نىران خانىدانلىقى(24)

تارىخ سەپىرىدە 2012-03-29 20:01 1,176 0

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(24)

ئايچىۋەر كېتىپ ئارسلان جىمىپلا كەتتى. ئوردىغىمۇ كىرمەي قىرائەتخانىسىدىن تۈزۈك چىقمىدى. ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى ئابدۇراھمان چامىنىڭ يېتىشىچە قىلىۋاتاتتى. توغرۇل پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى شاھلىق تەختىنى قولغا ئالسا بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئاستىرىتتىن ھەركەتلەرنى قىلماقتا ئىدى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ھەرىكەتلىرىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ئارتۇقچە تەدبىر قوللانغۇسى كەلمىدى. بەرىبىر خەلقنى قايىل قىلالايدىغان ئايچىۋەر يوق. ئۇنىڭ گېپىنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئايچىۋەر كەتكىلى ئىككى كۈن بولدى. بۇ ئىككى كۈن ئارسلانغا ئىككى يىلدەك بىلىندى. خىزمەتكارغا ئېتىنى تەييارلاشنى بۇيرىدى. ئۇ ئېتىنى مىنگىنىچە شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئورمانلىق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

توغرۇل كېچىدىن ئۇنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر بىلەن مەسلىھەتنى بىر يەرگە ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن بۈگۈن سەھەردە سەركەردىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوردىغا كىرىپ كەلدى. ئابدۇراھمان باشقا ۋەزىرلەر بىلەن بۇ يىل قورغاقچىلىق بولۇپ ئاشلىقتىن كۆپ ھوسۇل ئالالمىغاچقا ئاشلىق مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتقان ئىدى. توغرۇلنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەممە جىمجىت بولۇپ قالدى.

ــ قېنى پارىڭىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار! يا مەن ئاڭلىمايدىغان ئىشلارمۇ بۇ؟!،ــ دېدى توغرۇل تەنە ئارىلاش.

ياق، شاھزادە سىزمۇ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.،ــ توغرۇلنىڭ قىياپىتىدىن بىرەر سۈيقەسىت باردەكلا سەزگەن ئابدۇراھمان ئورنىدىن سەل مىدىرلاپ قويدى.

ــ ئابدۇراھمان تاغا، مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ ئورۇننى بوشىتىپ ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋاقتىڭىز كېلىپ قالدىغۇ دەيمەن؟ سىز بۇ ئورۇندا خېلى ئولتۇرۇۋالدىڭىز بۇ ئورۇندا خاننىڭ جىيەنى بولغان مەن ئولتۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق.،ــ توغرۇل تەخىتنىڭ يېنىغا كەلدى.

ــ توغرۇل، ئايچىۋەر كېتىدىغان ۋاقىتتا ئەلنى ئارسلان بىلەن ماڭا تاپشۇرغان. ئايچىۋەرنىڭ پەرمانىغا خلاپلىق قىلىشقا كىمنىڭ ھەددى؟،ــ ئابدۇراھمان ئاچچىقىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ــ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ تاغا، نىران خانلىقىغا يات يەردىن ئەكىلىۋالغان بىر يېتىمەك بىلەن سىز ۋارىسلىق قىلامسىز؟ نېمە دېگەن كۈلكىلىك،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.

ــ بولدى بەس، ئەمدى يېتەر! مېنىڭ سەۋرى قاچامنىڭمۇ چېكى بار. ھۆرمەت شارابىنى ئىچمىسىڭىز جازا شارابىنى ئىچىپ قالىسىز.

توغرۇل شەمشىرىنى چىقىرىپلا ئابدۇراھماننىڭ بوينىغا شەمشەر ئۇردى. ئابدۇراھماننىڭ بوينى شەمشەرنىڭ زەربىدىن ئۇزۈلۈپ يەرگە دومىلاپ كەتتى. بۇ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ۋەزىرلەر ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ قوزغىلىۋېدى.

ــ يەنە كىمنىڭ مېنىڭ تەخىتتە ئولتۇرۇشۇمغا پىكىرى بار؟،ــ توغرۇل شەمشىرىنى ھەممىگە تەڭلەپ تۇرۇپ ھەيۋە قىلدى.

ۋەزىرلەر بېشىنى تۆەۋن سېلىپ جىم تۇرۇشتى. توغرۇل ئابدۇراھماننىڭ باشسىز جان تالىشىۋاتقان جەسىتىگە بىر قاراپ قويۇپ تەخىتكە چىقىپ ئولتۇردى. ئوردا ئەھلى ئۇنىڭ تەخىتتە ئولتۇرغانلىقىنى مۇبارەكلەشتى.

ــ بۈگۈنكى قۇبۇل مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. قايتساڭلار بولىدۇ.،ــ دېدى توغرۇل مەغرۇر كۈلۈپ.

ۋەزىرلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن توغرۇل ئابباسنى چاقىردى:

ــ سەن ياراملىق ئەزىمەتلىرىڭنى باشلاپ بېرىپ ئارسلان دېگەن يېتىم ئوغلاقنى تۇتۇپ كەل! ماڭا تەھدىت بولىدىغان شۇ بىرلا ئادەم قالدى.

ئابباس سەت ھىجايغىنىچە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى. توغرۇل ئوردىغا سەپ-سېلىپ قارىغىنىچە قاقاھلاپ كۈلدى. تەخىمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئابباس ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا قايىتىپ كەلدى.

ــ بىز ئارسلاننىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدۇق. ئۇ ئۆيىدە يوقكەن. خىزمەتكارىدىن سورىساق سەھەردىلا ئېتىغا مىنىپ چىقىپ كەتكەن دەيدۇ،ــ ئابباس توغرۇلغا قورقۇمسىراپ قارىدى.

ــ بۇ يېتىمەك نەگە كەتكەندۇ؟ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپ بولسىمۇ ئۇنى تېپىڭلار! يەنە بىر ئىش «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرگە ئېيت! ئايچىۋەرنى بۈگۈنلا كۆزدىن يوق قىلسۇن. قايسى كۈنى ئۇنىڭ كەينىگە ئادەم سېلىپ قوي دېسەم يېرىم يولغا بارمايلا ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ قويۇپتۇ. بۇ قىز چوقۇم ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. ئوسمانغا دېگىن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئورماننى قويماي ئاختۇرسۇن. ئايچىۋەرنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار!

ئابباس چىقىپ كەتتى. ئۇ توغرۇلنىڭ يېنىدىن چىقىپ ئوسماننىڭ يېنىغا ماڭدى. ئوسمان ھويلىسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. ئابباسنى كۆرۈپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئابباس كەلسە ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

ــ بۈگۈن ساڭا ئالاھىدە ۋەزىپە بار. بۇ ئىشنى ياخشى ئورۇندىيالىساڭ. ئەينى يىلدىكى ئوردا ئىچىدىكى ئىشلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمىز.

ــ نېمە ئىش؟،ــ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھوقۇقنىڭ ئۆز قولىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئوسماننىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.

ــ ئايچىۋەر ئوردىدىن ئايرىلغان كۈنى كەينىگە ئادەم سېلىپ ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئورنىنى بىلىۋال! دېسەم كۆزدىن يوقىتىپ قويۇپسەن. بۇ قىز ئورمانلىقنىڭ بىرەر يېرىدە بار. ئادەملىرىڭنى ئەۋەتىپ ئۇنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرىۋەت! بۇ ئىش بۈگۈندىن قالمىسۇن.،ــ ئابباس قولىنى شىلتقىنىچە چىقىپ كەتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش