نىران خانىدانلىقى(3)

تارىخ سەپىرىدە 2011-07-14 10:11 1,231 6

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(3)

موماي داستىخاننى سېلىپ نانلارنى ئەكىلىپ تۇرۇشىغا سىرىتتىن پادىشاھنىڭ ئەتراپتىن كەنىت ئىزدەپ كەتكەن ئەسكەرلىرى يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلەن بۇ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىمۇ كەلگەنىدى. خاننى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھۈسەيىن خان ئورنىدىن تۇردى مومايغا رەھمەت ئېيىتقاچ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. لېكىن ئىشىك تۈۋىگە بېرىپلا تۇرۇپ قالدى. بۇرۇلۇپ ئارسلانغا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن جاسارەت، باھادىرلىق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.
ــ موما بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى؟،ــ دېدى ھۈسەيىن خان.
باياتىن بېرى بۇ كىشىنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالغان موماي بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە :
ــ شاھىم، قانداقلا گەپ بولسا ئېيتىۋەرسىلە كەمىنە ئاجىز مومايدىن ئۆتۈنمىسىلىمۇ بولىدۇ سىلى دىگەن ئەلنىڭ باشپاناھى ،ــ دېدى.
ــ ئەگەردە رۇخسەت قىلسىلىرى بۇ نەۋرىلىرىنى مەن ئەكەتسەم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ياراملىق ئەزىمەت بولۇپ يىتىشىپ چىقسا، كىتابنى شۇنچە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيدىكەن ھەم ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر خىل جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
موماي شۇئان ھۈسەيىن خاننىڭ ئالدىغا تىزلاندى.
ــ موما بۇ نېمە قىلغانلىرى؟،ــ ھۈسەيىن خان موماينى يۆلىدى.
ــ باشپاناھىم نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن خۇشاللىقىمدا تىللىرىممۇ كالۋالىشىپ قېلىۋاتىدۇ. رەھمەتلىك ئوغلۇم بىلەن كېلىنىم تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە يۆلەنچۈك بولۇپ ياشاپ كەلدۇق. مەن قېرىپ قالغاچقا ئۇنى ئوقۇتۇشقا قۇربىم يەتمىدى. بۇ بالام ئوقۇشقا شۇنداق ھەۋەس قىلىدۇ. بىراق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق.،ــ موماي ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.
ــ ئوغلۇم ئارسلان مەن بىلەن بىللە ئوردىغا كېتىشنى خالامسەن؟ ئۇ يەردە سەن بايا گېپىنى قىلغان كىتاب بار يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارمۇ بار. ئۆزۈڭ خالىغانچە ئوقۇيالايسەن. قىزىم ئايچىۋەر بىلەن بىللە سېنى ئۆز ئوغلۇم قاتارىدا تەربىيەلەيمەن.،ــ دېدى.
ئارسلان ئاستا مومىسىغا قارىدى مومىسى بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈۋاتاتتى.
ــ ماقۇل بىللە كېتەي، بىراق مومام يالغۇز قىينىلىپ قالارمۇ؟،ــ ئارسلان مومىسىدىن ئەنسىرىگەنىدى.
ــ خاتىرجەم بولغىن موماڭنى پات-پات يوقلاپ كېلىسەن. ھەمدە موماڭنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغانغا ئادەم ئورۇنلاشتۇرىمەن. شۇنداق قىلىپ ئارسلان جاپاكەش مومىسى بىلەن خوشلىشىپ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويغىلى ماڭدى. ئۇنى ھۈسەيىن خاننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرسى ئېتىغا مىندۈرىۋالدى. خېلى بىر يەرگە بارغىچە كەينىگە قاراپلا ئولتۇردى. غېرىبانە كەپىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا مومىسى ئۇنىڭغا قاراپلا تۇراتتى.
نەچچە كۈندىن كېيىن ھۈسەيىن خان ئوردىغا قايتتى. قايتىپ كېلىپلا ئارسلاننى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنى ئوردىنىڭ داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيىلىشىگە تاپشۇردى.ئۇ ئايچىۋەر توغرۇل ۋە ئوردىنىڭ ۋەزىرلىرىنىڭ بالىلىرى دەرس ئالىدىغان مەدرىسىدە ئوقۇشنى باشلىدى. ھۈسەيىن خان ئۇنىڭغا بەكلا چوڭ ئۈمىد باغلىغاچقا ئارسلانمۇ ئۆزى باتۇر بالا بولغاچقا ئوردىدىكى ئەلەمگە ماھىر مەشقاۋۇللارنى ئارسلان بىلەن ئايچىۋەر، توغرۇل ئۈچىنى بىللە ياراملىق چەۋەنداز قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشقا بۇيرىدى.

داۋامى بار…
جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 6 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    سالام 2011-07-22 11:36

    گۈلدەستىڭىزنى سېغىنىپ يەنە كەلدىم.
    بۇ دەستىڭىزنى قاچان تىزىپ بۇلارسىز ھە؟
    ئاخىرىغا قانداق رەڭدار دەستىلەر تىزىلار دەپ ئىچىم تىتىلداپ كېتىۋاتىدۇ…

    سىزمۇ بەزى ئادەملەردە ئاخىرى بار دەپ نەچچە ئايلاپ يۈتۈپ كەتمەي تېزرەك تېزىۋەتسىڭىز…

    قائىدىنى بۇزۇپ سالدىم، مېھمان بولغاندىكىن ساھىپخاننى ئالدىراتمىساق بۇلاتتى ئەمما مىنىڭ مۇشۇ كۆڭلۇم ئاخىرىغا بەك قىزىقىپ كەتكەچ سىزنى ئالدىرىتىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەن.

    جۇلالىق

    بولىدۇ، تېزراق پۈتتۈرگەيمەن.

  •   #2  

    سالام 2011-07-22 11:42

    سىزدىن سوراي دىگەن ئىدىم،
    ئىنكاس يازغان تورداشلارنىڭ بەزىلىرى باش سۆرەت چىقىرۋاپتۇ ئۇنى قانداق چىقارغىلى بۇلىدۇ، سىز تەستىقتىن ئۆتكىزەمسىز يا؟

    جۇلالىق

    http://www.tedbirkar.net/gravatar.html
    بۇ تېمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

  •   #3  

    روھچىن 2011-07-31 03:50

    ماتىما پەگادا يامان ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىيا.

    جۇلالىق

    يېقىندىن بېرى بەزى ئىشلار تۈپەيلى تېما يوللاشقا پۇرسەت بولمىدى، تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەمدى ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.