نىران خانىدانلىقى(16)

تارىخ سەپىرىدە 2012-01-27 22:55 1,140 6

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(16)

 

ئايچىۋەر ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھۇشسىز ياتتى. ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە كۆزىنى ئاچتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى. كارىۋاتتىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋېدى. پۇت-قوللىرى ئۇنىڭغا بوي سۇنىدىغاندەك قىلمايتتى. بېشىنى ئازراق كۆتۈرۈۋېدى بېشى زىڭىلداپ ئاغرىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى.

ئاتلارغا يەم بېرىپ بىكار بولغان ئەركىن ياغاچ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ كىردى.

ــ ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى مۇشۇ ھۇشىدىن كەتكەنچە قايتا ھۇشىغا كېلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. يەيدىغان رىسقىڭىز بار ئىكەن ياخشى بولۇپ كەتتىڭىز،ــ ئۇ كۈلۈمسىرىگەچ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن ئايچىۋەرنى يۆلەپ كەينىگە ياستۇق يۆلەپ بەردى.

ــ بۇ قەيەر؟ مەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىم؟ سىز كىم؟،ــ ئايچىۋەر گاڭگىراپ قالدى.

ــ بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، سىزگە زەھەرلىك ئوقيا تېگىپتىكەن. ئوقيانى ئېلىۋېتىپ زەھەرلەرنگەن قانلارنى خېلى كۆپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن بۈگۈن ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز، ئىسمىم ئەركىن، دورىگەر مۇشۇ ئورمانلىقتا ياشايمەن. ئورمانلىقتىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ قۇرۇتۇپ كەنىتتىكى كىشىلەرگە ساتىمەن.ــ ئەركىن كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

ــ مەن ئەسلى بىر كىيىكنى قوغلاپ ماڭغان. قانداق بۇلۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم؟ مېنىڭ ھەمراھلىرىمچۇ؟

ــ ئۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن. ئورمانلىقتا دورا يىغىۋاتاتتىم. ئاتنىڭ قاتتىق چاپقان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام بىر نەچچە ئادەم سىزنى قوغلاۋېتىپتۇ. سىز يارىلىنىپ ئاتنىڭ ئۈستىدە يېتىپ قاپتىكەنسىز. ئۇلار بىلەن بىردەم ئېلىشتىم سىزنى قۇتقۇزىۋېلىپ بۇ يەرگە ئەكىلىپ داۋالىدىم. بولغان ئىشلار مۇشۇ قالغىنىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئۇ كىشىلەر نېمىشقا سىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟ سىزنىڭ بىرەرسى بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتىڭىز بارمىدى؟

ئايچىۋەرگە ئىشلار ئايدىڭ بولدى. ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ بىر خىل بىئارام بولدى.

ــ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟،ــ ئەركىن سەل جىددىيلەشتى.

ــ ياق، ھېچ ئىش بولمىدى. مېنىڭغۇ ئەزەلدىن بىرەرسى بىلەن ئاداۋىتىم يوق ئىدى. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمىدىم. مەن ئوۋغا چىققان كېيىن بىر كىيىكنى ئوۋلايمەن دەپ ھەمراھلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم قالغان ئىشلارنى سىز بىلىسىز،ــ ئايچىۋەر سەل بىئارام بولۇپ ھالسىزلاندى.

ــ مەن سىزگە ناشتىلىق ئەكىرەي،ــ دېدى ئەركىن ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.

ئايچىۋەر تۇرۇسقا تىكىلىپ ياتتى.

توغرۇل ئاخىرى ماڭا زەھەرلىك قولىنى ساپتۇ، ئارسلان قەيەرگە كەتكەندۇ؟ مېنى شۇنچە كۈندىن بېرى ئىزدىمىگەنمىدۇ؟،ــ ئايچىۋەر كۆڭلىدە ئۆزىگە سۆزلەۋاتاتتى. ياق، مەن بۇنداق جىددىي پەيىتتە بۇ يەردە ياتسام بولمايدۇ. توغرۇل خانلىقنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.

ئايچىۋەر بار كۈچىنى يىغىپ كارىۋاتتىن چۈشۈشكە تەمشەلدى. يارا ئېغىزىدىن قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەچكە پۇت-قولىدا پەقەتلا ماغدۇر قالمىغانىدى. ئەمدى ئۆرە تۇراي دېيىشىگە يىقىلىپ چۈشتى كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىنى ئاران تۇتۇۋالدى. ناشتىلىق ئەكىرگەن ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۈنى يۆلەپ كارىۋاتتا ياتقۇزدى.

ــ نېمە قىلاي دەيسىز؟ بەدىنىڭىزدىن قان بەك جىق چىقىپ كەتتى. يەنە مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇپ سىرتقا چىقماقچىمۇ؟،ــ ئەركىن ئاچچىقتىن ئايچىۋەرگە ئالايدى.

ــ مەن قايتىشىم كېرەك. بەك مۇھىم ئىشىم بار، قايتمىسام زادى بولمايدۇ.،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە يىغا ئولاشتى تام تەرەپكە قارىۋالدى.

ــ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىنمۇ مۇھىم ئىش بارمۇ؟ ئالدى بىلەن ساقىيىڭ ئاندىن قالغان ئىشلارنى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز تېخىچە ماڭا ئىسمىڭىزنى، كىم ئىكەنلىكىڭىزنى دەپ بەرمىدىڭىز؟،ــ ئەركىن ئايچىۋەرگە قولىدىكى چاينى سۇنغاچ.

ــ توغرا دەيسىز بۇ ئىش مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ مۇھىم. بىراق، مەن بۇ ئەھۋالدا يېرىم قەدەممۇ ئالالمىسام ساقىيىشىمنى كۈتمەيمۇ ئامال يوق. ئىسىمىم ئايچىۋەر دوستلىرىم بىلەن ئورمانلىققا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىققانىدۇق. بۇ كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇم. مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. مېنى قەستلىگەن كىشىلەرنى سىز كۆرۈپسىز ئۇلار قانداقراق ئادەملەر ئىكەن؟ سىز ئۇلارنى تونۇمدىكەنسىز؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىنگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يېشى بەلكىم يىگىرمە بەش-يىگىرمە يىگىرمە ئالتىلەردە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. كۆزلىرىدىن بىر خىل باتۇر ۋە جاسارەتنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى. موسكۇللىرىنىڭ يېتىلگەنلىكىدىن ئۇنىڭ ماھارەتتە كامالاتكە يەتكەنلىكىنىمۇ بىلىۋالغىلى بولاتتى.

ــ مەن ئۇلارنى تونۇمايدىكەنمەن. بەشچە ئادەم ئىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ مەقسىتى سىزنى ئۆلتۈرۈش ئوخشايدۇ، سىزگە ئوقيا ئاتقاندىن كېيىن سىز ھالسىزلىنىپ ئېتىڭىزنىڭ ئۈستىدە يېتىپ قاپسىز، بۇ ئادەملەر سىزنىڭ ئۆلگەنلىكىڭىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ئاتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مېڭىپتىكەن دەل شۇ چاغدا ماڭا ئۇچراپ قالدىڭىز تەقدىرىڭىزگە سىزنى مېنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشىم يېزىلغان چېغى!،ــ ئەركىن كېيىنكى سۆزىنى چاخچاق ئارىلاش دېۋىدى ئايچىۋەر كۈلۈمسىرىدى.

ــ سىزمۇ كۈلىدىكەنسىز ھە؟! مەن تېخى سىزنى بەكلا غەمكىن قىزكەن كۈلۈشنىمۇ ئۇقمايدىغان ئوخشايدۇ دېگەن ئىدىم. ھاھاھا……  ھەر ئىككەيلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى. بىر كۈلكە بىلەن ئارىدىكى تارتىنىشلار نەگىدۇر غايىپ بولدى. ئىككەيلەن كونا دوستلاردەك ئوچۇق-يۇرۇق پاراڭلاشتى.

ــ گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ يارىڭىزنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. دورىنى تەييار قىلىپ قويغانىدىم چاپىنىڭىزنى يېشىۋېتىڭ دورىنى ئالماشتۇرۇپ تېڭىقنى يەڭگۈشلەپ قوياي،ــ دېدى ئەركىن قاچىدىكى سوقۇلغان دورىنى ئېلىشتۇرغاچ.

ــ نېمە دورامنى سىز ئالماشتۇرۇپ قويامسىز؟،ــ ئايچىۋەر چۆچۈپ سورىدى.

ــ ھەيران بولۇپ كەتتىڭىزغۇ مەن ئالماشتۇرۇپ قويمىسام ئەمىسە كىم ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئورمانلىقتا مەندىن باشقا ئىنسان بولمىسا،ــ ئەركىن سەل خاپا بولغاندەك ئىدى.

ــ ياق، يارا ئېغىزى مۆرەمدە تۇرسا دورىنى سىز ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ. دورىنى قويۇپ چىقىپ كېتىڭ ئۆزۈم ئالماشتۇرىمەن.

ــ جاھىل قىز نەچچە كۈندىن ھۇشسىز ياتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ دورىڭىزنى مەن ئالماشتۇرۇپ تېڭىپ قويدۇم جاھىللىق قىلماڭ، ئۆزىڭىز ھەرگىز قىلالمايسىز،ــ ئەركىن دورىنى لاتىغا يېيىتقاچ.

ــ ئۆزۈم قىلالايمەن، سىز چىقىۋېرىڭ.

ــ بوپتۇ ئەمىسە مەيلىڭىز،ــ ئەركىن ئايچىۋەرگە ئالايغان پېتى چىقىپ كەتتى.

ئەركىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايچىۋەر مۆرىسىدىكى تېڭىقنى يېشىۋېتىپ قايتىدىن تېڭىشقا خېلى تەمشەلگەن بولسىمۇ ئەپلەشتۈرەلمىدى. ئالدى تەرەپنى بىر قولىدا تۇتسا كەينى چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. بىردەم ئېيتىشقان بولسىمۇ يەنىلا قىلالمىدى. بايا ئەركىن مەن تېڭىپ قوياي دېگەندە جاھىللىق قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى. ئەمدى ئۇنىڭغا يېلىنماي ئامال يوق. ئەركىننى چاقىردى. ئەركىن قانداق؟ قىلالماپسىزغۇ دېگەن نەزەردە قاراپ كىردى.

ــ تېڭىقنى ئالماشتۇرۇپ قويامسىز؟ قىلالمىدىم،ــ ئايچىۋەر خىجىللىقتىن بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.

ــ جاھىل قىز، ئاخىرى قىلالماپسىزدە؟ ئەكىلىڭە ئۆزۈم قىلىپ قوياي.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نۇرقۇت 2012-01-30 06:25

    «ھەپتىدە بىر ھېكايە»دەك يېزىلىپ كېتىپ بارىدۇغۇ بۇ ئەسىرىڭىز؟ ھەر قېتىمدا سەل جىقراق يازسىڭىز بولاركەن

    جۇلالىق

    نۇرقۇت ئىنىمنىڭ ئەسەرگە تەقەززا بولغىنىنى دەپ بولسىمۇ تېزراق يازىمەن.

  •   #2  

    روھچىن 2012-02-02 14:07

    ئايىغى قاچان چىقىدۇ بۇنىڭ. ساقلاپ بۇلالمايدىكەن يېزىپلىپ بولغاندا بىر ئولتۇرۇشتا ئۇقاي دىسەم چىقىۋەردى.
    باشقا تىمىلارنىمۇ يېزىپ قۇيىلى

    جۇلالىق

    ئايىغى چىقىدىغانغا خېلى بار. ئەمدى يېرىمى يوللاندى.
    باشقا تېما يازىدىغانغا ئىلھام يوق. روھچىندىن ئازراق ئىلھام ئۆتنە ئالايمىكىن؟ ھاھا….

  •   #3  

    روھچىن 2012-02-10 22:52

    ئىپادىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس بولمىسا ئۆتنە قىلماي تۈگەللىككە بىرەتتىم ئەينا

    جۇلالىق

    مېنىڭ ئىپادەم قايدا ياخشى ئەمەستۇ ئەمدى؟ (ھەيران بولغان ئىپادە)