نىران خانىدانلىقى(22)

تارىخ سەپىرىدە 2012-03-08 08:00 1,103 0

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(22)

ئەتىسى سەھەر ئوردا قۇبۇلخانىسى.

ئايچىۋەر تۇنجى شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان كۈندىكىدەك تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خانلىق شەمشەرنى تۇتۇپ تۇراتتى. تەختنىڭ سول تەرىپىدە بولسا ئابدۇراھمان بار ئىدى. بۈگۈن ئارسلان ئوردىغا كەلمىگەنىدى. ھەممە ۋەزىرلەرنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايچىۋەر سۆزىنى باشلىدى.

ــ خان ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان پىشقەدەم ۋەزىرلەر ۋە دوستلىرىم ماڭا ھەر تەرەپتىن ياردەمدە بولدى. مەن ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن بۈگۈن نىران خانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسلىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى تەخىتنى ئابدۇراھمان تاغام بىلەن ئارسلان ئاكامنىڭ بىللە باشقۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچىمەن. پۈتكۈل ئوردا ئەھلىنىڭ بۇرۇن ماڭا قانداق ھەمدەمدە بولغان بولسا بۇلارغىمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.،ــ ئايچىۋەر سۆزلىرىنى تۈگۈتۈپ ئابدۇراھماننىڭ يېنىغا كەلدى قىلىچنى ئۇنىڭغا سۇندى. ئابدۇراھمان بىر نەرسە دىمەكچى بولغانىدى ئايچىۋەر گەپ قىلماڭ! دەپ بېشى ئىشارەت قىلدى. ئابدۇراھمان ئارتۇقچە سۆز قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قىلىچنى قۇبۇل قىلدى. ئوردىدىكىلەر ھاڭ-تاڭ بولۇشقىنىچە ئېغىزلىرىنى ئېچىپلا تۇرۇپ قالدى.

ئىشلارنىڭ بۇنداق قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولغان ھەمدە خۇشاللىقى ئىچىگە پاتمايۋاتقان توغرۇل گاڭگىراپلا قالدى.

ئايچىۋەر ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئېتىنى يېشىپ ئوردا دەرۋازىسىدىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا ئارسلان كەلدى. ئارسلان بەكلا غەمكىن كۆرۈنەتتى. قاپاقلىرىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ بىر كېچە ئۇخلىماي چىققانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

ــ راستىنلا كېتەمسىز؟

ــ ھەئە، مەن ھەر قانچە جاسارەتلىك بولساممۇ يەنىلا ئاجىز تەرەپلىرىم بار ئىكەن. مەن بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمىدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ھەممەيلەننى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغىنىمدىن ھازىر قارار چىقارغىنىم ياخشى. ئۆز تۇرمۇشۇمنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇراي دەيمەن. مېنىڭ ئەركىن ياشىغۇم بار.،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە يىغا ئولاشتى.

ــ نەگە بارىسىز؟ ئورمانلىققىمۇ؟،ــ ئارسلان ئايچىۋەرگە تىكىلدى.

ــ ھەئە، ئورمانلىققا بارىمەن،ــ ئايچىۋەر ئارسلاندىن كۆزىنى قاچۇرۇپ ئېتىغا مىندى.

ــ ئايچىۋەر، سىزگە بەخىت تىلەيمەن!،ــ ئارسلان كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قالدى.

بۈگۈن ئەركىن ئورنىدىن بەكلا كېيىن تۇردى. بېشى ئاغرىپ  كېتىۋاتاتتى. ئاتلارغا يەم بېرىۋېتىپ ئۆيىگە كىرىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان بەش يىلدىن بۇيان ئۇ بەكلا خاتىرجەم ياشاۋاتقانىدى. يېقىندىن بېرى ھەممە ئىش ئۆزگەردى. ئايچىۋەر كېتىپ دورا يىغقىلىمۇ كۆپ چىقمىدى. قۇرۇتۇپ يىغىپ قويغان دورىلارنى بىر-ئىككى قېتىم كەنىتكە ئاپىرىپ سېتىپ كەلدى. ئەركىننىڭ كۆز ئالدىدىن ئايچىۋەرنىڭ گۈزەل سىماسى كەتمەيتتى.

توۋا، ماڭا نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ. ئۆزۈمگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق بىئارام بولۇپ باقمىغانىدىم. ئەركىن خىيالىدا پاراڭلىشاۋاتقاندا سىرىتتىن ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئەركىننىڭ ئېتىنىڭ ئاۋازى ئەمەس ئۇ ئېتىنىڭ ئاۋازىنى بىلىدۇ. ئەركىن ياتقان يېرىدىن چاچراپ قوپتى. ئىشىكنى ئېچىۋېدى ئىشىك ئالدىدا ئايچىۋەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئەركىن بۇ چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ؟ دەپ كۆزىنى بىر ئۇۋىلىۋېتىپ يەنە قارىدى راستىنلا ئايچىۋەر ئىدى.

ـ ئايچىۋەر، بۇ راست سىزمۇ؟،ــ ئەركىن ئىشەنمىگەندەك سورىدى.

ــ ھەئە مەن، سىز ئورمانلىققا قاچان كەلسىڭىز قارشى ئالىمەن دېگەنىدىڭىزغۇ شۇڭا ئورمانلىقنى سېغىنىپ كەلدىم. مېنى كىرىشكە تەكلىپ قىلمامسىز؟،ــ ئايچىۋەر ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ خاپا بولغاندەك قىياپەتتە.

ــ تەكلىپ قىلىمەن، سىزنى تەكلىپ قىلماي يەنە كىمنى تەكلىپ قىلاتتىم،ــ ئەركىن چاخچاق ئارىلاش.

ئىككەيلەن كۈلۈشكەچ ئۆيگە كىردى. ئايچىۋەر ياغاچ ئۆينىڭ ئىچىگە بىر قارىۋېتىپ:

ــ ئۆينىڭ ئىچىنى قالايمىقان قىلىۋېتىپسىز،قاراڭ مېنىڭ ئورنۇمنىڭ توپا بېسىپ كەتكىنىنى ئەدىياللارنى قاتلاپمۇ قويماپسىز؟ ھورۇن،ــ ئايچىۋەر ئەركىننى زاڭلىق قىلىپ كۈلگەچ.

ــ قانداق قىلىمەن؟ بۇرۇنلاردا ھەر كۈنى ئۆيلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ تازىلاپ قويمىسام كەچ كىرگىچە كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالاتتىم. سىز كەتكەندىن بېرى قولۇم ئىشقىمۇ بارمىدى شۇڭا ئۆيلەرمۇ قالايمىقان مانا ئۆيلەرنى تازىلاپ بەرگىلى سىز كەلدىڭىز مەن خاتىرجەم.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرگە قارىدى ئىككىسنىڭ كۆزى ئۇچرىشىۋېدى ئايچىۋەر قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى.

ــ بولدى، سىز چىقىپ سىرىتتىكى ئىشلىرىڭىزنى قىلىڭ! مەن ئۆيلەرنى تازىلىۋېتەي.

ئەركىن ماقۇل دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ چىقىپ كەتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش