نىران خانىدانلىقى(18)

تارىخ سەپىرىدە 2012-02-14 23:02 1,183 2

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(18)

 

ئايچىۋەر بىلەن ئەركىن ئەتراپنىڭ ياپ-يېشىل گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ قىزىق پاراڭلارنى قىلىشىپ مېڭىۋاتاتتى. ئاتلار ئۆز مېڭىشىدا ئالدىرىماي ماڭماقتا. ئەركىن ئوچۇق-يۇرۇق خۇشچاخچاق يىگىت ئىدى. ئۇ ئادەمنى كۈلدۈرىدىغان سۆزلەرنى توختىماي قىلىپ ئايچىۋەرنى تولا كۈلدۈرۈپ ھاردۇرىۋەتتى.

ــ ئەركىن، سىز نېمىشقا بۇ ئادەم يوق ئورمانلىقتا يالغۇز ياشايسىز؟ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز يوقمۇ؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ ئەركىن توغرۇلۇق ھەممىنى بىلگۈسى بار ئىدى.

ــ ئانام مەن كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كېتىپتىكەن. ئاتام ئون يىلنىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتتى. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئون سەككىز ياشتا بار ئىدىم. مېنى ئاتامنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشى ئوسمان ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ چوڭ قىلدى.مەن يىگىرمە ياشقا كىرگەن يىلى بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلى چىقىپ كېتىپ مۇشۇ ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. ئاتام چامباشچىلىقتا ماھارىتى كامالەتكە يېتىپلا قالماي يەنە تىۋىپلىقتىنمۇ خەۋرى بار ئىدى. ئۆزى دورىلارنى ياساپ ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەنلەرنى داۋالايتتى. مەنمۇ دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئانچە-مۇنچە ئۆگىنىۋالغانلىرىم بويىچە بۇ ئورمانلىقتىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى قۇرۇتۇپ ئەتراپتىكى كەنىتلەرگە ئاپىرىپ سېتىپ ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېلىۋاتىمەن. مەن بۇ ئورمانلىقتا تۇرۇۋاتقىلى بەش يىل بولدى. بەزىدە سىزدەك ئورمانلىقتا ئېزىپ قالغانلار ئۇچرىمىسا بۇ قۇيۇق ئورمانغا ھېچكىم كەلمەيدۇ، يالغۇز ياشاشقا كۆنۈپ قاپتىمەن.،ــ ئەركىن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ.

ــ ئوسمان ئاكىڭىز سىزنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپتىكەنغۇ نېمىشقا ئۆينى تاشلاپ يېنىپ چىقتىڭىز؟

ــ ئۇ ئىشلارنى ئەسلىگۈم يوق، ئۇ بىر ئاچچىق ئەسلىمە خالاس. مانا دورا يىغىدىغان يەرگىمۇ كېلىپ قاپتۇق،ــ ئەركىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتتى.

ئايچىۋەر ئەركىن كۆرسىتىپ بەرگەن دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى يىغدى. ئالاھەزەل بىرەر سائەتتىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن خالتىلار توشتى. ئىككەيلەن خالتىلارنى ئاتقا ئارتىپ كەلگەن يولى بويىچە قايتىشتى. ئەركىننىڭ ياغاچ ئۆيىگە ئاز قالغان ۋاقىتتا ئەركىن ئېتىنى توختاتتى.

ــ سىزگە كۆرسىتىدىغان نەرسىنىڭ يېنىغا ئاپىراي،ــ ئەركىن ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ يان تەرەپكە ماڭدى. ئايچىۋەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئايچىۋەر شۇنچە سىرلىق قىلىۋەتكىدەك زادى قانداق نەرسىدۇ دەپ بەكلا قىزىقىۋاتاتتى. ئىككىسى بىردەم ماڭغاندىن كېيىن چوڭ بىر تۈپ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. بۇ دەرەخ بەكلا ئېگىز ئىدى. بەلكىم بۇ ئورمانلىقتا بۇنىڭدەك ئېگىز دەرەخ تېپىلماسلىقى مۇمكىن. دەرەخكە ئارغامچىدا ئەشمە قىلىپ ياسىغان شوتا ئېسىلغانىدى. دەرەخنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئۈستى ھەممە تەرىپى ياغاچ تاختايلار بىلەن ئېتىلگەن كىچىك بىر ئۆي بار ئىدى.

ــ ئورمانلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغۇڭىز بارمۇ؟ بۇ يەرگە چىقسىڭىز ئورمانلىقنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرەلەيسىز بەكلا چىرايلىق، سىز ئۆمرىڭىزدە بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى ھەرگىزمۇ كۆرۈپ باقمىغان. ئەشمە شوتا بىلەن ئۈستىگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالسىڭىزلا،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قەستەن تېرىكتۈرۈۋاتاتتى.

ــ ھىم، مېنى مۇشۇ دەرەخكە چىقىشقا قورقىدىغان مىشچان قىز كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ قاراپ تۇرۇڭ! ناھايىتى تېزلا بۇ دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بولىمەن،ــ دېدى ئايچىۋەر تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ.

ــ ياخشىغۇ، ئەمىسە سىز ئاۋۋال چىقىڭ، كەينىڭىزدىن مەن چىقاي.

ئايچىۋەر چاققانلىق بىلەن شوتىغا يامىشىپ يېرىمىغا چىقىپ بولدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەركىنمۇ چىقىشقا باشلىدى. ئايچىۋەر ئاخىرى چىقىپ بولدى كىچىك ياغاچ ئۆيگە كىرىپ پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭغىچە ئەركىنمۇ چىقىپ ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كەلدى.

ــ قانداق؟ مەن سىز ھەيران قالغىدەك ئېسىل سوۋغا دېگەن ئىدىمغۇ راستمىكەن؟ ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ بىكار بولغان ۋاقىتلىرىمدا بۇ يەرگە چىقىپ ئەتراپنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە قارىسام روھىم كۆتۈرۈلۈپ كەيپىياتىم ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بۇ يەرنى مېنىڭ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىدىغان «مەنزىرە راۋىقىم» دېيىشكە بولىدۇ.،ــ ئەركىن غۇلاچلىرىنى يېيىپ ئەتراپنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى.

ــ پاھ، نېمە دېگەن گۈزەل مەنزىرە دۇنيادا بۇ ئورمانلىقتىنمۇ چىرايلىق يەر بارمىدۇ؟ پۈتۈن دۇنيانىڭ يېشىللىقى ۋە گۈزەللىكى مۇشۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەندەكلا ھە؟! توغرا دەپسىز، مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى ساپ ھاۋانى تۇنجى كۆرۈشۈم. مېنىڭمۇ سىزدەك ئورمانلىقتا ياشىغۇم مۇشۇ كىچىككىنە راۋاقتا ھەر كۈنى ئەتراپنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلانغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، بۇ بىر ئارزۇ خالاس.،ــ بىردىنلا ئايچىۋەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى.

ــ ئەخمەق قىز، بۇ تەس ئەمەسقۇ سىزمۇ مۇشۇ ئورمانلىقتا قېلىڭ. شۇندىلا ئارزۇيىڭىزغا يېتەلەيسىز.،ــ ئەركىن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا چىقىپ كەتكەن بۇ سۆزىدىن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى.

ــ سىز مېنى چۈشەنمەيسىز، ئاتام يېقىندا قازا قىلدى. مېنىڭ زىممەمگە نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈكلەنگەن ھېلىمۇ مەن يوق نەچچە كۈندىن بېرى نېمە ئىشلار يۈز بەردى ئۇنى بىلمەيمەن. راست گەپ قىلسام مەن بەكلا چارچاپ كەتتىم. ھەممە ئىشلارنى تاشلاپ مېنى ھېچكىم تاپالمايدىغان بىرەرسى ئاۋارە قىلمايدىغان مۇشۇ ئورمانلىقتا سىزدەك تەنھا ياشىغۇم بار.،ــ ئايچىۋەر ئەركىنگە قارىدى ئىككەيلەننىڭ كۆزى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىۋېدى ھەر ئىككىلىسى نىمىشقىدۇر بىر خىل جىددىيلىشىپ كەتتى.

ــ قايتامدۇق؟ ۋاقىتمۇ خېلى يەرگە بېرىپتۇ،ــ ئەركىن جىددىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن گەپنى بۇرىدى.

ــ بولىدۇ قايتايلى.

ئىككەيلەن تېزلا پەسكە چۈشۈپ ئاتلىرىغا مىنىپ ئۆي تەرەپكە ماڭدى.

ــ ئەركىن، مەن ئەتە قايتايمىكىن؟ ئۆيۈمدىكىلەر مېنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ كەتتى ھەقىچان، سىزنىمۇ بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم.

ــ مەن ئاۋارە بولمىدىمغۇ، نەچچە كۈندىن بېرى ماڭا مۇڭداش بولدىڭىز، مەندەك ئورمانلىقتا يالغۇز ياشاۋاتقان ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزى غەنىمەت. قايتىپ بېرىپ ئېتىڭىزغا ياخشىراق يەم بېرىپ قوياي، ئەتە يولدا سىزگە جاپا سالمىسۇن.

ئەتىسى ئايچىۋەر ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ مېڭىش تەييارلىقنى قىلاي دەپ سىرتقا چىقىۋېدى ئەركىن ئۇنىڭ ئاتلىرىنى جابدۇپ ھەممە تەييارلىقلارنى تەق قىلىپ قويغانىدى.

ــ سىزنى بىردەم بولسىمۇ ئۇخلىۋالسۇن دېدىم. خېلى يول ماڭىسىز تېخى تولۇق ساقايمىدىڭىز يولدا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ!،ــ دېدى ئەركىن ئاتنىڭ ئىگىرىنى ئوڭشىغاچ.

ــ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ چوقۇم دىققەت قىلىمەن. ئەمىسە مەن ماڭاي،ــ ئايچىۋەر ئېتىغا مىندى.

ــ خوش ئەركىن ئامان بولۇڭ!

ــ سىزمۇ ئامان بولۇڭ!

ئايچىۋەر ئېتىنى دىۋىتكىنىچە ماڭدى.

ــ ئايچىۋەر، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى سېغىنسىڭىز ھەر قانداق ۋاقىتتا كەلسىڭىز سىزنى قارشى ئالىمەن.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى.

ئايچىۋەر چۈشەندىم دەپ بېشىنى لىڭشىتتى،ـ دە ئېتىغا قامچا ئۇردى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نۇرقۇت 2012-02-16 05:58

    بۇ ھېكايىڭىزنى مەنلا ئوقۇۋاتامدىم نېمە؟ ئىنىڭىز يەنە كەلدى ھاھاھا

    جۇلالىق

    شۇ سىزلا ئوقۇۋاتىسز. باشقىلار ئوقۇپمۇ قوياي دېمەيدۇ؟
    ئىنىمنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. گۈلدەستىلەر تىزىپ…ھاھاھا.