نىران خانىدانلىقى(26)

تارىخ سەپىرىدە 2012-04-18 19:22 1,152 1

نىران خانىدانلىقى

(تارىخى ھېكايە)

(26)

 ئايچىۋەر ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ تاماق قىلىپ ئەركىننى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى. يىراقتىن ئەركىننىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئايچىۋەر ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئەركىننىڭ خالتىلارنى چۈشۈرۈپ جايلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىپ ئۆيگە بىللە كىرىپ تاماققا ئولتۇردى.

ــ بۈگۈن ئورمانلىقتا كىمنى ئۇچراتتىم بىلەمسىز؟،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قىزىقسىندۇرۇپ سورىدى.

ــ كىمنى ئۇچراتتىڭىز؟،ــ ئايچىۋەر بۇ ئورمانلىقتا بىزدىن باشقا ئادەم بولمىسا يەنە كىمنى ئۇچراتماقچىدىڭىز دەپ مەنسىتمىگەن قىياپەتتە سورىدى.

ــ ئارسلان ئاكىڭىزنى ئۇچراتتىم.

 ئايچىۋەر چۆچۈپ قارىدى.

ــ ئارسلان ئاكامنى؟ ئۇ بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەپتۇ؟ سىزنى قانداق تېپىپتۇ؟

ــ سىز ئۇنىڭغا ئورمانلىقنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىپتىكەنسىزغۇ ئىزدەپ تېپىپ كەلگەندۇ.

ــ ئارسلان ئاكام  مەن بىلەن كۆرۈشمەي كېتىپتۇغۇ؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

ــ ئۇ مەندىن بىر ئىشنى ئۆتۈنگىلى كەپتىكەن. ئۇ سىزنى بۇ شەھەردىن ئېلىپ يىراقلارغا كەتكىن دەيدۇ. سىزگە بىرەر خەتەر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ سىزگە سالام دېيىشىمنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى.

ئايچىۋەر جىمىپلا كەتتى.

ــ ئارسلان سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن ھە؟! ئۇنىڭ سىزگە كۆيىنىشىدىنلا سىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە ئايچىۋەر سىزمۇ ئارسلاننىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىسىز.،ــ دېدى ئەركىن.

ــ بىلىمەن، بىراق، مەن ئارسلاننى ئۆز ئاكامدەك كۆرۈپ كەلدىم. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇ مېنى بەكلا قوغدايتتى. ئارسلان ئاكام يېنىمدا بولسا ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. گەرچە بىز قان-قېرىنداش بولمىساقمۇ ئەڭ يېقىن ئاكا-سىڭىللاردىن ئىدۇق. ئارسلان ئاكامنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم. خان ئاتاممۇ بۇنى سەزگەن ئىدى. شۇڭا خانلىقنى ئارسلان ئاكامغا تاپشۇرغان. لېكىن مەندە ئارسلان ئاكامغا نىسبەتەن ئاكىلىق مېھىردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.،ــ ئايچىۋەر بىر خىل بىئارام بولدى.

ــ چۈشەندىم، ئارسلاننىڭ سىزگە قىلغان ئەقىدىسىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. گەرچە ئارسلان خان ئەۋلادى بولمىسىمۇ ئۇ تەخىت ۋارىسى بولسا نىران خانلىقىنى ياخشى باشقۇرىدىغان ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان شاھ بولغىدەك.

ھەر ئىككەيلەن پاشا غىڭشىسىمۇ ئاڭلىغىدەك ھالدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى.

كېچە قاپقارا قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەركىننىڭ ياغاچ ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئۈچ-تۆت قارا سايە پەيدا بولدى. ھەممە نەرسىگە سەزگۈر ئەركىننڭ ئېتى ئادەمنىڭ شەپىسىنى سېزىپ قاتتىق كىشنىدى. ئېتىنىڭ كىشنىگە ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەركىن ئويغۇنۇپ كەتتى. سىرىتتكى ئاۋازغا قۇلاق سالدى. سىرىتتىن ئادەمنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەركىننىڭ كارىۋىتىدىن چۈشكىنىنى سەزگەن ئايچىۋەرمۇ ئويغىنىپ كەتتى. ئەركىندىن نېمە ئىش بولدى دەپ سوراي دېيىشىگە ئەركىن گەپ قىلماڭ! دەپ شەرەتلەپ قويدى. شەمشىرىنى غىلاپىدىن سۇغۇرۇپ ئىشىكنى ئاستا ئاچتى. ئايچىۋەرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ شەمشىرىنى ئالدى. ئەركىن ئىشىكنى ئېچىپ سىرىتقا چىقىشغا ئۈچ ئادەم ئۇنىڭغا تەڭ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. كېچە قاراڭغۇسىدا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تەگكەن شەمشەرلىدىن ئوتلار ياناتتى. بۇ ئادەملەر ئەركىننى قورشاپ ئۇنىڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. ئەركىن ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرغان شەمشەرلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئېلىشماقتا. ئەركىننىڭ ھەممىسىگە يېتىشەلمەي قالغىنىنى كۆرگەن ئايچىۋەر ئەركىننىڭ كەينىدىن شەمشەر ئۇرۇشقا تەمشەلگەن بىرىگە شەمشەر سالدى. ئەركىن باش تەرىپىگە زەربە بىلەن ئۇرۇلغان شەمشەرنى قايتۇرۇپ ئېگىلگىنىچە قارشى تەرەپكە شەمشەر سالدى. شەمشەر ئۇنىڭ قورسىقىنى كېسىۋەتتى. ھېلىقى ئادەم ۋاي! دېگىنىچە يىقىلدى. ھەمراھىنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرگەن يەنە بىرسىمۇ غەزەپ بىلەن ئەركىنگە ئېتىلدى. ئەركىن تېزلىك بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئوڭ يېنىغا ئۆتتىدە كەينى تەرەپتىن بوينىغا شەمشەر ئۇردى. قاتتىق ئۇرۇلغان شەمشەر ئۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئۈزىۋەتتى. ئايچىۋەر بىلەن ئېلىشىۋاتقان يەنە بىرسى ئىككى ھەمرايىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئورمانلىققا ئۆزىنى ئاتتى.

داۋامى بار…

جۇلالىق

بۇ يازمىدا بىر پارچە ئىنكاس بار ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2012-04-20 19:31

    تىنچلىقمۇ،
    ئەۋلات تورىنى ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم. ھەمكارلىشىپ تۇرايلى.