نىران خانىدانلىقى(17)

تارىخ سەپىرىدە 2012-02-08 03:02 1,191 4

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(17)

 

ئايچىۋەر بىر ھەپتىدە ئەسلىگە كەلدى. بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئىدى. ئەتراپنى سەيلە قىلىش ئۈچۈن سرتقا چىقتى. ئەركىن ئۆينىڭ كەينىدىكى بوش يەردىكى قۇرۇغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى خالتىلارغا قاچىلاۋاتاتتى.

ــ مەنمۇ ياردەملىشەيمۇ؟،ــ ئەركىننىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىقسىنىپ سورىدى ئايچىۋەر.

تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن سەل چۈچۈگەن ئەركىن،ــ بولىدۇ، ھېلى كىيىملىرىم چاڭ-توزان بولۇپ كەتتى دەپ قاخشىمىسىڭىزلا، ماڭىمۇ بىر ياردەمچى كېرەك بولۇپ تۇراتتى.

ئەركىن ئايچىۋەرنى قەستەن جىلە قىلىۋاتاتتى.

ــ مېنى چاڭ-توزاندىن قورقىدىغان ھالى چوڭ تاۋى نازۇك خېنىملاردىن ئويلاپ قالماڭ. ئىش قىلغاندا سىزنىمۇ ھاردۇرۇۋېتىمەن،ــ ئايچىۋەر خالتىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ بەرگەچ.

ــ بۇلارنى قىلىپ بولۇپ ئورمانلىققا دورا يىغقىلى بارىمەن، بارامسىز؟ قايتاشىمىزدا سىزگە بىر نەرسە كۆرسىتىمەن.

ــ ماڭا قانداق نەرسە كۆرسىتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئاندىن بارىمەن.،ــ ئايچىۋەر خۇددى ئاكىسىغا ئەركىلىگەن سىڭىلدەك.

ــ ھازىر نېمە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىۋەتسەم ئەھمىيىتى قالمايدۇ، ئاۋۋال مەن بىلەن بىللە بېرىڭ. بارغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلمايسىز،ــ ئەركىن قانداق دېگەندەك سوئال نەزىرىدە قاراپ تۇردى.

ــ ماڭا بىر نەرسە كۆرسىتىمەن دەپ قويۇپ دورا يىغقىلى سالارسىز تايىنلىق،ــ ئايچىۋەر قاشلىرىنى ھىمىرىپ ھېلى كۆرىمىزغۇ دېگەندەك.

ئايچىۋەر ئۆزىنىڭ ئېتىغا مىندى، ئەركىن ئېتىغا خالىتىلىرىنى ئارتىلدۇرۇپ مىنىپ ئىككەيلەن ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتتى.

ئارسلاننىڭ ئايچىۋەرنى ئىزدەيمەن دەپ چىقىپ كەتكىنىگە ئون كۈن بولدى ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەر يوق ئىدى. ئابدۇراھمان بارغانسېرى ئەنسىرەپ بىئارام بولۇۋاتاتتى. ئايچىۋەر ئۇنى ئورنىغا قويۇپ كەتكەن بولسىمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم ئاڭلىمايۋاتاتتى. توغرۇل ھەر كۈنلۈك قۇبۇل ۋاقتىدا ئۇنىڭ چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ئۆزى پەرمان چۈشۈرۈپ ئابدۇراھماننى ئوسال ئەھۋالدا قويۇۋاتاتتى. توغرۇلنىڭ ئوردىدىكى ھوقۇقى كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى. ئايچىۋەر مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە تېپىلمىسا توغرۇل بارلىق ھوقۇقنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ بولاتتى. ئابدۇراھماننىڭ ئارسلاننى ئىزدەشكە ئەۋەتكەن ئادەملىرىمۇ ئاخشام ئۇنى تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. بۈگۈنمۇ ئەتىگەنلىك قۇبۇل ۋاقتى بولۇپ قالدى ئابدۇراھمان ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا خىزمەتكار ئارسلاننىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋرىنى يەتكۈزدى. ئارسلان خېلىلا ئورۇقلاپ جۈدەپ كەتكەنىدى. چىرايىدىن بىر خىل سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. ئابدۇراھمان ئارسلاننى بۇنداق روھى چۈشكۈن ھالىتىدە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئارسلاننىڭ تۇرقىدىنلا ئايچىۋەرنى تاپالمىغانلىقىنى پەملىدى.

