نىران خانىدانلىقى(20)

تارىخ سەپىرىدە 2012-02-27 07:49 1,088 2

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(20)

 

ئوردىدا ۋەزىرلەر دۆلەت خەزىنىسىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ تۇلۇقلاش توغرۇلۇق مەسلىھەت قىلىۋاتاتتى. جاكارچىنىڭ «ئايچىۋەر مەلىكە قايتىپ كەلدى» دەپ توۋلىشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىۋەتتى. ھەممە ئوردا ئىشىكىگە كۆز تىكتى. ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن ئەتە شاھلىق تەختىنى قولۇمغا ئالىمەن دەپ مەغرۇرلىنىپ كەتكەن توغرۇل ئولتۇرغان يېرىدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتى.

ئايچىۋەر بىلەن ئارسلان ھەممەيلەنگە كۈلۈمسىرىگىنىچە كىرىپ كەلدى. ۋەزىرلەر بىر ئېغىزدىن مەلىكىنىڭ ساق قايىتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئابدۇراھمان خۇشاللىقىدا «كەل، قىزىم» دەپ ئايچىۋەرنى قۇچاقلىدى ۋە تەخىتتە ئولتۇرغۇزدى. توغرۇل بولسا غەزەپتىن يېرىلاي دەپ قالغان بولسىمۇ چاندۇرماي «سىڭلىم،تېنچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىڭنى تەبرىكلەيمەن!» دەپ ئايچىۋەر بىلەن سالاملاشتى.

ــ شۈكرىلەر بولسۇن! ھەممىڭلار ياخشى تۇرۇپسىلەر. مەن قايتىپ كەلدىم ئىشلار بۇرۇنقىدەك ئۆز رېتى بويىچە بولىدۇ. بۈگۈنكى كېڭەش مۇشۇنچىلىك بولسۇن، قالغان ئىشلارنى ئەتە دېيىشەيلى. قايتساڭلار بولىدۇ.،ــ ئايچىۋەر ھەممەيلەنگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قايتىشقا ئىجازەت بەردى.

ئوردىدىن ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قايتىپ چىققان توغرۇل ئۆيىگە قايتىپلا ئابباسنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئابباس ئۇزاق ئۆتمەي ئالدىراپ-تېنەپ يېتىپ كەلدى. توغرۇلنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملىدى.

ــ ۋۇ كالۋا، سەن ئايچىۋەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق دېگەن ئىدىڭغۇ بۈگۈن ئايچىۋەر قايتىپ كەپتۇ. مېنىڭ ھەممە پىلانلىرىم سەن ئەخمەقنىڭ قولىدا سۇغا چىلاشتى،ــ توغرۇل ئابباسقا نەپرەت بىلەن قاراپ.

ــ بۇ،بۇ،… «ھىلال ئاي» مەزھىپىنىڭ ئاتامانى ئوسمان ئايچىۋەرنى ئادەملىرىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى دېگەن ئىدى. مەن دەرھال سۈرۈشتۈرەي. شاھزادە پەقەتلا ئاچچىقلانمىسىلا بۇ قىزنى چوقۇم كۆزدىن يوقىتىمىز،ــ ئابباس كېكەچلەپ.

ــ ماڭ! دەرھال «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرنى تاپ! چالا قىلغان ئىشلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرسۇن. ئايچىۋەرنى كۆزۈمدىن يوقاتسۇن! ئۇنى ئەمدى كۆرۈشنى خالىمايمەن. ئايچىۋەرنى كۆزدىن يوقاتماي تۇرۇپ سەنمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما!،ــ توغرۇل يوقال دەپ ئابباسقا ئىشارەت قىلدى. ئابباس يەرنى سۆيگىدەك بولۇپ كەينىچە چىقىپ كەتتى.

ئۇ توغرۇلنىڭ يېنىدىن چىقىپ ئوسماننى ئىزدەپ باردى. ئوسمان ئۆيىنىڭ كەينىدىكى بېغىدا ئادەملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتاتتى. ئابباسنى كۆرۈپ ئادەملىرىگە مەشىق قىلىۋېرىڭلار! دەپ ئىشارەت قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.

