نىران خانىدانلىقى(19)

تارىخ سەپىرىدە 2012-02-21 08:56 1,203 2

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(19)

 

ئابدۇراھمان بىلەن ئارسلان ئوردىغا كىردى. ئوردىدا توغرۇل تەخىتنىڭ سول يېنىدىكى ئورۇندا مەغرۇرلۇق بىلەن ئولتۇراتتى. ئابدۇراھمان تەخىتنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ھەممەيلەنگە ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بەردى. ئابدۇراھمان كېڭىشىدىغان ئىشلار بارمۇ دەپ ئېغىز ئېچىشقا تەمشىلىۋېدى ئۇنىڭغىچە توغرۇل گەپ قىلدى.

ــ ئارسلان، ئايچىۋەرنى تېپىپ كېلەلىدىڭمۇ؟ ئايچىۋەر قېنى؟،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.

ــ ياق، ئورمانلىقنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى ئايچىۋەرنى تاپالمىدىم. ئەمما ئۇنى چوقۇم تاپىمەن.،ــ ئارسلان توغرۇلغا نەپرەت بىلەن تىكىلدى.

ــ ئايچىۋەرنىڭ يوقاپ كېتىشىدىكى ئەڭ چوڭ گۇماندار سەن، ئۇنى قوغداشقا سەن مەسئۇل بولۇپ چىقىپ كەتكەن. نېمىشقا ئايچىۋەر بۈگۈنگىچە تېپىلمايدۇ؟ بۇنىسى كۆڭلۈڭگە ئايان. سەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلدىڭ. نىران خانلىقى باشپاناھىسىز تۇرىۋەرسە بولمايدۇ. ئەگەردە يەنە ئىككى كۈنگىچە ئايچىۋەر تاپالمايدىكەنسەن مەن ھەممە ئىشلارنى ئۆزۈم بىلىپ ئورۇنلاشتۇرىمەن.،ــ توغرۇل بىر ئاماللارنى قىلىپ ئارسلاننى قارىلاپ كۆزدىن يوقىتىشقا تىرىشىۋاتاتتى.

ــ توغرۇل، بولدى قىل! يەنە شۇنداق كاپشىيدىغان بولساڭ ئېغىزىڭنى بىر يولىلا يۇمدۇرۇۋېتىمەن، ئايچىۋەرگە كىمنىڭ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى پۈتكۈل ئوردا ئەھلى بىلىدۇ، ئۆزۈڭنى قانچە ئاقلىغىنىڭ بىلەنمۇ بىكار! سەن ھەرگىز مەقسىتىڭگە يېتەلمەيسەن،ــ ئارسلان دەرغەزەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى.

ئوردىدىكى ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئابدۇراھمان ئارسلاننىڭ ئۆيىگە ماڭدى. ئۇ ئىشىكنى چەكمەيلا ئېچىپ كىردى. ئارسلان كارىۋاتتا تورۇسقا تىكىلگىنىچە ياتاتتى.

ــ نېمىنى ئويلاۋاتىسەن؟،ــ ئابدۇراھمان كارىۋاتنىڭ يېنىغا ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئولتۇردى.

ــ ئايچىۋەرنى، ئۇ نەگىمۇ كەتكەندۇ؟ ئايچىۋەرنى يەنە ئىككى كۈنگىچە تاپالمىسام توغرۇل دېگەن قارا نىيەت ھەركىتىنى باشلايدۇ.،ــ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئابدۇراھمانغا ئۇدۇل ئولتۇردى.

ــ مەنمۇ ھازىر نېمە قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.

ــ قېنى ۋاقتى كەلسۇن، توغرۇلنى ھەرگىز مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈزمەيمەن،ــ ئارسلان مۇشتۇمىنى تۈگدى.

ــ بولىدۇ ئوغلۇم، مەن چىقاي سەنمۇ ئارام ئالغىن! قالغان ئىشلارنى ئەتە بىر نەرسە دېيىشەيلى،ــ ئابدۇراھمان چىقىپ كەتتى.

ئەتىسى سەھەر ئارسلان كونا ئادىتى بويىچە ئاتخانىغا ئاتلارنى كۆرۈشكە كەلدى. بۈگۈن ئوردىغا كىرىشكە رايى بارمىدى. ئۇنىڭ توغرۇلنىڭ قەبىھلىك قاپلاپ كەتكەن چىرايىنى كۆرگىسى يوق ئىدى. ئۇ بۇ يەرگە ئايچىۋەرنى تولا ئەكىلەتتى. ئىككىسى ئاتلارغا يەم بېرەتتى ئاتلارنى تاماشا قىلاتتى. ئارسلانغا خۇددى يېنىدا ئايچىۋەر باردەك ئارسلانغا شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ قاراپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى. قۇلاق تۈۋىدىن ئايچىۋەرنىڭ « ئارسلان ئاكا» دېگەن سۆزى ئاڭلانماقتا. ئۇ بوينىدىن ئايچىۋەر سوۋغا قىلغان تاشنى ئالدى ھېلىقى كۈندىن باشلاپ بۇ تاشنى بوينىغا ئېسىۋالغان ئىدى. ئايچىۋەر دېگەن سۆزنى كۆرۈپ قەلبى شۇررىدە قىلدى. كەينىدە بىرسى باردەكلا ھېس قىلىپ بۇرۇلۇپلا كەينىگە ئۆرۈلدى. ئايچىۋەر ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. ئارسلان ئوڭۇممۇ-چۈشۈممۇ دېگەندەك دىققەت بىلەن يەنە بىر قارىدى راستىنلا ئايچىۋەر ئىكەن.

ــ ئارسلان ئاكا،ــ ئايچىۋەر ئارسلانغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ چۈشمەكتە. ئارسلان ئۇنىڭ بېشىنى سىلىغاچ يېشىنى سۈرتتى.

ــ ساق-سالامەتكەنسىز بەكلا خۇشال بولدۇم. مەن ئەمدى سىزنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدىم.،ــ ئارسلان يېشىنى ئايچىۋەردىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.

ــ يەيدىغان رىسقىم بار ئوخشايدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قۇتۇلۇپ قالدىم.

ــ سىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئورمانلىقنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى پەقەتلا تاپالمىدىم. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى نەلەردە يۈردىڭىز؟،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنى ئاتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى.

ــ سۆزلەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن كىيىكنى قوغلايمەن دەپ سىلەردىن ئايرىلدىم. كىيىكنى قوغلاۋېرىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كېتىپتىمەن. شۇ ئەسنادا كىيىكمۇ كۆزۈمدىن غايىپ بولدى. ئەمدى كەينىمگە قايتاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىر نەچچە ئادەم پەيدا بولۇپ ماڭا قول سالدى مەن ئۇلاردىن قېچىپ ماڭدىم. كېيىن ئوقيا تەگدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىلەيمەن. كۆزۈمنى ئاچسام بىر ياغاچ ئۆيدە يېتىپتىمەن.،ــ ئايچىۋەر كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئارسلانغا سۆزلەپ بەردى.

ــ ھېلىمۇ ياخشى سىزنى قۇتقۇزىۋالغان يىگىتكە ئۇچراپ قاپسىز، بولمىسا بۇ ئىپلاسلار سىزنى ئۆلتۈرمىگىچە بولدى قىلماسكەن. ئۇ يىگىت شۇنچە چوڭ ئورمانلىقتا ئۆزى يالغۇز ياشامدىكەن؟ غەلىتە ئىشقۇ بۇ؟!،ــ ئارسلان ئۇنىڭدىن سەل گۇمانلاندى.

ــ ئەركىن ئۆزى توغرۇلۇق ئازراقلا سۆزلەپ بەردى، مەنمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلمەيمەن. ئوردىنىڭ ئىشلىرى قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟،ــ ئايچىۋەر گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.

ــ ئەگەردە سىز يەنە ئىككى كۈنگىچە قايتىپ كەلمىگەن بولسىڭىز توغرۇلنىڭ سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. سىز قايتىپ كەلدىڭىز ئىشلار ئىزىغا چۈشىدۇ. بىز دەرھال ئوردىغا بارايلى.

ئىككەيلەن ئوردىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    نۇرقۇت 2012-02-21 23:50

    ماۋۇ ۋەقەلىكنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىققان بولدى

    جۇلالىق

    نەتىجىنى سەل بۇرۇن چىقىرۋەتتىڭىزمۇ قانداق ئىنىم؟
    ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ. ئاخىرقى نەتىجە بىلەن ئوخشاشمىكىن؟