نىران خانىدانلىقى(15)

تارىخ سەپىرىدە 2012-01-18 05:01 1,144 2

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(15)

 ئارسلان ۋە باشقا ئەسكەرلەر ئايچىۋەرنى كىيىكنى ئوۋلاپ قايتىپ كېلەمدىكىن دەپ يېرىم سائەتچە ساقلىدى. تېخىچە ئايچىۋەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئارسلان ئەنسىرەشكە باشلىدى. بايا ئايچىۋەر بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ كەينىدىن سەل ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ ئەگىشىپ ماڭمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى.

ــ مەلىكە كىيىكنى قوغلاپ سەل ئۇزىراپ كەتكەندەك قىلىدۇ، شۇڭا بىر قانچىڭلار مەن بىلەن بىللە مەلىكە كەتكەن تەرەپنى ئىزدەڭلار. قالغانلار مەلىكە كەتكەن تەرەپتىن ئەگىلىپ ئۆتۈپ ئۇنى ئىزدەڭلار مەيلى قايسىمىز ئايچىۋەرنى تاپايلى ياكى تاپمايلى كەچ كىرگەندە مۇشۇ يەردە ئۇچرىشايلى.،ــ ئارسلان ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلدى. ھەممەيلەن يۈرۈپ كەتتى.

بۇلار تاكى كەچ كىرگىچە ئايچىۋەرنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمىدى. بۇ قۇيۇق ئورمانلىقتىن بىر ئادەمنى ئىزدەپ تېپىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئايچىۋەرنى تاپالمىغانسېرى ئارسلاننى بىر خىل قورقۇنچ بىئاراملىق چۇلغىۋالدى. كۆڭلىدىن ھەر خىل ئىشلار ئۆتۈشكە باشلىدى. كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ئەمدى قايتمىسا بولمايتتى. كېچىدە ئورمانلىقتا مېڭىش قىيىن ئىدى. ھەر قانچە بولسىمۇ ئايچىۋەرنى ئەتە ئىزدەش كېرەك ئەسكەرلەر بىر كۈن ئورمانلىقنى كېزىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. ئۇ ئەسكەرلەرگە ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەر ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەن يەرگە قايتىشقا بۇيرۇق بەردى. بۇلار كېچىنى چۆپلەرنى كۆرپە قىلىپ ئۆتكۈزدى. ئارسلاننىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنى-ئۆزى ئەيىبلىمەكتە.

ــ قارا سېنى نېمىشقا ئايچىۋەرنى يالغۇز مېڭىشقا يول قويدۇڭ. ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا مەرھۇم خان ئاتامغا قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن؟!،ــ ئۇ شۇنداق خىياللارنى قىلىپ يېتىپ قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكىنىنى تۇيماي قالدى. ئەسكەرلەرنىڭ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆزىنى ئاستا ئاچتى. كۈن چىقىپ خېلى ۋاقىت بولغانىدى. ئەسكەرلەر بىلەن بىللە ناشتا قىلىپ ئايچىۋەرنى ئىزدەشنى باشلىدى. بۈگۈنمۇ ئورمانلىقنى كەزمىگەن يەر قالمىدى. ئايچىۋەر يەنىلا يوق. خان ئوردىسىدىن خېلىللا يىراق بولغان بۇ ئورمانلىق بەكلا كەڭرى ئىدى. ئورمانلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىش ئۈچۈن پىيادە ئىككى كۈن يول ماڭغاندا ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولاتتى. ئارسلان كەچ كىرگەندە ئامالسىز ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ئوردىغا قايتتى.

ئەسكەرلىرىنى ياتىقىغا قايتىپ ئارام ئېلىشقا بۇيرۇۋېتىپ ئۆزى ئوردىغا كىردى. ئوردىدا تۈنۈگۈن ئىشپىيۇنلىرىدىن ئايچىۋەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلىغان توغرۇل خۇشاللىقى قىن-قىنىغا پاتمىغان ھالدا شاھلىق تەختىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. تەخىتنىڭ سول تەرىپىدە ئابدۇراھمان ۋەزىر پەستە باشقا ۋەزىر-ۋۇزرلار بار ئىدى. ئايچىۋەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋرى ئورىغا يېتىپ كېلىپ ھەممىگە پۇر كەتكەنىدى. بەزى ۋەزىرلەر ئابدۇراھمانغامەكتۇب سۇنۇپ دۆلەتنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى. ئارسلاننىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ھەممەيلەن قايرىلىپ ئارسلانغا قارىدى. ئايچىۋەر يوق ئارسلاننىڭ يالغۇر كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئابدۇراھمان بىر شۇملۇقنى سېزىپ تېز-تېز مېڭىپ ئارسلاننىڭ ئالدىغا كەلدى.

ــ ئارسلان، ئايچىۋەر قېنى؟!

ئارسلاننىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىممىدە تۇرغىنىنى كۆرگەن توغرۇل ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.

ــ نېمە گۆشىيىپ تۇرىسەن؟ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ توغرۇل ئارسلاننىڭ دۇلىسىدىن ئىتتەردى.

كەينىگە بىر ئاز سەنتۈرۈلۈپ كەتكەن ئارسلان بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

ــ دەرھال ئىككى مىڭ ئەسكەرنى ئېلىپ ئورمانلىقنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزدەپ ئايچىۋەرنى تېپىپ كېلىڭلار،ــ ئابدۇراھمان دەرغەزەپ بولۇپ كەتتى.

ــ ئايچىۋەر بىكاردىنلا يوقاپ كېتەمدىكەن؟ ئايچىۋەرنى ئورمانلىقتا جايىلىۋېتىپ كۆزدىن يوقىتىۋېتىپ كەلدىڭمۇ تېخى!،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.

ــ توغرۇل، ئېغىزىڭنى يۇم! تولا ماڭا قارا چاپلىما! ئايچىۋەرنىڭ ھاياتىنى ئۆز ھاياتىمدىن چارە كۆرىدىغانلىقىمنى پۈتۈن ئوردىدىكىلەر بىلىدۇ،ــ ئارسلان غەزەپتىن تىترەپ كەتتى.

ــ بۇ سۆزۈڭگە كىم ئىشىنىدۇ؟! سېنىڭ بۇرۇندىنلا شاھلىق تەختىگە كۆز تىكىۋاتقانلىقىڭنى كىم بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايچىۋەر كىيىكنى قوغلاپ كەتسە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭماپسەن. ئۇنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويۇپ يېرىم يولدا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغانسەن؟

ــ تولا كاپشىما! يەنە مۇشۇنداق گەپ قىلىدىغان بولساڭ تىلىڭنى ئۈزۈۋالىمەن!،ــ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكەن ئارسلان توغرۇل تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ ئالدىنى ئابدۇراھمان توسۇۋالدى.

ــ بولىدۇ، نېمە دېسەڭ دەۋەرگىن. ئەمما شۇنى بىلىپ قوي سېنىڭ قارا نىيەتلىكىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشكارا بولىدۇ. مەن ئايچىۋەرنى تاپمىغىچە ئوردىغا ھەرگىز قايتمايمەن.،ــ ئارسلان شەمشىرىنىڭ دەستىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە چىقىپ كەتتى.

ــ ئارسلان، توختا! ساڭا ئەسكەرلەردىن كۆپرەك ھەمراھ قىلىپ بېرەي، ئىزدىمىكىڭلار ئاسان بولىدۇ،ــ ئابدۇراھمان ئۇنىڭ كەينىدىن توۋلىدى.

ئارسلان كەينىگە بۇرۇلۇپ،ــ ياق! ئايچىۋەرنى ئۆزۈم يالغۇز تاپىمەن. مەن ئۇنى چوقۇم تېپىپ كېلىمەن!

ئوردا ئىچى جىمجىتلىققا چۆمىدى.

ــ بۈگۈنچە ھەممىڭلار قايتىپ تۇرۇڭلار. قالغان ئىشلارنى ئەتە مەسلىھەتلىشەيلى.،ــ ئابدۇراھمان ھەممەيلەنگە قايتىشقا ئىجازەت بەردى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نۇرقۇت 2012-01-19 13:24

    سىزمۇ تىلىۋىزىيە تىياتېرى يازغاندەك ئەڭ ھالقىلىقى يىرىگە كەلگەندە «كېىيىنكى قىسمىدىن كۆرۈڭ» قىلىپ يېزىشنى مۇدا قىلىۋاپسىز-ھە! ھەدە.

    جۇلالىق

    ھالقىلىق يېرىدە توختىتىپ قويمىسام سىزدەك قىزىقىپ ئوقۇيدىغانلار كىرمەي قويىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا مەنمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئۈگۈنىۋالدىم. ھاھا….