نىران خانىدانلىقى(23)

تارىخ سەپىرىدە 2012-03-19 04:40 1,096 5

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(23)

ئايچىۋەر ئۆيلەرنى تازىلاپ پاكىزە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغىچە ئەركىنمۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كىردى.

ــ ئېگىز دەرخنى ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟،ــ ئەركىن بايىلا يۇيۇپ كىرگەن ھۆل قولىنى كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىكى رەخىتكە سۈرتكەچ.

ــ سېغىنماي قالامتىم. ئېگىزدىن ئورماننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈشنى ئەڭ سېغىندىم. مېنىڭ ئىشلىرىممۇ تۈگىدى بېرىپ كېلەمدۇق؟

ــ بولىدۇ، مەن ئاتلارنى تەييار قىلاي.

ئىككەيلەن چوڭ دەرەخ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئىككىسى ئارقا-ئارقىدىن دەرەخكە چىقتى. ئايچىۋەر چىقىپلا ئەتراپنىڭ مەنزىرىلىرىگە قاراپ:

ــ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئادەمنى بەكلا جەلىب قىلىدۇ.

ــ ئورمانلىققا پەقەت ئەتراپنىڭ يېشللىقىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا كەلمىگەنسىز؟،ــ دېدى ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئايچىۋەر ئەركىندىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋېدى. ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئۆزى قاراتتى.

ــ ئايچىۋەر، سىزنى ياخشى كۆرىمەن. مەن سىزنى ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىپمۇ ئۇنى بىلمەيمەن. بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز مۇشۇ يەردىن باشلانغان سىزنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا ھەمدە سىزنى بىر ئۆمۈر قوغدايدىغانلىقىمغا مۇشۇ دەرەخ گۇۋاھچى بولىدۇ،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قۇچاقلىدى.

ــ مەنمۇ سىزنى قاچانلاردا ياخشى كۆرۈپ قالدىم بىلمەيمەن. قايتىپ كەتكەندىن بېرى سىزنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغان سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق بولۇپ باقمىغانىدىم. شۇڭا ھەممىنى تاشلاپ يېنىڭىزغا كەلدىم. قىلغىنىم توغرىمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. پەقەتلا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن.،ــ ئايچىۋەر بېشىنى ئەركىننىڭ كۆكسىدە قويۇپ.

ــ بەخىتلىك كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا ئىككىمىز بۇ گۈزەل ئورمانلىقتا ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ئائىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز، بالىلىق بولساق بالىلىرىمىز ئورمانلىقنىڭ ساپ مۇھىتىدا ساغلام چوڭ بولىدۇ.

ــ قاراڭە، سىزنى بىردەمدە كەلگۈسىنىڭ شىرىن خىياللىرىغا چۆكۈپ كەتتىڭىزغۇ؟،ــ ئايچىۋەر كىچىك ئۆينىڭ  ئەينەكسىز دەرىزىسىدىن ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى.

ــ بۇ شىرىن خىيال ئەمەس، ئىككىمىز رىئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

ــ ئايچىۋەر، ماڭا ئۆزىڭىز توغرۇلۇق ۋە ئائىلىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمەمسىز؟،ــ ئەركىننىڭ ئايچىۋەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىلگۈسى بار ئىدى. ئۆتكەندە ئۇنىڭ بۇ سوئالى جاۋابسىز قالغانىدى. ئايچىۋەر بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ:

ــ مەن نىران خانلىقىنىڭ مەلىكىسى يەنى ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى ھازىرقى تەخىت ۋارىسى.

ئەركىن ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى.

ــ مەن سىزنى ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خان ئاتىڭىز بىلەن ئەلنى زىيارەت قىلىپ قايتقان ۋاقتىڭىزدا بىر قېتىم كۆرگەن، سىز ئۇ ۋاقىتتا بەكلا كىچىك ئىكەنسىز. ئاتام بىلەن بازار ئايلىنىپ يۈرسەك ئەسكەرلەر بىزلەرنى ھەر تەرەپكە قوغلاشقا باشلىدى. مەن ئاتامغا نېمە ئىش بولدى؟ دېسەم خان ئالىيلىرى بىلەن مەلىكىسى كېلىۋېتىپتۇ شۇڭا ئەتراپتىكىلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ دېگەن ئىدى. سىز ئۇ چاغدا بەكلا كىچىك بولغاچقا چوڭ بولۇپ ئۆزگىرىپ كېتىپسىز شۇڭا تونۇيالماپتىمەن.

ــ سىز باشتىلا مېنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىمنى بىلگەن بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ مېنى يەنىلا قۇتۇلدۇرۇپ يېنىڭىدا ئېلىپ قالامتىڭىز؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىنگە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى.

ــ ھېلىغۇ سىز مەلىكە ئىكەنسىز ئادەتتىكى بىر قىز بولسىمۇ مەن قۇتۇلدۇرۇۋالاتتىم. بىراق، سىزنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىڭىزنى بۇرۇن بىلگەن بولسام سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. چۈنكى مەن سىزگە لايىق كېلەمدىم؟ دېگەن سوئالنى ئاۋۋال ئويلايتتىم. ئەمما ھازىر مەيلى سىز كىم بولۇڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنى ھەرقانداق ئىش ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئايچىۋەر كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلاردىن تارتىپ ئارسلان بىلەن تونۇشقىنىنى ئىككسىنىڭ ئاكا-سىڭىلدەك يېقىن ئۆتكەن ئىشلارنى تاكى تەخىت ۋارىسلىقىدىن ۋاز كەچكەنگە قەدەر ھەممە ئىشلارنى ئەركىنگە سۆزلەپ بەردى. ئەركىن ھەممىنى زەن قويۇپ ئاڭلىدى. ئىككەيلەن پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ كەچ كىرگىنىنىمۇ تۇيماي قالغانلىقىنى بىلىپ ئۆيىگە قايتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 5 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ulker 2012-06-01 09:25

    بۇ ئەسىرىڭىز تولىمۇ تەسىرلىك ئىكەن.ھېچ بولمغاندا ئەركىننى بولسىمۇ قۇتقۇزۋالغان بولسىڭىز،تولىمۇ ياخشى بولار ئىدى. ئايچىۋەگە بەكلا ئۇۋال بولدى. بىچارا قىز بارلىق يېقىنلىرىدىن ئايرىلدى.ھەي……!

    (مەن تىزىملىتاي دىگەن لىكىن تىزىملىتالمىدىم)ياردەم قىلساڭلار!qq1657638283

    جۇلالىق

    رىئال دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئىنساننىڭ ئارزۇيى بويىچە بولمايدىكەن. ئەمەلىيەتچانلىقتىن چەتنەپ كەتكەن ئەسەر ئادەمگە روھىي ئۇزۇق بولالمايدۇ. مەن بۇ ئەسەرنىڭ تەبىئىي چىقىشىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ ۋەقەلىك ئاساسىدا ئاخىرلاشتۇردۇم.
    قەيەرگە تىزىملىتالمىدىڭىز؟ تەپسىلىي قالدۇرۇڭ مەن ياردەم قىلاي.

  •   #2  

    ulker 2012-06-02 10:50

    تىزىملىك ئىچىدىكى (تىزىملىتىش)قا تىزىملىتالمىدىىم.
    خاتالىق ئۇچۇرى؛ئېلخەت تىزىملىتىلمىغان،باشقا ئېلخەت ئادىرسىنى ئىشلىتىڭ.
    مېنىڭ QQنۇمۇرۇم؛1657638283

    جۇلالىق

    تىزىملاتمىسىڭىزمۇ ئىنكاس يوللاۋېرەلەيسىز، بۇ تىزىملىتىش كۆزنىكىنىڭ ئۇنچە بەك ئالاھىدىلىكى يوق.

  •   #3  

    ulker 2012-06-05 10:55

    ماقۇل .رەھمەت!