ــ ئوسمان سەن مېنى كولدۇرلىتىۋاتامسەن؟ مەن ساڭا دەپ قوياي مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن. مېنى يەنە مۇشۇنداق ئالدايدىغان بولساڭ ماۋۇ بوينۇڭنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىنى قولتۇقۇڭغا قىستۇرۇپ قويىمەن چۈشەندىڭمۇ؟،ــ ئابباس ئوسماننى يەۋەتكىدەك بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم سىلجىدى.

ــ نېمە ئىش بولدى؟ مەن چۈشەنمىدىم؟،ــ ئوسمان گاڭگىراپ قالدى.

ــ تولا خۇپسەنلىك قىلما! مەن ساڭا تاپشۇرغان ئىشنى ئورۇندىماپسەن. بۈگۈن ئايچىۋەر قايتىپ كەپتۇ. شاھزادە توغرۇل تاس قالدى كاللامنى ئالغىلى،ــ ئابباس ئوسمانغا ئالايدى.

ــ مەن بۇ ئىشقا ئىشەنچىلىك ئادەملەرنى ئەۋەتكەن ئىدىم. مەن قايتا بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقاي.

ــ نېمە ئۇ سۈرۈشتۈرۈش دېگەن ئىشنى دەرھال ئورۇندا ئايچىۋەرنى كۆزدىن يوقاتمەيدىكەنسەن سەنمۇ بۇ شەھەردە خاتىرجەم ياشايمەن دەپ خام خىيال قىلما! ئايچىۋەرنى جايلىۋېتىپ بولۇپ ئاندىن مېنى ئىزدە!،ــ ئابباس قولىنى شىلتىگىنىچە چىقىپ كەتتى.

ئوسمان بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئايچىۋەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئەۋەتكەنلەرنى ئۆيگە چاقىرتىپ كىردى.

ــ سىلەر ئايچىۋەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق دېگەن ئىدىڭلار. ئۇ ئۆلمەپتۇ، ماڭا راست گەپ قىلىڭلار،ــ ئۇ سىلىق-سىپايىلىق بىلەن سورىدى.

ــ بىز ئاتقان زەھەرلىك ئوقيا ئۇنىڭغا تەگكەن ئىدى. بىز ئۇنى ئۆلدى دەپ ئويلىغان،ــ دېدى ھېلىقى ئەركىنگە شەمشەر سالغان ئادەم.

ــ ماڭا قارا، يالغان سۆزلىمە راست گەپ قىلغىن!

ــ بىز ئۇ قىزغا ئوقيا ئاتتۇق ئوق ئۇنىڭ مۆرىسىگە تەگكەن ئىدى. بىز ئۇنى قوغلاپ بېرىپ ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتەيلى دەپ يېتىشىۋالاي دېگەندە سىزنىڭ قول بېرىشكەن قېرىندىشىڭىز قاسىم ئاكىنىڭ ئوغلى ئەركىن نەدىن پەيدا بولدى بىزلەرنى توسۇۋالدى. بىز بىردەم ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشتۇق، سىزمۇ بىلىسىز بىزنىڭ ماھارىتىمىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان بولساقمۇ ئۇ ھەممەيلەننىڭ قىلغان ھۇجۇملىرىنى قايتۇرۇۋەتتى بىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدۇق. كېيىن قايتىپ كېتىڭلار ئۆز مەزھەپداشلىرىمغا زىيان يەتكۈزگۈم يوق بىر بىگۇناھنى ئۆلتۈرمەڭلار. قايتىپ بېرىپ ئاتامانغا بۇ قىزنى مېنىڭ قۇتقۇزۇۋالغانلىقىمنى ئېيتىڭلار دېدى. بىز شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلدۇق، ھەم سىزنىڭ جازالىشىڭىزدىن قورقۇپ ئۇ قىزنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق دەپ قويغان.

ــ ئەركىن تېخىچە ھاياتكەندە؟! مەن ئۇنى نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلاپتىمەن.،ــ ئوسماننىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى.

ــ سەن ياراملىق يىگىتلەردىن نەچچىنى باشلاپ بېرىپ ئاۋۋال ئەركىننى جايلىۋەت! ئاندىن ئايچىۋەرنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىل! بۇ قېتىم يەنە بىخەستىلىك قىلىدىكەنسەن مەندىن ياخشلىق كۆرمەيسەن،ــ دېدى ئوسمان غەزەپ بىلەن.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش