نىران خانىدانلىقى(25)

تارىخ سەپىرىدە 2012-04-06 04:18 1,137 1

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(25)

ئوسمان ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىنى يىغدى.

ــ بۈگۈن ھەممىڭلارغا ۋەزىپە بار. سىلەر ئورمانلىققا بېرىپ ئىككە تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئەركىن بىلەن ئايچىۋەرنى تېپىڭلار! ئۇ ئىككىسنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئەركىن ھەرگىز ھايات قالمىسۇن ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى چوقۇم كۆرىشىم كېرەك.،ــ ئوسماننىڭ قىسىق كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى.

ئوسماننىڭ ئادەملىرى ئورمانلىقنى خېلىلا ئىنچىكىلىك بىلەن ئاختۇرغان بولسىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بۇلار داۋاملىق ئىزدەشكە باشلىدى.

تاڭ ئاتقانلىقىنى بىلگەن ئەركىن كۆزىنى تەستە ئاچتى. ئەركىننڭ قارشى تەرىپىدە ياغاچ ئۆينىڭ سول تەرىپىدىكى تامغا يېقىن قويۇلغان كارىۋاتتا ئايچىۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. كارىۋاتتىن غىچىرلىغان ئاۋاز چىقىپ ئايچىۋەرنى ئويغىتىۋېتىپ سالماسلىق ئۈچۈن ئەركىن كارۋىتىدىن ئاۋايلاپ چۈشتى. ئايىغىنى كىيىپ ئايچىۋەرنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلدى.ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، غەملەرنى ئۇنتۇغان ئايچىۋەر بىر قولىنى ئەدىيالدىن چىقىرىپ شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئەركىن ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىغا بىردەم قاراپ تۇرۇۋېتىپ ئۇنىڭ قولىنى ئىچىگە تىقىپ ئەدىيالنى ئوڭشاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. سىرتقا چىقىپ ئېتىنى تەييارلاپ دورا يىغىش ئۈچۈن ئورمانلىقنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە ماڭدى. ئۇ قايسى كۈنى كۆرۈپ قويغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر بار يەرگە كېلىپ ئاتتىن چۈشتى. ئېتىنى دەرەخكە باغلاپ ئاتنىڭ بوينىغا بايا يەم توشقۇزۇپ ئېلىۋالغان خالتىنى ئېسىپ قويۇپ دورا يىغىشقا باشلىدى. بىرەر سائەتتىن كېيىن دورىلارنى تاغارلارغا قاچىلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز كەينىدىن شەپە كەلگەندەك قىلدى. ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قارىدى ھېچ نەرسە يوق. بەلكىم ئورمانلىقتىكى بىرەر ھايۋاندۇر دەپ ئويلاپ ئىشىنى قىلىۋەردى. ھېلىقى شەپە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى ئەركىن يېنىدىكى شەمشىرىنى سۇغارغىنىچە كەينىگە ئۆرۈلدى. كەينىگە ئۆرۈلۈپلا شىددەت بىلەن كەلگەن شەمشەرنى شەمشىرى بىلەن توسۇۋالدى. ھەمدە چاققانلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ناتۇنۇش بىر يىگىت ھە دەپ ئۇنىڭغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى. ئەركىن ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرغاچ كەينىگە چېكىندى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ماھارىتى بىر-بىرىدىن قېلىشمايتتى. بىردەم ئارسلان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە يەنە بىردەمدە ئەركىن ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇۋېتەتتى. بۇ ئىككىسى ئون مىنۇتچە ئېلىشتى. ئارسلان بىردىنلا توختاپ قالدى.

ــ كىمسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسەن؟ ،ــ ئەركىنمۇ كۆتۈرگەن شەمشىرىنى چۈشۈرۈپ.

ــ ئەركىن دېگەن سەنمۇ؟

ــ مېنى تونۇمسەن؟،ــ ئەركىن ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى.

ــ ئايچىۋەر گېپىڭنى قىلىپ بەرگەنىدى.

ــ سەن ئارسلانمۇ؟

ــ ھەئە مەن شۇ،ــ ئارسلان شەمشىرىنى غىلاپىغا سېلىپ.

ئايچىۋەرنى ئىزدەپ كەلگەنمىدىڭ؟ مەن سېنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي!،ــ ئەركىن ئېتىنى يېشىشقا تەمشەلدى.

ــ ياق، مەن سېنى ئىزدەپ كەلدىم. ئايچىۋەرنىڭ كىملىكىنى بىلىسەنغۇ دەيمەن؟

ــ بىلىمەن، ئۇ نىران خانلىقىنىڭ مەلىكىسى. ئۇنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمگە ئۇزۇن بولمىدى.

ــ ئايچىۋەرنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسەن؟،ــ ئارسلان ئەركىننىڭ كۆزىگە مىقتەك قادالدى.

ــ ياخشى كۆرىمەن. مەن ئايچىۋەرنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئايچىۋەرنى قۇتقۇزىۋالغان ۋاقتىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغانىدى. بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا ئاندىن ھەممە ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئايچىۋەر مەلىكە بولسۇن بولمىسۇن مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنى قوغدايمەن.،ــ ئەركىننىڭ سۆزلىرىدىن ئايچىۋەرنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

ــ ماڭا بىر ئىشقا ۋەدە بەرگىن بولامدۇ؟،ــ ئارسلان ئۆتۈنگەن قىياپەتتە سورىدى.

ــ نېمە ئىش؟

ــ ئايچىۋەرنى بۇ شەھەردىن يىراقلارغا ئېلىپ كەتكىن. ئۇنىڭ بۇ يەردە دۈشمەنلىرى بەك كۆپ. ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مەن سەندىن شۇنىلا ئۆتۈنىمەن.،ــ دېدى ئارسلان ئۆزىدىكى غەمكىنلىكنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.

ــ ماقۇل، مەن ۋەدە بېرەي. مەن ھەر ۋاقىت ئايچىۋەرنى قوغدايمەن.

ــ خەير، بەخىتلىك بولۇڭلار! بەخىت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!،ــ ئارسلان بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. ئەركىن ئارسلانغا نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى ئېغىزىنى مىدىرىتىپ بولۇپ توختاپ قالدى.ئەركىن ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ھازا قاراپ تۇردى. ئۇ بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلدى. ئېتىنى يېشىپ خالتىلارنى ئارتىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا بىر پارچە ئىنكاس بار ئىنكاس يېزىش