قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى

تەپەككۇر تامچىلىرى 2012-01-08 02:45 1,253 8

قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى

 

قىشتىكى نەشپۈت دەرىخى ئاستىدا، جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقنىمۇ تۇيمىغان ھالدا كېچىدىكى ئاي مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇرماقتىمەن …
ئەتراپ جىمجىت، نۇرغۇنلىغان ئازاپلىق مىنۇتلارنى نەشپۈت دەرىخى ئاستىدا ئۆتكۈزدۈم، ئۇ مېنىڭ زا-زار قاخشاشلىرىمغا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇراتتى…
مەن بولسام ساراڭلاردەك ۋارقىراپ، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى يېنىكلىتىشكە تىرىشماقتا ئىدىم…
مېنىڭ بالىلارچە قىلىقلىرىمدىن بىزار بولغان نەشپۈت دەرىخى، شاخلىرىدا مۇز بولۇپ قېتىپ قالغان قارلارنى سىلكىشلىگىنىچە گەپ قىلدى.
ئەي ئەقىلسىز ئىنسان! ئۆزۈڭنى شۇنچىمۇ قىينامسەن؟ سەندە چىدامچانلىق، غەيرەت قىلىش يوقمۇ؟! نېمىگە شۇنچە سەكپارە بولىسەن؟! بېشىڭغا كەلگەن كىچىككىنە ئازاپ ئۈچۈن بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولساڭ، بولدى ياشىمايلا قوي! سەن ياشىغان بىلەن ھامان بىر كۈنى ئىرادىسىزلىكىڭدىن تۈگىشىسەن!
نەشپۈت دەرىخى غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ شاخلىرىدىكى قارلارنى پۈتۈنلەي چۈشۈرىۋەتتى. مۇز پارچىلىرى يۈزۈمگە سوغۇققىنە چۈشۈۋېدى ئازراق ئېسىمگە كەلدىم. نەشپۈت دەرىخىنىڭ غولىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
كەڭ دالىغا نەزەر تاشلىماقتىمەن. قەلبىمدىكى ئازاپ ئۇچقۇنلىرىنى نەشپۈت دەرىخىدىن چۈشكەن مۇز پارچىلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. يېنىككىنە بىر تىندىم. ئۆزۈمنىڭ شۇنچىۋالا ئىرادىسىزلىكىمدىن ئۆكۈندۈم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ نەشپۈت دەرىخىگە قارىدىم. ئاي يۇرۇقىدا نەشپۈت دەرىخى مېنىڭ يولۇمنى يۇرۇتقۇچى نۇرلۇق چىراقتەك چاقناپ كەتكەنىدى…
بارچە ھەسرەتلىرىمگە نەشپۈت دەرىخى گۇۋاھ!

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 8 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    روھچىن 2012-01-08 03:52

    روماننى يېزىۋەرمەي مۇنداق ئۆزگىچە مەزمۇندىكى يازمىلارنىمۇ يېزىپ تۇرۇڭ !
    ئادەم تۇرمۇشنىڭ شىۋىرغانىغا ئۇچۇراپ، ئاچچىق يۇتۇپ كەيپىياتىنى تەڭشىيەلمەي قىينىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا دائىم يالغۇز قالىدۇ. ئادەمگە ھەمراھ بۇلىدىغىنى دوستۇڭ، قېرىندىشىڭ، سىردىشىڭ، ئاتا-ئاناڭ بولماستىن دەريا بۇيى ياكى بىرەتۈپ دەرەخ بۇلىدىكەن.
    ئىنسان بىرسىگە ئەڭ مۇھتاج بولغان ۋاقىتلاردا يالغۇز قالىدىكەن ئەكسىچە يالغۇزلۇقنى ئىزدەپ قالغان ۋاقىتلاردا ئەدەمدىن قۇتۇلغىلى بولمىغان

    جۇلالىق

    مەندە رومان يازغىدەك ئىقتىدار نەدە دەيسىز، شۇ ئىلھام كەلگەندە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرۈيمەن.
    يېقىنلاردا بەكلا ئالدىراش بولۇپ قېلىپ تېما يازغىدەك ۋاقىتمۇ چىقماي قالدى.
    توغرا دەيسىز، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىغاندا ساڭا تەسەللىي بېرىدىغىنى جىمجىتلىق ۋە تەنھالىق بولىدىكەن.
    كەڭرى دالىغا چىقىپ ئەتراپقا قاراپ قاتتىق بىر توۋلىۋالساڭ ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەر قەلبىڭىدىن ئاسانلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن.
    بەلكىم ھەر بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بىراق مەن يېشىللىق ئىچىدە تەنھا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن.

