كەچكى شەپەق

تەپەككۇر تامچىلىرى 2012-02-23 22:56 1,183 0

كەچكى شەپەق

ئۆيىمىزنىڭ بالىكونىغا چىقىپ قۇياشنىڭ پېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئولتۇردۇم، قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق نۇرى بەكلا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. كەچكى شەپەق نۇرىدا بەزى بۇلۇتلار ئوتقاشتەك قىزارغان يەنە بەزىلىرى بولسا سارغۇچ رەڭلەرگە كىرگەنىدى.سەل قارايغان بۇلۇتلار ئارىسىدىكى سارغۇچ بۇلۇتلار كۈچلۈك بىر نۇر ئېقىمى ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك بىر خىل كۆرۈنەتتى.
قۇياش بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگۈتۈپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن قايتماقتا. قۇياش ئاستا-ئاستا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. خۇددى پاتقاقلار ئارىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەكلا …
بۇرۇندىن مۇنداق بىر گەپنى تولا ئاڭلايتتىم، قۇياش چىققاندىمۇ پاتقاقلار ئارىسىدىن چىقىدۇ، پاتقاندىمۇ يەنىلا پاتقاقلار ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ، ھازىر خۇددى شۇ گەپلەر راستەكلا، قارىماققا قۇياش لاي-پاتقاقلار ئارىسىغا ئالدىرىماي چۆكۈۋاتقاندەك ئىدى.لاي-پاتقاقلار قۇياشنى ئاخىرى ئۆز قوينىغا ئەكىرىپ كەتتى.
قۇياشمۇ كىرىپ كەتتى، ياشاش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلغان ھەممىمىز ئېغىر قەدەملىرىمىزنى تەستە يۆتكەپ ئۆيىمىزگە قاراپ يول ئالدۇق. ئەتراپ جىمجىت ئىدى. كېچە نېمە دېگەن تىنىچ ھە!؟
كۈندۈزى مال-دۇنيا، نام-مەنپەئەتلەرنى دەپ تىنماي كۈرەش قىلغان ھەممە ئىنسانلار ئۇيقۇغا غەرىق ئىدى. ئىنساننىڭ پايدا-مەنپەئەتنى دەپ ھەممىنى قىلىشتىن يانمايدىغان جىسمى مانا مۇشۇ كېچە كەلسىلە ئارام تاپاتتى. بارچە ئىنسان ئۈچۈن كېچە ئەڭ راھەت بىر ۋاقىت. قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كېتىپ تاڭ  يۇرۇسا ھەر بىر ئىنسان يەنە ئۆز تەبىئىتىگە قايتىدۇ.بەزىلەر بۇ ھاياتتا باياشات ياشاش ئۈچۈن ئاتا-ئانا، قان-قېرىنداشلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ۋىجدان-غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ۋاقىتلىق خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ.
بۇ دۇنيادا ئىنساندىن ئەقىللىق جانلىق يوق دەپ جار سالىمىزيۇ، ئىنسان تۇرمۇش سەھنىسىدىن ئىبارەت بۇ قىيىن ئويۇن مەيدانىدا دائىم ئۇرۇقنى خاتا ماڭىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئەقلى قابلىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىدىندۇر. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش