەخپىي مەسلىھەتخانىسى.

توغرۇل ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەركەردىلىرىدىن ئۈچى ئولتۇراتتى. ھەممىسى توغرۇلنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتمەكتە. جىمجىتلىقنى ئاخىرى توغرۇلنىڭ ئەڭ يېقىن سەركەردىسى ئابباس بۇزدى.

ــ شاھزادە، بىز مۇشۇنداقلا بولدى قىلامدۇق؟ نىران خانىدانلىقى ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ سۈت پۇرىقى كەتمىگەن بىر كىچىك قىزنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. سىلى يەنىلا گەپ قىلماي جىممىدە يۈرۈۋاتىدىلا ئىشلار مۇشۇنداق كېتىۋەرسە سىلىنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرماقلىرى قىيىنغا چۈشىدۇ. بۇ قىز ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن خېلى پەمى بار ئىكەن. ھەم بۇ قىزغا ئابدۇراھمان دېگەن قېرى بىلەن ئارسلان دېگەن يېتىمەك ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بۇ قىز ئابدۇللاخان بىلەن بولغان جەڭدە ئۇتۇق قازىنىپ ۋەزىرلەرنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. تېزراق بىر قارارغا كەلمىسىلە ئىشلارنى كونتىرول قىلغىلى بولماي قالىدۇ.

ــ سىلەرچە قانداق قىلىمىز؟ مەن ئەسلى ئايچىۋەرنى شاھلىق تەختىگە ئارسلاننى ئولتۇرغۇزىدۇ دەپ ئويلىغان ھەم شۇ كۈنى ھەممە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلماقچىدىم. ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى. بۇ قىز تەخىتتە ئۆزى ئولتۇردى،ــ توغرۇل سەركەردىلىرىنى قانداق يول كۆرسىتىدىكىن دەپ ھەممىسىگە قاراپ چىقتى.

ــ بۇنىڭ ھەممىسى ئابدۇراھمان دېگەن قېرىنىڭ پىلانلىرى، ئەگەردە ئايچىۋەر شاھلىق تەختىدە ئارسلاننى ئولتۇرغۇزسا ئوردىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ بۇنىڭىغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى خەلقنىڭمۇ بۇنىڭغا قايىل بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم بىزدىن بىر قەدەمنى تېز مېڭىۋالدى،ــ دېدى ئابباس مۇشتۇمىنى تۈگۈپ.

ــ سېنىڭچە قانداق قىلىمىز؟،ــ دېدى توغرۇل.

ــ ئايچىۋەر ئەتە ئوۋغا چىقماقچى بىز ئەتە قول سالساقمكىن؟ بۇ پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويساق قايتا پۇرسەت كەلمەيدۇ. ئايچىۋەرنى ئورمانلىقتىلا كۆزدىن يوقاتساق ھەممە ئىش بىر يولىلا ھەل بولىدۇ.

ــ بولىدۇ، سېنىڭ پىلانىڭ بويىچە بولسۇن، سەن ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىڭدىن تۆت-بەشنى ئايچىۋەرنىڭ كەينىدىن ئەۋەتكىن. ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنى يىغىشتۇرىۋەت.

ــ ياق، شاھزادە بۇ ئىشقا ئۆز ئادەملىرىمىزنى سالساق بولمايدۇ. ئايچىۋەرگە ئارسلان ھەمراھ بولۇپ بىللە ماڭىدۇ. ئارسلاننىڭ ھەر جەھەتتىن ھوشيار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ئەگەردە بۇ كالۋالار ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەي تۇتۇلۇپ قالسا بىز ئوردا ئىچىدە سازايى بولۇپ كېتىمىز. شۇڭا بۇ ئىشقا باشقا ئادەم سالايلى،ــ دېدى ئابباس بىر ئىشلارنى ئويلىغاچ.

ــ ئەمىسە كىمنى ئىشلىتىمىز؟،ــ توغرۇل ئابباسقا سوئال نەزىرىدە قارىدى.

ــ «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنى ئىشلىتىمىز. بۇ مەزھەپتىكىلەرنىڭ ماھارىتى خېلى ئۈستۈن ئۇلارنى ئەۋەتسەك چاتاق چىقمايدۇ. تۇتۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ بىزلەر بەخىرامان يۈرۈۋېرىمىز.،ــ ئابباس مىيىقىدا زەھەرخەندىلەرچە كۈلدى.

ــ «ھىلال ئاي» مەزھىپىنى مەرھۇم خان ئاتام نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەجبۇرىي تارقىتىۋەتكەن ئىدىغۇ؟،ــ توغرۇل ھەيرانلىق بىلەن سورىدى.

ــ خان ئالىيلىرى بۇ مەزھەپنى تارقىتىۋېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قايتا تەشكىللىنىپتىكەن. بۇرۇنلاردا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ نامى چىققان بۇ مەزھەپ كېيىن كىشىلەر نەپرەتلىنىدىغان ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدى. بۇلارنىڭ قاتىللىق قىلىشقا خېلى ئېپى بار. بۇ مەزھەپ ھازىر ئاساسلىقى قاتىللىق قىلىپ جان باقىدۇ. كىم پۇلنى كۆپ بەرسە شۇنىڭ دۈشمىنىنى دەرھال كۆزدىن يوق قىلىدۇ.،ــ ئابباسنىڭ كۆكۈچ كۆزلىرىدىن قەبىھلىك چاقنىدى.

ــ بولىدۇ شۇلارنى ئىشلىتەيلى. ئەمما دەپ قوياي ئىشنى ناھايىتى تېز، ئىز قالدۇرماي قىلسۇن!،ــ توغرۇل ئابباسقا قايتساڭ بولىدۇ دەپ ئىشارەت قىلدى.

ئەركىن كۆزىنى ئاستا ئاچتى. كۈن قايرىلىپ شەپەق نۇرى قۇيۇق ئورمانلار ئارىسىدىن غىل-پال چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ خېلى ئۇزاق ئۇخلىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ تېخىچە ھۇشسىز ياتاتتى. يارا ئېغىزىدىكى قان توختىغانىدى. تېڭىقنى يېشىپ دورىنى قايتىدىن يەڭگۈشلەپ يەنە تېڭىپ قويدى. بۈگۈن يىغىپ كەلگەن دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئەپچىقىپ ئۆينىڭ كەينىدىكى چۆپلىرىنى قىرىۋېتىپ تەييارلىغان يەرگە قۇرۇتۇش ئۈچۈن يېيىشقا باشلىدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نۇرقۇت 2012-01-01 10:30

    ئوقۇپ بولۇپ جىملا چىقىپ كەتسەم سەت بولىدۇ. دائىملىق ئوقۇرمىنىڭىز بولىۋالدىم.

    جۇلالىق

    جىممىدە چىقىپ كەتسىڭىز تېما خاپا بولۇپ قالىدۇ. ھاھاھا….

  •   #2  

    مايماق 2012-01-04 08:17

    پاھ داچىدەكلا يوغان بىر بىلوگ قىلىۋاپسىز….بىزدەك نامراتلار بىلەن شۇڭا ئىزدەشمەيدىكەنسىزدە؟

    بىلوگىڭىز بەك ياخشى لاھىلىنىپتۇ…..دىگەنغۇ مەن سىز ياخشى تەھرىر دەپ……..ئاستىدىكى قوشاقلارنى ئادىل مىجىت ئىپىزوتىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى مۇبارەك بولسۇننىڭ ئاھاڭىغا سېلىپ ئوقۇڭ…………………..

    مۇبارەك بولسۇن ،مۇبارەك بولسۇن.

    ئايلىنىپ كىلىپ قالدىم، بىلوگىڭغا،
    مەڭگۈلۈككە ئىجىل بولسۇن ئۇتۇق ساڭا.
    شەرەپ قۇچقىن بۇ يولۇڭدىن ،ھەرگىز يانما،
    ساڭا چاۋاك چالىدىغان ،مايمىقىڭ بار.

    مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن.

    قۇرۇق كەلمەي ئېلىپ كەلدىم ،قوشىقىمنى،
    تاشلىۋەتمە بىزگە ئوخشاش دوس يېقىننى.
    كۆمۈر ئوتان مىسالىدۇر، ياخشى دوستلار،
    زىمىستاندا قىزىتىدۇ، ئوچىقىڭنى.

    مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولسۇن.

    چاقىرماپسەن كىچىكسەممۇ،كەلدىم ئەمدى،
    چاقىرمىغان مېھمان دىسەڭ،ئۇمۇ مەيلى.
    پېقىر مايماق يۈزى قېلىن،بىلىسەنغۇ،
    رۇخسەتسىزلا بىلوگىڭنى،قىلدىم سەيلى.

    مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولسۇن.مۇبارەك بولسۇنەي…مۇبارەك بولسۇن……..

    جۇلالىق

    بۇ داچامنى ياسىغان ۋاقتىمدىلا سىزگە كۆرسەتكەن ئىدىم. شۇ چاغدا تەبرىكلەپ بولغانىدىڭىز قايتا تەبرىكنامە ئەۋەتكىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.
    يېقىن دوستلارنى قانداقمۇ تاشلىۋەتكىلى بولسۇن؟ مەن دوستىنى ئاسان ئۇنتۇيدىغانلاردىن ئەمەس. دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن.

  •   #3  

    نادان 2012-01-06 12:16

    ناتىق بىلوگى يەنە يوقلاپ كەلدى جۇما…يازمىلارنى قانداق يېزىپ بولغانسىز قولىڭىزغا كۆزتەگمىسۇن…يىڭى يىللىق تىمىغا ئەمدى كىلىپ قاپتىمەن كەچۈرگەيسىز…

    جۇلالىق

    يوقلاپ كەلگىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن.
    بىر-بىرلەپ ئالدىرىماي يازمامدىم.
    ھېچقىسى يوق. مانا كېلىپ بلوگنى يوقلاپ تۇرۇپسىزغۇ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.

  •   #4  

    سالام 2012-01-14 04:00

    بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى قانچىلىك قالدى؟

    ئەجەپ تەقەززار بولدۇما؟

    جۇلالىق

    تېخى يېرىمى يوللاندى. خېلى بار.