ــ كەل، ئوغلۇم، بەكلا يوقاپ كەتتىڭ مېنى بەكلا ئەنسىرىتىۋەتتىڭ.،ــ ئابدۇراھمان ئارسلاننى قۇچاقلاپ كۆرۈشكەچ.

ــ ئابدۇراھمان تاغا، ئايچىۋەرنى تاپالمىدىم، ئۇنىڭغا چوقۇم بىرەر كېلىشمەسلىك بولدى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. مەرھۇم خان ئاتامغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن؟،ــ ئارسلان ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى.

ــ كۆڭلۈڭنى چۈشۈنىمەن ئوغلۇم، ئاۋۋال ئولتۇرۇپ ئارام ئال! ئاندىن پاراڭلىشايلى.

ــ ئورمانلىقنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى پۈتكۈل ئورمانلىقنى كېزىپ چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇنى تاپالمىدىم، دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ بولۇپ ئىزىنى يوقىتىۋەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم،ــ ئارسلان يىغا ئارىلاش كۆزلىرىنى ئابدۇراھمانغا تىكتى.

ــ ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ئوغلۇم، بەلكىم كىيىكنى قوغلايمەن دەپ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان بولسا قايتىپ كېلەلمەي ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالغاندۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلا،ــ ئابدۇراھمان ئارسلانغا چاي سۇنغاچ تەسەللىي بەردى.

ــ ھازىر ئوردىدىكى پۈتكۈل ھوقۇقنى توغرۇل ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ بولدى. مەن قۇرۇق مىراپ بولۇپ قالدىم. ۋەزىرلەرمۇ توغرۇلنى قوللاۋاتىدۇ. ئوردىنىڭ ئىشلىرى خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالدى. مەن بارلىق ئۈمىدىمنى ساڭا باغلاپلا ئولتۇرغان ئايچىۋەرنى تېپىپ كېلەلىگەن بولساڭ ھەممە ئىزىغا چۈشەتتى. ئايچىۋەرنىڭ بۇ قېتىم تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كېتىشى توغرۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئايچىۋەر قايتىپ كېلەلمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شاھلىق ئورنىغا ئولتۇرماقچى بۇ قارا نىيەت خانلىقنى ۋەيران قىلىدىغان بولدى.،ــ ئابدۇراھمان ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى.

ــ ئوردىغا قۇبۇلغا چىقىدىغان ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ يۈر بىللە چىقايلى. توغرۇلنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمايمىزمۇ؟،ــ ئۇ ئارسلاننىڭ مۈرىسىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ قويدى.

ئىككەيلەن ئوردىغا قاراپ ماڭدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 4 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ھىكمەت 2012-02-09 11:27

    ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي، بۇرۇن شىنجاڭ لىنيىسىدە مەن تونۇيدىغان يەنە بىر ‹ جۇلالىق › نىڭ ‹ ھايات تەلقىنلىرى › دەپ بىلوگى بولىدىغان، شۇ بىلوگىدىمۇ مۇشۇنداق يىقىملىق مۇزىكىلار ياڭراپ تۇراتتى …

    جۇلالىق

    شىنجاڭ لىنىيىسىدىكى جۇلالىق مەن ئىدىم. خاتالاشمىسام بۇ كونا سىرداش دوستۇم ھېكمەت شۇغۇ دەيمەن.
    بلوگىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!

    ھىكمەت

    مەن شۇ، كونا دوستىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماپسىز…

    جۇلالىق

    دوستنى ئۇنتۇش بەكمۇ يامان ئىشتۇر.
    مەن دوستلىرىمنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن.