دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟!
(ھېكايە )
قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر كىچىك دۇكاندا تۆمۈرچىلىك قىلاتتى،بۇ ھۈنەر ئۇنىڭغا ئاتىسىدىن مىراس قالغان.
قادىر بۇ ھۈنىرى بىلەن ئاساسلىقى دېھقانلار ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى ياساپ ساتاتتى.
قادىرنى مۇشۇ مەھەللىدىكىلەر بولسۇن ياكى قوشنا مەھەللىدىكىلەر بولسۇن ھەممىسى ياقتۇراتتى.ئۇ كىچىك پېئىل، خۇشچاقچاق قولى كەڭ ئادەم بولۇپ ، بەزى نامراتراق دېھقاننىڭ بىرەر كەتمىنى ياكى ئارىسى دېگەندەك نەرسىلىرى سۇنۇپ كېتىپ ياساتقىلى ئەكەلسە شۇ زامان ياساپ بېرەتتى، دېھقان ھازىرچە يېنىمدا پۇل يوق ئىكەن، كېيىن بېرەي دېسىمۇ ياق دېمەيتتى.قادىر مۇشۇ تۆمۈرچىلىك ھۈنىرى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى بەك باياشات بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ياخشى ئىدى.
قادىرنىڭ ئايالى ئارزۇگۈل ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، باشقا يېزا ئاياللىرىدەك كۆيۈمچان ۋاپادار، رايىش ئايال ئىدى. قادىر قانداقلا ئىشقا بۇيرىسۇن ياق دېمەي ماڭاتتى.بۇلارنىڭ تۇرمۇشى مۇشۇ رىتىمدا ئۆتۈۋاتقاندا بۇ ئائىلىگە يەنە بىر خۇشاللىق قوشۇلدى.ئارزۇگۈل ھامىلىدار بولدى، ئاددىي-سادا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بۇ ئائىلىگە يېڭىچە بىر كەيپىيات قوشۇلدى.
قادىر ئارزۈگۈلنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇ دادا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ قادىرنىڭ تۇنجى بالىسى، دۇنياغا كۆز ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىدۇدە-!. قادىر خۇشال بولماي كىم خۇشال بولسۇن.
تۇرمۇش بىر ئىزىدا مېڭىۋەردى . ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل. مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئارزۈگۈلنىڭ تۇغۇتى يېقىنلاپ قالدى،ئارزۇگۈل تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغاچقا ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتاتتى.ئۇ ئاخىرى يەڭگىدى، ئانىسىنىڭ ئۆيىدە مەھەللىدىكى قولى يېنىك، نۇرغۇن ئاياللارنى تۇغدۇرۇپ تۇغۇت ئانىسى بولۇپ كەلگەن ياشانغان تۇغۇت ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ تۇنجى بالىسى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى.بالا قىز ئىدى، قارىماققا بۇ كىچىك ئوماق ئانىسىغا ئوخشايدىغاندەك قىلاتتى.ئارزۈگۈلنىڭ ئانىسى قادىرغا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن چوڭ قىزىنىڭ توققۇز ياشلارغا كىرگەن ئوغلىنى ئەۋەتتى.بالا قادىرنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇ دۇكىنىدا ئالدىراشلىق بىلەن تۆمۈر سوقۇۋاتاتتى.خەۋەرنى ئاڭلاپلا ھەممە ئىشىنى قويۇپ، دۇكىنىنى تاقاپ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىسىنىڭ يېنىغا ماڭدى.قادىر ئۆيگە كىرىپلا ئايالىغىمۇ قاراشقا ئۈلگۈرمەي بالىنى قولىغا ئالدى.
ــ مېنىڭ بالام، مېنىڭ بالام، دەپ ھاياجانلىنىپ كەتتى.
بالىسىنى ھەممەيلەنگە قارىتىپ تۇرۇپ: ــ قاراڭلار بالام ماڭا ئوخشامدىكەن؟ مېنىڭ بالام دۇنياغا كۆز ئاچتى، دەپ بالىسىنى قويماي كۆتۈرىۋالدى.
قادىر بالىسىنى قويۇپ، ئارزۇگۈلدىن ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن، قېيىن ئانىسى بىلەن بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن قايتىپ كەتتى.بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆيدە ئاددىيغىنا نەزىر ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ ئوماق قىزغا ‹رەنا› دەپ ئىسىم قويۇلدى. رەنا ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇۋاتاتتى،ئەمدى قادىر ئۆيىگە قايتىپ كەلسە ئۆي ئىچى جىمجىت تۇرمايتتى، قىزىنىڭ ئانىسىنى خاپا قىلىپ يىغلاشلىرى، ئانىسىنىڭ ئۇنى ئەركىلەتكەندىكى ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
رەنا خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ ئائىلىدە ئىككى ياشقا كىردى.
مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئائىلىگە كۆز تەگدى، مۇدھىش بىر قارا بوران ھەممىنى ۋەيران قىلدى.
بۇ مەھەللىگە قوشنا يېزىغا ئەرگە تېگىپ كەتكەن ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ ئىككىنچى قىزى گۈلسۈم يولدىشىدىن ئاجرىشىپ قايتىپ كەلدى. بۇرۇنمۇ گۈلسۈمنىڭ بۇ مەھەللىدە سەل شاللاقراق دەپ نامى بار ئىدى. گۈلسۈم يولدىشىدىن نېمە سەۋەبتىن ئاجرىشىپ كەتتى؟ بۇنىسى نامەلۇم. بىز يەنىلا ھېكايىمىزنىڭ باش پېرسوناژى قادىرنىڭ ھاياتىدىن ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەيلى.
بىر كۈنى گۈلسۈم ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ كەلدى. قادىر دۇكىنىدا تۈنۈگۈن يېرىمىنى سوقۇپ چالىسى قالغان كەتمەننى ئوتقا قويۇپ قىزىتىپ سوقۇۋاتاتتى. گۈلسۈم ئىككى چىشى سۇنۇپ كەتكەن بىر ئارىنى ياساتقىلى كەلگەن ئىدى.
ــ قادىركا، بۇنچە ئالدىراش نېمە ياساپ كەتتىڭىز ؟ دېدى دۇكانغا كىرىپلا.
قادىر قىلىۋاتقان ئىشىىدىن بېشىنى كۆتۈرمەي كەتمەن ياساۋاتىمەن دەپ جاۋاب بەردى. گۈلسۈمنىڭ قادىرنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقى بىلەن ھېچ كارى بولىدىغاندەك ئەمەس.
ــ ماۋۇ ئارىنى دادام تۈنۈگۈن بوغداي ئۈنچىلىرىنى ئۆرۈيمەن دەپ سۇندۇرۇۋېتىپتۇ ھازىرلا ياساپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ،ــ دېدى.
گۈلسۈمنىڭ قىلىۋاتقان گەپلىرىدىن بىر خىل ئەركىلەش، ناز قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
ــ بولىدۇ ئا يەرگە قويۇپ قويۇڭ، قولۇمدىكى ئىشلارنى تۈگىتىۋېتىپ ياساپ قوياي. ئەتە كېلىپ ئېلىپ كېتىڭ،ــ دېدى قادىر ئىشلىرىنى قىلغاچ.
ئەتىسى گۈلسۈم ئارىسىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدى. ئۇ قادىرنىڭ ئۆز ئىشىغا زوقمەنلىك بىلەن بېرىلگەنلىكىگە قادىرنىڭ ئېگىز بوي-بەستىگە بىردەم قاراپ تۇردىدە-! كۆڭلىدىن ئاللىقانداق خىياللار كەچتى. شۇنداق قىلىپ گۈلسۈم قادىرنىڭ بۇ كىچىك دۇكىنىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى. بىرەر نەرسە ياساتقىلى كەلمىسىمۇ، كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان قادىر گەپ قىلمىسىمۇ ھەممە يەرنىڭ گەپلىرىنى، مەھەللىدە قانداق يېڭىلىق ئىشلار بولغانلىقىدىن تارتىپ سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى.ئۇنىڭ ئېغىزى زادى بېسىقمايتتى. قادىرنىڭ گېپىنى ئاڭلاش-ئاڭلىماسلىقى بىلەن كارى يوق سۆزلەۋېرەتتى.يېزا دېگەندە كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ بىردەمدە ھەممە يەرگە پۇر كېتىدۇ. گۈلسۈمنىڭ قادىرنىڭ دۇكىنىغا دائىم بېرىۋالىدىغانلىقى ئارزۇگۈلنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتتى. بۈگۈن قادىر دۇكىنىدىن كەچرەك قايتقان ئىدى. قادىر ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئارزۈگۈلنىڭ چىرايى ئۆزگەردى.
ئەپتىدىن بۈگۈن قادىر بىلەن ئۇرۇشىدىغاندەك قىلىپ تۇراتتى.ئارزۇگۈل قادىرغا داستىخان سېلىپ، چاي دەملەپ نان ئەكىلىپ بېرىپ، قادىر چاي ئىچىپ بولغىچە ئۈندىمەي ئولتۇردى.قادىر چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ بىر تەرىپىگە يىغىپ قويۇلغان ياتاقنىڭ ئۈستىدىكى ياستۇقنى ئېلىپ يۆلىنىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى، ئارزۇگۈل گەپنى باشلىسا بولىدىغانلىقىنى پەملەپ سۆز ئاچتى.
ــ قادىر ئاڭلىسام يېقىندىن بۇيان دۇكانغا گۈلسۈم تولا بارىدىغان بولۇپ قاپتۇ بۇ راستمۇ؟!،ــ دەپ سورىدى.
قادىر ئىرەن قىلمايلا؛ــ ھەئە بىرەر نەرسىسى سۇنۇپ كەتسە ياساتقىلى ياكى مەندىن سايمانلارنى ئالغىلى كېلىدۇ.
ئارزۈگۈلنىڭ غۇچچىدە ئاچچىقى كەلدى.
ــ بۇ نايناق خوتۇننىڭ نەرسىلىرى كۈندە سۇنۇپ كېتەمدىكەن؟
ــ ئۇنىڭغا سىزنىڭ دۇكىنىڭىزدا كۈندە نېمە بار؟
قادىرنىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى.
ــ مەن دىگەن تۆمۈرچى دۇكانغا ھەممە ئادەم كېلىدۇ. بەزىلىرى سايمان ئالغىلى يەنە بەزىلىرى ياساتقىلى كېلىدۇ.
ــ سېنىڭ دەردىڭدە خەق دۇكانغا كېلىپ سايمان ئېلىپ ياساتمىسۇنمۇ؟ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلىشىۋالما!،ــ دەپ ئارزۇگۈلگە كايىدى.
ئارزۇگۈل جىمىپلا قالدى.
كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتىۋەردى.ئىككىسى گۈلسۈم توغرۇلۇق تولا ئازارلىشىپ قالىدىغان گېپى بىر يەردىن چىقمايدىغان بولىۋالدى.قادىر ئارزۇگۈل بىلەن تولا خاپا بولۇشۇپ قالغانسېرى ئۆيىدىن رايى يېنىپ قېلىۋاتاتتى.گۈلسۈمنىڭ قادىرنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ كېتىشى ئاۋۇدى. قادىرمۇ گۈلسۈمنىڭ دۇكىنىغا كۈندە كېلىپ نازلىنىپ تۇرۇپ قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بېرىشىلىرىگە كۆنۈپ قالدى.كونىلاردا ‹‹كۆنگەن يامانمۇ، كۆيگەنمۇ؟›› دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟! بۇ كۆنۈپ قېلىش ئاخىرى بېرىپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا ئۆزگەردى. بەزى كۈنلىرى گۈلسۈمنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ كەلمىسە بىرەر نەرسە كەمدەك ھېس قىلىپ قولى ئىشقا بارمايتتى.قادىر ئارزۇگۈل بىلەن تولا جېدەللىشىدىغان بولۇپ قالدى، جېدەلنىڭ بېشى يەنىلا شۇ گۈلسۈم ئىدى.بۇ ئىناق ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئارىسىغا بارغانسېرى سوغۇقچىلىق چۈشتى. كەچتە قادىر ئۆيگە قايتىپ كەلسە قورسىقى ئاچ بولسا تاماق يەيتتى بولمىسا ھېچقانداق گەپ سۆزمۇ قىلماي جىمجىت ئولتۇراتتى. ئۇنىڭغا ئارزۈگۈلنىڭ تولا كوتۇلداشلىرى ئارتۇقچە گەپلىرى خوش ياقمايتتى.قادىرنىڭ بۇرۇنقىدەك رەنانى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ئەركىلىتىشلىرى قانماي سۆيۈپ بېقىشلىرىمۇ ئاز قالغان ئىدى. بۇ ئائىلىدە بىر خىل جىمجىتلىق بىرسىنىڭ گەپ-سۆزى بىرسىگە ياقمايدىغان كەيپىيات شەكىللەندى.بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇنداق كېتىۋېرىپ ئاخىرى ئاجرىشىش گىردابىغا بېرىپ يەتتى.چۈنكى ئارزۇگۈل بۇنداق تۇرمۇشتىن زېرىككەن بىزار بولغانىدى. قادىر بىلەن ئارزۇگۈل ئاسانلا ئاجراشتى. بۇلاردا تالاشقىدەك ئارتۇق نەرسىمۇ يوق. پەقەتلا شۇ رەنا بار.
ئارزۇگۈل رەنانى قادىرغا بەرمەيمەن ئۆزۈم باقىمەن دەپ ئېلىپ كەتتى.قادىرمۇ رەنانى ئېلىپ قېلىشنى ئانچە خالاپ كەتمىدى.
قادىر ئارزۇگۈلدىن ئاجرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي گۈلسۈم بىلەن توي قىلدى. قادىر گۈلسۈم بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خۇي-پەيلىرى ئاشكارا بولغىلى تۇردى. ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك قادىرغا ئەركىلەپ ناز قىلىپ دەپ بېرىدىغان پاراڭلىرىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى.بۇ بىشەم خوتۇن قادىرنى رەنا بىلەنمۇ كۆرۈشۈشتىنمۇ چەكلەيتتى.قادىر رەنانى كۆرۈپ ئانچە-مۇنچە پۇل بېرىپ كەلگەن كۈنى بۇلارنىڭ ئۆيىدە قىيامەت-قايىم بولاتتىدەـ! قادىرغا بىر كېچە ئۇيقۇ يوق. قادىر قانداق قىلىدۇ بولغۇلۇق بوپ بولدى ئەمدى ھەر قانچە پۇشايمان قىلسىمۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ، قادىر ئەسلىگە ئەكىلەي دېگەن بىلەنمۇ گۈلسۈمدىن ئاجرىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئارزۈگۈلنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىگە ۋاپاسىزلىق قىلدى، رەنانى يېتىمچىلىكتە قويدى . قادىر گۈلسۈمنىڭ توسقانلىرىغا جېدەل قىلىشلىرىغا قارىماي ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ رەنانى كۆرۈپ كېلەتتى. مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلسۈم قادىرغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ھەممە ئۆزگەردى. قادىر ئەمدى رەنانى ئەمەس ئۆيىدىكى ئوغلىنى سېغىنىدىغان كۆرگۈسى ئەركىلەتكىسى كېلىدىغان بولدى. ‹‹كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق›› دەپ قادىرنىڭ قىزى رەناغا بولغان ئاتىلىق مۇھەببىتى بارغانسېرى سۇسلىشىپ كەتتى. ئۇ رەنانى بۇرۇنقىدەك ئايدا بىر ئەمەس ئىككى-ئۈچ ئايدىمۇ بىر بېرىپ يوقلاپ قويمايدىغان بولدى.ئۇ دۇكىنىدىكى ئىشلارنى بۇرۇنراق تۈگۈتۈپ ئۆيىگە بېرىپ ئوغلىنى كۆرۈشنى ئويلايتتى.ئوغلى ئىككى ياشقا كىرى . بۇ چاغدا رەنا 5 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئارزۇگۈل قادىردىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن تا ھازىرغىچە ياتلىق بولمىدى. ئۇنىڭغا ئەلچىلەر كەلمىدى ئەمەس كەلدى، بىراق ئارزۇگۈل تېخى چوڭ بولمىغان قىزىغا قاراپ كەلگەن ئەلچىلەرنى قايتۇرۇۋەتتى. بۈگۈنمۇ ئارزۈگۈلنىڭ يېنىغا قوشنىسى ھەمراخان ئانا كىرىپ كەلدى، ئارزۈگۈلنىڭ ئانىسى بىر ئىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتكەن. رەنا بولسا سىرتتا قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناۋاتاتتى. ئارزۇگۈل ھويلىسىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.
ــ ھە قىزىم مۇڭلىنىپ قاپسەنغۇ نېمە بولدى بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ھەمراخان ئانا كىرىپلا سورىدى.
ــ ياق، چوڭ ئانا ھېچ ئىش بولمىدى ئۆزۈمچىلا ئولتۇردۇم،ــ دېدى ئارزۇگۈل.
ھەمراخان ئانا ئارزۈگۈلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ــ قىزىم ساڭا دەيدىغان گەپ بار ئىدى.يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ نۇرغۇن ياخشى يەرلەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى قايتۇرىۋەتتىڭ، ئايالى كىشى دېگەن بىر ئەر كىشىنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ياشىمىسا بولمايدۇ. كونىلار ‹‹ئايال كىشى ئەردە ياخشى بولمىسا، يەردە ياخشى›› دەپتىكەن. ئايال كىشى دېگەن ئاجىز كېلىدىكەنمىز ئەر كىشى بىزگە يۆلەنچۈك بولمىسا بولمايدىكەن. رەنامۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى ئەمدى جاھىللىق قىلما قىزىم، ئايال كىشى دېگەن كەلگەن ئەلچىلەرنى بەك كۆپ قايتۇرىۋەتسىمۇ كېيىن ئولتۇرۇپ قالىدىغان ئىش چىقىپ قالىدۇ قىزىم، مەنمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن. سەن مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا چوڭ بولغان بىزنىڭ قولۇم-قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇۋاتقىنىمىزغىمۇ ئۇزاق بولدى، سەن مېنىڭ قىزىمدەك بۈگۈن ئولتۇرسام ساۋۇرنىڭ دادىسى راخمان ئاخۇن كەپتۇ. ساۋۇرنى بىلىسەنغۇ ھە!؟ مەھەللىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى بوز يەر قىلىپ ئاچقان يەرگە ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان. ئۇنىڭ ئايالى بۇلتۇر ناھىيە بازىرىغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى كىرگەندە ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇقۇپ تۈگەپ كەتكەن. راخمان ئاخۇن ئوغلۇم ساۋۇرنى ئەسلى ئايالى تۈگەپ كېتىپ بۇلتۇر كۈزدىلا ئۆيلەپ قويايلى دېسەم پەقەتلا ئۇنىمىدى، ئايالىم تۈگەپ كەتكىلى تېخى نەچچە ئاي بولغان تۇرسا بىرەر يىل بولسۇن ئاندىن بىر گەپ بولار دەپ تۇرۇۋالدى. ئەمدى ئەتىياز كىرىۋىدى، بۇ گەپنى چىقارسام ئاخىرى ماقۇل كەلدى. ھەم مەن سىلىنىڭ قوشنىلىرىنىڭ قىزى ئارزۈگۈلنىڭ گېپىنى قىلسام ئۇنىڭغىمۇ خېلى ياققاندەك، شۇڭا سىلى بىر كىرىپ ئارزۇگۈل ۋە ئۆيىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىپ باققان بولسىلا دەيدۇ. مېنى ساڭا ئەلچى قىلىپ كىرگۈزدى قىزىم، ئۆزۈڭ بىلىسەن ساۋۇرنىڭ بالىسى يوق. ئايالى تۇغماس بولغاچ بۇ بىچارە تېخىچە پەرزەنتلىك بولالمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھال-ئەھۋالىمۇ خېلى ياخشى جاپا تارتىپ قالمايسەن قىزىم، رەنانىمۇ ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ باقىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى ئاۋۋال ساڭا دەي دەپ كىرىشىم سېنىڭ ماقۇللۇقىڭنى ئالغاندىن كېيىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە دېمىسەم ئۆتكەندىكىدەك ئۆيۈڭدىكىلەر سېنىڭ ماقۇللىقىڭنى ئالماي باشقىلارغا بەرسە ئەل-جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى يەرگە قارىتىدىكەنسەن. قانداق قىزىم بۇ ئىشقا قوشۇلامسەن؟،ــ ھەمراخان ئانا ئارزۇگۈلنى ئامال بار ئېرىتىشكە تىرىشماقتا ئىدى.
ئارزۇگۈل بىردەم تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ بىردىن-بىر ئويلايدىغىنى رەنا ئىدى.توي قىلغاندىن كېيىن رەنانى شۇ ئۆيگە ئەكىرىپ باقالارمۇ؟ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غەملەر ئۇنى توي قىلىشتىن توسۇپ كەلگەن. ئايال كىشى ھامان توي قىلماي بولمايدۇ. ئۇ كۆڭلىدە ئۆزى بىلەن ئۆزى مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.
ــ ماقۇل چوڭ ئانا، مەنمۇ بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتەلەيمەن، رەناغىمۇ دادا بولۇپ ئىگە بولىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ. قادىر ئۇنى تاشلاپلىۋەتتى، بىز ئاجرىشىپ كەتكەن چاغلاردا رەنانى خېلى ئىزدەپ كېلەتتى. كېيىن پەقەت كەلمەيدىغان بولدى. ئاڭلىسام قادىرنىڭ بىر ئوغۇل بىر قىزى بوپتۇ. قادىر ئەمدى رەنانى ئىزدىمىگىدەك ھەم كېيىنكى ئىشلىرىغا ئىگە بولىشىدىن ئۈمۈدۈم ئۈزۈلدى. گۈلسۈم ئۇنى رەناغا قاراتقۇزمايدۇ.
مېنىڭ قوشۇلغانلىقىمنى ئانامغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ. باشقا ئىشلارنى ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ،ــ دېدى ئارزۇگۈل يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ.
ھەمراخان ئانا ئارزۇگۈلدىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قانداقراق ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سوراپ ھېلى كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى.چوڭلار مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ساۋۇر بىلەن ئارزۈگۈلنىڭ تويى ئاخىرى بولدى، بۇلارنىڭ تويى ئاددىيلا بەك ھەشەمەت قىلماي ئۆتكۈزۈلدى. ئارزۇگۈل توي كۈنى رەنانى ساۋۇرنىڭ ئۆيىگە بىللە ئېلىپ كېتىمەن مەن بىلەن بىرگە تۇرىدۇ ئۇنى شۇ ئۆيدە چوڭ قىلىمەن دېگەن ئىدى. ئارزۈگۈلنىڭ ئانىسى نىساخان ئانا رەنانى ئېلىپ كەتكىلى قويمىدى.
قىزىم ھازىرچە رەنا مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ تۇرسۇن، سەن يېڭى توي قىلدىڭ، توي قىلىپلا باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بالا كۆتۈرۈپ كىرسەڭ ياخشى بولمايدۇ. مەن ھازىر ساق پۇت-قولۇمنىڭ ماغدۇرى بار رەنانى باقالايمەن، ھەم سەندىن ياخشى باقىمەن رەنادىن ئەنسىرىمە. مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن رەناغا سىلەر ئىگە بولىسىلەر. ئۇنى سىلەر باقمىساڭلار بولمايدۇ رەنانى شۇ چاغدا ئېلىپ كېتىڭلار دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
ئارزۇگۈل ئانىسىنىڭ رايىغا بېقىپ رەنانى قويۇپ كەتتى.
ئارزۇگۈل ياتلىق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن رەنا نىساخان ئانىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدى.ئارزۇگۈل ئۆيىدىكىلەرنى يوقلاپ كەلگەچ رەنا بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردى .رەنا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇۋاتاتتى، رەنا يەتتە ياشقا كىردى. يەتتە ياشقا كىرىشىگىلا نىساخان ئانا ئۇنى مەكتەپكە بەردى.ئۇ مەكتەپتە خېلى ياخشى ئوقۇدى، رەنا باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىغا چىققان يىلى نىساخان ئانا قازا قىلىپ كەتتى. رەنا يەنە ئىگە- چاقىسىز قالدى. نىساخان ئانا قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئارزۇگۈل رەنانى ئېلىپ كەتمىدى. رەنا چوڭ ئۆيدە ئارزۈگۈلنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانىڭ قېشىدا قالدى. ئارزۇگۈل ساۋۇرغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن بىر قىز بىر ئوغۇل تۇغدى. بالىلىرىنى بېقىش، ئۆينىڭ ۋە ئېتىزنىڭ ئىشلىرى دېگەندەك پارچە-پۇرات ئىشلار ئارزۇگۈلنى ھالسىرىتىۋەتكەن ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئايال كىشى ئەمەسمۇ؟ ئايال كىشى ئاجىز كېلىدۇ، ئەر كىشىنىڭ ئۆيىگە باشقا بىر ئەردىن بولغان بالىنى ئەكىرمەك ئاسان ئەمەس. رەنا باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە ئاكىسى ئابدۇللانىڭ ئۆيىدە تۇردى. ئابدۇللا رەناغا بەك كۆيۈنۈپ كەتمەيتتى. رەنا بۇ ئۆيدە ئاچ-يالىڭاچ قالمايتتى. بۇلارنىڭ رەنانىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەن كارى يوق ئىدى. ئابدۇللانىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ،ئابدۇللا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا ئارتۇقچە كىرىمىمۇ يوق بۇ ئائىلىنى ئاران قامدىغاچقا،ئۇنىڭ دېھقانچىلىققا تايىنىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى ئوغۇللىرى ئائىلىسىگە ئاران يېتەتتى.رەنا چوڭ ئانىسىدىن قالغاندىن كېيىن قىسىلچىلىقتا قالدى. رەھمەتلىك نىساخان ئانا رەنانى يېمەي يېگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ رەنانى باققان ئىدى. رەنا ئانىسى بىلەن دادىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن بۇيان نىساخان ئانىنىڭ ئاسراپ بېقىشى ئاستىدا يېتىمچىلىكنىڭ دەردىنى تارتماي خۇشال-خۇرام چوڭ بولغان. مانا ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، ئاچ-يالىڭاچلىقنىڭ يېتىمچىلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتاتتى. قادىر رەنا 10 ياشقا كىرگىچە يىلدا بىرەر ئىككى قېتىم كېلىپ ئۇنى يوقلاپ پۇل بېرىپ كېلىپ كۆرۈشۈپ تۇردى، كېيىن پەقەت كەلمىدى.رەنا دادىسىنى كۆرمىگىلى ئىككى يىل بولدى.رەنا دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلىشتىن قورقاتتى دادىسىنىڭ بىشەم خوتۇنى گۈلسۈمنىڭ ئۇنى كۆرەرگە كۆزى يوق. رەنانىڭ دادىسى قادىر ھازىر ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ قاپتۇ. قايسى بىر كۈنى رەنا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى دادىسى قادىر ئۇچرىدى. قادىر بۇ مەھەللىگە دېھقانلارنىڭ بۇيرۇتقان سايمانلارنى ئەكىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن.ئۇ رەنانى كۆرۈپ گەپمۇ قىلمىدى، تونۇمايدىغان بىر ئادەمگە ئۇچرىغاندەك ئۈن-تۈنسىز گەپ قىلمايلا ئۆتۈپ كەتتى.
رەنا دادىسىنىڭ كەينىدىن قاراپ قېتىپلا قالدى. رەنا دادىسىنى يىراقتىن كۆرۈپ بەك خۇشال بولغان. ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقى نەلەرگىدۇر غايىب بولدى. رەنا باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزغا چىقتى. رەنا چوڭ بولدى. ئۇنىڭ كىيىم-كېچىكىگە كېتىدىغان پۇلمۇ كۆپەيدى، مەكتەپنىڭ ئوقۇش قۇراللىرىغىمۇ باشلانغۇچتىكىدىن كۆپ پۇل كېتەتتى.ئاكىسى ئابدۇللا مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىپ مەكتەپتە ئىشلىتىدىغان ئوقۇش قوراللىرىغا پۇل بېرىپ كەلدى. رەنا ئەمدى يەنە ئاكىسىغا پۇل دېيەلمەيتتى ئاكىسى ئۇنى ھېلىمۇ مۇشۇ كۈنگىچە بېقىپ جاپاسىنى تارتتى. قىشلىق تەتىل ۋاقتى توشۇپ مەكتەپنىڭ ئوقۇش قوراللىرىغا پۇل تاپشۇرىدىغان كۈنىدىكى ئىش ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە تۇرۇپتۇ.ئۇ كۈنى رەنا مەكتەپتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلگەن ئىدى، بالىلارنىڭ كىتابلىرى باش مەكتەپتىن تېخىچە كەلمىگەچكە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ئوقۇش باشلىمىغان ئىدى شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى ئەتە كىتاب پۇلىنى تولۇق ئەكىلىشنى جېكىلەپ قويۇۋەتتى.ئۆيگە قايتىپ كەلسە ئاكىسى ۋە يەڭگىسى بار ئىكەن، رەنا تارتىنىپقىنا ئاكىسىغا:
ــ ئاكا مۇئەللىم ئەتە كىتابنىڭ پۇلىنى تولۇق ئەكىلىڭلار دەيدۇ،ــ يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ.
رەناننىڭ سۆزى تىگىمەي تۇرۇپلا ئابدۇللانىڭ خوتۇنىنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپلا كەتتى.
ــ يەنە نېمە پۇل؟ سىزمۇ بىزلەرنى ئويلاپ قويۇڭ، ئاكىڭىز ما ئۆيدىكى تۆت جاننى باقمىسا بولمايدۇ ھېلىمۇ شۇنچە يىلدىن بۇيان سىزنىڭ ھەممە خىراجىتىڭىزنى ئاكىڭىز قىلىپ بېرىپ كەلدى، دادىڭىزنىڭ سىز بىلەن كارى يوق سىز يەنە پۇل دەيسىزغۇ؟ بېرىپ ئاۋۇ يۈزسىز دادىڭىزنى ئىزدەڭ ھەجەپ يۈزى قېلىن ئادەمكەن ئۇ، شۇنچە يىلدىن بېرى سىزنى ئىزدەپمۇ قويمىدى. ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالايمۇ دېمەيدۇ،ــ دەپ چالۋاقاپ كەتتى.
ئۇ يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن رەنانىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى . رەنا قېتىپلا قالدى.
ــ بولدى ئېغىزىڭنى يۇمساڭ بولمامدۇ؟ سېنى بىرسى گاچا دېمىگەندىكىن،ــ دەپ ئابدۇللا ئۇنى توختىتىۋالمىغان بولسا ئۇ يەنە قانچىلىك ئەۋزەيلەيتتىكىن تاڭ!
ئاشۇ ئىشتىن كېيىن رەنا بىر خىل جىمغور خىيالچان بولۇپ قالدى.يەڭگىسىنىڭ دېگىنى راستقۇ ئۇنى دادىسى تاشلىۋەتتى، ئىزدەپمۇ قويمايدۇ. قايسى كۈنى كوچىدا ئۇچرىشىپ قالسىمۇ قارىماي كەتتى. ئەمدى رەنا قانداق قىلىشى كېرەك ؟ ئاكىسىغا پۇل دېيەلمەيدۇ ئۇنىڭ پۇل دېيىشكە يۈزى چىدىمايدۇ.دادىسىنى ئىزدەپ بارمىسا بولمىغىدەك، رەنا مۇشۇ خىياللار بىلەن دادىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭدى. دادىسىنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە بىردەم قاراپ تۇردى. دادىسىنىڭ ئۆيىگە بارسا دادىسى ئۇنىڭغا قارارمۇ؟ يەنە ھېلىقى دادىسىنىڭ ئېغىزى يامان بىشەم ئايالى ئۇنى ئۆيگە كىرگۈزەرمۇ؟ مۇشۇ ئويلار بىلەن رەنا توختاپ قالدى. رەنا يەنىلا دادىسىنىڭ ئانىسى خەدىچە ئانىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۆينىڭ ئالدىدا چوڭ ئانىسى خەدىچە بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىكەن، رەنانى كۆرۈپلا قىلىۋاتقان ئىشنى تاشلاپ؛
ــ ۋاي جېنىم بالام سېنى قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى،ــ دەپ رەنانى قۇچاقلاپ پىشانىلىرىدىن سۆيۈپ كەتتى. ــ ئۆيگە كىرە بالام ، سەن بۇ ئۆيگە كەلمىگىلى نى زامان بۈگۈن ھەر نېمە بولسا كەپسەن يېنىمدا بىر كېچە قونۇپ كەتكىن،ــ دەپ رەنانى ئۆيگە ئەكىردى.ئۆيدە رەنانىڭ دادىسىنىڭ ئاكىسىمۇ بار ئىكەن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى رەنادىن ئەھۋال سوراپ تۇرۇشىغا قادىر كىرىپ كەلدى، ئۇ كىرىپلا رەنانى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىدە-!
ــ ئانا سېنى يوقلاپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ كىرگەنىدىم مەن قايتاي،ــ دەپلا كەينىگە ياندى. ئۆيدىكىلەر رەنانىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ ئولتۇرۇپ ماڭ دېسىمۇ ئۇنىماي چىقىپ كەتتى.
رەنا نېمە قىلىشنى بىلمەيلا قالدى. ئۇ دادىسىنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇشال بولغان دادىسىنىڭ ئۇنى كۆرۈپ چىقىپ كېتىشى خىيالىغىمۇ كەلمىگەنىدى. رەنا يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. بۇ جىمجىتلىقنى قادىرنىڭ ئاكىسى بۇزدى.
ــ بالام، ئولتۇر! سەن بىلەن كۆرۈشمىگىلى بەك ئۇزاق بوپتۇ ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن؟
رەنانىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك گەپ قىلالمىدى. ياخشى تۇرۇۋاتىمەن دەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى مەكتەپكە تۆلەيدىغان كىتابنىڭ پۇلىنى بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .
قادىرنىڭ ئاكىسى رەناغا پۇل بەردى.
ــ غەم قىلما بالام، ما پۇلنى ئال! بېرىپ ئوقۇش قوراللىرىڭنىڭ پۇلىنى تۆلە يەنە باشقا قىيىنچىلىقىڭ بولسا دېگىن بالام.
ــ ياق بولدى باشقا قىيىنچىلىقىم يوق كىتابنىڭ پۇلىنى تۆلىسەملا بولىدۇ،ــ دېدى رەنا.
رەنا چوڭ ئۆيدە بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن قايتىپ كەلدى.بۇ بىر يىللىق ئوقۇش ماتېرىياللىرىنىڭ پۇلىنى ۋە باشقا چىقىملىرىنى دادىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەر قىلىپ بەردى. قادىر يەنىلا پەرۋاسىز ئىدى. ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك رەنا ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەستەكلا يۈرۈۋاتاتتى. رەناغا دادىسىنىڭ پۇلى باشقا ھېچقانداق نەرسىسى كېرەك ئەمەس ئىدى. پەقەتلا ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى كېرەكتى رەنانى بالام دەپ باغرىغا بېسىشلىرىنى خالايىتتى، رەنانىڭ بۇ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك ئەمەس.
بۇ بىر يىل جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتتى. قىش كىرەي دېگەندە ئارزۇگۈل يولدىشى ساۋۇر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن رەنانى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. ئۇ رەنانى شۇنچە يىل تاشلاپ قويدى ئەمدى بولسىمۇ ئۇنى بېقىشى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك، مەيلى قانداقلا ئىش بولۇپ كەتسۇن ئارزۇگۈل رەنانى يېنىدا تۇرغۇزىدۇ.رەنا ئۆگەي دادىسى ساۋۇرنىڭ ئۆيىگە كەلدى، مانا مۇشۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئازراق بولسىمۇ بىر ئائىلىنىڭ مېھرى -مۇھەببىتىگە ئېرىشتى.ساۋۇر رەنانى ئۆز قىزىدەك كۆرەلمىسىمۇ ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆگەي دادىسى ساۋۇر ئۇكىلىرىنى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ئۇلارنى ئەركىلەتكىلى تۇرسا رەنانىڭ كۆڭلى بىر خىل يېرىم بولاتتى، كۆڭلىدە ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشەتتى. دادا سەنمۇ مېنى مۇشۇنداق ئەركىلىتىپ باقارسەنمۇ؟ دادا مېنى قاچان بالام دەيسەن؟!
رەنا 15 ياشتا تولۇقسىزنى پۈتتۈردى. ئارزۇگۈل ئۇنى بۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتۇشنى خالىمىدى. يېزىلاردا بالىلارنى باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. رەنا تولۇقسىزنىمۇ ئوقۇدى. ئۆيىدىكىلەر ئۇنى تولۇقسىزغىچە ئوقۇتتى ئەمدى ئوقۇتمايدۇ، يېزا بالىسى ھەر قانچە ئوقۇغان بىلەن كادىر بولالمايدۇ دەيدىغان ئىدىيە دېھقانلارغا سىڭىپ كەتكەن.رەنانىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ مۇشۇ ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە ئۇنى ئوقۇتمىدى.ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ يۈردى. رەنا ئون سەككىزگە كىردى. ئارزۈگۈلنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلەر كېلىشكە باشلىدى. ئارزۇگۈل رەنانى مۇشۇ مەھەللىدىكى بىرسىنىڭ كوچا ئاپتوبۇسىنى ھەيدەيدىغان ئوغلىغا بەردى. قادىر رەنانىڭ تويى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنىلا كەلمىدى، رەنانىڭ تويىنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى ساۋۇر قىلىپ بەردى. ساۋۇر رەناغا ئامراق ئىدى. مانا رەنانىڭ توي كۈنى يېتىپ كەلدى، بۈگۈن ساۋۇرنىڭ ئۆيى توي خۇشاللىقىغا چۆمدى. ساۋۇرنىڭ ھويلىسىنىڭ بىر چېتىگە چوڭ قازانلار ئېسىلىپ تاماقلار ئېتىلىۋاتاتتى. رەنا ئولتۇرىدىغان ئۆيدىكى قىزلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى ھويلىنى بىر ئالغانىدى. رەنا تويىغا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى، مەھەللىدە يېقىن ئۆتكەن قىزلارنى چاقىردى.توي راسا قىزىۋاتاتتى، رەنانىڭ كۆزى بىر خىل ئىشىككە تىكىلەتتى. دوستلىرىنىڭ قىلغان سۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەي بېشى ئاغرىپ بىر خىل بولۇپ قالدى، ئۇ ھويلىدىن كىرىپ چىقىۋاتقانلار ئارىسىدىن دادىسىنى ئىزدەيتتى. بىراق دادىسى كېلىدىغاندەك ئەمەس. مانا چۈشمۇ بوپ قالدى، چۈشتىن كېيىن بولسا قىزنى كۆچۈرگۈچىلەر كېلىدۇ. قادىرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. رەنانىڭ كۆڭلى يېرىم غەمكىن ئولتۇردى. سائەت بىر بولاي دېگەندە قادىرنىڭ ئانىسى خەدىچە ئانا قادىرنىڭ ئاكىسى ئىككى كېلىنى بىللە كىرىپ كەلدى.ئۇلار ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكى چوڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن رەنا بار ئۆيگە كىردى.
ــ مۇبارەك بولسۇن بالام، ئاللا بەختىڭنى بەرسۇن،ــ دېدى رەنانىڭ چوڭ ئانىسى كىرىپلا ھەم دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. دۇئانى تۈگەتكەندىن كېيىن رەنانىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
ــ رەنا بالام ، ئەسلى داداڭمۇ تويۇڭغا كەلمەكچى ئىدى. ئۇنىڭ سىرتتا ئازراق ئىشلىرى چىقىپ قالغاچقا كېلەلمىدى بىز كەلدۇق تويۇڭنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز بالام،ــ دېدى.رەنانىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.
خەدىچە ئانىنىڭ كۆز ئالدىدىن تېخى بايىلا ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە، ئۆيدە قادىر ئۇنىڭ ئايالى گۈلسۈم ئولتۇراتتى، قادىرنىڭ ئاكىسى قادىرغا ئاچچىقلاپ بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتىدۇ.
ــ قارا سېنىمۇ ئادەم دېگىلى بولامدۇ ھە!؟ قىزىڭ توي قىلىۋاتسا تويىغا بېرىپ قاتنىشىپ كېلەيمۇ دىمەيسەنغۇ؟ يەنە بۇ يەردە بېزىرىپ ئولتۇرىسىنا سەن قانداق دادا؟سېنىمۇ ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟
ــ بىلەمسەن رەنانىڭ تويىنى ساۋۇر ئۆزى بىر قوللۇق قىلىپ بېرىپتۇ. ساۋۇر باشقىلارغا رەنا ئۆزۈمنىڭ قىزى بولمىسىمۇ ئۆز قىزىمدەك كۆرۈپ ئۇنىڭ تويىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەن چېغىمدا خىجىل بولۇپ كېتىۋاتىمەن. سەندە ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان دەيدىغان نەرسە يوقمۇ؟
قادىر بېشىنى ساڭگىلىتىپ جىملا ئولتۇراتتى.
گۈلسۈم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدى.
ــ ۋاييەي، ئاكا نىمانچىۋالا كايىپ كېتىسىز. ئۇ قىزنىڭ تويى بولسا بولمامدۇ ئۇنىڭ دادىسى ساۋۇر تويىنى بىر ئوبدان ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىپتۇ بىزلەرنىڭمۇ باقىدىغان باشقا بالىلىرىمىز بار قادىر ماۋۇ بالىلارنى باقمىسا بولمايدۇ. خەق گەپ قىلمىسا سىز نېمىگە بۇنچە ئاچچىقلاپ كېتىسىز.
ــ سىز ئايال كىشى بولغاندىكىن جىم ئولتۇرۇڭ، ئەرلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي. بىز ئاكا-ئۇكىلار سۆزلىشىۋاتىمىز ئەرلەر پاراڭلىشىۋاتقاندا گەپ قىستۇرۇشنى سىزگە كىم قويۇپتۇ،ــ دېدى قادىرنىڭ ئاكىسى ئاچچىقىنى باسالماي، گۈلسۈمنى جىمىقتۇرۇپ قويدى.
ــ سەندىن يەنە بىر سوراي رەنانىڭ تويىغا بارامسەن بارمامسەن؟
قادىر يەنىلا گەپ قىلمىدى. قادىرنىڭ ئاكىسىنىڭ ئەمدى سەۋر-تاقىتى توشقانىدى. ئىسىت سېنىڭ دادا بولۇپ قالغىنىڭغا دەپ ئاچچىقلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ــ ئانا ياندىكى ئۆيگە چىقايلى بۇ يەرگە ياشلار يىغىلىۋاپتۇ،ــ دېگەن ئاۋاز خەدىچە ئانىنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى.بۇ ئارزۈگۈلنىڭ ئاۋازى ئىدى.
ــ ماقۇل بالام دېدىدەـ! خەدىچە ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى.
يىگىت تەرەپمۇ ئاخىرى كەلدى، نىكاھ ئوقۇلۇپ، رەنانىڭ تويى بىر چىرايلىق ئۇزىدى.
رەنانىڭ يولدىشى كەمسۆز ئېغىر-بېسىق بالا ئىكەن. رەنا ئۆينىڭ ئىشلىرىنى رەتلىك ياخشى قىلسىلا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى.ئەتىگەندە ناشتا قىلىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتسە كەچتە پەيدا بولاتتى.قارىغاندا رەنانىڭ بەختى ئېچىلغاندەك قىلىدۇ، چوڭ بولۇپ شۇنچە ياشقا كەلگىچە بەخت كۆرمىگەن قىزنىڭ بەختى ئېچىلسۇن، كۈنلىرى خۇشال- خۇراملىق ئىچىدە ئۆتسۇن. ھەش-پەش دېگۈچە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. رەنامۇ ئىككى بالىغا ئانا بولۇپ قالدى. بۈگۈن رەنانىڭ يولدىشى ئاپتوبۇسىنى ھەيدىمىگەنىدى.
ــ بەكلا ھېرىپ قاپتىمەن. بۈگۈن دەم ئالاي،ــ دېدى. رەنا ئاشخانىدا تاماق قىلىۋاتاتتى. سىرتتىن چوڭ ئوغلى يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
ــ دادا، دادا ، قارا ما ئويۇنچۇق ماشىنامنىڭ چاقى بۇزۇلۇپ كەتتى،ــ دېگىنىچە ھويلىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرغان دادىسىنىڭ يېنىغا كەلدى.دادىنىڭ بالىغا مەسلىكى كېلىپ؛
ــ قەيەر بۇزۇلۇپ كەتتى ئاپئاق قوزام، ئەكىلە مەن كۆرۈپ باقاي،ــ دېگىنىچە بالىسىنى كۆتۈرۈپ باغرىغا باستى. ئاشخانىدا تاماق قىلىۋاتقان رەنا ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئامراقلىقىغا مەسلىكى كېلىپ، يولدىشىنىڭ بالىسىغا بولغان مېھرىدىن چەكسىز سۆيۈندى.
تۇرۇپلا رەنانىڭ ئېسىگە دادىسى قادىر كەلدىدە،ـ! ئاستا پىچىرلىدى.
دادا، مېنى قاچان بالام دەپ باغرىڭغا باسىسەن؟! دادا، مېنى قاچان بالام دەيسەن؟!…………………….
جۇلالىق
بۇ يازمىدا جەمئىي 9 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش
#1
ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دوستۇم!
جۇلالىق
06:39 2011-09-01
سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
#2
ئۇسلۇبلار بلوگى يىڭى ئىسىم يىڭى قەدەم بىلەن تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىمەكچى! ئۇسلۇبلار بلوگىنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىپ تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە تۈرتكە بولۇپ قوللاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! رەھمەت! تىخىمۇ نادىر ئۇسلۇبلار ئۇسلۇبلار بلوگىدا مەيدانغا كەلگۈسى!
تۇغ ئادرىسى: http://www.alxat.net/uslub/logo.gif
ئۇلىنىش ئادرىسى: http://uslublar.tk
جۇلالىق
06:42 2011-09-01
ئۇسلۇبلار بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!
ئۇسلۇبلار بلوگى ئۇلىنىش قىلىندى. جۇلالىق بلوگىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالغايسىز.
#3
تىنچلىقمۇ، ھەدە، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بۇ ھېكايىڭىزنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقتىم. ئەمما بۇ ۋەقەلىكتە بىر نۇقتا بەك ئىنىقسىز قېلىپ قالدىمۇ قانداق؟ قادىرنىڭ ئۆز قىزىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، مەيلى خۇيى ئۇسال بولسۇن، ياكى باشقا نېمىدىن ئەنسىرىگەن بولسۇن، ئازدۇر-كۆپتۇر يۇرۇتۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن. ناۋادا مەن ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن بولسام تەلىم بەرگەيسىز
جۇلالىق
02:24 2011-12-11
تىنچلىقمۇ، ئىنىم. مېنىڭ ئەھۋالىم ياخشى، ئۆزىڭىزنىڭچۇ؟ ئوقۇشىڭىز قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟
مەن سىز دېگەن بۇ نۇقتىغا تازا دىققەت قىلماي قاپتىمەن. مۇشۇ تەرىپى سەل ئېنىقسىز بولۇپ قاپتۇ. نۇرقۇت ئىنىمنىڭ كەمچىللىكلەرنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدىن خۇرسەنمەن.
نۇرقۇت
05:18 2011-12-11
ھەممە ئىشلار جايىدا ھەدە. ئۇزۇن بوپتىكەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇمىغىلى. بۇرۇن قاشتېشىدىكى چاغلاردا ئەدەبىي ئەسەرلەنى بەك جىق ئوقۇيتتۇم، كىيىن ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر بېلەن ياتلىشىپ كېتىپتىمەن. ھازىر يەنە ئاندا-ساندا ئوقۇپ تۇرىمەن. سىزنىڭ بلوگىڭىزنىمۇ دائىملا يوقلاپ تۇرىۋاتىمەن. ھاھااھ … ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ
جۇلالىق
04:22 2011-12-13
شۇ ئالدىراش ۋاقىتىڭىزنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئان-مۇنچە ئوقۇپ قويۇڭ. شۇ ئەسەرنى ئوقۇغاچ سىزمۇ ئازراق ئارام ئېلىۋالىسىز.
ھەدىسىنىڭ بلوگىنى ئىنىسى يوقلىمىسا بولماس؟ بلوگىڭىزنى يوقلاپ تۇرىمەن دەيدا قاراپ تۇرۇپ؟ خەپ! (خاپا بولغان چىراي ئىپادىسى)
مەنمۇ ئىنىمنىڭ بلوگىنى پات-پات يوقلاپ تۇرىمەنغۇ(چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ئىنىم، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!
#4
ھاھاھا شۇ شۇ! شۇڭا دائىم كىلىپ تۇرىمەن ئەمەسمۇ