نىران خانىدانلىقى(2)

تارىخ سەپىرىدە 2011-06-23 07:06 1,221 3

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)

(2)

ھۈسەيىن خان ئۆينىڭ ئىچىگە ئالدى بىلەن كىردى. ئۇ ئۆيلەرگە سەپ-سېلىپ قارىدى. بار-يوقى ئىككى ئېغىز ئۆي ئىكەن. ئىچكىرىسىدىكى ئۆي نەرسە-كېرەكلەرنى قويىدىغان ھەم تاماق ئېتىدىغان ئۆي بولۇپ تاشقىرىدىكى ئۆيدە كونىلىقىدىن ئاجىز پۇتلىرى ئۆزىنى ئاران كۆتۈرۈپ تۇرغان كىچىك پاكار بىر ئۈستەل قويۇلغانىدى، ئۈستەلنىڭ يېنىدا چىراقنىڭ غۇۋا يۇرۇقىدا ئون بىر-ئون ئىككى ياشلاردا بار بىر ئوغۇل بالا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. ئۈستەلنىڭ يېنىغا پەسكە پاختا يىپتا توقۇلغان كىرلەشكەنلىكىدىن ئەسلى رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان توقۇما گىلەم سېلىغلىق ئىدى. ئۆي شۇنداق قالايمىقان بىر يەردە سۇ ئالىدىغان كوزا، بىر يەردە يىرتىلىپ پاختىلىرى چىقىپ قالغان يوتقان-كۆرپىلەر تۇراتتى.
ــ ئەزىز مېھمان يۇقىرى ئۆتسىلە،ــ دېگەن موماينىڭ سۆزى ھۈسەيىن خاننىڭ خىيالىنى بۇزىۋەتتى. موماي دەلدەڭشىپ بېرىپ ھېلىقى كونا يوتقان-كۆرپىلەر ئارىسىدىن سەل يېڭىراق بىر كۆرپىنى خاننىڭ ئولتۇرىشى ئۈچۈن سالدى.
ھۈسەيىن خان موماينىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئاستا ئولتۇردى. ئايچىۋەر بىلەن توغرۇل ھۈسەيىن خاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئىككىسى خاننىڭ ئىككى بېقىنىغا كىرىپ تۈگۈلۈپلاۋالدى. ئەزەلدىن ھەشەمەتلىك سارايلاردا كېچىسىمۇ كۈندۈزدەك يېنىپ چاقناپ تۇرىدىغان چىراقلار نۇرىدا چوڭ بولغان بۇ بالىلار چۆچەكلەردىكى سىرلىق ئۆڭكۈلەرگە كىرىپ قالغاندەك ئەتراپقا ھەيرانلىق ئىچىدە قارىماقتا ئىدى. قالغانلار ئىشىك سىرتىدا خاندىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. ھۈسەيىن خاننى كۆپىنچە كىشىلەر تونۇمايىتتى. مومايمۇ پادىشاھنى يىراقتىن مال سېتىش ئۈچۈن كەلگەن سودىگەر ياكى شەھەرلەرنى ئايلىنىپ تاماششا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بەگلەردىن دەپ ئويلاپ قالدى.
ــ كەمىنە بىر قېرى ئاجىزە موماي بولغاچقا بېگىمنىڭ ئالدىغا ئېسىل تائاملاردىن ئاچىقالمايدىغان بولدۇم، ئۆيۈمدىمۇ بار-يوقى ئۆز قولۇم بىلەن ياققان نان قاپتۇ. بېگىمنىڭ كۆڭلى تارتسا چاي قاينىتىپ بىللە ئەكىرسەم؟،ــ دېدى موماي.
ــ موما ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز كىرىپ سىلىنى بىئارام قىلىپ قويدۇق مېھمان ساھىبخانغا بوي سۇنىدۇ تارتىنماي ئۆيلىرىدە بارنى ئېلىپ چىقىۋەرسىلە،ــ دېدى ھۈسەيىن خان ھېلىقى ئوغۇل بالىغا قىزىققاندەك قارىغاچ.
بالا ناتۇنۇش كىشىلەردىن قورۇندىمۇ ئەيتاۋۇر قولىدىكى كىتاۋىنى ئاستا قويۇپ قويدى.
ــ بالام ئىسمىڭ نېمە؟ قانچىگە كىردىڭ؟،ــ سورىدى ھۈسەيىن خان.
ــ ئىسمىم ئارسلان بۇ يىل ئون بىرگە كىردىم.
ــ ئاتا-ئاناڭچۇ؟ بۇ ئۆيدە موماڭ ئىككىڭلار يالغۇز تۇرامسىلەر؟
ــ ئاتام مەن كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كېتىپتىكەن. ئانام بۇلتۇر تۈگەپ كەتتى. چوڭ ئانام بىلەن يالغۇز قالدۇق.
ــ تۇرمۇشۇڭلارنى قانداق قامدايسىلەر؟ نېمە كىتاب ئوقۇۋاتىسەن؟
ــ بىر مو يېرىمىز بار شۇنى تېرىپ جېنىمىزنى جان ئېتىۋاتىمىز. قالغىنىغا خۇدايىم بار رىسقىمىزنى بېرىۋاتىدۇ بالىنىڭ كۆزلىرىگە غىللىدە ياش كەلدى.
پادىشاھنىڭ كۆڭلى بىر خىل بۇزۇلدى. ئاستا بالا تەرەپكە سۈرۈلۈپ ھېلىقى كىتابنى قولىغا ئالدى. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ تۇراتتى. كىتاب شۇنچىۋالا كونا ئىدى. تاش قاپلىرى يىرتىلىپ ئىچىدىكى خەتلەرنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئوقۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سارغىيىپ كەتكەنىدى. بالىنىڭ بۇ كىتابنى بىرەر يەردىن تېپىۋېلىپ ئوقۇۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. شۇنچە نامرات بىر ئائىلە ئۆز تۇرمۇشنى قامدىيالمايۋاتقاندا كىتاب سېتىۋېلىشقا نەدە قۇربى يېتىدۇ.
ــ بالام، مەكتەپتە ئوقۇغانمىدىڭ؟ بۇ كىتابنى ياقتۇرامسەن؟،ــ سورىدى ھۈسەيىن خان.
ــ ھەئە، يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا ئانام كەنتىمىزدىكى بىر ئۇستازغا ئاپىرىپ بەرگەنىدى. شۇ ئۇستازدا ساۋادىمنى چىقارغانىدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئانام كېسەل بولۇپ يېتىپ قېلىپ ئۇ يەرگىمۇ بارالمىدىم. شۇندىن بېرى ئوقۇيالمىدىم. بۇ كىتابنىمۇ تېپىۋالغانىدىم. مۇشۇنى بولسىمۇ ئوقۇپ ئۆگۈنۈۋاتىمەن كېيىن چوڭ بولۇپ پۇل تاپسام نۇرغۇن كىتابلارنى ئېلىپ ئۆيۈمگە تىزىپ قويۇپ ئوقۇيمەن.بالا ئاخىرقى سۆزلىرىنى شۇنداق ئارزۇ قىلغان ھېسياتتا دېدى.
ھۈسەيىن خان گەپ قىلىشقا تەمشىلىپ بولغىچە موماي چاي بىلەن داستىخان كۆتۈرۈپ كىردى. بۇلار قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتكەندە موماي ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى لايدىن ياسىۋالغان ئوچىقىغا ئىستىن قاپقارا بوپ كەتكەن چەينىكىنى ئېسىپ ھايالشىمايلا چاي قاينىتىپ بولغانىدى.
ھۈسەيىن خان ياشىنىپ قالغان بۇ موماينىڭ چاققانلىقىغا ئاپرىن ئوقۇدى.

داۋامى بار…
جۇلالىق

بۇ يازمىدا جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس بار. ئىنكاس يېزىش

  •   #1  

    جۇلالىق 2011-07-03 00:54

    تىنچلىقمۇ، توردىشىم سالام!
    بلوگىمدىكى ئەسەرلىرىمنىڭ سىزگە شۇنچىلىك يارىغانلىقىدىن ھەمدە ئەزىزانە تورداشلىرىمغا مەنىۋىي ئوزۇق بولالىغانلىقىدىن چەكسىز خۇشالمەن.
    توغرا دەيسىز، مەن تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى بېشىمدىن خېلى ئۆتكۈزدۈم. بلوگىمدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تۇرمۇشتا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا ئاساسلىنىپ يازغان. مەن ئويلايمەن، ھەر بىر كىشىنىڭ چوقۇم يازغۇچى بولۇشى شەرت ئەمەس. يازغان يازمىسى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، شۇ كىشىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرەلىگەندە ئاندىن باشقىلارغا مەنىۋىي،روھىي ئۇزۇق ئاتا قىلالايدۇ. مانا شۇندىلا يازما يازغۇچىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ.
    «ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكىس سادايىڭىدىن ئىبارەت… ›› مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسى ماڭا بەكلا چوڭقۇر بىلىنىدۇ. بۇ بىر جۈملە سۆزنى ھەر بىر ئوقۇغىنىمدا بەكلا ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. بۇ بىر جۈملە سۆز مەن تور دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن تارتىپ ھەر ۋاقىت يېنىمدىن ئايرىمايدىغان ئىمزايىم.
    بلوگىمغا سىزدەك بىر پىكىرداش دوستۇمنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەنمەن. بلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭ. ھەر ۋاقىت كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
    بۇ ھېكايىنىڭ داۋامىنىمۇ يوللاپ تۇرىمەن. ھېكايە يېزىلىپ بولاي دېدى. نەچچىلا بۆلىكى قالدى.

  •   #2  

    دولقۇن731 2011-07-09 10:18

    ئاخىرىغا ئىنتىزارمەن.؛ چىنلىقنى يۇقاتقان ئەسەرنى قانداقمۇ ياخشى ئەسەر دىگىلى بولسۇن. ئاز بولسىمۇ ساز يېزىلغان يازمىلىرىڭىزغا رەھمەت.

    جۇلالىق

    ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ. ماڭا ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.