نىران خانىدانلىقى(4)

تارىخ سەپىرىدە 2011-08-04 09:31 1,129 0

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(4)

ئارسلان ئايچىۋەر بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلان ئاكا دەپ ئۇنى بىردەممۇ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئارسلان ئايچىۋەرنى ھەر ۋاقىت قوغدايتتى. توغرۇل بولسا ئارسلانغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بوپ كەتتى. ئايچىۋەر ئارسلانغا شۇنچە قىلغانسىرى ئۇنىڭ ئارسلانغا بولغان ئۆچمەنلىكى شۇنچىلىك كۈچىيەتتى. بۈگۈن توغرۇلنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ماختانچاقىلىق كېسىلى يەنە تۇتتى. دەرس ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشتا ئەتراپىغا تۆت-بەش بەگزادىلەرنى يىغىپ ئۇلار بىلەن چېلىشىپ بىر-بىرلەپ يىقىتىپ كۆرەڭلىمەكتە ئىدى. ئايچىۋەر بىلەن ئارسلان ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن يىرگىنىپ يىراقتا قاراپ تۇراتتى. توغرۇل ھەممە بەگزادىلەرنى يىڭىپ بولغاندىن كېيىن كۆرەڭلەپ كەتتى. نېرىدا تۇرغان ئارسىلاننى شەرەتلىدى. ئارسلان ئارقىسىغا يانغا قارىدى ھېچكىم يوق ئىدى. بۇ ماختانچاق شاھزادە ئۇنى چاقىرىۋاتاتتى. ئارسلان ئاستا كەلدى. نېمىلا بولمىسۇن ئۇ دېگەن شاھنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى ئوردىدىكى بىردىنبىر شاھزادە كەلگۈسى شاھلىقنىڭ تەخىت ۋارىسى ئىدى. ئوردىدىكى ئۇنىڭ تەڭتۈشلىرى توغرۇلدىن بەكلا قورقاتتى. ئارسلان توغرۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ قاراپ تۇردى. توغرۇل ئۇنىڭغا ئوبدان بىر قارىۋېتىپ :
ــ سەھرالىق يېتىمەك مەن بىلەن چېلىشىشقا پېتىنالامسەن؟،ــ دېدى.
بۇ ئىككىسىگە دىققەت قىلىپ تۇرغان ئايچىۋەر يۈگرەپ كەلدى.
ــ توغرۇل ئاكا نىمانداق سېسىق گەپ قىلىسەن؟ ھەممىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇغۇ؟،ــ دېدى توغرۇلغا ئالايغىنىچە.
ــ سەن ئارلاشما! بۇ ئارسلان ئىككىمىزنىڭ ئىشى قىز بالا بولغاندىكىن نېرى تۇر! ــ دېدى غەزەپ بىلەن.
ــ كېلە سەھرالىق، قورقتۇڭمۇ يا؟،ــ توغرۇل ھەددىدىن ئېشىۋاتاتتى.
ئارسلان ئۇنىڭ بىلەن سىناشماي قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىشقا باشلىدى. ئارسلان تازا ئىرەڭشىمەي تۇرغاندا توغرۇل ئۇنى يانپاشقا ئەپلا يىقىتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان خۇشامەتچى بەگزادىلەر توۋلىشىپ كەتتى. ئايچىۋەر بولسا تىتىلداپ تۇراتتى. ئەگەردە توغرۇل ئارسلاننى يېڭىۋالسا ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئارسلاننى بوزەك قىلاتتى.
ئىككىنچى قېتىم ئارسلان توغرۇلنى چىرماق سەپلا يىقىتىۋەتتى. ئۈچىنچى قېتىممۇ يەنىلا توغرۇل يېڭىلدى. ئىككىدە بىر بولۇپ ئارسلان يەڭگەن بولدى. توغرۇل ئىچىدە ئارسلاننى بىر نەرسىلەرنى دەپ تىللىغاچ كېتىپ قالدى. ئايچىۋەر خۇشاللىقىدا سەكرەپ كەتتى.
ــ يارايسەن ئاكا، ئەدىۋىنى ئوبدان بەردىڭ.،ــ ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا ھېچ نەرسە تەڭ كەلمەيتتى.
بۈگۈن ئايچىۋەر بىلەن ئارسلان دەرستىن بۇرۇنلا چۈشكەچكە ئارسلان ئايچىۋەرنى ئاتخانىغا باشلاپ ماڭدى. ئارسلان ئاتقا بەكلا ھەۋەس قىلاتتى بىكار ۋاقىت تاپسىلا ئاتلارغا يەم بېرىپ ئاتخانىدىن نېرى كەتمەيتتى. بۇلار تېزلا ئاتلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئارسلانغا ئۆگىنىپ قالغان ئاتلار ئۇنى كۆرۈپلا كىشنىشىپ كەتتى. ئارسلان بىردەم ئاتلار بىلەن ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئايچىۋەر بىلەن بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇردى.
ــ ئارسلان ئاكا، سىاڭا بېرىدىغان بىر نەرسەم بار ئىدى،ــ دېدى ئايچىۋەر پەس ئاۋاز بىلەن.
ــ ماڭا بېرىدىغان قانداق ئېسىل سوۋغا ئۇ؟،ــ ئارسلان ھەييارلىق قىلىپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
ئايچىۋەر ئۇزۇنچاق ياپىلاق قىزغۇچ بىر تاشنى چىقاردى .
ــ مۇشۇ شۇ، بۇ سوغامنى ياخشى ساقلاڭ! بۇ ئايچىۋەر سىڭلىڭىزنىڭ سىزگە يەنى ئارسلان ئاكىسىغا بەرگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغىسى،ــ دېدى ئايچىۋەر ئەتراپلارغا قارىغاچ.
ئارسلان ھېلىقى پارقىراق تاشنى قولىغا ئالدى بۇ تاشنىڭ بىر تەرىپىگە ئايچىۋەر دەپ ئويۇلغانىدى. يەنە بىر تەرىپىگە نىران خانىدانلىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھەممە چوڭ بىلىدىغان خانلىق شەمشىرىنىڭ شەكلى ئويۇلغان ئىكەن. نىران خانىدانلىقىنىڭ شاھلىق تۈزۈمىدە بۇ خانلىق شەمشەرنى پادىشاھ كىمگە تاپشۇرسا شۇ پادىشاھ بولاتتى.
ــ بولىدۇ سىڭلىم، بۇ سوغىڭىزنى چوقۇم ياخشى ساقلايمەن. جېنىم كەتسە كېتىدۇكى بۇ سوغىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويمايمەن.،ــ ئارسلان قەسەم بەرگەندەك ھەركەتلەرنى قىلىپ ئايچىۋەرنى كۈلدۈرىۋەتتى.
ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا ئىككىسى ئاستا قايتىشتى.

داۋامى بار…
جۇلالىق

تېخى ئىنكاس يېزىلمىدى ئىنكاس يېزىش