نىران خانىدانلىقى(5)

تارىخ سەپىرىدە 2011-08-12 09:15 1,169 2

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(5)

ئارسلان بۇ تاشنى ھەر ۋاقىت يېنىدىن ئايرىماي يۈردى. ئۇ بۇ تاشنى بارلىق بىساتىغا تەڭ قىلمايتتى. ئارسلان ئوردىغا كېتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن مومىسى قازا قىلىپ كەتتى. ئارسلان ھېچقانداق قېرىنداشلىرى يوق يالغۇز قالدى.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئارسلان يىگىرمە تۆت ياشقا ئايچىۋەر يىگىرمە ياشقا كىردى. ھەر ئىككىلىسى سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن كىچىك بالىلاردىن قۇرامىغا يەتكەن قىز-يىگىتكە ئايلاندى. ئايچىۋەر قىز بالا بولغاچقا ئەلەم ماھارىتىنى ئۈگۈنۈشكە بەك بېرىلمەي بىلىم ئېلىشقا بەكرەك ئىنتىلدى. ئايچىۋەر ئەلەم ماھارىتىدە ئارسلان بىلەن توغرۇلغا تەڭلىشەلمىسىمۇ قەلەمدە ھەر ئىككىلىسىنى بېسىپ چۈشەتتى. توغرۇل بىلەن ئارسلان ئەلەم ماھارىتىدە تەڭلىشىپ قالاتتى. بەزى ھۇجۇملارنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە توغرۇل رەھىمسىزلىك بىلەن قارشى تەرەپنى ئاياپ قويمايتتى. ئارسلان بولسا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ زىيان تارتىپمۇ قالاتتى.
توغرۇل بىلەن ئارسلان ئىككىسىنىڭ كۆڭلىدە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ ياراملىق يىگىتلەردىن بولۇپ چىققانلىقىنى كۆرگەن ھۈسەيىن خان ھەر ئىككىلىسىنى لايىقىدا ھەربىي قوشۇندا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. توغرۇل شاھزادە بولغاچقا ھەمدە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە قوللۇغۇچىلىرى خېلى كۆپ بولغاچ ھۈسەيىن خان بەزى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. ئارسلان بولسا خاننى ۋە ئوردىنى قوغدايدىغان قوشۇنغا مەسئۇل سانغۇن بولۇپ تەيىنلەندى. ھۈسەيىن خان توغرۇلدىن سەل ئەنسىرەيتتى. توغرۇل كىچىكىدىن تارتىپ سەل قارا نىيەت، خۇشامەتچى، ئادەم بولۇپ قالدى. يېقىندىن بۇيان ھۈسەيىن خاننىڭ پايلاقچىلىرى شۇم خەۋەرلەرنى تولا يەتكۈزىدىغان بوپ قالدى. توغرۇل ھە دەپ ئەتراپىغا ئادەم توپلاۋاتاتتى. ھۈسەيىن خان توغرۇلنى كىچىكىدىن تارتىپ بەكلا كۈزىتەتتى. چۈنكى ھۈسەيىن خاننىڭ ئايچىۋەردىن باشقا بالىسى يوق. مەرھۇم خانىش ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن بۇيان ئۆيلىنىشكە رايى بارمىدى. ھۈسەيىن خانمۇ ياشىنىپ قالدى تەخىتنى ھامان بىرسىگە تاپشۇرىدىغان گەپ. توغرۇلنى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ پۈتۈن ئوردىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. ئايچىۋەر قىز بالا نىران خانىدانلىقىدا ئەزەلدىن قىزلار شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ئەلنى باشقۇرمىغان. ئەگەردە مۇشۇ تەرىپى بولمىسا ئىدى ھۈسەيىن خان ئاللىقاچان ئايچىۋەرنى تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلىپ بولاتتى. ئايچىۋەرگە شاھلىق تەختىنى تاپشۇرسا ھۈسەيىن خانمۇ خاتىرجەم بولاتتى. ئايچىۋەر نېمىلا دېگەن بىلەن قىز بالا نۇرغۇن ئىشلاردا ئەلنى باشقۇرۇشتا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. مۇشۇنداق خىياللار يېقىندىن بۇيان ھۈسەيىن خاننى بىئارام قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
ھۈسەيىن خان توغرۇلدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈنلەردە غەمنىڭ ئۈستىگە غەم قوشۇلدى.
نىران خانىدانلىقىنىڭ چىگرىسىدىكى بىر شەھەرگە قوشنا دۆلەتتىكى ئابدۇللاخاننىڭ ھۇجۇم قىلغانلىق خەۋرىنى ئايغاقچىلار يەتكۈزدى. شەھەردىكى لەشكەرلەر دۈشمەن بىلەن خېلى تىركەشكەن بولسىمۇ دۈشمەننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي شەھەر قولدىن كەتكەنىدى. ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بۇ شۇم خەۋەر ھۈسەيىن خاننى بىئارام قىلىۋەتتى. ھۈسەيىن خان بىلەن ئابدۇللا خان شۇنچە يىلدىن بېرى بىر-بىرىگە چېقىلماي ئىناق ئۆتۈپ كەلگەنىدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپنىڭ چىگىرىسىنى قوغدايدىغان لەشكەرلىرى ئاددىي ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالدى ئىككى تەرەپتىن خېلى كۆپ ئادەم ئۆلدى يارىلاندى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ سۈلھى تۈزۈشى بىلەن بۇ ئىش چىرايلىقچە بېسىققانىدى. لېكىن ئابدۇللاخان شۇندىن بېرى ھۈسەيىن خانغا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ زىمىنىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرىنى تۈزەپ تەييارلىق قىلىپ يۈرەتتى. ھۈسەيىن خانمۇ دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرىغا قارىتا تەييارلىقلارنى قىلىپ قويغان بولسىمۇ ئابدۇللا خاننىڭ بۇنداق تېز ھۇجۇم قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ھۈسەيىن خان ئۇرۇش قىلماي بۇ ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. بۇرۇندىن قوشۇن تارتىپ چىقسا قوشۇنغا ئۆزى باش بولۇپ چىقاتتى. بۇ قېتىممۇ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئۆزى باش بولۇپ قوشۇن تارتماقچى بولدى ئەسكەرلەرگە تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ يارلىق كۈتۈشكە بۇيرىدى.

داۋامى بار…
جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    ھونزادە 2011-08-16 21:32

    مەزكۇر تارىخىي ھىكايە ئۆز ئىجادىيىتىڭىز بۇلامدۇ؟ناھايتى ياخشى چىقىۋېتىپتۇ،يارايسىز!!

    جۇلالىق

    شۇنداق بۇ ھېكايە ئۆز ئىجادىيىتىم بولىدۇ. بلوگىمدىكى يازمىلارنىڭ ئاساسلىقى ئۆزۈمنىڭ يازمىلىرى، بەزى ئۆزۈمگە يارىغان يازمىلار كىتابلاردىنمۇ يوللاندى.