نىران خانىدانلىقى(21)

تارىخ سەپىرىدە 2012-03-03 01:09 1,152 7

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(21)

ئايچىۋەر كەتكەندىن بېرى ئەركىننىڭ قولى ئىشقا بارمىدى. ھەر كۈنى ھېلىقى ئېگىز دەرەخكە چىقىپ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇراتتى. نېمىشقىدۇر كۆڭلىدە ئايچىۋەر بىر كۈنلەردە ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدىغاندەكلا ھېس قىلاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىگە نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.

ئايچىۋەر ئوردىغا قايىتىپ كېلىپ ئىشلارنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇردى، قالغان ئىشلارنى ئابدۇراھمانغا تاپشۇردى. ئۇ بۈگۈن كونا ئادىتى بويىچە ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈككە كېلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتتى. خىيال ئەينىكىدىن قۇيۇق ئورمانلىق، ئەركىن، ئېگىز دەرەخ بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەركىننىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىماسى كۆز ئالدىدىن كەتمەيۋاتاتتى. پات-پات ئۆزىدىن مەن نېمە بولدۇم دەپ سوراپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. گۈللەر ئارىسىدا يەنىلا ئەركىننىڭ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرغان قىياپىتى كۆرۈندى. ئايچىۋەر چۆچۈپ گۈللەرگە قايتىدىن قارىدى. ئەركىن يوق بۇ ئۇنىڭ خىيالى ئىدى.

ئايچىۋەر قايتىپ كەلگىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ ئوردىغا كۆپ چىقمايۋاتاتتى. كۆپىنچە ئىشلار پەرمان چۈشۈرىدىغان ئادەم يوق تاشلىنىپ قېلىۋاتماقتا ئىدى. ئابدۇراھمان بۇ ئىشلاردىن بىئارام بولۇپ ئارسلاننى ئىزدەپ كەلدى. ئارسلان يەنىلا ئاتلارنىڭ يېنىدا ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئاتلارنى يۇيۇۋاتاتتى. ئابدۇراھماننىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىشىنى قويۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.

ــ سالام، تاغا، بۇ ياقلارغا كېلىپ قاپسىزغۇ؟ ئاتلىرىمنى كۆرەي دەپ كەلگەن ئوخشىمامسىز؟،ــ دېدى ئارسلان چاخچاق ئارىلاش.

ــ كەل، بالام، ئولتۇر! سەنمۇ ھېس قىلغانسەن بەلكىم، ئايچىۋەر قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئوردىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ياكى بۇ قېتىمقى ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدىمۇ بىلمىدىم. خانلىقنى بۇنداق تاشلىۋەتسە بولمايتتى. توغرۇلنىڭ مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ يۈرگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىز توغرۇلغا ئازراقلا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەنمىز ئۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىۋالىدۇ. شۇڭا ئوغلۇم، ئايچىۋەر بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقساڭ قانداق بولار؟

 ــ مەنمۇ سەزگەن ئىدىم. ئايچىۋەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى باردۇر دەپ گەپ قىلمىغانىدىم. قېنى بىر پاراڭلىشىپ باقاي.

ــ ماقۇل بالام، ئەمىسە مەن قايتاي.

ئابدۇراھمان كېتىپ ئارسلان ئويلىنىپ قالدى. ئايچىۋەر بۇ قېتىم باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ ھۇجرىسى تەرەپكە ماڭدى. ئايچىۋەر ئۆيدە يوق ئىدى. ئايچىۋەرنىڭ ئۆيدە بولمىسا نەگە بارىدىغانلىقىنى ئارسلان ئوبدان بىلەتتى ئارسلان ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈككە كەلدى. ئايچىۋەر گۈللەرنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى.

ــ گۈللەر بىر-بىرىدىن چىرايلىق ئېچىلىپتۇ ھە!،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

ــ بەكلا دەڭە! مەن گۈلگە نىمانچىۋالا ئامراقتۇرمەن دەيمەن. چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ ئولتۇرسام ئەس-يادىم مۇشۇ گۈللەردە بولۇپ ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇيمەن.

ــ ئوردىغا بەك كۆپ چىقمايۋاتىسىز. بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ مەن سەل ئەنسىرەپ قالدىم. بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەندىن بۇيان بەكلا جىمغور بولۇپ قاپسىز. كۆڭلىڭىزدە بىرەر ئىش باردەكلا قىلىدۇ. باشقىلارغا دېمىسىڭىزمۇ ماڭا ئەلۋەتتە دەيسىز شۇنداققۇ؟!،ــ ئارسلان ئايچىۋەرگە قارىدى. ئايچىۋەر نېمە دېيىشنى بىلەلمەي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى.

ــ ئارسلان ئاكا، مەن بىر ئىشنى ئويلاۋاتقىلى خېلى كۈنلەر بولدى. شاھلىق تەختىگە ئابدۇراھمان تاغام بىلەن سىز بىللە ۋارىسلىق قىلسىڭىز مەن چېكىنەي دەيمەن. مەن بەكلا چارچاپ كەتتىم. ھەم خانلىقنى باشقۇرۇپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمىدى.

ــ ئايچىۋەر، چاخچاق قىلىۋاتامسىز ياكى راستمۇ؟ نىران خانلىقىنى بىز ئىككەيلەننىڭ باشقۇرۇپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ؟ مەن سىز يېڭىدا شاھلىق تەخىتكە چىققاندىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدىم. تەخىتتە چوقۇم خان ئاتامنىڭ ئەۋلادى ئولتۇرۇشى كېرەك بولمىسا ئەلنى ئىدارە قىلغىلى بولمايدۇ. خەلق بىزگە بوي سۇنمايدۇ. ھەمدە توغرۇل بىر تەرەپتە بىزنى قاچان يىقىلىدىكىن دەپ كۈتۈپ يۈرۈيدۇ. سىز بۇنداق قىلسىڭىز توغرۇلغا چوڭ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ،ــ ئارسلان ئايچىۋەرگە نەپرەت كۆزلىرى بىلەن قاراپ.

ــ بۇنىسى ماڭىمۇ ئايان. بىراق ئاكا، مەن ئوردىدىكى جېدەل-ماجرالاردىن بەكلا زېرىكتىم ھاردىم. خان ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى ھەممە ئىشلاردىن كۆڭلۈم سوۋۇپ قالدى. مېنىڭ ئاددىي كىشىلەردەك خاتىرجەم ياشىغۇم بار. باياشات ياشىمىساممۇ كۈنلىرىم خاتىرجەم مەنىلىك ئۆتسە دەيمەن، مەن قارار قىلىپ بولدۇم. ئەتە ۋەزىرلەر ئالدىدا بۇ قارارىمنى ئېلان قىلىمەن.،ــ ئايچىۋەرنىڭ سۆزلىرىدىن بىر قارارغا كېلىپ بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

ــ سىز ئوردىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاددىي كىشىلەردەك خاتىرجەم ياشىيالىشىڭىز ناتايىن. چۈنكى سىز دېگەن ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى نىران خانىدانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسى. خان ئاتام بىر ئۆمۈر قان-تەرىنى سىڭدۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئەكەلگەن نىران خانىدانلىقىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ۋە ئەلنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارىڭىز بولماي، بۇ قارارنى چىقارغان بولسىڭىز مەنمۇ ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرماي سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن،ــ ئارسلان خاپا بولغان پېتى كېتىپ قالدى.

ــ ئارسلان ئاكا، ئارسلان ئاكا… ئايچىۋەر ئۇنىڭ كەينىدىن توۋلىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 7 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    كۆك كەپتەر 2012-03-05 21:25

    ئوقۇۋاتىمەن، ئوقۇۋاتىمەن، زادى قايسى خانلىق بولغىيتتى بۇ؟ قارىسام ھازىرقى زاماندىكى ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى تۇرىدۇ.

    جۇلالىق

    بۇرۇنقى زاماندىكى خانلىق ئىدى.
    بىزنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئىسىملىرىمىز بۇرۇنقى زاماندىن كەلگەن بولغىيدى؟

  •   #2  

    ئۇچقۇن 2012-04-29 00:47

    بۇ مۇزىكىغا خۇمار بۇلۇپ قالدىم …ھەي بۇ نىران دېگەن ئىسىمنى ئالاي دېسەم ئېلىپ بۇلۇپتۇ ئەمەسمۇ؟

  •   #3  

    ئۇچقۇن 2012-04-29 00:49

    مېنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز ..ئىتتىپاقداشلاردىن بۇلۇپ قالايلى؟

    جۇلالىق

    ئۇلىنىش قىلىدىغان تور بەت ئادرېسى ۋە تۇغ ئۇلىنىش رەسىمىنى قالدۇرۇڭ ئۇلىنىشقا قوشۇپ قوياي.
    ئەلۋەتتە، بلوگداشلاردىن بولۇپ ئۆتىمىز.

  •   #4  

    ئۇچقۇن 2012-05-02 00:35

    بۇ مۇزىكا يۈرۈكىمنى بىر خىل ئىزىۋەتتى ئاڭلاشتىن قورۇقتۇم