    روھچىن

    باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ چوڭ ئىشلارنى قىلىۋەتكەندىمۇ ئۆزىڭنىڭ ھەۋىسىدىكى ئىش بولمىسا بەرىبىر ئىكەن. لېكىن باشقىلارنىڭ قارىشىدىكى ئەھمىيەتسىز بۇ ئىشلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى يېشىللىقنىڭ يىلتىزى بۇلىدىكەن.
    بلوگ بىزگە نىسبەتەن تاتلىققا ئامراق ئادەم چارچىغاندا ھەسەل تېمىتقان بىرپىيالە چاي ئىچىۋالغانچىلىك ئىش ئىكەن.
    مىليۇنلۇق دۇنيادىن سۆيۈنمىگەن كۆڭۈل

    جۇلالىق

    دېگىنىڭىز بەكلا ئورۇنلۇق، ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىدىغىنى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر مال-دۇنياغا قىزىقسا يەنە بەزىلەر كىتاب ئوقۇش ۋە بىر نەرسىلەرنى يېزىشقا قىزىقىدۇ.
    ئۆزى قىزىقىپ ئەجىر قىلغان شۇ ئىشلىرىدىن ئازراق نەتىجىگە ئېرىشەلىسە شۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز ھوزۇر بىلىنىدۇ. مەيلى قىلغان شۇ ئىشلىرى باشقىلارغا ياقسۇن ۋە ياكى ياقمىسۇن، كىشىلەرگە نەپ بەرسۇن ياكى بېرەلمىسۇن ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئازراق نەتىجە يارىتالىغىنىنىڭ ئۆزى شۇ كىشىگە يېتەرلىك.

  •   #2  

    نۇرقۇت 2012-01-10 13:39

    ھەدە، بۇ نەسىر تۇرمۇشىڭىز بېلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئوقۇپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.

    جۇلالىق

    ياق، ئىنىم. بۇ نەسىرنىڭ تۇرمۇشۇم بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋېتى يوق. تۇرمۇشۇم ناھايىتى خاتىرجەم كېتىۋاتىدۇ. كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.
    يەتتە قىزلىرىمدا بابۇر «قىشتىكى نەشپۇت دەرىخى» دەپ چاچما شېئىر يوللاپتىكەن. شۇ شېئىرنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا مۇشۇ نەسىر كاللامغا كېلىپ قېلىپ يازغانىدىم.

  •   #3  

    ناتىق 2012-01-17 06:33

    بۇنەشپۈت دەرىخىنى تىلغا ئالغىنىڭىزدا قانداق مەنا بار؟؟؟

    بۇ قىشتا كۆكلەپ تۇرغان كۆچەتلەرگە قاراپ خىيال سۈرمەي بۇ نەشپۈت دەرىخى قاقشالداپ قالغان دەرەخكە قاراپ تۇرۇپ قاپسىز …

    بولسا سۇغۇقتا تۇرۇپ توڭلاپ قالماڭ، ئۆيدىكى گۈللەردىن مۇ ھۇزۇر ئېلىشنى ئۈگۈنۈۋېلىڭ..ھاھا..

    جۇلالىق

    نەشپۈت دەرىخىنى تىلغا ئېلىشىمدا ئالاھىدە سەۋەب يوق.
    بۇ ئاددىيلا يېزىلغان نەسىر.
    كۆكلەپ تۇرغان يېشىللىقلارغا قاراپ خىيال سۈرەي دېسەم يېشىللىق تاپالمىدىم ئەمەسمۇ!؟